< سامۇئىل 2 14 >

ئەمدى زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئاب پادىشاھ قەلبىنىڭ ئابشالومغا تەلمۈرىۋاتقانلىقىنى بايقىدى. 1
شۇنىڭ ئۈچۈن يوئاب تەكوئاغا ئادەم ئەۋەتىپ ئۇ يەردىن دانىشمەن بىر خوتۇننى ئەكەلدۈرۈپ ئۇنىڭغا: سەندىن ئۆتۈنەي، ئۆزۈڭنى ماتەم تۇتقان كىشىدەك كۆرسىتىپ قارىلىق كىيىمى كىيىپ، ئۆزۈڭنى ئەتىرلىك ماي بىلەن ياغلىماي، بەلكى ئۆزۈڭنى ئۆلگۈچى ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىت ھازىدار بولغان ئايالدەك قىلىپ 2
[داۋۇت] پادىشاھنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېگىن، ــ دېدى. شۇنداق قىلىپ، يوئاب دېمەكچى بولغانلىرىنى ئۇ ئايالغا ئۆگەتتى. 3
شۇنىڭ بىلەن تەكوئالىق بۇ ئايال پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ، تەزىم قىلىپ، باش ئۇرۇپ: ئى پادىشاھىم، مېنى قۇتقۇزىۋالغايلا، ــ دېدى. 4
پادىشاھ ئۇنىڭدىن: نېمە دەردىڭ بار؟ دەپ سورىدى. ئۇ جاۋاپ بېرىپ: مەن دەرۋەقە بىر تۇل خوتۇنمەن! ئېرىم ئۆلۈپ كەتتى؛ 5
دېدەكلىرىنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىدى. ئىككىسى ئېتىزلىقتا ئۇرۇشۇپ قېلىپ، ئارىغا چۈشىدىغان ئادەم بولمىغاچقا، بىرى يەنە بىرىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويدى. 6
مانا، ھازىر پۈتۈن ئۆيدىكىلەر دېدەكلىرىگە قارشى قوپۇپ، ئىنىسىنى ئۆلتۈرگىنىنى بىزگە تۇتۇپ بەرگىن؛ ئىنىسىنىڭ جېنىنى ئېلىپ، قەتل قىلغىنى ئۈچۈن بىز جانغا جان ئالىمىز. شۇنىڭ بىلەنمۇ مىراس ئالغۇچىنى يوقىتىمىز، دەۋاتىدۇ. ئۇلار شۇنداق قىلىپ يالغۇز قالغان چوغۇمنى ئۆچۈرۈپ، ئېرىمگە نە نام نە يەر يۈزىدە ئەۋلادمۇ قالدۇرغىلى قويمايدۇ، ــ دېدى. 7
پادىشاھ ئايالغا: ئۆيۈڭگە بارغىن، مەن ئەھۋالغا قاراپ سەن توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقىرىمەن، ــ دېدى. 8
تەكوئالىق ئايال پادىشاھقا: ئى، غوجام پادىشاھ، بۇ ئىشتا گۇناھ بولسا، ھەممىسى مېنىڭ بىلەن ئاتامنىڭ جەمەتى ئۈستىدە بولسۇن، پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ تەختى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولسۇن، ــ دېدى. 9
پادىشاھ: بىرەر كىم ساڭا [بۇ توغرۇلۇق] گەپ قىلسا، ئۇنى مېنىڭ قېشىمغا ئېلىپ كەلگىن، ئۇ سېنى يەنە ئاۋارە قىلمايدىغان بولىدۇ، ــ دېدى. 10
ئايال جاۋاب بېرىپ: ئۇنداقتا پادىشاھ پەرۋەردىگار خۇدالىرىنى ياد قىلغايلا، قانغا قان ئىنتىقام ئالغۇچىلارنىڭ ئوغلۇمنى يوقاتماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ھالاك قىلىشىغا يول قويمىغايلا، ــ دېدى. پادىشاھ: پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سېنىڭ ئوغلۇڭنىڭ بىر تال چېچى يەرگە چۈشمەيدۇ، ــ دېدى. 11
لېكىن ئايال: دېدەكلىرى غوجام پادىشاھقا يەنە بىر سۆزنى دېگىلى قويغايلا، دېۋىدى، ئۇ: ئېيتقىن ــ دېدى. 12
ئايال يەنە مۇنداق دېدى: ئەمدى سىلى نېمىشقا خۇدانىڭ خەلقىگە شۇنىڭغا ئوخشاش زىيانلىق بىر ئىشنى نىيەت قىلدىلا؟ پادىشاھ شۇ گېپى بىلەن ئۆزىنى گۇناھكار قىلىپ بېكىتىۋاتىدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆزى پالىغان كىشىنى قايتۇرۇپ ئەكەلمىدى. 13
دەرۋەقە ھەممىمىز چوقۇم ئۆلۈپ، يەرگە تۆكۈلگەن، قايتىدىن يىغىۋالغىلى بولمايدىغان سۇدەك بولىمىز. لېكىن خۇدا ئادەمنىڭ جېنىنى ئېلىشقا ئەمەس، بەلكى ئۆز پالانغىنىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ ئەكىلىشكە ئىلاج قىلىدۇ. 14
ئەمەلىيەتتە، مېنىڭ غوجام پادىشاھقا شۇ ئىش توغرىسىدىن سۆز قىلغىلى كېلىشىمنىڭ سەۋەبى، خەلق مېنى قورقاتتى. لېكىن دېدەكلىرى: بۇ گەپنى پادىشاھقا ئېيتاي! پادىشاھ بەلكىم ئۆز چۆرىسىنىڭ ئىلتىماسىنى بەجا كەلتۈرەر، دېگەن ئويدا بولدى. 15
چۈنكى پادىشاھ ئاڭلىشى مۇمكىن، چۆرىسىنى ھەم ئوغلۇمنى خۇدانىڭ مىراسىدىن تەڭ يوقاتماقچى بولغان كىشىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ قالار. 16
شۇڭا دېدەكلىرى، غوجام پادىشاھنىڭ سۆزى ماڭا ئاراملىق بېرەر، دەپ ئويلىدىم. چۈنكى غوجام پادىشاھ خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسىدەك ياخشى-ياماننى پەرق ئەتكۈچىدۇر. پەرۋەردىگار خۇدالىرى سىلى بىلەن بىللە بولغاي! 17
پادىشاھ ئايالغا جاۋاب بېرىپ: سەندىن ئۆتۈنىمەنكى، مەن سەندىن سورىماقچى بولغان ئىشنى مەندىن يوشۇرمىغايسەن، دېدى. ئايال: غوجام پادىشاھ سۆز قىلسىلا، دېدى. 18
پادىشاھ: بۇ گەپلىرىڭنىڭ ھەممىسى يوئابنىڭ كۆرسەتمىسىمۇ، قانداق؟ ــ دېدى. ئايال جاۋاب بېرىپ: ئى، غوجام پادىشاھ، سىلىنىڭ جانلىرى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، غوجام پادىشاھ ئېيتقانلىرى ئوڭغىمۇ، سولغىمۇ قايمايدىغان ھەقىقەتتۇر. دەرۋەقە سىلىنىڭ قۇللىرى يوئاب ماڭا شۇنى تاپىلاپ، بۇ سۆزلەرنى دېدەكلىرىنىڭ ئاغزىغا سالدى. 19
يوئابنىڭ بۇنداق قىلىشى بۇ ئىشنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىدى. غوجامنىڭ دانالىقى خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسىنىڭكىدەك ئىكەن، زېمىندا يۈز بېرىۋاتقان ھەممە ئىشلارنى بىلىدىكەن، ــ دېدى. 20
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ يوئابقا: ماقۇل! مانا، بۇ ئىشقا ئىجازەت بەردىم. بېرىپ ئۇ يىگىت ئابشالومنى ئېلىپ كەلگىن، دېدى. 21
يوئاب يەرگە يىقىلىپ باش ئۇرۇپ، پادىشاھقا بەخت-بەرىكەت تىلىدى. ئاندىن يوئاب: ئى غوجام پادىشاھ، ئۆز قۇلۇڭنىڭ تەلىپىگە ئىجازەت بەرگىنىڭدىن، ئۆز قۇلۇڭنىڭ سېنىڭ ئالدىڭدا ئىلتىپات تاپقىنىنى بۈگۈن بىلدىم، ــ دېدى. 22
ئاندىن يوئاب قوزغىلىپ، گەشۇرغا بېرىپ ئابشالومنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ كەلدى. 23
ئەمما پادىشاھ: ــ ئۇ مېنىڭ يۈزۈمنى كۆرمەي، ئۆز ئۆيىگە بارسۇن، دېگەنىدى. شۇڭا ئابشالوم پادىشاھنىڭ يۈزىنى كۆرمەي، ئۆز ئۆيىگە كەتتى. 24
ئەمدى پۈتكۈل ئىسرائىل تەۋەسىدە ئابشالومدەك چىرايلىق دەپ ماختالغان ئادەم يوق ئىدى. تاپىنىدىن تارتىپ چوققۇسىغىچە ئۇنىڭدا ھېچ ئەيىب يوق ئىدى. 25
ئۇنىڭ چېچىنى چۈشۈرگەندە (ئۇ ھەر يىلنىڭ ئاخىرىدا چېچىنى چۈشۈرەتتى؛ چېچى ئېغىرلىشىپ كەتكەچكە، شۇڭا ئۇنى چۈشۈرەتتى)، چېچىنى پادىشاھنىڭ «ئۆلچەم تارازا»سى بىلەن تارتسا ئىككى يۈز شەكەل چىقاتتى. 26
ئابشالومدىن ئۈچ ئوغۇل ۋە تامار ئىسىملىك بىر قىز تۇغۇلدى. قىزى تولىمۇ چىرايلىق ئىدى. 27
ئابشالوم پادىشاھنىڭ يۈزىنى كۆرمەي، يېرۇسالېمدا توپتوغرا ئىككى يىل توشقۇچە تۇردى؛ 28
ئابشالۇم يوئابقا ئادەم ماڭدۇرۇپ، ئۆزىنى پادىشاھنىڭ قېشىغا ئەۋەتىشىنى ئۆتۈندى، ئەمما ئۇ كەلگىلى ئۇنىمىدى. ئابشالوم ئىككىنچى قېتىم ئۇنىڭ يېنىغا ئادەم ئەۋەتتى، لېكىن يوئاب كېلىشنى خالىمىدى. 29
شۇنىڭ بىلەن ئابشالوم ئۆز خىزمەتكارلىرىغا: ــ يوئابنىڭ مېنىڭكىگە يانداش ئارپا تېرىقلىق بىر پارچە ئېتىزلىقى بار. بېرىپ ئۇنىڭغا ئوت قويۇڭلار، دەپ بۇيرۇدى. شۇنداق قىلىپ، ئابشالومنىڭ خىزمەتكارلىرى يوئابنىڭ بۇ بىر پارچە ئېتىزلىقىغا ئوت قويدى. 30
ئاندىن يوئاب قوزغىلىپ ئابشالومنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئۇنىڭدىن: نېمىشقا خىزمەتكارلىرىڭ ئېتىزلىقىمغا ئوت قويدى! ــ دەپ سورىدى. 31
ئابشالوم يوئابقا جاۋاب بېرىپ: مانا، مەن ساڭا ئادەم ئەۋەتىپ: قېشىمغا كەلسۇن، ئاندىن پادىشاھنىڭ قېشىغا ماڭا ۋاكالىتەن بارغۇزۇپ ئۇنىڭغا: مەن نېمىشقا گەشۇردىن يېنىپ كەلگەندىمەن؟ ئۇ يەردە قالسام، ياخشى بولاتتىكەن، دەپ ئېيتقۇزماقچى ئىدىم. ئەمدى پادىشاھ بىلەن دىدارلاشسام دەيمەن؛ مەندە قەبىھلىك بولسا، ئۇ مېنى ئۆلتۈرسۇن، ــ دېدى. 32
شۇنىڭ بىلەن يوئاب پادىشاھنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا بۇ خەۋەرنى يەتكۈزدى. پادىشاھ ئابشالومنى چاقىردى؛ ئۇ پادىشاھنىڭ قېشىغا كېلىپ، پادىشاھنىڭ ئالدىدا تەزىم قىلىپ باش ئۇردى؛ پادىشاھ ئابشالومنى سۆيدى. 33

< سامۇئىل 2 14 >