< سامۇئىل 2 5 >

ئاندىن كېيىن ئىسرائىلنىڭ بارلىق قەبىلىلىرى ھېبرونغا داۋۇتنىڭ قېشىغا كېلىپ: قارىسىلا، بىز ئۆزلىرىنىڭ ئەت-سۆڭەكلىرىدۇرمىز! 1
І посхо́дилися всі Ізраїлеві племе́на до Давида в Хевро́н та й сказали йому: „Оце ми кість твоя́ та тіло твоє́ ми!
بۇرۇن سائۇل بىزنىڭ ئۈستىمىزدە سەلتەنەت قىلغاندىمۇ ئىسرائىل خەلقىگە جەڭگە چىقىپ-كىرىشكە يولباشچى بولغان ئۆزلىرى ئىدىلا؛ پەرۋەردىگار سىلىگە: سەن مېنىڭ خەلقىم ئىسرائىلنىڭ پادىچىسى بولۇپ، ئۇلارنى باقىسەن، ئىسرائىلنىڭ ئەمىرى بولىسەن، دېگەنىدى ــ دېدى. 2
І давніш, коли Саул був царем над нами, ти водив Ізраїля на війну і приво́див назад. І Господь тобі сказав: Ти будеш пасти́ наро́да Мого́, Ізра́їля, і ти бу́деш володарем над Ізраїлем“.
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئاقساقاللىرى ھېبرونغا پادىشاھنىڭ قېشىغا كەلدى؛ داۋۇت پادىشاھ ھېبروندا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇلار بىلەن ئەھدە تۈزۈشتى. ئاندىن ئۇلار داۋۇتنى ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇشقا مەسىھ قىلدى. 3
І прийшли всі Ізра́їлеві старші́ в Хевро́н, а цар Давид склав із ними умову в Хевро́ні перед Господнім лицем. І пома́зали вони Давида царем над Ізра́їлем.
داۋۇت پادىشاھ بولغاندا ئوتتۇز ياشقا كىرگەن بولۇپ، قىرىق يىل سەلتەنەت قىلدى. 4
Давид був віку тридцяти літ, коли став царюва́ти, і сорок літ царюва́в він.
ئۇ ھېبروندا يەھۇدانىڭ ئۈستىدە يەتتە يىل ئالتە ئاي سەلتەنەت قىلىپ، يېرۇسالېمدا پۈتكۈل ئىسرائىل بىلەن يەھۇدانىڭ ئۈستىدە ئوتتۇز ئۈچ يىل سەلتەنەت قىلدى. 5
У Хевро́ні царював він над Юдою сім літ і шість місяців, а в Єрусалимі царював тридцять і три роки над усім Ізраїлем та Юдою.
پادىشاھ ئۆز ئادەملىرى بىلەن يېرۇسالېمغا چىقىپ، شۇ زېمىندا تۇرغان يەبۇسىيلار بىلەن جەڭ قىلغىلى باردى. ئۇلار داۋۇتقا: سەن بۇ يەرگە كىرەلمەيسەن، بەلكى ھەتتا كورلار بىلەن ئاقساقلار سېنى چېكىندۈرىدۇ! ــ دېدى. چۈنكى ئۇلار: «داۋۇت بۇ يەرگە قەتئىي كىرەلمەيدۇ»، دەپ ئويلايتتى. 6
І пішов цар та люди його до Єрусалиму на Євусе́янина, ме́шканця того Кра́ю. А той сказав Давидові, говорячи: „Ти не вві́йдеш сюди, хіба́ повиганя́єш сліпих та кривих!“А це значить: Давид ніко́ли не вві́йде сюди!
لېكىن داۋۇت زىئون قورغىنىنى ئالدى (بۇ يەر داۋۇتنىڭ شەھىرى دەپ ئاتىلىدۇ). 7
Та Давид здобу́в тверди́ню Сіон, — він став Дави́довим Мі́стом.
داۋۇت ئۇ كۈنى: كىمكى يەبۇسىيلارنى ئۇراي دېسە سۈڭگۈچ بىلەن چىقىشى كېرەك، ئاندىن ئۇ داۋۇت قىن-قىنىدىن ئۆچ كۆرىدىغان بۇ كور، ئاقساقلار بىلەن [ھېسابلىشالايدۇ]، دېدى. شۇنىڭ بىلەن «كورلار يا ئاقساقلار ئۆيگە كىرمىسۇن» دەيدىغان ماقال پەيدا بولدى. 8
І сказав Давид того дня: „Кожен, хто заб'є євусе́янина, нехай скине до кана́лу, а з ним і кривих та сліпих“, зненави́джених для Давидової душі. Тому говорять: „Сліпий та кривий не вві́йде до дому!“
شۇنداق قىلىپ داۋۇت قورغاندا تۇردى ۋە ئۇ يەرنى «داۋۇتنىڭ شەھىرى» دەپ ئاتىدى. داۋۇت شەھەرنىڭ ئەتراپىغا مىللودىن تارتىپ ئىچ تەرەپكىچە ئىمارەت سالدى. 9
І осі́вся Давид у тверди́ні, і назвав ім'я їй: Давидове Місто. І будува́в Давид навко́ло від Мілло й усере́дині.
داۋۇت بارغانسېرى قۇدرەت تاپتى؛ ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى. 10
І Давид ставав усе більшим, а Госпо́дь, Бог Саваот, був із ним.
تۇرنىڭ پادىشاھى ھىرام داۋۇتنىڭ قېشىغا ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى ۋە ئۇلار بىلەن قوشۇپ، كېدىر ياغاچلىرى، ياغاچچىلار ۋە تاشچىلارنى ئەۋەتتى؛ ئۇلار داۋۇت ئۈچۈن بىر ئوردا ياساپ بەردى. 11
І послав Хіра́м, цар ти́рський, послів до Давида, та ке́дрового де́рева, і теслів, і каменярі́в для стін, і вони збудували дім для Давида.
داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىنى ئىسرائىلغا پادىشاھ تىكلەپ، ئۆز خەلقى ئىسرائىل ئۈچۈن ئۆزىنىڭ پادىشاھلىقىنى گۈللەندۈرگەنلىكىنى بىلىپ يەتتى. 12
І пересві́дчився Давид, що Господь поставив його міцно царем над Ізраїлем, і що Він підніс царство його ради наро́ду Свого Ізраїля.
داۋۇت ھېبروندىن كەلگەندىن كېيىن يېرۇسالېمدىن يەنە ئاياللارنى ۋە كېنىزەكلەرنى ئالدى؛ شۇنىڭ بىلەن داۋۇتقا يەنە كۆپ ئوغۇل-قىزلار تۇغۇلدى. 13
А Давид узяв ще нало́жниць та жіно́к з Єрусалиму по ви́ході його з Хеврону, — і народи́лися Давидові ще сини та до́чки.
يېرۇسالېمدا ئۇنىڭدىن تۇغۇلغانلارنىڭ ئىسىملىرى مانا مۇنداق ئىدى: شاممۇئا، شوباب، ناتان، سۇلايمان، 14
А оце імена́ народжених йому в Єрусалимі: Шаммуа, і Шовав, і Натан, і Соломон,
ئىبھار، ئېلىشۇئا، نەفەگ، يافىيا، 15
і Ївхар, і Елішуа, і Нафеґ, і Яфіа,
ئېلىشاما، ئېلىئادا ۋە ئېلىفەلەت. 16
і Елішама, і Еліяда, і Еліфалет.
فىلىستىيلەر داۋۇتنىڭ ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇشقا مەسىھلەنگىنىنى ئاڭلىغاندا، ئۇلار ھەممىسى داۋۇتنى تۇتقىلى چىقتى، داۋۇت بۇنى ئاڭلاپلا، قورغانغا چۈشتى. 17
І почули филисти́мляни, що Давида пома́зали царем над Ізраїлем, і вийшли всі филисти́мляни, щоб шукати Давида. І Давид почув про це, і зійшов до тверди́ні.
فىلىستىيلەر كېلىپ «رەفايىم جىلغىسى»دا يېيىلىپ تۇردى؛ 18
А филисти́мляни прийшли та розташува́лися в долині Рефаїм.
داۋۇت پەرۋەردىگاردىن يول سوراپ: فىلىستىيلەرگە قارشى ئاتلىنايمۇ؟ ئۇلارنى قولۇمغا تاپشۇرارسەنمۇ؟ ــ دېدى. پەرۋەردىگار داۋۇتقا: چىققىن! چۈنكى، مەن فىلىستىيلەرنى جەزمەن قولۇڭغا تاپشۇرىمەن ــ دېدى. 19
А Давид запитався Господа, говорячи: „Чи вихо́дити мені проти филисти́млян? Чи даси́ їх у мою руку?“І Господь відказав до Давида: „Виходь, бо справді дам филисти́млян у руку твою!“
ئۇ ۋاقىتتا داۋۇت بائال-پەرازىمغا باردى. ئۇ يەردە داۋۇت ئۇلارنى تارمار قىلدى. ئۇ: ــ «پەرۋەردىگار مېنىڭ ئالدىمدا دۈشمەنلىرىم ئۈستىگە خۇددى كەلكۈن يارنى ئېلىپ كەتكەندەك بۆسۈپ كىردى» ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەرنى «بائال-پەرازىم» دەپ ئاتىدى. 20
І прийшов Давид до Баал-Пераціму. І побив їх там Давид та й сказав: „Господь розірва́в ворогів моїх передо мною, як розрива́ють во́ди“. Тому він назвав ім'я́ тому місцю: Баал-Перацім.
فىلىستىيلەر ئۇ يەردە ئۆز مەبۇدلىرىنى تاشلاپ كەتتى؛ داۋۇت بىلەن ئادەملىرى ئۇلارنى ئېلىپ كەتتى. 21
І вони полиши́ли там своїх божкі́в, а їх забрав Давид та люди його.
ئەمدى فىلىستىيلەر يەنە چىقىپ «رەفايىم جىلغىسى»دا يېيىلىپ تۇردى. 22
А филисти́мляни зно́ву прийшли та розташува́лися в долині Рефаїм.
داۋۇت پەرۋەردىگاردىن يول سورىدى. پەرۋەردىگار: سەن ئۇ يەرگە چىقماي، بەلكى ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ ئۈجمە دەرەخلىرىنىڭ ئۇدۇلىدىن ھۇجۇم قىلغىن ــ دېدى، 23
І запита́вся Давид Господа, а Він сказав: „Не виходь, — оточи́ їх з-поза́ду, і прийди́ до них від бальза́мового ліска́.
شۇنداق بولىدۇكى، سەن ئۈجمە دەرەخلىكىنىڭ ئۈستىدىن ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلىشىڭ بىلەنلا دەرھال ئاتلان؛ چۈنكى شۇ تاپتا پەرۋەردىگار فىلىستىيلەرنىڭ قوشۇنىغا ھۇجۇمغا چىققان بولىدۇ، ــ دېدى. 24
І станеться, коли ти почуєш ше́лест кро́ку на верхові́ттях бальза́мового ліска́, тоді поспішися, бо то тоді вийшов Господь перед тобою, щоб побити филистимський та́бір“.
داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا ئەمر قىلغىنىدەك قىلىپ، فىلىستىيلەرنى گىبېئوندىن گەزەرگىچە قوغلاپ قىردى. 25
І Давид зробив так, як наказав йому Господь, — і він побив филисти́млян від Ґеви аж туди, кудою йти до Ґезера.

< سامۇئىل 2 5 >