< سامۇئىل 2 1 >

سائۇل ئۆلگەندىن كېيىن، داۋۇت ئامالەكلەرنى قىرغىن قىلىپ يېنىپ كەلگەندە، ئۇ زىكلاگدا ئىككى كۈن تۇردى. 1
ئۈچىنچى كۈنى شۇنداق بولدىكى، مانا سائۇلنىڭ لەشكەرگاھىدىن كىيىمى يىرتىق ۋە بېشىغا توپا-چاڭ چاچقان بىر ئادەم كەلدى. ئۇ داۋۇتنىڭ قېشىغا كەلگەندە، يەرگە يىقىلىپ باش ئۇردى. 2
داۋۇت ئۇنىڭدىن: نەدىن كەلدىڭ؟ دەپ سورىدى. ئۇ جاۋاپ بېرىپ: ئىسرائىلنىڭ لەشكەرگاھىدىن قېچىپ كەلدىم ــ دېدى. 3
داۋۇت ئۇنىڭدىن: ئىش قانداق بولدى؟ ماڭا دەپ بەرگىن، دېدى. ئۇ: خەلق جەڭدىن قاچتى، خەلقتىن بەك جىق كىشى سوقۇشتا ئۆلدى. سائۇل بىلەن ئوغلى يوناتانمۇ ئۆلدى، ــ دېدى. 4
داۋۇت خەۋەر ئېلىپ كەلگەن يىگىتتىن: سائۇل بىلەن ئوغلى يوناتاننىڭ ئۆلگىنىنى قانداق بىلدىڭ؟ ــ دەپ سورىدى. 5
ئۇنىڭغا خەۋەر بەرگەن يىگىت: مەن تاسادىپىي گىلبوئا تېغىغا چىققانىدىم، مانا سائۇل نەيزىگە يۆلىنىپ تۇرۇپتۇ؛ جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىقلار ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى قوغلاۋاتاتتى. 6
ئۇ كەينىگە قاراپ مېنى كۆرۈپ چاقىردى. مەن «مانا مەن»، دېدىم. 7
ئۇ: ئۆزۈڭ كىم بولىسەن، دەپ مەندىن سورىۋىدى، مەن ئامالەكلەردىنمەن، دېدىم. 8
ئۇ يەنە ماڭا: ئۈستۈمدە تۇرۇپ مېنى ئۆلتۈرۈۋەتكىن؛ گەرچە جېنىم مەندە بولسىمۇ، مەن بەك ئازاپلىنىپ كېتىۋاتىمەن ــ دېدى. 9
شۇڭا مەن ئۇنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، ئۇنى ئۆلتۈردۈم، چۈنكى، ئۇ شۇ ھالدا يىقىلسىلا، تىرىك قالمايدىغانلىقىنى بىلەتتىم. ئاندىن بېشىدىكى تاجنى ۋە بىلىكىدىكى بىلەزۈكنى ئېلىپ مۇشۇ يەرگە غوجامغا ئېلىپ كەلدىم، ــ دېدى. 10
شۇئان داۋۇت ئۆز كىيىملىرىنى يىرتىپ، تىلما-تىلما قىلىۋەتتى؛ ئۇنىڭ بىلەن بولغان بارلىق ئادەملەرمۇ ھەم شۇنداق قىلدى. 11
ئۇلار سائۇل بىلەن ئوغلى يوناتان ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى ئۈچۈن، شۇنداقلا ئىسرائىلنىڭ جەمەتى ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ ئاھ-زار كۆتۈرۈپ كەچكىچە روزا تۇتتى؛ چۈنكى ئۇلار قىلىچ ئاستىدا يىقىلىپ قازا قىلغانىدى. 12
داۋۇت ئۇنىڭ ئۆزىگە خەۋەر بەرگەن يىگىتتىن: قەيەردىن سەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: مەن بىر ئامالەك مۇساپىرنىڭ ئوغلىمەن ــ دېدى. 13
داۋۇت ئۇنىڭغا: سەن قانداقمۇ پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھ قىلغىنىنى ھالاك قىلىشقا قولۇڭنى سوزۇشتىن قورقمىدىڭ؟ ــ دېدى. 14
ئاندىن داۋۇت ئۆز غۇلاملىرىدىن بىرىنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: بۇياققا كەل، ئۇنىڭغا ئېتىلىپ بېرىپ، ئۇنى ئۆلتۈرگىن ــ دەپ بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنى ئۇرۇۋىدى، [ئامالەك] ئۆلدى. 15
داۋۇت ئۇنىڭغا: قان قەرزىڭ بېشىڭغا چۈشسۇن! چۈنكى ئۆز ئاغزىڭ پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھ قىلغىنىنى ئۆلتۈرگىنىڭگە گۇۋاھلىق بېرىپ ئەيىبلىدى، ــ دېدى. 16
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت سائۇل بىلەن ئوغلى يوناتان ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ مۇنداق بىر نەزمە ئوقۇدى 17
(ئۇ «ئوقيا» دەپ ئاتالغان بۇ نەزمىنى پۈتكۈل يەھۇدا خەلقىگە ئۆگىتىڭلار، دەپ بۇيرۇدى. دەرۋەقە ئۇ «ياشار» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەنىدى): ــ 18
ــ ئى ئىسرائىل، سېنىڭ گۈزەل ئەزىزىڭ يۇقىرى جايلىرىڭدا قىرغىن بولۇپ ياتىدۇ! پالۋانلار شۇنداق دەھشەتلىك يىقىلدىغۇ!؟ 19
گات شەھىرىدە بۇ خەۋەرنى بەرمەڭلار، ئاشكېلوننىڭ كوچىلىرىدا ئۇنى ئېلان قىلماڭلار، فىلىستىيىنىڭ قىزلىرى شادلانمىسۇن، خەتنىسىزلەرنىڭ قىزلىرى تەنتەنە قىلمىسۇن! 20
ئى گىلبوئا تاغلىرى، ئۈستۈڭلارغا نە شەبنەم بولمىسۇن، نە يامغۇر چۈشمىسۇن، نە سىلەردە كۆتۈرۈلمە ھەدىيەلەر ئۈچۈن ھوسۇل بېرىدىغان ئېتىزلار يەنە كۆرۈنمىسۇن! چۈنكى ئۇ يەردە پالۋانلارنىڭ قالقىنى بۇلغاندى؛ سائۇلنىڭ قالقىنى ياغ بىلەن سۈرۈلمەيدىغان بولدى. 21
قىرىلىدىغانلارنىڭ قېنىنى تۆكمەي، پالۋانلارنىڭ تېنىدىكى يېغىنى چاپماي، يوناتاننىڭ ئوقياسى ھېچقاچان [جەڭدىن] يانغان ئەمەس، سائۇلنىڭ قىلىچى ھېچقاچان قىنىغا قايتقان ئەمەس. 22
سائۇل بىلەن يوناتان ھايات ۋاقتىدا سۆيۈملۈك ھەم يېقىملىق ئىدى، ئۇلار ئۆلۈمىدىمۇ بىر-بىرىدىن ئايرىلمىدى؛ ئۇلار بۈركۈتلەردىن چاققان، شىرلاردىن كۈچلۈك ئىدى. 23
ئى ئىسرائىل قىزلىرى، سائۇل ئۈچۈن يىغلاڭلار، ئۇ سىلەرنى بېزەپ قىزغۇچ كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ، كىيىملىرىڭلارنى ئالتۇن زىبۇ-زىننەت بىلەن زىننەتلىگەنىدى. 24
پالۋانلار كەسكىن جەڭدە شۇنداق دەھشەتلىك يىقىلدىغۇ!؟ يوناتان يۇقىرى جايلىرىڭدا قىرغىن بولۇپ ياتىدۇ! 25
سەن ئۈچۈن ھەسرەتتە قالدىم، ئى ئىنىم يوناتان! ماڭا شۇنچە سۆيۈملۈك ئىدىڭ! ماڭا بولغان مۇھەببىتىڭ قالتىس ئىدى، ھەتتا قىز-ئاياللارنىڭ مۇھەببىتىدىن ئارتۇق ئىدى. 26
پالۋانلار شۇنداق دەھشەتلىك يىقىلدىغۇ! جەڭ قوراللىرى شۇنداق دەھشەتلىك ۋەيران قىلىندىغۇ!» 27

< سامۇئىل 2 1 >