< سامۇئىل 2 4 >

سائۇلنىڭ ئوغلى ئابنەرنىڭ ھېبروندا ئۆلگىنىنى ئاڭلىغاندا قولى بوشىشىپ كەتتى، بارلىق ئىسرائىل دەككە-دۈككىگە چۈشتى. 1
سائۇلنىڭ ئوغلىنىڭ قوشۇنىنىڭ ئالدىن يۈرەر قىسمىدا ئىككى سەردارى بولۇپ، بىرىنىڭ ئىسمى بائاناھ، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى رەكاب ئىدى. ئۇلار بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان بەئەروتلۇق رىمموننىڭ ئوغۇللىرى ئىدى (چۈنكى بەئەروت بىنيامىن قەبىلىسىگە تەۋە ھېسابلىناتتى؛ 2
لېكىن بەئەروتلۇقلار گىتتائىمغا قېچىپ بېرىپ ئۇ يەردە بۇ كۈنگىچە مۇساپىردەك ياشاۋاتىدۇ). 3
سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتاننىڭ بىر ئوغلى بولۇپ، پۇتى ئاقساق ئىدى. سائۇل بىلەن يوناتاننىڭ ئۆلگەنلىكى توغرۇلۇق خەۋەر يىزرەئەلگە يەتكەندە، ئۇ بەش ياشقا كىرگەن ئىدى. ئىنىك ئانىسى ئۇنى ئېلىپ قاچتى؛ لېكىن شۇنداق بولدىكى، ئۇ ئالدىراپ يۈگۈرگەچكە، بالا چۈشۇپ كېتىپ، ئاقساق بولۇپ قالغانىدى. ئۇنىڭ ئىسمى مەفىبوشەت ئىدى. 4
ئەمدى بىر كۈنى بەئەروتلوق رىمموننىڭ ئوغۇللىرى رەكاب بىلەن بائاناھ چىڭقى چۈش ۋاقتىدا ئىشبوشەتنىڭ ئۆيىگە باردى. ئىشبوشەت چۈشلۈك ئۇيقۇدا ئۇخلاۋاتقانىدى. 5
ئۇلار بۇغداي ئالىمىز دېگەننى باھانە قىلىپ، ئۆيىنىڭ ئىچكىرىگە كىرىپ، ئىشبوشەتنىڭ قورسىقىغا [پىچاق] سانجىدى. ئاندىن رەكاب ۋە بائاناھ قېچىپ كەتتى 6
(ئۇلار ئىشبوشەت ھۇجرىسىدا كارىۋاتتا ياتقىنىدا، ئۆيگە كىرىپ، ئۇنى ئۆلتۈرگەنىدى). ئۇلار ئۇنىڭ كاللىسىنى كېسىپ، ئاندىن كاللىسىنى ئېلىپ كېچىچە ئاراباھ تۈزلەڭلىكىدىن مېڭىپ ئۆتتى. 7
ئۇلار ئىشبوشەتنىڭ كاللىسىنى ھېبرونغا، داۋۇتنىڭ قېشىغا ئېلىپ بېرىپ، پادىشاھقا: مانا، بۇ جانابلىرىنىڭ جېنىنى ئىزدىگەن دۈشمەنلىرى سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەتنىڭ كاللىسى! بۈگۈن پەرۋەردىگار غوجام پادىشاھنى سائۇل بىلەن نەسلىدىن ئىنتىقام ئېلىشقا مۇيەسسەر قىلدى ــ دېدى. 8
داۋۇت بەئەروتلۇق رىمموننىڭ ئوغۇللىرى رەكاب بىلەن ئىنىسى بائاناھغا: مېنى بارلىق قىيىنچىلىقلاردىن قۇتقۇزغان پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، 9
بۇرۇن بىرسى داۋۇتقا خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلدىم، دەپ ئويلاپ، ماڭا: ــ مانا، سائۇل ئۆلدى، دەپ كەلگەندە، مەن ئۇنى ئېلىپ زىكلاگتا ئۆلتۈرۈۋەتتىم. بەرھەق، مانا بۇ ئۇنىڭ يەتكۈزگەن خەۋىرىنىڭ مۇكاپاتى بولغانىدى! 10
ئەمدى مەن شۇنداق قىلغان يەردە، رەزىل ئادەملەر ئۆز ئۆيىدە ئورۇندا ياتقان بىر ھەققانىي كىشىنى ئۆلتۈرگەن بولسا، مەن نېمە قىلاي؟! ئۇنىڭ ئاققان قان قەرزىنى سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىن ئېلىپ، سىلەرنى يەر يۈزىدىن يوقاتمامدىم؟ ــ دېدى. 11
داۋۇت غۇلاملىرىغا بۇيرۇق قىلىۋىدى، ئۇلار بۇلارنى قەتل قىلدى. ئۇلارنىڭ قول-پۇتلىرىنى كېسىپ، ئۇلارنى ھېبروندىكى كۆلنىڭ يېنىدا ئېسىپ قويدى؛ لېكىن ئۇلار ئىشبوشەتنىڭ بېشىنى ئېلىپ ھېبروندا ئابنەرنىڭ قەبرىسىدە دەپنە قىلدى. 12

< سامۇئىل 2 4 >