< روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 21 >

ئاندىن بىز ئۇلاردىن ئاجرىلىپ چىققاندىن كېيىن، كېمە بىلەن ئۇدۇل قوس ئارىلىغا قاراپ يول ئالدۇق. ئەتىسى، رودوس ئارىلىغا، ئۇ يەردىن پاتارا شەھىرىگە باردۇق. 1
Nous étant donc embarqués, après nous être séparés d'eux, nous vînmes droit à Cos, et le jour suivant à Rhodes, et de là à Patara.
پاتارادا فەنىكىيە رايونىغا بارىدىغان بىر كېمىنى تېپىپ، ئۇنىڭغا ئولتۇرۇپ يولغا چىقتۇق. 2
Et ayant trouvé un vaisseau qui passait en Phénicie, nous y montâmes, et nous partîmes.
سىپرۇس ئارىلى كۆرۈنگەندىن كېيىن، ئۇنى سول تەرىپىمىزدە قالدۇرۇپ ئۆتۈپ، سۇرىيەگە قاراپ مېڭىپ، تۇر شەھىرىدە قۇرۇقلۇققا چىقتۇق. چۈنكى كېمە بۇ يەردە يۈك چۈشۈرمەكچى ئىدى. 3
Puis, ayant découvert l'île de Cypre, et la laissant à gauche, nous fîmes route vers la Syrie, et nous abordâmes à Tyr, parce que le vaisseau y laissait sa charge.
ئۇ يەردە مۇخلىسلارنى تېپىپ، ئۇلارنىڭ يېنىدا يەتتە كۈن تۇردۇق. ئۇلارغا مۇقەددەس روھنىڭ ۋەھىيىسى كېلىپ، ئۇلار پاۋلۇسقا ئايىغىڭ يېرۇسالېمغا باسمىسۇن، دەپ نەسىھەت قىلدى. 4
Et ayant trouvé les disciples, nous y demeurâmes sept jours. Ils disaient par l'Esprit à Paul, de ne pas monter à Jérusalem.
بىراق بىز ئۇ يەردە تۇرۇش ۋاقتىمىز توشقاندا، سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق. ئۇلارنىڭ ھەممىسى، جۈملىدىن خوتۇن-بالىلىرى بىزنى شەھەرنىڭ سىرتىغىچە ئۇزىتىپ چىقتى. ھەممىمىز دېڭىز بويىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ بىللە دۇئا قىلدۇق. 5
Mais ces jours étant passés, nous sortîmes pour partir, et ils nous accompagnèrent tous, avec leurs femmes et leurs enfants, jusque hors de la ville. Et nous mettant à genoux sur le rivage, nous fîmes la prière.
قۇچاقلىشىپ خوشلاشقاندىن كېيىن، بىز كېمىگە چىقتۇق، ئۇلار ئۆيلىرىگە قايتىشتى. 6
Et après nous être embrassés les uns les autres, nous montâmes sur le vaisseau; et ils retournèrent chez eux.
تۇر شەھىرىدىن دېڭىز سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئاخىرىدا پىتولىمايس شەھىرىگە كەلدۇق. ئۇ يەردىكى قېرىنداشلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ يېنىدا بىر كۈن تۇردۇق. 7
Achevant notre navigation, de Tyr nous vînmes à Ptolémaïs, et après avoir salué les frères, nous demeurâmes un jour avec eux.
ئەتىسى، ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، قەيسەرىيە شەھىرىگە كەلدۇق. بىز بۇرۇن [يېرۇسالېمدىكى] «يەتتە خىزمەتكار»دىن بىرى بولغان، خۇش خەۋەرچى فىلىپنىڭ ئۆيىگە بېرىپ قوندۇق. 8
Le lendemain, Paul et nous qui étions avec lui, étant partis, nous vînmes à Césarée; et étant entrés dans la maison de Philippe l'évangéliste, qui était l'un des sept diacres, nous logeâmes chez lui.
بۇ كىشىنىڭ تېخى ياتلىق قىلىنمىغان، بېشارەت-ۋەھىيلەرنى يەتكۈزىدىغان تۆت قىزى بار ئىدى. 9
Il avait quatre filles vierges, qui prophétisaient.
بىز ئۇ يەردە بىرنەچچە كۈن تۇرغاندىن كېيىن، ئاگابۇس ئىسىملىك بىر پەيغەمبەر يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن چۈشتى. 10
Comme nous demeurâmes là plusieurs jours, un prophète, nommé Agabus, descendit de Judée.
بۇ كىشى بىزنىڭ ئالدىمىزغا كېلىپ، پاۋلۇسنىڭ بەلۋېغىنى قولىغا ئېلىپ، ئۆزىنىڭ پۇت-قولىنى باغلاپ: ــ مۇقەددەس روھ مۇنداق دەيدۇ: ــ يەھۇدىيلار بۇ بەلۋاغنىڭ ئىگىسىنى يېرۇسالېمدا مۇشۇنداق باغلاپ، يات ئەللىكلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ! ــ دېدى. 11
Et étant venu vers nous, il prit la ceinture de Paul, et se liant les mains et les pieds, il dit: Le Saint-Esprit dit ceci: Les Juifs lieront de même à Jérusalem l'homme auquel appartient cette ceinture, ils le livreront entre les mains des Gentils.
بۇلارنى ئاڭلاپ، ھەم بىز ھەم شۇ يەرلىك كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە پاۋلۇستىن يېرۇسالېمغا بارمىغىن دەپ ئۆتۈندۇق. 12
Et quand nous eûmes entendu cela, nous et les habitants du lieu, nous priâmes Paul de ne point monter à Jérusalem.
لېكىن پاۋلۇس جاۋابەن: ــ سىلەر نېمىشقا بۇنچىۋالا يىغلاپ، يۈرىكىمنى ئېزىسىلەر؟ مەن يېرۇسالېمدا رەب ئەيسانىڭ نامى ئۈچۈن تۇتقۇن بولۇشلا ئەمەس، شۇ يەردە ئۆلۈشكىمۇ تەييارمەن، ــ دېدى. 13
Mais Paul répondit: Que faites-vous, en pleurant et me brisant le cœur? Car je suis prêt, non seulement à être lié, mais même à mourir à Jérusalem pour le nom du Seigneur Jésus.
بىز ئۇنى قايىل قىلالماي، ئاخىرىدا سۈكۈت قىلىپ: ــ رەبنىڭ ئىرادىسى ئادا قىلىنسۇن! ــ دېدۇق. 14
Ainsi, n'ayant pu le persuader, nous nous tînmes tranquilles et nous dîmes: Que la volonté du Seigneur soit faite
بۇ كۈنلەردىن كېيىن، يۈك-تاقىمىزنى يىغىشتۇرۇپ، يېرۇسالېمغا چىقىپ باردۇق. 15
Quelques jours après, ayant fait nos préparatifs, nous montâmes à Jérusalem.
قەيسەرىيەلىك مۇخلىسلاردىن بىرنەچچىسى بىز بىلەن سەپەرداش بولدى؛ ئۇلار مىناسون ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ ئۆيىدە قونىمىز دەپ ئۇنى بىرگە ئېلىپ ماڭدى؛ بۇ كىشى سىپرۇسلۇق، قېرى مۇخلىس ئىدى. 16
Et des disciples de Césarée vinrent aussi avec nous, amenant un certain Mnason, de Cypre, ancien disciple, chez qui nous devions loger.
يېرۇسالېمغا يەتكەندە قېرىنداشلار بىزنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالدى. 17
Quand nous fûmes arrivés à Jérusalem, les frères nous reçurent avec joie.
ئەتىسى، پاۋلۇس بىز بىلەن بىللە ياقۇپنى كۆرگىلى باردى. ياقۇپ بىلەن ئاقساقاللارنىڭ ھەممىسى ئۇ يەرگە يىغىلغانىدى. 18
Et le lendemain, Paul vint avec nous chez Jacques, et tous les anciens s'y assemblèrent.
پاۋلۇس ئۇلار بىلەن سالاملاشقاندىن كېيىن، خۇدانىڭ ئۆزىنىڭ خىزمىتى ئارقىلىق ئەللەر ئارىسىدا قىلغان ئىشلىرىنى بىر-بىرلەپ ئۇلارغا تەپسىلىي ئېيتىپ بەردى. 19
Et après les avoir embrassés, il raconta en détail tout ce que Dieu avait fait parmi les Gentils, par son ministère.
بۇلارنى ئاڭلىغاندا، ئۇلار خۇداغا مەدھىيە ئوقۇدى، ئاندىن پاۋلۇسقا: ــ كۆرۈۋاتىسەن، ئى قېرىندىشىم، يەھۇدىيلار ئىچىدە قانچە مىڭلىغان ئېتىقاد قىلغۇچىلار بار! ئۇلارنىڭ ھەممىسى تەۋرات قانۇنىغا [ئەمەل قىلىشقا] ئىنتايىن قىزغىن ئىكەن. 20
Quant à eux, l'ayant entendu, ils glorifièrent le Seigneur et ils lui dirent: Frère, tu vois combien il y a de milliers de Juifs qui ont cru, et ils sont tous zélés pour la loi.
ئۇلار سېنىڭ توغراڭدا: «ئۇ ئەللەرنىڭ ئارىسىدا ياشىغان پۈتۈن يەھۇدىيلارغا مۇسا [پەيغەمبەرگە] تاپشۇرۇلغىنىدىن يېنىشنى، يەنى بالىلىرىنى خەتنە قىلدۇرماسلىقنى، يەھۇدىيلارنىڭ ئەنئەنىلىرىگە رىئايە قىلماسلىقنى ئۆگىتىدۇ» دەپ ئاڭلىدى. 21
Or, ils ont été informés que tu enseignes à tous les Juifs qui sont parmi les Gentils, à renoncer à Moïse, en leur disant de ne pas circoncire les enfants, et de ne pas se conformer aux coutumes.
ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ چۈنكى خالايىق چوقۇم سېنىڭ بۇ يەرگە كەلگەنلىكىڭنى ئاڭلاپ قالىدۇ. 22
Que faut-il donc faire? Certainement la multitude se rassemblera; car ils entendront dire que tu es arrivé.
شۇڭا بىزنىڭ دېگىنىمىزدەك قىلغىن: ئارىمىزدا قەسەم ئىچكەن تۆت ئادەم بار. 23
Fais donc ce que nous allons te dire: Nous avons quatre hommes qui ont fait un vou;
سەن ئۇلارنى ئېلىپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە [تەۋراتتىكى] تازىلىنىش قائىدىسىدىن ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ [قۇربانلىق] چىقىملىرىنى ئۆزۈڭ كۆتۈرگىن، ئاندىن ئۇلار چاچلىرىنى چۈشۈرەلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ھەممەيلەن سەن توغرۇلۇق ئاڭلىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ راست ئەمەسلىكىنى ۋە سېنىڭ ئۆزۈڭ تەۋراتقا تەرتىپى بويىچە رىئايە قىلىۋاتلىقىڭنى بىلىپ يېتىدۇ. 24
Prends-les avec toi, purifie-toi avec eux, et paye leur dépense, afin qu'ils puissent se faire raser la tête, et que tous sachent qu'il n'est rien de tout ce qu'ils ont entendu dire de toi, mais que tu continues à garder la loi.
ئەمما ئەللەردىن بولغان ئېتىقادچىلارغا كەلسەك، بىز ئۇلارغا پەقەتلا بۇتلارغا ئاتالغان نەرسىلەرنى يېمەسلىك، قاننى ۋە بوغۇپ سويۇلغان ھايۋاننىڭ گۆشىنىمۇ يېيىشتىن ۋە جىنسىي بۇزۇقلۇقتىن ئۆزلىرىنى ساقلاش توغرۇلۇق قارارىمىزنى ئۆتكەنكى خەت ئارقىلىق ئۇقتۇردۇق. 25
Quant aux Gentils qui ont cru, nous avons décidé et nous leur avons écrit qu'ils ne devaient rien observer de semblable, mais se garder seulement de ce qui est sacrifié aux idoles, du sang, de ce qui est étouffé et de la fornication.
بۇنىڭ بىلەن، پاۋلۇس ئۇ كىشىلەرنى ئېلىپ، ئەتىسى ئۆزى ئۇلار بىلەن بىللە تازىلىنىش قائىدىسىنى ئۆتكۈزۈشتى؛ ئاندىن ئۇ ئىبادەتخانىغا كىرىپ، [كاھىنلارغا] ئۆزلىرىنىڭ پاكلىنىش مۇددىتىنىڭ قاچان توشۇدىغانلىقى، يەنى ھەرقايسىسى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنىشنىڭ قايسى كۈنى بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويدى. 26
Alors, Paul ayant pris ces hommes, et s'étant purifié avec eux, entra dans le temple le jour suivant, déclarant la durée des jours dans lesquels la purification s'accomplirait, et quand l'offrande serait présentée pour chacun d'eux.
يەتتە كۈنلۈك مۇددەت توشۇشقا ئاز قالغاندا، ئاسىيا ئۆلكىسىدىن كەلگەن بەزى يەھۇدىيلار پاۋلۇسنى ئىبادەتخانىدا كۆرۈپ، خالايىقنى قۇترىتىپ، ئۇنىڭغا قول سېلىپ: 27
Et comme les sept jours allaient être accomplis, les Juifs d'Asie, l'ayant vu dans le temple, émurent toute la multitude, et se saisirent de lui,
ــ ئەي ئىسرائىللار، ياردەمدە بولۇڭلار! ھەممە يەردىلا، ھەممە ئادەمگە خەلقىمىزگە، تەۋرات قانۇنىغا ۋە ئىبادەتخانىغا قارشى سۆزلەرنى ئۆگىتىۋاتقان ئادەم دەل شۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ يەنە گرېكلەرنى ئىبادەتخانىمىزغا باشلاپ كىرىپ، بۇ مۇقەددەس جاينى بۇلغىدى! ــ دەپ چۇقان كۆتۈردى 28
En criant: Hommes Israélites, aidez-nous. Voici l'homme qui prêche partout, et devant tous, contre la nation, la loi, et ce lieu-ci; il a même encore amené des Grecs dans le temple, et a profané ce saint lieu.
(ئۇلارنىڭ بۇنداق دېيىشىنىڭ سەۋەبى، ئەسلىدە ئۇلار شەھەردە ئەفەسۇسلۇق تروفىمۇسنىڭ پاۋلۇس بىلەن بىللە بولغانلىقىنى كۆرگەنىدى ۋە پاۋلۇس ئۇنى ئىبادەتخانىغا باشلاپ كىرگەن، دەپ ئويلىغانىدى). 29
Car ils avaient vu auparavant dans la ville avec lui, Trophime d'Éphèse, et ils croyaient que Paul l'avait mené dans le temple.
شۇنىڭ بىلەن، پۈتۈن شەھەر زىلزىلىگە كەلدى. خالايىق تەرەپ-تەرەپتىن يۈگۈرۈپ كېلىپ، پاۋلۇسنى تۇتۇپ، ئىبادەتخانىدىن سۆرەپ ئېلىپ چىقتى. ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىلىرى دەرھال تاقىۋېتىلدى. 30
Et toute la ville fut émue, et il y eut un rassemblement du peuple; et ayant saisi Paul, ils le traînèrent hors du temple; et aussitôt les portes furent fermées.
بۇ ئوپ ئادەم پاۋلۇسنى [ئۇرۇپ] ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولۇپ تۇرغاندا، پۈتكۈل يېرۇسالېمنى مالىمانچلىق قاپلاپ كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى بىر خەۋەر ئۇ يەردە تۇرۇشلۇق [رىم] قىسمىنىڭ مىڭبېشىغا يەتكۈزۈلدى. 31
Mais, comme ils cherchaient à le tuer, le bruit vint au tribun de la cohorte que tout Jérusalem était en trouble.
مىڭبېشى دەرھال لەشكەر ۋە بىرنەچچە يۈزبېشىنى ئېلىپ، توپ-توپ ئادەملەرنى باستۇرۇشقا يۈگۈرۈپ كەلدى. مىڭبېشى ۋە ئەسكەرلەرنى كۆرگەن خالايىق پاۋلۇسنى ئۇرۇشتىن توختىدى. 32
A l'instant il prit des soldats et des centeniers avec lui, et courut à eux; et voyant le tribun et les soldats, ils cessèrent de battre Paul.
مىڭبېشى ئالدىغا ئۆتۈپ، لەشكەرلەرنى پاۋلۇسنى تۇتۇپ ئىككى زەنجىر بىلەن باغلاشقا بۇيرۇدى. ئاندىن ئۇ: ــ بۇ ئادەم كىم؟ ئۇ نېمە گۇناھ قىلدى؟ ــ دەپ سورىدى. 33
Alors le tribun s'approcha, et se saisit de lui, et commanda qu'on le liât de deux chaînes; puis il demanda qui il était, et ce qu'il avait fait.
لېكىن [توپىلاڭچىلارنىڭ] ئىچىدە بەزىلەر ئۇنى دېسە، بەزىلەر بۇنى دېيىشىپ ۋارقىرىشاتتى. مالىمانچىلىق تۈپەيلىدىن مىڭبېشى ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىقلاشقا ئامالسىز قېلىپ، ئاخىر پاۋلۇسنى قەلئەگە ئېلىپ كېتىشنى بۇيرۇدى. 34
Mais dans la foule les uns criaient d'une manière, et les autres d'une autre; ne pouvant donc rien apprendre de certain, à cause du tumulte, il commanda qu'on le menât dans la forteresse.
لېكىن پاۋلۇس قەلئەنىڭ پەلەمپىيىگە كەلگەندە، توپىلاڭچىلار تېخىمۇ زوراۋانلىشىپ كەتكەچكە، لەشكەرلەر ئۇنى كۆتۈرۈشكە مەجبۇر بولدى. 35
Et quand Paul fut sur les degrés, il dut être porté par les soldats, à cause de la violence de la populace,
چۈنكى ئۇلارنىڭ كەينىدىن توپ-توپ ئادەملەر ئەگىشىپ مېڭىپ: ــ ئۇ يوقىتىلسۇن! ــ دەپ ۋارقىرىشاتتى. 36
Car une foule de peuple le suivait, en criant: Fais-le mourir!
قەلئەگە ئەكىرىلىشىگە ئاز قالغاندا، پاۋلۇس مىڭبېشىغا: ــ سىزگە بىر ئېغىز سۆز قىلسام بولامدىكىن؟ ــ دەپ سورىدى. مىڭبېشى: ــ گرېكچە بىلەمسەن؟ 37
Comme Paul était sur le point d'entrer dans la forteresse, il dit au tribun: M'est-il permis de te dire quelque chose? Et celui-ci répondit: Tu sais donc le grec?
ئۇنداقتا، ئىلگىرى ئىسيان كۆتۈرۈپ، «خەنجەرچى قاتىللار»دىن تۆت مىڭ ئادەمنى باشلاپ چۆلگە قېچىپ كەتكەن ھېلىقى مىسىرلىق ئەمەسمۇسەن؟ ــ دەپ سورىدى. 38
N'es-tu point cet Égyptien qui, ces jours passés, a excité une sédition, et conduit au désert quatre mille brigands
لېكىن پاۋلۇس: ــ مەن يەھۇدىي، كىلىكىيە ئۆلكىسىدىكى ئۇلۇغ شەھەر تارسۇسنىڭ پۇقراسىمەن. خالايىققا بىرنەچچە ئېغىز سۆز قىلىشىمغا ئىجازەت قىلىشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن، ــ دېدى. 39
Paul répondit: Je suis Juif, de Tarse, citoyen de cette ville célèbre de Cilicie; je t'en prie, permets-moi de parler au peuple.
[مىڭبېشى] ئىجازەت بېرىۋىدى، پاۋلۇس پەلەمپەيدە تۇرۇپ، خالايىققا قول ئىشارىتى قىلدى. قاتتىق جىمجىتلىق باسقاندا، ئۇ ئىبرانىي تىلىدا سۆزلەشكە باشلاپ: ــ 40
Et quand il le lui eut permis, Paul, se tenant sur les degrés, fit signe de la main au peuple; et un grand silence s'étant établi, il parla en langue hébraïque, et dit:

< روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 21 >