< سامۇئىل 2 16 >

داۋۇت تاغنىڭ چوققىسىدىن ئەمدىلا ئۆتۈشىگە مەفىبوشەتنىڭ خىزمەتكارى زىبا ئىككى يۈز نان، بىر يۈز كىشمىش پوشكىلى، يۈز يازلىق مېۋە پوشكىلى ۋە بىر تۇلۇم شارابنى ئىككى ئېشەككە ئارتىپ ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتى. 1
डोंगरमाथ्याच्या थोडे पुढे गेल्यावर, मफीबोशेथाचा सेवक सीबा दावीदाला भेटला. सीबाजवळ खोगीर घातलेली दोन गाढवे होती दोनशे भाकरी, किसमिसाचे शंभर घड, अंजिरांच्या शंभर ढेपा आणि द्राक्षरसाचा बुधला एवढे सामान गाढवांवर लादलेले होते.
پادىشاھ زىباغا: بۇلارنى نېمە ئۈچۈن ئەكەلدىڭ؟ دېدى. زىبا: ئېشەكلەرنى پادىشاھنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مېنىشى ئۈچۈن، نانلار بىلەن يازلىق مىۋىلەرنى غۇلاملارنىڭ يېيىشى ئۈچۈن، شارابنى چۆلدە ھېرىپ كەتكەنلەرنىڭ ئىچىشى ئۈچۈن ئەكەلدىم ــ دېدى. 2
राजा दावीदाने “हे सर्व कशासाठी? म्हणून सीबाला विचारले सीबा म्हणाला,” “राजाच्या कुटुंबियांना बसण्यासाठी म्हणून ही गाढवे आहेत, भाकरी आणि फळे नोकरांना खाण्यासाठी आणि वाळवंटात चालून थकलेल्यांसाठी हा द्राक्षरस आहे.”
پادىشاھ: غوجاڭنىڭ ئوغلى نەدە؟ ــ دەپ سورىدى. زىبا پادىشاھقا جاۋاب بېرىپ: ئۇ يەنىلا يېرۇسالېمدا قالدى، چۈنكى ئۇ: بۈگۈن ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەر ئاتامنىڭ پادىشاھلىقىنى ماڭا ياندۇرۇپ بېرىدۇ، دەپ ئولتۇرىدۇ ــ دېدى. 3
राजाने त्यास मफिबोशेथाचा ठावठिकाणा विचारला सीबाने सांगितले, मफिबोशेथ यरूशलेमेमध्येच आहे. कारण आता माझ्या आजोबांचे राज्य मला इस्राएली परत देतील असे त्यास वाटते.
پادىشاھ زىباغا: مانا مەفىبوشەتنىڭ ھەممىسى ساڭا تەۋە بولسۇن، دېۋىدى، زىبا: مەن سىلىگە تەزىم قىلىمەن؛ سىلىنىڭ ئالدىلىرىدا ئىلتىپات تاپسام، ئى غوجام پادىشاھ، ــ دېدى. 4
तेव्हा राजा सीबाला म्हणाला ठीक आहे, जे जे मफीबोशेथच्या मालकीचे होते ते मी आता तुला देत आहे. सीबा म्हणाला, मी आपल्याला नमन करतो. मी तुम्हास आनंद देण्यास समर्थ होईन अशी मी आशा करतो.
داۋۇت پادىشاھ باھۇرىمغا كەلگەندە، مانا سائۇلنىڭ جەمەتىدىن بولغان، گېرانىڭ ئوغلى شىمەي ئىسىملىك بىر ئادەم شۇ يەردىن ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتى؛ ئۇ بۇ ياققا كەلگەچ كىمدۇ بىرىنى قارغاۋاتاتتى. 5
पुढे दावीद बहूरीमला आला. तेव्हा शौलाच्या घराण्यातील एकजण बाहेर आला. हा गेराचा मुलगा शिमी होता. तो दावीदाला शिव्याशाप देत चालला होता.
ئۇ داۋۇتنىڭ ئۆزىگە ۋە داۋۇت پادىشاھنىڭ بارلىق خىزمەتكارلىرىغا قاراپ تاشلارنى ئاتتى؛ ھەممە خەلق بىلەن بارلىق پالۋانلار پادىشاھنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ۋە سول تەرىپىدە تۇراتتى. 6
त्याने दावीदावर आणि त्याच्या सेवकांवर दगडफेक करायला सुरवात केली. पण इतर लोकांनी आणि सैनिकांनी चहूकडून दावीदाला वेढा घातला.
شىمەي قارغاپ: يوقال، يوقال، ھەي سەن قانخور، ئىپلاس! 7
शिमी दाविदला शाप देतच होता, चालता हो इथून, तू दुष्ट आहेस तू खूनी आहेस!
سەن سائۇلنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدۇڭ، لېكىن پەرۋەردىگار ئۇنىڭ جەمەتىنىڭ قېنىنى سېنىڭ بېشىڭغا قايتۇردى؛ ئەمدى پەرۋەردىگار پادىشاھلىقنى ئوغلۇڭ ئابشالومنىڭ قولىغا بەردى؛ مانا، ئۆزۈڭنىڭ رەزىللىكىڭ سېنىڭ ئۈستۈڭگە چۈشتى، چۈنكى سەن بىر قانخورسەن! ــ دېدى. 8
देव तुला शासन करीत आहे. कारण शौलाच्या घरातील लोकांस तू मारलेस. त्याचे राज्य बळकावलेस. पण ते राज्य परमेश्वराने तुझा मुलगा अबशालोम याच्या हवाली केले आहे. तुझे आता हाल होत आहेत कारण तू खुनी आहेस.
زەرۇئىيانىڭ ئوغلى ئابىشاي پادىشاھقا: نېمىشقا بۇ ئۆلۈك ئىت غوجام پادىشاھنى قارغىسۇن؟ ئۇ يەرگە بېرىپ ئۇنىڭ بېشىنى كەسكىلى ماڭا ئىجازەت بەرگەيسەن! ــ دېدى. 9
सरुवेचा मुलगा अबीशय राजाला म्हणाला, “या मरण पावलेल्या कुत्र्यासारख्या मनुष्याने तुम्हास शिव्याशाप द्यावेत म्हणजे काय? स्वामी, मला त्याचा शिरच्छेद करू द्या.
لېكىن پادىشاھ: ئى زەرۇئىيانىڭ ئوغۇللىرى، مېنىڭ بىلەن نېمە كارىڭلار؟ ئۇ قارغىسا قارغىسۇن! ئەگەر پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا، داۋۇتنى قارغىغىن، دەپ ئېيتقان بولسا، ئۇنداقتا كىم ئۇنىڭغا: نېمىشقا بۇنداق قىلىسەن؟ ــ دېيەلىسۇن؟ 10
१०पण राजा त्यास म्हणाला, सरुवेच्या पुत्रांनो मी काय करू? दाविदाला शिव्याशाप दे असे परमेश्वरानेच त्यास सांगितले असेल. मग त्यास असे कोण म्हणू शकेल की, तू राजाला का शाप देत आहेस?”
داۋۇت ئابىشايغا ۋە بارلىق خىزمەتكارلىرىغا: مانا ئۆز پۇشتۇمدىن بولغان ئوغلۇم مېنىڭ جېنىمنى ئىزدىگەن يەردە، بۇ بىنيامىن كىشى ئۇنىڭدىن ئارتۇقراق قىلمامدۇ؟ ئۇنى قارغىغىلى قويغىن، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا شۇنداق بۇيرۇپتۇ. 11
११अबीशयला आणि इतर सर्व सेवकांना राजा पुढे म्हणाला, माझा पोटचा मुलगा अबशालोमच माझ्या जिवावर उठला आहे, तर हा बन्यामिनी हे असे करत आहे तर त्यामध्ये नवल काय. त्यास हवे ते म्हणू द्या, कारण परमेश्वरानेच त्यास सांगितले असेल.
پەرۋەردىگار بەلكىم مېنىڭ دەردلىرىمنى نەزىرىگە ئېلىپ، بۇ ئادەمنىڭ بۈگۈن مېنى قارغىغانلىرىنىڭ ئورنىدا ماڭا ياخشىلىق ياندۇرار، دېدى. 12
१२माझ्याबाबतीत घडणारे हे अन्याय कदाचित् परमेश्वर पाहील, आणि शिमीच्या या शिव्याशापाच्या बदल्यात उद्या तो माझे भलेच करील.
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئۆز ئادەملىرى بىلەن يولدا مېڭىۋەردى. شىمەي بولسا داۋۇتنىڭ ئۇدۇلدىكى تاغ باغرىدا ماڭغاچ قارغايتتى ھەم تاش ئېتىپ توپا-چاڭ چاچاتتى. 13
१३दावीद आणि त्याच्या बरोबरचे लोक मग आपल्या वाटेने तसेच पुढे गेले. शिमी त्यांच्या मागोमाग जात राहिला. डोंगराच्या कडेने तो दुसऱ्या बाजूने जात होता. तो दाविदाबद्दल खूप वाईट गोष्टी बोलत होता. दावीदावर तो दगड आणि मातीही फेकत होता.
پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان خەلقنىڭ ھەممىسى ھېرىپ، مەنزىلگە بارغاندا ئۇ يەردە ئارام ئالدى. 14
१४राजा दावीद आणि बरोबरचे सर्व लोक यार्देन नदीजवळ आले. दमल्यामुळे ते तेथे विश्रांतीला थांबले. त्यांनी विसावा घेतला व ते ताजेतवाने झाले.
ئەمدى ئابشالوم بارلىق ئىسرائىللار بىلەن يېرۇسالېمغا كەلدى؛ ئاھىتوفەل ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى. 15
१५अबशालोम, अहिथोफेल आणि इस्राएलचे सर्व लोक यरूशलेम येथे आले.
داۋۇتنىڭ دوستى ئاركىلىق ھۇشاي ئابشالومنىڭ قېشىغا كەلگەندە، ئۇ ئابشالومغا: پادىشاھ ياشىسۇن! پادىشاھ ياشىسۇن! ــ دېدى. 16
१६दावीदाचा मित्र अर्की हूशय अबशालोमकडे आला आणि त्याने अबशालोमची स्तुती केली. तो म्हणाला, राजा चिरायु होवो, राजा चिरायु होवो.
ئابشالوم ھۇشايغا: بۇ سېنىڭ دوستۇڭغا كۆرسىتىدىغان ھىممىتىڭمۇ؟ نېمىشقا دوستۇڭ بىلەن بارمىدىڭ؟ ــ دېدى. 17
१७अबशालोम त्यास म्हणाला, हीच का तुझ्या मित्रावरील तुझी प्रीती? तू ही त्याच्याबरोबर यरूशलेम का सोडले नाहीस?
ھۇشاي ئابشالومغا: ياق، ئۇنداق ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگار ۋە بۇ خەلق ھەمدە ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى كىمنى تاللىسا، مەن ئۇنىڭغا تەۋە بولاي ۋە ئۇنىڭ يېنىدا تۇرىمەن. 18
१८हूशय अबशालोमाला म्हणाला, परमेश्वर ज्याची निवड करेल त्यास माझा पाठिंबा आहे. परमेश्वराने आणि इस्राएल लोकांनी आपली निवड केली आहे. म्हणून मी तुमच्या बाजूचा आहे.
شۇنىڭدىن باشقا كىمنىڭ خىزمىتىدە بولاي؟ ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ قېشىدا خىزمەت قىلمامدىم؟ سېنىڭ ئاتاڭنىڭ قېشىدا خىزمەت قىلغاندەك، ئەمدى سېنىڭ قېشىڭدا خىزمەت قىلاي، ــ دېدى. 19
१९पूर्वी मी तुमच्या वडीलांच्या सेवेत होतो, आता तशीच तुमची सेवा करणार.
ئاندىن ئابشالوم ئاھىتوفەلگە: مەسلىھەتلىشىپ يول كۆرسىتىڭلار؛ قانداق قىلساق بولار؟ ــ دېدى. 20
२०अबशालोमने अहिथोफेलला विचारले आम्ही काय करावे ते सांग.
ئاھىتوفەل ئابشالومغا: ئاتاڭنىڭ ئوردىسىغا قارىغىلى قويغان كېنىزەكلىرى بىلەن بىللە ياتقىن؛ شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىل سېنىڭ ئۆزۈڭنى ئاتاڭغا نەپرەتلىك قىلغانلىقىڭنى ئاڭلايدۇ؛ شۇنداق قىلىپ ساڭا ئەگەشكەنلەرنىڭ قوللىرى كۈچلەندۈرۈلىدۇ، دېدى. 21
२१अहिथोफेल त्यास म्हणाला, मंदीराची राखण करायला तुझ्या वडीलांनी त्यांच्या उपपत्नी येथेच ठेवल्या आहेत. त्यांच्याशी तू संबंध ठेव मग तुझ्या वडीलांना तुझा तिरस्कार वाटेल व ही गोष्ट सर्व इस्राएलांमध्ये पसरेल. त्यामुळे त्या सर्वांचा तुला पाठिंबा मिळेल.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئابشالوم ئۈچۈن ئوردىنىڭ ئۆگزىسىدە بىر چېدىر تىكتى؛ ئابشالوم ھەممە ئىسرائىلنىڭ كۆزلىرى ئالدىدا ئۆز ئاتىسىنىڭ كېنىزەكلىرى بىلەن بىللە بولدى. 22
२२मग सर्वांनी राजवाड्याच्या धाब्यावर अबशालोमसाठी राहुटी ठोकली. अबशालोमने आपल्या वडीलांच्या उपपत्नीशी लैंगिक सबंध ठेवले. ही गोष्ट सर्व इस्राएलांनी पाहिली.
ئۇ كۈنلەردە ئاھىتوفەلنىڭ بەرگەن مەسلىھەتى خۇددى كىشى خۇدادىن سوراپ ئېرىشكەن سۆز-كالامدەك ھېسابلىناتتى. ئۇنىڭ داۋۇتقا ۋە ئابشالومغا بەرگەن ھەممە مەسلىھەتىمۇ ھەم شۇنداق قارىلاتتى. 23
२३अहिथोफेलचा सल्ला दावीद आणि अबशालोम या दोघांनाही उपयोगी पडला. लोकांस त्याचे म्हणणे देवाच्या शब्दा इतके महत्वाचे वाटत.

< سامۇئىل 2 16 >