< سامۇئىل 2 24 >

پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئىسرائىلغا يەنە قوزغالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنى جازالاش ئۈچۈن داۋۇتنى قوزغىۋىدى، ئۇ ئادەم چىقىرىپ، ئۇلارغا: ــ ئىسرائىللار بىلەن يەھۇدالىقلارنىڭ سانىنى ئال، دېدى. 1
پادىشاھ ئۆز يېنىدا تۇرغان قوشۇن سەردارى يوئابقا: بارغىن، داندىن تارتىپ بەئەر-شېباغىچە ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىنىڭ يۇرتلىرىنى كېزىپ، خەلقنى ساناپ چىققىن، مەن خەلقنىڭ سانىنى بىلەي، دېدى. 2
يوئاب پادىشاھقا: بۇ خەلق ھازىر مەيلى قانچىلىك بولسۇن، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۇلارنىڭ سانىنى يۈز ھەسسە ئاشۇرغاي. بۇنى غوجام پادىشاھ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەي! لېكىن غوجام پادىشاھ نېمىشقا بۇ ئىشتىن خۇش بولىدىكىن؟ ــ دېدى. 3
ئەمما يوئاب بىلەن قوشۇننىڭ باشقا سەردارلىرى ئۇنىمىسىمۇ، پادىشاھنىڭ يارلىقى ئۇلاردىن كۈچلۈك ئىدى؛ شۇنىڭ بىلەن يوئاب بىلەن قوشۇننىڭ باشقا سەردارلىرى ئىسرائىلنىڭ خەلقىنى سانىغىلى پادىشاھنىڭ قېشىدىن چىقتى. 4
ئۇلار ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ يائازەرگە يېقىن گاد ۋادىسىدا ئاروئەردە، يەنى شەھەرنىڭ جەنۇب تەرىپىدە بارگاھ تىكتى. 5
ئاندىن ئۇلار گىلېئادقا ۋە تاختىم-ھودشىنىڭ يۇرتىغا كەلدى. ئاندىن دان-يائانغا كېلىپ ئايلىنىپ زىدونغا باردى. 6
ئاندىن ئۇلار تۇر دېگەن قورغانلىق شەھەرگە، شۇنداقلا ھىۋىيلار بىلەن قانائانىيلارنىڭ ھەممە شەھەرلىرىگە كەلدى؛ ئاندىن ئۇلار يەھۇدا يۇرتىنىڭ جەنۇب تەرىپىگە، شۇ يەردىكى بەئەر-شېباغىچە باردى. 7
شۇنداق قىلىپ ئۇلار پۈتكۈل زېمىننى كېزىپ، توققۇز ئاي يىگىرمە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، يېرۇسالېمغا يېنىپ كەلدى. 8
يوئاب پادىشاھقا خەلقنىڭ سانىنى مەلۇم قىلىپ: ئىسرائىلدا قىلىچ كۆتۈرەلەيدىغان باتۇردىن سەككىز يۈز مىڭى، يەھۇدادا بەش يۈز مىڭى بار ئىكەن، دېدى. 9
داۋۇت خەلقنىڭ سانىنى ئالغاندىن كېيىن، ۋىجدانى ئازابلاندى ۋە پەرۋەردىگارغا: بۇ قىلغىنىم ئېغىر گۇناھ بولۇپتۇ. ئى پەرۋەردىگار، قۇلۇڭنىڭ قەبىھلىكىنى كۆتۈرۈۋەتكەيسەن؛ چۈنكى مەن تولىمۇ ئەخمەقانىلىك قىپتىمەن، دېدى. 10
داۋۇت ئەتىگەندە تۇرغاندا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى داۋۇتنىڭ ئالدىن كۆرگۈچىسى بولغان گاد پەيغەمبەرگە كېلىپ: 11
ــ «بېرىپ داۋۇتقا ئېيتقىن، پەرۋەردىگار: ــ مەن ئۈچ [بالا-قازانى] ئالدىڭغا قويىمەن، ئۇلارنىڭ بىرىنى تاللىۋالغىن، مەن شۇنى ئۈستۈڭگە چۈشۈرىمەن، دەيدۇ ــ دېگىن» ــ دېيىلدى. 12
شۇنىڭ بىلەن گاد داۋۇتنىڭ قېشىغا كېلىپ بۇنى ئۇنىڭغا دېدى. ئۇ ئۇنىڭغا: «يەتتە يىلغىچە زېمىنىڭدا ئاچارچىلىق ساڭا بولسۇنمۇ؟ ياكى دۈشمەنلىرىڭ ئۈچ ئايغىچە سېنى قوغلاپ، سەن ئۇلاردىن قاچامسەن؟ ۋە ياكى ئۈچ كۈنگىچە زېمىنىڭدا ۋابا تارقالسۇنمۇ؟ ئەمدى سەن ئوبدان ئويلاپ، بىر نېمە دېگىن، مەن مېنى ئەۋەتكۈچىگە نېمە دەپ جاۋاپ بېرەي؟» ــ دېدى. 13
داۋۇت گادقا: مەن تولىمۇ تەڭلىكتە قالدىم! سەندىن ئۆتۈنەيكى، بىز پەرۋەردىگارنىڭ قولىغا چۈشەيلى؛ چۈنكى ئۇنىڭ رەھىمدىللىقى زوردۇر؛ ئىنساننىڭ قولىغا پەقەت چۈشۈپ قالمىغايمەن! ــ دېدى. 14
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئەتىگەندىن تارتىپ بېكىتىلگەن ۋاقىتقىچە ۋابا چۈشۈردى. داندىن تارتىپ بەئەر-شېباغىچە يەتمىش مىڭ ئادەم ئۆلدى. 15
ئەمدى پەرىشتە قولىنى يېرۇسالېمغا ئۇزۇتۇپ شەھەرنى ھالاك قىلاي دېگەندە، پەرۋەردىگار ئېغىر ھۆكۈمىدىن پۇشايمان قىلىپ، خەلقنى ھالاك قىلىۋاتقان پەرىشتىگە: ئەمدى بولدى قىلغىن؛ قولۇڭنى يىغقىن، ــ دېدى. ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يەبۇسىي ئاراۋناھنىڭ خامىنىنىڭ يېنىدا ئىدى. 16
داۋۇت خەلقنى يوقىتىۋاتقان پەرىشتىنى كۆرگەندە پەرۋەردىگارغا: مانا، گۇناھ قىلغان مەن، قەبىھلىك قىلغۇچى مەندۇرمەن. لېكىن بۇ قويلار بولسا نېمە قىلدى؟ سېنىڭ قولۇڭ مېنىڭ ئۈستۈمگە ۋە ئاتامنىڭ جەمەتىنىڭ ئۈستىگە چۈشسۇن! ــ دېدى. 17
شۇ كۈنى گاد داۋۇتنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: بېرىپ يەبۇسىي ئاراۋناھنىڭ خامىنىغا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانگاھ ياسىغىن، دېدى. 18
داۋۇت گادنىڭ سۆزى بويىچە پەرۋەردىگار بۇيرۇغاندەك قىلدى. 19
ئاراۋناھ قاراپ پادىشاھ بىلەن خىزمەتكارلارنىڭ ئۆز تەرىپىگە كېلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، ئالدىغا چىقىپ پادىشاھنىڭ ئالدىدا يۈزىنى يەرگە تەككۈزۈپ، تەزىم قىلدى. 20
ئاراۋناھ: غوجام پادىشاھ نېمە ئىش بىلەن قۇللىرىنىڭ ئالدىغا كەلدىلىكىن؟ ــ دەپ سورىدى. داۋۇت: خەلقنىڭ ئارىسىدا ۋابانى توختىتىش ئۈچۈن، بۇ خاماننى سەندىن سېتىۋېلىپ، بۇ يەردە پەرۋەردىگارغا بىر قۇربانگاھ ياسىغىلى كەلدىم، ــ دېدى. 21
ئاراۋناھ داۋۇتقا: غوجام پادىشاھ ئۆزلىرى نېمىنى خالىسىلا شۇنى ئېلىپ قۇربانلىق قىلسىلا. مانا بۇ يەردە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن كالىلار بار، ئوتۇن قىلىشقا خامان تېپىدىغان تىرنىلار بىلەن كالىلارنىڭ بويۇنتۇرۇقلىرى بار. 22
ئى پادىشاھ، بۇنىڭ ھەممىسىنى مەنكى [ئاراۋناھ] پادىشاھقا تەقدىم قىلاي، دېدى. ئۇ يەنە پادىشاھقا: پەرۋەردىگار خۇدالىرى سىلىنى قوبۇل قىلىپ شەپقەت كۆرسەتكەي، دېدى. 23
پادىشاھ ئاراۋناھغا: ياق، قانداقلا بولمىسۇن بۇلارنى سەندىن ئۆز نەرخىدە سېتىۋالمىسام بولمايدۇ. مەن بەدەل تۆلىمەي پەرۋەردىگار خۇدايىمغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى ھەرگىز سۇنمايمەن، ــ دېدى. ئاندىن داۋۇت خامان بىلەن كالىلارنى ئەللىك شەكەل كۈمۈشكە سېتىۋالدى. 24
ئاندىن داۋۇت ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا بىر قۇربانگاھ ياساپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار بىلەن ئىناقلىق قۇربانلىقلىرى قىلدى. پەرۋەردىگار زېمىن ئۈچۈن قىلغان دۇئالارنى قوبۇل قىلىپ، ۋابا ئىسرائىلنىڭ ئارىسىدا توختىدى. 25

< سامۇئىل 2 24 >