< سامۇئىل 2 19 >

بىرسى يوئابقا: پادىشاھ ئابشالوم ئۈچۈن يىغلاپ ماتەم تۇتماقتا، دەپ خەۋەر بەردى. 1
شۇنىڭ بىلەن شۇ كۈندىكى نۇسرەت خەلق ئۈچۈن مۇسىبەتكە ئايلاندى؛ چۈنكى خەلق شۇ كۈنىدە: پادىشاھ ئۆز ئوغلى ئۈچۈن قايغۇ-ھەسرەت تارتىۋاتىدۇ، دەپ ئاڭلىدى. 2
ئۇ كۈنى خەلق سوقۇشتىن قېچىپ خىجالەتتە قالغان ئادەملەردەك، ئوغرىلىقچە شەھەرگە كىردى. 3
پادىشاھ يۈزىنى يېپىپ: ئى، ئوغلۇم ئابشالوم، ئى ئابشالوم، مېنىڭ ئوغلۇم، مېنىڭ ئوغلۇم! ــ دەپ قاتتىق ئاۋاز بىلەن پەرياد كۆتۈردى. 4
لېكىن يوئاب پادىشاھنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ: ئۆز جېنىڭنى، ئوغۇللىرىڭ بىلەن قىزلىرىڭنىڭ جېنىنى، ئاياللىرىڭنىڭ جېنى بىلەن كېنىزەكلىرىڭنىڭ جېنىنى قۇتقۇزغان ھەممە خىزمەتكارلارنىڭ يۈزىنى سەن بۈگۈن خىجالەتتە قالدۇردۇڭ! 5
سەن ئۆزۈڭگە نەپرەتلىنىدىغانلارنى سۆيىسەن، سېنى سۆيىدىغانلارغا نەپرەتلىنىدىغاندەك قىلىسەن! چۈنكى سەن بۈگۈن سەردارلىرىڭنى ياكى خىزمەتكارلىرىڭنى نەزىرىڭدە ھېچنەرسە ئەمەس دېگەندەك قىلدىڭ! چۈنكى بۈگۈن ئابشالوم تىرىك قېلىپ، بىز ھەممىمىز ئۆلگەن بولساق، نەزىرىڭدە ياخشى بولاتتىكەن، دەپ بىلىپ يەتتىم. 6
ئەمدى چىقىپ خىزمەتكارلىرىڭنىڭ كۆڭلىگە تەسەللىي بەرگىن؛ چۈنكى مەن پەرۋەردىگار بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر چىقمىساڭ، بۈگۈن كېچە ھېچ ئادەم سېنىڭ بىلەن قالمايدۇ. بۇ بالا ياشلىقىڭدىن تارتىپ بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۈستۈڭگە چۈشكەن ھەرقانداق بالادىن ئېغىر بولىدۇ، ــ دېدى. 7
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ چىقىپ دەرۋازىدا ئولتۇردى، ھەممە خەلققە: مانا، پادىشاھ دەرۋازىدا ئولتۇرىدۇ، دېگەن خەۋەر يەتكۈزۈلگەندە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پادىشاھنىڭ قېشىغا كەلدى. ئەمما ئىسرائىللار بولسا ھەممىسى قېچىپ، ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كەتتى. 8
ئەمدى ئىسرائىل قەبىلىسىدىكى ھەممە خەلق غۇلغۇلا قىلىشىپ: پادىشاھ بىزنى دۈشمەنلىرىمىزنىڭ قولىدىن ئازاد قىلغان، بىزنى فىلىستىيلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغانىدى. ئەمما، ئۇ ھازىر ئابشالوم تۈپەيلىدىن زېمىندىن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتىدۇ. 9
لېكىن بىز ئۈستىمىزگە پادىشاھ بولۇشقا مەسىھ قىلغان ئابشالوم بولسا جەڭدە ئۆلدى. ئەمدى نېمىشقا پادىشاھنى ياندۇرۇپ ئېلىپ كېلىشكە گەپ قىلمايسىلەر؟ دېيىشتى. 10
داۋۇت پادىشاھ زادوك بىلەن ئابىياتار كاھىنلارغا ئادەم ئەۋەتىپ: سىلەر يەھۇدانىڭ ئاقساقاللىرىغا: [پادىشاھ مۇنداق دەيدۇ]: ــ ھەممە ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھنى ئوردىسىغا قايتۇرۇپ كېلەيلى، دېيىشكەن تەلىپلىرىنىڭ ھەممىسى پادىشاھنىڭ قۇلىقىغا يەتكەن يەردە، نېمىشقا سىلەر بۇ ئىشتا ئۇلاردىن كېيىن قالىسىلەر؟ 11
سىلەر مېنىڭ قېرىنداشلىرىم، مېنىڭ ئەت-ئۇستىخانلىرىم تۇرۇپ، نېمىشقا پادىشاھنى ئېلىپ كېلىشتە ھەممىسىدىن كېيىن قالىسىلەر؟! ــ دەڭلار. 12
ۋە شۇنداقلا يەنە ئاماساغىمۇ: پادىشاھ مۇنداق دەيدۇ: ــ سەن مېنىڭ ئەت-ئۇستىخانلىرىم ئەمەسمۇسەن؟ ئەگەر سېنى يوئابنىڭ ئورنىدا مېنىڭ قېشىمدا دائىم تۇرىدىغان قوشۇننىڭ سەردارى قىلمىسام، خۇدا مېنى ئۇرسۇن ھەم ئۇنىڭدىن ئارتۇق جازالىسۇن ــ دەڭلار، ــ دېدى. 13
بۇنىڭ بىلەن ئۇ يەھۇدادىكى ئادەملەرنىڭ كۆڭۈللىرىنى بىر ئادەمنىڭ كۆڭلىدەك ئۆزىگە مايىل قىلدى. ئۇلار پادىشاھقا ئادەم ماڭدۇرۇپ: سەن ئۆزۈڭ بىلەن ھەممە خىزمەتكارلىرىڭ بىرگە يېنىپ كېلىڭلار، دەپ خەۋەر يەتكۈزدى. 14
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ يېنىپ ئىئوردان دەرياسىغىچە كەلدى. يەھۇدادىكى ئادەملەر پادىشاھنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزىمىز دەپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا گىلگالغا بارغانىدى. 15
باھۇرىمدىن چىققان بىنيامىنلىق گېرانىڭ ئوغلى شىمەي ئالدىراپ كېلىپ، يەھۇدادىكى ئادەملەر بىلەن چۈشۈپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا چىقتى. 16
شىمەيگە بىنيامىن قەبىلىسىدىن مىڭ ئادەم ئەگەشتى؛ ئۇلار بىلەن سائۇلنىڭ جەمەتىدە خىزمەتكار بولغان زىبا، ئۇنىڭ ئون بەش ئوغلى ۋە يىگىرمە خىزمەتكارىمۇ ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ كەلدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ پادىشاھنىڭ ئالدىغا چىقتى. 17
بىر كېمە پادىشاھنىڭ ئىختىيارىغا قويۇلۇپ، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۇيان-بۇيان ئۆتۈپ يۈرەتتى. پادىشاھ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكەندە، گېرانىڭ ئوغلى شىمەي كېلىپ ئۇنىڭ ئالدىدا يىقىلىپ تۇرۇپ 18
پادىشاھقا: غوجام قۇللىرىغا قەبىھلىك سانىمىغايلا؛ غوجام پادىشاھ يېرۇسالېمدىن چىققان كۈندە قۇللىرىنىڭ قىلغان قەبىھلىكىنى ئەسلىرىگە كەلتۈرمىگەيلا؛ ئۇ پادىشاھنىڭ كۆڭلىگە كەلمىسۇن. 19
چۈنكى قۇللىرى ئۆزىنىڭ گۇناھ قىلغىنىمنى ئوبدان بىلىدۇ؛ شۇڭا مانا، مەن يۈسۈپنىڭ جەمەتىدىن ھەممىدىن ئاۋۋال بۈگۈن غوجام پادىشاھنى قارشى ئېلىشقا چىقتىممەن، ــ دېدى. 20
زەرۇئىيانىڭ ئوغلى ئابىشاي بۇنى ئاڭلاپ: شىمەي پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھ قىلغىنىنى قارغىغان تۇرسا، ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنىش لازىم بولمامدۇ؟ ــ دېدى. 21
لېكىن داۋۇت: ئى زەرۇئىيانىڭ ئوغۇللىرى، سىلەرنىڭ مېنىڭ بىلەن نېمە كارىڭلار؟ بۈگۈن سىلەر ماڭا قارشى چىقماقچمۇسىلەر؟ بۈگۈنكى كۈندە ئىسرائىلدا ئادەملەر ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنىشى كېرەكمۇ؟ بۈگۈن ئىسرائىلغا پادىشاھ ئىكەنلىكىمنى بىلمەيمەنمۇ؟ ــ دېدى. 22
ئاندىن پادىشاھ شىمەيگە: سەن ئۆلمەيسەن، ــ دېدى. پادىشاھ ئۇنىڭغا قەسەم قىلدى. 23
ئەمدى سائۇلنىڭ نەۋرىسى مەفىبوشەت پادىشاھنى قارشى ئالغىلى كەلدى. پادىشاھ كەتكەن كۈندىن تارتىپ ساق-سالامەت قايتىپ كەلگەن كۈنگىچە، ئۇ يا پۇتلىرىنىڭ تىرنىقىنى ئالمىغان يا ساقىلىنى ياسىمىغان ۋە ياكى كىيىملىرىنى يۇمىغانىدى. 24
ئۇ پادىشاھنى قارشى ئالغىلى يېرۇسالېمدىن كەلگەندە، پادىشاھ ئۇنىڭدىن: ئى مەفىبوشەت، نېمىشقا مېنىڭ بىلەن بارمىدىڭ؟ ــ دەپ سورىدى. 25
ئۇ: ئى، غوجام پادىشاھ، قۇللىرى ئاقساق بولغاچقا، ئېشىكىمنى توقۇپ، مىنىپ پادىشاھ بىلەن بىللە باراي، دېدىم. ئەمما خىزمەتكارىم مېنى ئالداپ قويۇپتۇ؛ 26
ئۇ يەنە غوجام پادىشاھىڭ ئالدىدا قۇللىرىنىڭ غەيۋىتىنى قىلدى. لېكىن غوجام پادىشاھ خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسىدەكتۇر؛ شۇنىڭ ئۈچۈن سىلىگە نېمە لايىق كۆرۈنسە، شۇنى قىلغايلا. 27
چۈنكى ئاتامنىڭ جەمەتىنىڭ ھەممىسى غوجام پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئۆلگەن ئادەملەردەك ئىدى؛ لېكىن سىلى ئۆز قۇللىرىنى ئۆزلىرى بىلەن ھەمداستىخان بولغانلار ئارىسىدا قويدىلا؛ مېنىڭ پادىشاھنىڭ ئالدىدا پەرياد قىلغىلى نېمە ھەققىم بار؟ ــ دېدى. 28
پادىشاھ ئۇنىڭغا: نېمىشقا ئىشلىرىڭ توغرىسىدا سۆزلىۋېرىسەن؟ مېنىڭ ھۆكۈمۈم، سەن بىلەن زىبا يەرلەرنى بۆلۈشىۋېلىڭلار، ــ دېدى. 29
مەفىبوشەت پادىشاھقا: غوجام پادىشاھ ئامان-ېسەن ئۆز ئۆيىگە كەلگەندىن كېيىن، زىبا ھەممىسىنى ئالسىمۇ رازىمەن! ــ دېدى. 30
گىلېئادلىق بارزىللايمۇ روگېلىمدىن چۈشۈپ پادىشاھنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈپ قويۇشقا كېلىپ، پادىشاھ بىلەن بىللە ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتتى. 31
ئەمدى بارزىللاي خېلى ياشانغان بىر ئادەم بولۇپ، سەكسەن ياشقا كىرگەنىدى. پادىشاھ ماھانائىمدا تۇرغان ۋاقىتتا، ئۇنى قامدىغان دەل مۇشۇ ئادەم ئىدى؛ چۈنكى ئۇ خېلى كاتتا بىر كىشى ئىدى. 32
پادىشاھ بارزىللايغا: مېنىڭ بىلەن بارغىن، مەن سەندىن يېرۇسالېمدا ئۆزۈمنىڭكىدە خەۋەر ئالىمەن، دېدى. 33
لېكىن بارزىللاي پادىشاھقا: مېنىڭ بىرنەچچە كۈنلۈك ئۆمرۈم قالغاندۇ، پادىشاھ بىلەن بىرگە يېرۇسالېمغا بارامدىم؟ 34
قۇللىرى سەكسەن ياشقا كىردىم. ياخشى-ياماننى يەنە پەرق ئېتەلەيمەنمۇ؟ يەپ-ئىچكىنىمنىڭ تەمىنى تېتالامدىم؟ يىگىت نەغمىچىلەر بىلەن قىز نەغمىچىلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالامدىم؟ نېمىشقا قۇللىرى غوجام پادىشاغا يەنە يۈك بولىمەن؟ 35
قۇللىرى پەقەت پادىشاھنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈپ ئاندىن ئازراق ئۇزىتىپ قوياي دېگەن؛ پادىشاھ بۇنىڭ ئۈچۈن نېمىشقا ماڭا شۇنچە شاپائەت كۆرسىتىدىلا؟ 36
قۇللىرىنىڭ ئۆلگەندە ئۆز شەھىرىمدە، ئاتام بىلەن ئانامنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىدا يېتىشىم ئۈچۈن قايتىپ كېتىشىگە ئىجازەت بەرگەيلا. ئەمدى مانا، بۇ يەردە ئۆز قۇللىرى كىمھام بار ئەمەسمۇ؟ ئۇ غوجام پادىشاھ بىلەن ئۆتۈپ بارسۇن، ئۇنىڭغا ئۆزلىرىگە نېمە لايىق كۆرۈنسە شۇنى قىلغايلا، ــ دېدى. 37
پادىشاھ: كىمھام مېنىڭ بىلەن ئۆتۈپ بارسۇن؛ ساڭا نېمە لايىق كۆرۈنسە ئۇنىڭغا شۇنى قىلاي، شۇنداقلا سەن مەندىن ھەر نېمە سورىساڭ، ساڭا قىلىمەن، ــ دېدى. 38
ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتتى، پادىشاھمۇ ئۆتتى. ئاندىن پادىشاھ بارزىللاينى سۆيۈپ ئۇنىڭغا بەخت تىلىدى؛ بارزىللاي ئۆز يۇرتىغا يېنىپ كەتتى. 39
پادىشاھ گىلگالغا چىقتى، كىمھام ئۇنىڭ بىلەن باردى. يەھۇدادىكى بارلىق ئادەملەر بىلەن ئىسرائىلنىڭ خەلقىنىڭ يېرىمى پادىشاھنى دەريادىن ئۆتكۈزۈپ ئۇزىتىپ قويغانىدى. 40
ئاندىن مانا، ئىسرائىلنىڭ بارلىق ئادەملىرى پادىشاھنىڭ قېشىغا كېلىپ: نېمىشقا قېرىنداشلىرىمىز يەھۇدانىڭ ئادەملىرى ئوغرىلىقچە پادىشاھنى ۋە پادىشاھنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى، شۇنداقلا داۋۇتقا ئەگەشكەن ھەممە ئادەملەرنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈشكە مۇيەسسەر بولىدۇ؟ ــ دېدى. 41
يەھۇدانىڭ ھەممە ئادەملىرى ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرىگە جاۋاپ بېرىپ: چۈنكى پادىشاھ بىلەن بىزنىڭ تۇغقانچىلىقىمىز بار، نېمىشقا بۇ ئىش ئۈچۈن بىزدىن خاپا بولىسىلەر؟ بىز پادىشاھنىڭكىدىن بىر نېمىنى يىدۇقمۇ، ياكى ئۇ بىزگە بىر ئىنئام بەردىمۇ؟ ــ دېدى. 42
ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى يەھۇدانىڭ ئادەملىرىگە جاۋاب بېرىپ: قەبىلە بويىچە ئالغاندا، پادىشاھنىڭ [ئون ئىككى] ئۈلۈشتىن ئونى بىزگە تەۋەدۇر، سىلەرگە نىسبەتەن بىزنىڭ داۋۇت بىلەن تېخىمۇ چوڭراق بۇرادەرچىلىكىمىز بار. نېمىشقا بىزنى كۆزگە ئىلمايسىلەر؟ پادىشاھىمىزنى ياندۇرۇپ ئېلىپ كېلىشكە ئاۋۋال تەشەببۇس قىلغانلار بىز ئەمەسمىدۇق؟ ــ دېدى. ئەمما يەھۇدانىڭ ئادەملىرىنىڭ سۆزلىرى ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرىنىڭ سۆزلىرىدىن تېخىمۇ قاتتىق ئىدى. 43

< سامۇئىل 2 19 >