< سامۇئىل 2 17 >

ئاھىتوفەل ئابشالومغا: ماڭا ئون ئىككى مىڭ ئادەمنى تاللىۋېلىشقا رۇخسەت بەرسەڭ، مەن بۈگۈن كېچە قوزغىلىپ، داۋۇتنى قوغلاي؛ 1
مەن ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشكىنىمدە ئۇ ھېرىپ، قوللىرى ئاجىز بولىدۇ؛ مەن ئۇنى ئالاقزادە قىلىۋېتىمەن، شۇنداقلا ئۇنىڭ بىلەن بولغان بارلىق خەلق قاچىدۇ. مەن پەقەت پادىشاھنىلا ئۇرۇپ ئۆلتۈرىمەن، 2
ئاندىن ھەممە خەلقنى ساڭا بېقىندۇرۇپ قايتۇرىمەن. سەن ئىزدىگەن ئادەم يوقالسا، ھەممە خەلق سېنىڭ قېشىڭغا قايتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ھەممە خەلق ئامان-ئېسەن قالىدۇ، دېدى. 3
بۇ مەسلىھەت ئابشالومغا ۋە ئىسرائىلنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرىغا ياقتى، 4
لېكىن ئابشالوم: ئاركىلىق ھۇشاينىمۇ چاقىرىڭلار؛ ئۇنىڭ سۆزىنىمۇ ئاڭلايلى، ــ دېدى. 5
ھۇشاي ئابشالومنىڭ قېشىغا كەلگەندە، ئابشالوم ئۇنىڭغا: ئاھىتوفەل مۇنداق-مۇنداق ئېيتتى؛ ئۇ دېگەندەك قىلايلىمۇ؟ بولمىسا، سەن بىر مەسلىھەت بەرگىن، ــ دېدى. 6
ھۇشاي ئابشالومغا: ئاھىتوفەلنىڭ بۇ ۋاقىتتا بەرگەن مەسلىھەتى ياخشى ئەمەس، ــ دېدى. 7
ھۇشاي يەنە مۇنداق دېدى: «سەن ئاتاڭ بىلەن ئادەملىرىنى بىلىسەنغۇ ــ ئۇلار پالۋانلاردۇر، ھازىر دالادىكى بالىلىرىدىن جۇدا قىلىنغان چىشى ئېيىقتەك پەيلى يامان. ئاتاڭ بولسا ھەقىقىي جەڭچىدۇر، ئۆز ئادەملىرى بىلەن بىرگە قونمايدۇ. 8
مانا ئۇ ھازىر بىر غاردا يا باشقا بىر يەردە مۆكۈنۈۋالغان بولسا كېرەك. مۇبادا ئۇ ئاۋۋال خەلقىمىز ئۈستىگە چۈشسە شۇنى ئاڭلىغان ھەركىم: ئابشالومغا ئەگەشكەنلەر قىرغىنچىلىققا ئۇچراپتۇ، ــ دەيدۇ. 9
ئۇ ۋاقىتتا ھەتتا شىر يۈرەك پالۋانلارنىڭ يۈرەكلىرىمۇ سۇ بولۇپ كېتىدۇ؛ چۈنكى پۈتكۈل ئىسرائىل ئاتاڭنىڭ باتۇر ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭمۇ پالۋان ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. 10
شۇڭا مەسلىھەتىم شۇكى، پۈتكۈل ئىسرائىل داندىن تارتىپ بەئەر-شېباغىچە سېنىڭ قېشىڭغا تېز يىغىلسۇن (ئۇلار دېڭىزدىكى قۇملاردەك كۆپتۇر!). سەن ئۆزۈڭ ئۇلارنى باشلاپ جەڭگە چىققىن. 11
بىز ئۇنى قەيەردە تاپساق، شەبنەم يەرگە چۈشكەندەك ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشەيلى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۆزى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان كىشىلەردىن ھېچ كىممۇ قالمايدۇ. 12
ئەگەر ئۇ بىر شەھەرگە كىرىۋالسىمۇ، پۈتكۈل ئىسرائىل شۇ يەرگە ئارغامچىلارنى ئېلىپ كېلىپ، شەھەرنى ھەتتا ئۇنىڭدىكى كىچىك شېغىل-تاشلارنىمۇ قالدۇرماي سۆرەپ ئەكىلىپ، دەريا جىلغىسىغا تاشلىۋېتىمىز». 13
ئابشالوم بىلەن ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئادەملىرى: ئاركىلىق ھۇشاينىڭ مەسلىھەتى ئاھىتوفەلنىڭ مەسلىھەتىدىن ياخشى ئىكەن، دېيىشتى. چۈنكى پەرۋەردىگار ئابشالومنىڭ بېشىغا بالا كەلسۇن دەپ، ئاھىتوفەلنىڭ ياخشى مەسلىھەتىنىڭ بىكار قىلىنىشىنى بېكىتكەنىدى. 14
ھۇشاي زادوك بىلەن ئابىياتار كاھىنلارغا: ئاھىتوفەلنىڭ ئابشالوم بىلەن ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرىغا بەرگەن مەسلىھەتى مۇنداق-مۇنداق، ئەمما مېنىڭ مەسلىھەتىم بولسا مۇنداق-مۇنداق؛ 15
ھازىر سىلەر دەرھال ئادەم ئەۋەتىپ داۋۇتقا: بۇ كېچىدە چۆلنىڭ كېچىكلىرىدە قونماي، بەلكى تېز ئۆتۈپ كېتىڭلار، بولمىسا پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان ھەممە خەلق ھالاك بولۇشى مۇمكىن، دەپ يەتكۈزۈڭلار ــ دېدى. 16
ئۇ ۋاقىتتا يوناتان بىلەن ئاخىمائاز ئەن-روگەلدە كۈتۈپ تۇراتتى؛ ئۇلار باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن شەھەرگە كىرمىدى؛ بىر دېدەكنىڭ چىقىپ ئۇلارغا خەۋەر بېرىشى بېكىتىلدى. ئۇلار بېرىپ داۋۇت پادىشاھقا خەۋەرنى يەتكۈزدى. 17
لېكىن بىر ياش يىگىت ئۇلارنى كۆرۈپ قېلىپ، ئابشالومغا دەپ قويدى. ئەمما بۇ ئىككىيلەن ئىتتىك بېرىپ، باھۇرىمدىكى بىر ئادەمنىڭ ئۆيىگە كىردى. بۇ ئادەمنىڭ ھويلىسىدا قۇدۇق بار ئىدى؛ ئۇلار شۇنىڭغا چۈشۈپ يوشۇرۇندى. 18
ئۇنىڭ ئايالى قۇدۇقنىڭ ئاغزىغا ياپقۇچىنى يېپىپ ئۈستىگە سوقۇلغان بۇغداينى تۆكۈپ قويدى؛ شۇنىڭ بىلەن ھېچ ئىش ئاشكارىلانمىدى. 19
ئابشالومنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۆيگە كىرىپ ئايالنىڭ قېشىغا كېلىپ: ئاخىمائاز بىلەن يوناتان قەيەردە؟ ــ دەپ سورىدى. ئايال: ئۇلار ئېرىقتىن ئۆتۈپ كەتتى، دېدى. كەلگەنلەر ئۇلارنى ئىزدەپ تاپالماي، يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتتى. 20
ئۇلار كەتكەندىن كېيىن، بۇ ئىككىيلەن قۇدۇقتىن چىقىپ، بېرىپ داۋۇت پادىشاھقا خەۋەر بەردى. ئۇلار داۋۇتقا: قوپۇپ، سۇدىن ئۆتكىن؛ چۈنكى ئاھىتوفەل سېنى تۇتۇش ئۈچۈن شۇنداق مەسلىھەت بېرىپتۇ، ــ دېدى. 21
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان بارلىق خەلق قوزغىلىپ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتتى؛ تاڭ ئاتقۇچە ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتمىگەن ھېچكىم قالمىدى. 22
ئاھىتوفەل ئۆز مەسلىھەتىنى قوبۇل قىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ ئېشىكىنى توقۇپ، ئۆز شەھىرىدىكى ئۆيىگە بېرىپ، ئۆيىدىكىلەرگە ۋەسىيەت تاپشۇرغاندىن كېيىن، ئېسىلىپ ئۆلىۋالدى. ئۇ ئۆز ئاتىسىنىڭ قەبرىسىدە دەپنە قىلىندى. 23
شۇ ئارىلىقتا داۋۇت ماھانائىمغا يېتىپ كەلگەنىدى، ئابشالوم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئادەملىرىمۇ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ بولغانىدى. 24
ئابشالوم يوئابنىڭ ئورنىدا ئاماسانى قوشۇننىڭ ئۈستىگە سەردار قىلىپ قويدى. ئاماسا بولسا يىترا ئىسىملىك بىر ئىسرائىللىق كىشىنىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇ كىشى ناھاشنىڭ قىزى ئابىگائىل بىلەن يېقىنچىلىق قىلغانىدى. ناھاش يوئابنىڭ ئانىسى زەرۇئىيا بىلەن ئاچا-سىڭىل ئىدى. 25
ئىسرائىل بىلەن ئابشالوم گىلېئادنىڭ زېمىنىدا بارگاھ تىكتى. 26
داۋۇت ماھانائىمغا يېتىپ كەلگەندە، ئاممونىيلارنىڭ رابباھ شەھىرىدىن بولغان ناھاشنىڭ ئوغلى شوبى بىلەن لو-دىبارلىق ئاممىئەلنىڭ ئوغلى ماكىر ۋە روگېلىمدىن بولغان گىلېئادلىق بارزىللاي دېگەنلەر 27
يوتقان-كۆرپە، داس، قاچا-قۇچا، بۇغداي، ئارپا، ئۇن، قوماچ، پۇرچاق، قىزىل ماش، قۇرۇغان پۇرچاقلار، 28
ھەسەل، قايماق ۋە قويلارنى كەلتۈرۈپ، كالا سۈتىدە قىلىنغان قۇرۇت-ئىرىمچىك قاتارلىقلارنى داۋۇت بىلەن خەلققە يېيىش ئۈچۈن ئېلىپ كەلدى، چۈنكى ئۇلار: شۈبھىسىزكى، خەلق چۆلدە ھېرىپ-ئېچىپ، ئۇسساپ كەتكەندۇ، دەپ ئويلىغانىدى. 29

< سامۇئىل 2 17 >