< روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 1 >

ئى [ھۆرمەتلىك] تېئوفىلوس، مەن دەسلەپ يازغان بايان ئەيسا ئۆزى تاللىغان روسۇللارغا مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ئەمرلەرنى تاپشۇرۇپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن كۈنگۈچە بولغان ئۇنىڭ بارلىق ئەمەللىرى ھەم بارلىق تەلىم بېرىشلىرىنىڭ باشلانمىسى توغرىسىدا ئىدى. 1
2
ئۇ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتقاندىن كېيىن، ئۇلارغا كۆپ ئىسپاتلار بىلەن ئۆزىنىڭ تىرىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن؛ ئۇ ئۇلارغا قىرىق كۈن ئىچىدە كۆرۈنگەن بولۇپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ئائىت ئىشلار توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرگەن؛ 3
ۋە ئۇلار بىلەن جەم قىلىنغاندا مۇنداق ئەمر قىلدى: ــ «يېرۇسالېمدىن ئايرىلماي، سىلەر مەندىن ئاڭلىغان، ئاتىنىڭ ۋەدىسىنى كۈتۈڭلار. 4
چۈنكى يەھيا سۇدا چۆمۈلدۈرگەن، لېكىن سىلەر بولساڭلار كۆپ كۈنلەر ئۆتمەي مۇقەددەس روھتا چۆمۈلدۈرۈلىسىلەر». 5
روسۇللار [ئۇنىڭ بىلەن] جەم قىلىنغاندا، ئۇنىڭدىن: ــ ئى رەب، سەن مۇشۇ ۋاقىتتا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچىمۇسەن؟ ــ دەپ سوراشقا باشلىدى. 6
ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ ئاتا ئۆز ھوقۇقىغا ئاساسەن بېكىتكەن ۋاقىت-پەيتلەرنى سىلەرنىڭ بىلىش نېسىۋەڭلار يوق. 7
بىراق مۇقەددەس روھ ئۈستۈڭلارغا چۈشكەندە سىلەر كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە بولىسىلەر، يېرۇسالېم، پۈتۈن يەھۇدىيە ۋە سامارىيە بويىچە ھەم جاھاننىڭ چەتلىرىگىچە ماڭا گۇۋاھچى بولىسىلەر. 8
ئۇ بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولۇپ، ئۇلار قاراپ تۇرغاندا كۆتۈرۈلدى، بىر پارچە بۇلۇت ئۇنى ئارىغا ئالدى-دە، ئۇ ئۇلارنىڭ نەزىرىدىن غايىب بولدى. 9
ئۇ ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەندە، ئۇلار كۆزلىرىنى كۆككە تىكىپ قاراشقاندا، مانا تۇيۇقسىز ئۇلارنىڭ يېنىدا ئاق كىيىم كىيگەن ئىككى ئادەم پەيدا بولۇپ: 10
ــ ئەي گالىلىيەلىكلەر، نېمىشقا ئۆرە تۇرغىنىڭلارچە ئاسمانغا قاراپ قالدىڭلار؟ سىلەر سىلەردىن ئايرىلىپ ئەرشكە كۆتۈرۈلگەن شۇ ئەيسانىڭ ئاسمانغا قانداق كۆتۈرۈلگىنىنى كۆرگەن بولساڭلار، يەنە شۇ ھالدا قايتىپ كېلىدۇ، ــ دېدى. 11
ئاندىن ئۇلار يېرۇسالېمغا يېقىن، ئۇنىڭدىن بىر چاقىرىمچە يىراقلىقتىكى زەيتۇن تېغىدىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى. 12
ئۇلار شەھەرگە كىرىپ، ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان ئۆينىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدىكى بىر ئۆيگە چىقتى. شۇ يەردە پېترۇس، يۇھاننا، ياقۇپ، ئاندىرىياس، فىلىپ، توماس، بارتولوماي، ماتتا، ئالفاينىڭ ئوغلى ياقۇپ، «مىللەتپەرۋەر» سىمون ۋە [يەنە بىر] ياقۇپنىڭ ئوغلى يەھۇدا بار ئىدى. 13
بۇلار بىر جان بىر دىل بولۇپ ئۈزۈلدۈرمەي بېرىلىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىشتى؛ بۇ ئىشتا بىر يەرگە جەم بولغانلاردىن بىرقانچە ئايال، جۈملىدىن ئەيسانىڭ ئانىسى مەريەم ھەمدە ئەيسانىڭ ئىنىلىرىمۇ بار ئىدى. 14
شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە، پېترۇس قېرىنداشلار ئوتتۇرىسىدا ئۆرە تۇرۇپ (جەم بولۇشقانلار بىر يۈز يىگىرمىگە يېقىن ئىدى) مۇنداق دېدى: 15
ــ قېرىنداشلار، ئەيسانى تۇتقانلارغا يول باشلىغۇچى بولغان يەھۇدا ھەققىدە مۇقەددەس روھنىڭ بۇرۇن داۋۇت ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقان مۇقەددەس يازمىلاردىكى سۆزلىرى ئەمەلگە ئېشىشى مۇقەررەر ئىدى. 16
چۈنكى [يەھۇدا]مۇ ئارىمىزدىن بىرى ھېسابلانغان ۋە [خۇدانىڭ] بۇ خىزمىتىدىن نېسىۋىسى بار ئىدى 17
(ئۇ قىلغان قەبىھلىكنىڭ ئىنئامىدىن ئېرىشكەن پۇلغا بىر پارچە يەر سېتىۋالغانىدى، ئۇ شۇ يەردە بېشىچىلاپ يىقىلىپ، ئۈچەي-قېرىنى چۇۋۇلۇپ كەتتى؛ 18
بۇ ئىش پۈتكۈل يېرۇسالېمدىكىلەرگە مەلۇم بولۇپ، ئۇلار ئۇ يەرنى ئۆز تىلى بىلەن «ھاقەلدەما» دەپ ئاتاشتى. بۇنىڭ مەنىسى «قان تۆكۈلگەن يەر» دېگەنلىكتۇر) 19
چۈنكى زەبۇردا [يەھۇداغا] [قارىتىلغان] مۇنۇ سۆزلەر پۈتۈلگەن: ــ «ئۇنىڭ تۇرالغۇسى چۆلگە ئايلانسۇن، ئۇنىڭدا ھېچ تۇرغۇچى بولمىسۇن!» ۋە: ــ «ئۇنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىغا باشقا بىرسى چىقسۇن!» 20
شۇنىڭ ئۈچۈن، رەب ئەيسانىڭ تىرىلگەنلىكىگە بىز بىلەن تەڭ گۇۋاھلىق بېرىشى ئۈچۈن، بىر كىشىنى تاللىشىمىز كېرەك. بۇ كىشى ئەيسا ئارىمىزدا يۈرگەن كۈنلەردە، يەھيا [پەيغەمبەر]دىن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ تاكى ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن كۈنگىچە بىز بىلەن باشتىن-ئاخىر بىللە بولغان كىشىلەردىن بولۇشى كېرەك، ــ دېدى. 21
22
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يۈسۈپ (يەنە بارساباس دەپمۇ ئاتالغان، يەنە بىر ئىسمى يۇستۇس) بىلەن ماتتىياس دېگەن ئىككى كىشىنى بېكىتىپ، مۇنداق دۇئا قىلىشتى: 23
ــ سەن، ئى ھەممە ئادەمنىڭ قەلبىنى بىلگۈچى پەرۋەردىگار! يەھۇدا تېيىلىپ بۇ خىزمەت ۋە روسۇللۇقتىن مەھرۇم بولۇپ ئۆزىگە خاس بولغان يەرگە كەتتى. ئەمدى ئۇ تاشلاپ قويغان خىزمەت ۋە روسۇللۇقنىڭ نېسىۋىسىگە ئىگە بولۇشقا بۇ ئىككىيلەندىن قايسىسىنى تاللىغانلىقىڭنى كۆرسەتكەيسەن! 24
25
ئاندىن ئۇلار بۇ ئىككى كىشىگە چەك تاشلىۋىدى، چەك ماتتىياسقا چىقتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئون بىر روسۇل بىلەن بىر قاتاردىن ئورۇن ئالغان ھېسابلاندى. 26

< روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 1 >