< سامۇئىل 2 21 >

ئەمما داۋۇتنىڭ كۈنلىرىدە ئۇدا ئۈچ يىل ئاچارچىلىق بولدى. داۋۇت ئۇنىڭ توغرۇلۇق پەرۋەردىگاردىن سورىدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ئاچارچىلىق سائۇل ۋە ئۇنىڭ قانخور جەمەتىدىكىلەر سەۋەبىدىن، يەنى ئۇنىڭ گىبېئونلۇقلارنى قىرغىن قىلغىنىدىن بولدى، دېدى. 1
پادىشاھ گىبېئونلۇقلارنى چاقىرىپ، ئۇلار بىلەن سۆزلەشتى (گىبېئونلۇقلار ئىسرائىللاردىن ئەمەس ئىدى، بەلكى ئامورىيلارنىڭ بىر قالدىسى ئىدى. ئىسرائىل ئەسلىدە ئۇلار بىلەن ئەھدە قىلىپ قەسەم ئىچكەنىدى؛ لېكىن سائۇل ئىسرائىل ۋە يەھۇدالارغا بولغان قىزغىنلىقى بىلەن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشكە ئىنتىلگەنىدى). 2
داۋۇت گىبېئونلۇقلارغا: سىلەرگە نېمە قىلىپ بېرەي؟ مەن قانداق قىلىپ بۇ گۇناھنى كافارەت قىلىپ ياپسام، ئاندىن سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ مىراسىغا بەخت-بەرىكەت تىلىيەلەيسىلەر؟ ــ دېدى. 3
گىبېئونلۇقلار ئۇنىڭغا: بىزنىڭ سائۇل ۋە ئۇنىڭ جەمەتىدىكىلەردىن ئالتۇن-كۈمۈش سوراش ھەققىمىز يوق، ۋە بىزنىڭ سەۋەبىمىزدىن ئىسرائىلدىن بىر ئادەمنىمۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلدۇرۇش ھەققىمىز يوق، دېدى. داۋۇت: سىلەر نېمە دېسەڭلار، مەن شۇنداق قىلاي، دېدى. 4
ئۇلار پادىشاھقا: بۇرۇن بىزنى يوقاتماقچى بولغان، بىزنى ئىسرائىلنىڭ بارلىق پاسىللىرى ئىچىدە تۇرغۇدەك يېرى قالمىسۇن دەپ، بىزنى ھالاك قىلىشقا قەستلىگەن ھېلىقى كىشىنىڭ، 5
ھازىر ئۇنىڭ ئەركەك نەسلىدىن يەتتىسى بىزگە تاپشۇرۇپ بېرىلسۇن، بىز پەرۋەردىگارنىڭ تاللىغىنى بولغان سائۇلنىڭ گىبېئاھ شەھىرىدە، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئېسىپ قويايلى، دېدى. پادىشاھ: ــ مەن سىلەرگە چوقۇم تاپشۇرۇپ بېرىمەن، دېدى. 6
لېكىن داۋۇت بىلەن سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتاننىڭ پەرۋەردىگار ئالدىدا ئىچىشكەن قەسىمى ۋەجىدىن پادىشاھ سائۇلنىڭ نەۋرىسى، يوناتاننىڭ ئوغلى مەفىبوشەتنى ئايىدى. 7
پادىشاھ ئاياھنىڭ قىزى رىزپاھنىڭ سائۇلغا تۇغۇپ بەرگەن ئىككى ئوغلى ئارمونى ۋە مەفىبوشەتنى ۋە سائۇلنىڭ قىزى مىقال مەھولاتلىق بارزىللاينىڭ ئوغلى ئادرىئەل ئۈچۈن بېقىۋالغان بەش ئوغۇلنى تۇتۇپ، 8
گىبېئونلۇقلارنىڭ قولىغا تاپشۇردى. بۇلار ئۇلارنى دۆڭدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئېسىپ قويدى. بۇ يەتتەيلەن بىر كۈندە ئۆلتۈرۈلدى؛ ئۇلار ئۆلتۈرۈلگەندە ئارپا ئورمىسى ئالدىدىكى كۈنلەر ئىدى. 9
ئاندىن ئاياھنىڭ قىزى رىزپاھ بۆز رەختنى ئېلىپ، قورام ئۈستىگە يېيىپ سالدى. ئۇ ئورما باشلانغاندىن تارتىپ ئاسماندىن يامغۇر چۈشكەن ۋاقىتقىچە، ئۇ يەردە ئولتۇرۇپ كۈندۈزى قۇشلارنىڭ جەسەتلەرنىڭ ئۈستىگە قونۇشىغا، كېچىسى يىرتقۇچلارنىڭ ئۇلارنى دەسسەپ چەيلىشىگە يول قويمىدى. 10
بىرسى سائۇلنىڭ كېنىزىكى، ئاياھنىڭ قىزى رىزپاھنىڭ قىلغانلىرىنى داۋۇتقا ئېيتتى. 11
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت يابەش-گىلېئادتىكىلەرنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇ يەردىن سائۇلنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئوغلى يوناتاننىڭ سۆڭەكلىرىنى ئېلىپ كەلدى (فىلىستىيلەر گىلبوئادا سائۇلنى ئۆلتۈرگەن كۈنىدە ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىنى بەيت-شاندىكى مەيداندا ئېسىپ قويغانىدى؛ يابەش-گىلېئادتىكىلەر ئەسلىدە بۇلارنى شۇ يەردىن ئوغرىلىقچە ئېلىپ كەتكەنىدى). 12
داۋۇت سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى يوناتاننىڭ سۆڭەكلىرىنى شۇ يەردىن ئېلىپ كەلدى؛ ئۇلار ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن يەتتەيلەننىڭ سۆڭەكلىرىنىمۇ يىغىپ قويدى، 13
ئاندىن شۇلارنى سائۇل بىلەن ئوغلى يوناتاننىڭ سۆڭەكلىرى بىلەن بىنيامىن زېمىنىدىكى زېلادا، ئاتىسى كىشنىڭ قەبرىسىدە دەپنە قىلدى. ئۇلار پادىشاھ ئەمر قىلغاندەك قىلدى. ئاندىن خۇدا [خەلقنىڭ] زېمىن توغرۇلۇق دۇئالىرىنى ئىجابەت قىلدى. 14
فىلىستىيلەر بىلەن ئىسرائىلنىڭ ئوتتۇرسىدا يەنە جەڭ بولدى، داۋۇت ئۆز ئادەملىرى بىلەن چۈشۈپ، فىلىستىيلەر بىلەن سوقۇشتى. ئەمما داۋۇت تولىمۇ چارچاپ كەتتى؛ 15
رافاھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان ئىشبى-بىنوب داۋۇتنى ئۆلتۈرمەكچى ئىدى؛ ئۇنىڭ مىس نەيزىسىنىڭ ئېغىرلىقى ئۈچ يۈز شەكەل ئىدى؛ ئۇنىڭغا يەنە يېڭى ساۋۇت باغلاقلىق ئىدى. 16
لېكىن زەرۇئىيانىڭ ئوغلى ئابىشاي ئۇنىڭغا ياردەمگە كېلىپ فىلىستىينى قىلىچلاپ ئۆلتۈردى. شۇ كۈنى داۋۇتنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭغا قەسەم قىلىپ: سەن يەنە بىز بىلەن جەڭگە چىقمىغىن! بولمىسا ئىسرائىلنىڭ چىرىغى ئۆچۈپ قالىدۇ، ــ دېدى. 17
بۇ ئىشتىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، گوبتا فىلىستىيلەر بىلەن يەنە جەڭ بولدى؛ ئۇ ۋاقىتتا ھۇشاتلىق سىببىكاي رافاھنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان سافنى ئۆلتۈردى. 18
گوبتا يەنە بىر قېتىم فىلىستىيلەر بىلەن جەڭ بولدى؛ ئۇ چاغدا بەيت-لەھەملىك يائىرنىڭ ئوغلى ئەل-ھانان گاتلىق گولىياتنىڭ ئىنىسىنى ئۆلتۈردى. ئۇنىڭ نەيزىسىنىڭ سېپى باپكارنىڭ خادىسىدەك ئىدى. 19
يەنە بىر جەڭ گاتتا بولدى؛ ئۇ يەردە ئېگىز بويلۇق بىر ئادەم بار ئىدى، قوللىرىنىڭ ئالتىدىن بارماقلىرى، پۇتلىرىنىڭ ئالتىدىن بارماقلىرى بولۇپ جەمئىي يىگىرمە تۆت بارمىقى بار ئىدى. ئۇ ھەم رافاھنىڭ ئەۋلادى ئىدى. 20
ئۇ ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئۇلارنى مازاق قىلدى؛ لېكىن داۋۇتنىڭ ئاكىسى شىمىيانىڭ ئوغلى يوناتان ئۇنى ئۆلتۈردى. 21
بۇ تۆت كىشى گاتلىق رافاھنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، ھەممىسى داۋۇتنىڭ قولىدا ياكى ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ قولىدا ئۆلتۈرۈلدى. 22

< سامۇئىل 2 21 >