< سامۇئىل 2 23 >

تۆۋەندىكىلەر داۋۇتنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرىدۇر: ــ يەسسەنىڭ ئوغلى داۋۇتنىڭ بېشارىتى، يۇقىرى مەرتىۋىگە كۆتۈرۈلگەن، ياقۇپنىڭ خۇداسى تەرىپىدىن مەسىھلەنگەن، ئىسرائىلنىڭ سۆيۈملۈك كۈيچىسىنىڭ بېشارەت سۆزلىرى مانا: ــ 1
پەرۋەردىگارنىڭ روھى مەن ئارقىلىق سۆز قىلدى، ئۇنىڭ سۆزلىرى تىلىمدىدۇر. 2
ئىسرائىلنىڭ خۇداسى سۆز قىلدى، ئىسرائىلنىڭ قورام تېشى ماڭا شۇنداق دېدى: ــ كىمكى ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا ئادالەت بىلەن سەلتەنەت قىلسا، كىمكى خۇدادىن قورقۇش بىلەن سەلتەنەت قىلسا، 3
ئۇ قۇياش چىققاندىكى تاڭ نۇرىدەك، بۇلۇتسىز سەھەردەك بولىدۇ، يامغۇردىن كېيىن ئاسمان سۈزۈك بولۇشى بىلەن، يۇمران مايسىلار تۇپراقتىن چىقىدۇ، مانا ئۇ شۇنداق بولىدۇ. 4
بەرھەق، مېنىڭ ئۆيۈم تەڭرى ئالدىدا شۇنداق ئەمەسمۇ؟ چۈنكى ئۇ مەن بىلەن مەڭگۈلۈك ئەھدە تۈزدى، بۇ ئەھدە ھەممە ئىشلاردا مۇپەسسەل ھەم مۇستەھكەمدۇر؛ چۈنكى مېنىڭ بارلىق نىجاتلىق ئىشلىرىمنى، ھەممە ئىنتىزارلىقىمنى، ئۇ بەرق ئۇرغۇزمامدۇ؟ 5
لېكىن ئىپلاسلارنىڭ ھەممىسى تىكەنلەردەك، ھېچكىم قولىدا تۇتالمىغاچقا، چۆرىۋېتىلىدۇ. 6
ئۇلارغا قول ئۇزاتقۇچى ئۆزىنى تۆمۈر قورال ۋە نەيزە سېپى بىلەن قوراللاندۇرمىسا بولمايدۇ؛ ئۇلار ھامان تۇرغان يېرىدە ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىلىدۇ! 7
داۋۇتنىڭ پالۋانلىرىنىڭ ئىسىملىرى تۆۋەندىكىدەك خاتىرىلەنگەندۇر: ــ تاخكىمونلۇق يوشەب-باشسەبەت سەردارلارنىڭ بېشى ئىدى. ئۇ بىر قېتىملىق جەڭدە نەيزە ئوينىتىپ، سەككىز يۈز ئادەمنى ئۆلتۈرگەنىدى. 8
كېيىنكىسى ئاخوخىي دودونىڭ ئوغلى ئەلىئازار ئىدى؛ فىلىستىيلەر يىغىلىپ جەڭ قىلماقچى بولدى؛ شۇ ۋاقىتتا داۋۇت ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ چىققان ئۈچ پالۋان ئۇلارنى جەڭگە چاقىردى؛ ئەلىئازار شۇ ئۈچتىن بىرى ئىدى. لېكىن ئىسرائىللار چېكىندى؛ 9
ئۇ قوزغىلىپ، تاكى بېلىكى تېلىپ، قولى قىلىچقا چاپلىشىپ قالغۇچە فىلىستىيلەرنى قىردى. ئۇ كۈنى پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنى چوڭ نۇسرەتكە ئېرىشتۈردى. خەلق ئۇنىڭ قېشىغا قايتقاندا پەقەت ئولجا يىغىش ئىشىلا قالغانىدى. 10
ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى ھارارلىق ئاگىينىڭ ئوغلى شامماھ ئىدى. بىر كۈنى فىلىستىيلەر قوشۇن بولۇپ يىغىلغانىدى؛ يېقىن ئەتراپتا قويۇق ئۆسكەن بىر قىزىل ماشلىق بار ئىدى. كىشىلەر فىلىستىلەرنىڭ ئالدىدىن قاچقانىدى، 11
شامماھ بولسا قىزىل ماشلىق ئوتتۇرىسىدا مەزمۇت تۇرۇپ، ئۇنى قوغداپ فىلىستىيلەرنى قىردى؛ شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار [ئىسرائىللارغا] غايەت زور نۇسرەت ئاتا قىلدى. 12
ئورما ۋاقتىدا ئوتتۇز يولباشچى ئىچىدىن يەنە ئۈچى ئادۇللامنىڭ غارىغا چۈشۈپ، داۋۇتنىڭ يېنىغا كەلدى. فىلىستىيلەرنىڭ قوشۇنى رەفايىم ۋادىسىغا بارگاھ قۇرغانىدى؛ 13
ئۇ چاغدا داۋۇت قورغاندا ئىدى، فىلىستىيلەرنىڭ قاراۋۇلگاھى بولسا بەيت-لەھەمدە ئىدى. 14
داۋۇت ئۇسساپ: ئاھ، بىرسى ماڭا بەيت-لەھەمنىڭ دەرۋازىسىنىڭ يېنىدىكى قۇدۇقتىن سۇ ئەكىلىپ بەرگەن بولسا ياخشى بولاتتى! ــ دېۋىدى، 15
بۇ ئۈچ پالۋان فىلىستىيلەرنىڭ لەشكەرگاھىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، بەيت-لەھەمنىڭ دەرۋازىسىنىڭ يېنىدىكى قۇدۇقتىن سۇ تارتتى ۋە داۋۇتقا ئېلىپ كەلدى؛ لېكىن ئۇ ئۇنىڭدىن ئىچكىلى ئۇنىمىدى، بەلكى سۇنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ تۆكۈپ: 16
ــ ئى پەرۋەردىگار، بۇنداق ئىش مەندىن نېرى بولسۇن! بۇ ئۈچ ئادەمنىڭ ئۆز ھاياتىغا تەۋەككۇل قىلىپ بېرىپ ئەكەلگەن بۇ سۇ ئۇلارنىڭ قېنىغا ئوخشاش ئەمەسمۇ! ــ دېدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئىچىشكە ئۇنىمىدى. بۇ ئۈچ پالۋان قىلغان ئىشلار دەل شۇلار ئىدى. 17
زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئابنىڭ ئىنىسى ئابىشاي بۇ ئۈچىنىڭ بېشى ئىدى. ئۇ ئۈچ يۈز ئادەم بىلەن قارشىلىشىپ نەيزىسىنى پىقىرىتىپ ئۇلارنى ئۆلتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ «ئۈچ پالۋان» ئىچىدە نامى چىققانىدى. 18
ئۇ بۇ ئۈچەيلەننىڭ ئىچىدە ئەڭ ھۆرمەتلىكى ئىدى، شۇڭا ئۇلارنىڭ بېشى ئىدى؛ لېكىن ئۇ ئاۋۋالقى ئۈچەيلەنگە يەتمەيتتى. 19
يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا كابزەئەلدىن بولۇپ، بىر باتۇر پالۋان ئىدى؛ ئۇ كۆپ قالتىس ئىشلارنى قىلغان. ئۇ موئابىي ئارىئەلنىڭ ئىككى ئوغلىنى ئۆلتۈرگەن. يەنە قار ياغقان بىر كۈنى ئازگالغا چۈشۈپ، بىر شىرنى ئۆلتۈرگەنىدى. 20
ئۇ ھەم كۈچتۈڭگۈر بىر مىسىرلىقنى ئۆلتۈرگەنىدى. مىسىرلىقنىڭ قولىدا بىر نەيزە بار ئىدى، لېكىن بىنايانىڭ قولىدا بىر ھاسىلا بار ئىدى. ئۇ مىسىرلىقنىڭ قولىدىن نەيزىسىنى تارتىۋېلىپ، ئۆز نەيزىسى بىلەن ئۇنى ئۆلتۈردى. 21
بۇ ئىشلارنى يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا قىلغان بولۇپ، ئۇ ئۈچ پالۋان ئارىسىدا نام چىقارغانىدى. 22
ئۇ ئوتتۇز يولباشچى ئىچىدە ھۆرمەتلىك ئىدى. لېكىن ئۇ ئاۋۋالقى ئۈچ پالۋانغا يەتمەيتتى. داۋۇت ئۇنى ئۆزىنىڭ پاسىبان بېگى قىلدى. 23
ئوتتۇز يولباشچى ئىچىدە يوئابنىڭ ئىنىسى ئاساھەل، بەيت-لەھەملىك دودونىڭ ئوغلى ئەل-ھانان بار ئىدى. 24
[بۇنىڭدىن باشقا]: ھارودلۇق شامماھ، ھارودلۇق ئېلىكا، 25
پاتلىلىق ھەلەز، تەكوئالىق ئىككەشنىڭ ئوغلى ئىرا، 26
ئاناتوتلۇق ئابىئېزەر، ھۇشاتلىق مىبونناي، 27
ئاخوھلۇق زالمون، نىتوفاتلىق ماھاراي، 28
نىتوفاتلىق بائاناھنىڭ ئوغلى خەلەب، بىنيامىنلاردىن گىبېئاھلىق رىباينىڭ ئوغلى ئىتتاي، 29
پىراتونلۇق بىنايا، گائاش ۋادىلىرىدىن ھىدداي، 30
ئارباتلىق ئابى-ئالبون، بارھۇملۇق ئازماۋەت، 31
شائالبونلۇق ئەلىياھبا، ياشەننىڭ ئوغۇللىرى، ھارارلىق شامماھنىڭ [ئوغلى] يوناتان، ھارارلىق شارارنىڭ ئوغلى ئاھىيام، 32
33
مائاكاتىي ئاخاسباينىڭ ئوغلى ئەلىفەلەت، گىلونلۇق ئاھىتوفەلنىڭ ئوغلى ئېلىيام، 34
كارمەللىك ھەزراي، ئاربىلىق پائاراي، 35
زوباھدىن بولغان ناتاننىڭ ئوغلى ئىگال، گادلىق باننى، 36
ئاممونىي زەلەك، بەئەروتلۇق ناھاراي (ئۇ زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئابنىڭ ياراغ كۆتۈرگۈچىسى ئىدى)، 37
يىترىلىق ئىرا، يىترىلىق گارەب 38
ۋە ھىتتىي ئۇرىيا قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوتتۇز يەتتە كىشى ئىدى. 39

< سامۇئىل 2 23 >