< سامۇئىل 2 20 >

ۋە شۇنداق بولدىكى، شۇ يەردە بىنيامىن قەبىلىسىدىن، بىكرىنىڭ ئوغلى شېبا ئىسىملىك بىر ئىپلاس بار ئىدى. ئۇ كاناي چېلىپ: ــ بىزنىڭ داۋۇتتا ھېچقانداق ئورتاق نېسىۋىمىز يوق؛ يەسسەنىڭ ئوغلىدىن ھېچقانداق مىراسىمىز يوق! ئى ئىسرائىل، ھەربىرلىرىڭلار ئۆز ئۆيۈڭلەرگە يېنىپ كېتىڭلار، ــ دېدى. 1
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئادەملىرى داۋۇتتىن يېنىپ بىكرىنىڭ ئوغلى شېباغا ئەگەشتى. لېكىن يەھۇدانىڭ ئادەملىرى ئىئوردان دەرياسىدىن تارتىپ يېرۇسالېمغىچە ئۆز پادىشاھىغا چىڭ باغلىنىپ، ئۇنىڭغا ئەگەشتى. 2
داۋۇت يېرۇسالېمغا كېلىپ ئوردىسىغا كىردى. پادىشاھ ئوردىغا قاراشقا قويۇپ كەتكەن ئاشۇ ئون كېنىزەكنى بىر ئۆيگە قاماپ قويدى. ئۇ ئۇلارنى باقتى، لېكىن ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇ يەردە تۇل ئاياللاردەك ئۆلگۈچە قامالغان پېتى تۇردى. 3
ئاندىن پادىشاھ ئاماساغا: ئۈچ كۈن ئىچىدە يەھۇدانىڭ ئادەملىرىنى چاقىرىپ، يىغىپ كەلگىن؛ ئۆزۈڭمۇ بۇ يەردە ھازىر بولغىن، دېدى. 4
شۇنىڭ بىلەن ئاماسا يەھۇدانىڭ ئادەملىرىنى چاقىرىپ يىغقىلى باردى. لېكىن ئۇنىڭ ئۇنداق قىلىشى پادىشاھ بېكىتكەن ۋاقىتتىن كېيىن قالدى، 5
ئۇ ۋاقىتتا داۋۇت ئابىشايغا: ئەمدى بىكرىنىڭ ئوغلى شېبا بىزگە چۈشۈرىدىغان ئاپەت ئابشالومنىڭ چۈشۈرگىنىدىن تېخىمۇ يامان بولىدۇ. ئەمدى غوجاڭنىڭ خىزمەتكارلىرىنى ئېلىپ ئۇلارنى قوغلاپ بارغىن. بولمىسا، ئۇ مۇستەھكەم شەھەرلەرنى ئىگىلىۋېلىپ، بىزدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى مۇمكىن، ــ دېدى. 6
شۇنىڭ بىلەن يوئابنىڭ ئادەملىرى ۋە كەرەتىيلەر، پەلەتىيلەر، شۇنداقلا بارلىق پالۋانلار ئۇنىڭغا ئەگىشىپ چىقتى؛ ئۇلار يېرۇسالېمدىن چىقىپ، بىكرىنىڭ ئوغلى شېبانى قوغلىغىلى باردى. 7
ئۇلار گىبېئوندىكى قورام تاشقا يېقىن كەلگەندە ئاماسا ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقتى. يوئاب ئۈستىبېشىغا جەڭ لىباسىنى كىيىپ، بېلىگە غىلاپلىق بىر قىلىچىنى ئاسقان كەمەر باغلىغانىدى. ئۇ ئالدىغا مېڭىۋىدى، قىلىچ غىلاپتىن چۈشۈپ كەتتى. 8
يوئاب ئاماسادىن: تىنچلىقمۇ، ئىنىم؟ ــ دەپ سورىدى. يوئاب ئاماسانى سۆيمەكچى بولغاندەك ئوڭ قولى بىلەن ئۇنى ساقىلىدىن تۇتتى. 9
ئاماسا يوئابنىڭ يەنە بىر قولىدا قىلىچ بارلىغىغا دىققەت قىلمىدى. يوئاب ئۇنىڭ قورسىقىغا شۇنداق تىقتىكى، ئۈچەيلىرى چىقىپ يەرگە چۈشتى. ئىككىنچى قېتىم سېلىشنىڭ ھاجىتى قالمىغانىدى؛ چۈنكى ئۇ ئۆلدى. ئاندىن يوئاب بىلەن ئىنىسى ئابىشاي بىكرىنىڭ ئوغلى شېبانى قوغلىغىلى كەتتى. 10
يوئابنىڭ غۇلاملىرىدىن بىرى ئاماسانىڭ يېنىدا تۇرۇپ: كىم يوئاب تەرەپتە تۇرۇپ داۋۇتنى قوللىسا، يوئابقا ئەگەشسۇن، دەيتتى. 11
ئەمما ئاماسا ئۆز قېنىدا يۇمىلىنىپ، يولنىڭ ئوتتۇرسىدا ياتاتتى؛ ئۇنى كۆرگەن خەلقنىڭ ھەربىرى توختايتتى. ئۇ كىشى ھەممە خەلقنىڭ توختىغىنىنى كۆرۈپ، ئاماسانىڭ جەسىتىنى يولدىن ئېتىزلىققا تارتىپ قويدى ھەم بىر كىيىمنى ئۇنىڭ ئۈستىگە تاشلىدى. 12
جەسەت يولدىن يۆتكەلگەندىن كېيىن خەلقنىڭ ھەممىسى بىكرىنىڭ ئوغلى شېبانى قوغلىغىلى يوئابقا ئەگەشتى. 13
شېبا بولسا بەيت-مائاكاھدىكى ئابەلگىچە ۋە بېرىيلىكلەرنىڭ يۇرتىنىڭ ھەممە يەرلىرىنى كېزىپ ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىدىن ئۆتتى. [بېرىيلىكلەرمۇ] جەم بولۇپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ باردى. 14
شۇنىڭ بىلەن يوئاب ۋە ئادەملىرى كېلىپ، بەيت-مائاكاھدىكى ئابەلدە ئۇنى مۇھاسىرىگە ئالدى. ئۇلار شەھەرنىڭ چۆرىسىدىكى سېپىلنىڭ ئۇدۇلىدا بىر ئىستىھكام سالدى؛ يوئابقا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسى كېلىپ، سېپىلنى ئۆرۈشكە بازغانلاۋاتقاندا، 15
دانىشمەن بىر خوتۇن شەھەردىن توۋلاپ: قۇلاق سېلىڭلار! قۇلاق سېلىڭلار! يوئابنى بۇ يەرگە چاقىرىپ كېلىڭلار، مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشمەكچى بولغىنىمنى ئۇنىڭغا ئېيتىڭلار، ــ دېدى. 16
ئۇ يېقىن كەلگەندە خوتۇن ئۇنىڭدىن: سىلى يوئابمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: شۇنداق، مەن شۇ، دېدى. خوتۇن ئۇنىڭغا: دېدەكلىرىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغايلا، دېدى. ئۇ: ئاڭلاۋاتىمەن، دېدى. 17
خوتۇن: كونىلاردا ئابەلدە مەسلىھەت تاپقىن، ئاندىن مەسىلىلەر ھەل قىلىنىدۇ، دېگەن گەپ بار؛ 18
ئىسرائىلنىڭ تىنچ ۋە مۆمىن بەندىلىرىدىن بىرىمەن؛ سىلى ھازىر ئىسرائىلدىكى ئانا كەبى چوڭ بىر شەھەرنى خاراپ قىلىۋاتىدىلا؛ نېمىشقا پەرۋەردىگارنىڭ مىراسىنى يوقاتماقچى بولىلا؟ ــ دېدى. 19
يوئاب جاۋاپ بېرىپ: ئۇنداق ئىش مەندىن نېرى بولسۇن! مەندىن نېرى بولسۇن! مېنىڭ ھېچنېمىنى يۇتۇۋالغۇم ياكى يوقاتقۇم يوقتۇر؛ 20
ئىش ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئەفرائىمدىكى ئېدىرلىقتىن بىكرىنىڭ ئوغلى شېبا دېگەن بىر ئادەم داۋۇت پادىشاھقا قارشى قولىنى كۆتۈرۈپتۇ. پەقەت ئۇنى تاپشۇرساڭلار، ئاندىن شەھەردىن كېتىمەن، دېدى. خوتۇن يوئابقا: مانا ئۇنىڭ بېشى سېپىلدىن سىلىگە تاشلىنىدۇ، ــ دېدى. 21
ئاندىن خوتۇن ئۆز دانالىقى بىلەن ھەممە خەلققە مەسلىھەت سالدى؛ ئۇلار بىكرىنىڭ ئوغلى شېبانىڭ بېشىنى كېسىپ، يوئابقا تاشلاپ بەردى. يوئاب كاناي چالدى، ئۇنىڭ ئادەملىرى شۇنى ئاڭلاپ، شەھەردىن كېتىپ، ھەربىرى ئۆز ئۆيىگە قايتتى. يوئاب يېرۇسالېمغا پادىشاھنىڭ قېشىغا باردى. 22
ئەمدى يوئاب پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ قوشۇنىنىڭ سەردارى ئىدى؛ يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا بولسا كەرەتىيلەر بىلەن پەلەتىيلەرنىڭ ئۈستىگە سەردار بولدى. 23
ئادونىرام باج-ئالۋانغا باش بولدى، ئاھىلۇدنىڭ ئوغلى يەھوشافات بولسا دىۋان بېگى بولدى؛ 24
شېۋا كاتىپ، زادوك بىلەن ئابىياتار كاھىن ئىدى؛ 25
يائىرلىق ئىرا بولسا داۋۇتقا خاس كاھىن بولدى. 26

< سامۇئىل 2 20 >