< سامۇئىل 2 13 >

داۋۇتنىڭ ئوغلى ئابشالومنىڭ تامار دېگەن چىرايلىق بىر سىڭلىسى بار ئىدى. بۇ ئىشلاردىن كېيىن، داۋۇتنىڭ ئوغلى ئامنون ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ قالدى. 1
Hernach geschah folgendes: Absalom, Davids Sohn, hatte eine schöne Schwester namens Tamar. In sie verliebte sich der Davidssohn Amnon.
ئامنون سىڭلىسى تامارنىڭ ئىشقىدا شۇنچە دەرد تارتتىكى، ئۇ كېسەل بولۇپ قالدى. ئەمما تامار تېخى قىز ئىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئامنونغا ئۇنى بىر ئىش قىلىش مۇمكىن بولمايدىغاندەك كۆرۈندى. 2
Und Amnon quälte sich ganz krank wegen seiner Schwester Tamar. Denn sie war eine züchtige Jungfrau. Und so erschien es dem Amnon unmöglich, mit ihr etwas zu tun.
لېكىن ئامنوننىڭ يوناداب ئىسىملىك بىر دوستى بار ئىدى. ئۇ داۋۇتنىڭ ئاكىسى شىمېئاھنىڭ ئوغلى ئىدى. بۇ يوناداب تولىمۇ ھىيلىگەر بىر كىشى ئىدى. 3
Nun hatte Amnon einen Freund namens Jonadab, Sohn des Sima, eines Bruders Davids, Jonadab aber war ein sehr kluger Mann.
ئۇ ئامنونغا: سەن پادىشاھنىڭ ئوغلى تۇرۇپ، نېمىشقا كۈندىن كۈنگە بۇنداق جۈدەپ كېتىسەن؟ قېنى، ماڭا ئېيتىپ بەر، دېدى. ئامنون ئۇنىڭغا: مەن ئىنىم ئابشالومنىڭ سىڭلىسى تامارغا ئاشىق بولدۇم، دېدى. 4
Er sprach zu ihm: "Warum bist du, Königssohn, Morgen für Morgen so elend? Willst du es mir nicht sagen?" Da sprach Amnon zu ihm: "Ich liebe Tamar, meines Bruders Absalom Schwester."
يوناداب ئۇنىڭغا: سەن ئاغرىپ ئورۇن تۇتۇپ، يېتىپ قالغان بولۇۋال؛ ئاتاڭ سېنى كۆرگىلى كەلگەندە ئۇنىڭغا: سىڭلىم تامار كېلىپ ماڭا تاماق بەرسۇن؛ ئۇنىڭ تاماق ئەتكىنىنى كۆرۈشۈم ئۈچۈن، ئالدىمدا تاماق ئېتىپ بەرسۇن، مەن ئۇنىڭ قولىدىن تاماق يەي، دەپ ئېيتقىن، دېدى. 5
Da sprach Jonadab zu ihm: "Lege dich zu Bett und stell dich krank! Und kommt dein Vater, dich zu besuchen, dann sage ihm: 'Käme doch meine Schwester Tamar und brächte mir etwas zu essen! Wenn sie vor meinen Augen das Essen bereitete, daß ich es sehe, dann wollte ich gerne von ihrer Hand essen.'"
شۇنىڭ بىلەن ئامنون يېتىۋېلىپ ئۆزىنى كېسەل كۆرسەتتى. پادىشاھ ئۇنى كۆرگىلى كەلگەندە، ئامنون پادىشاھقا: ئۆتۈنىمەن، سىڭلىم تامار بۇ يەرگە كېلىپ، ماڭا ئىككى قوتۇرماچ تەييار قىلىپ بەرسۇن، ئاندىن مەن ئۇنىڭ قولىدىن ئېلىپ يەي، دېدى. 6
So legte sich Amnon nieder und stellte sich krank. Und der König kam, ihn zu besuchen. Da sprach Amnon zum König: "Käme doch meine Schwester Tamar und machte vor meinen Augen ein paar Kuchen, daß ich von ihrer Hand essen könnte!"
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئوردىسىغا ئادەم ئەۋەتىپ تامارغا: سەندىن ئۆتۈنىمەنكى، ئاكاڭ ئامنوننىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭغا يېگۈدەك بىر نېمە تەييارلاپ بەرگىن، دەپ ئېيتتى. 7
Da sandte David nach Haus zu Tamar und ließ sagen: "Geh doch in deines Bruders Amnon Haus und bereite ihm das Essen."
تامار ئامنوننىڭ ئۆيىگە باردى؛ ئۇ ياتقانىدى. ئۇ ئۇن ئېلىپ يۇغۇرۇپ، قوتۇرماچلارنى كۆز ئالدىدا ئەتتى. 8
Da ging Tamar in ihres Bruders Amnon Haus. Er aber lag zu Bette. Sie nahm den Teig, knetete ihn und bereitete vor seinen Augen die Kuchen und buk sie.
ئاندىن ئۇ قوتۇرماچنى قازاندىن ئېلىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا قويدى. لېكىن ئۇ يىگىلى ئۇنىمىدى؛ ئۇ: ــ ھەممە ئادەم مېنىڭ قېشىمدىن چىقىپ كەتسۇن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ھەممە كىشىلەر ئۇنىڭ قېشىدىن چىقىپ كەتتى. 9
Dann nahm sie die Pfanne und stürzte sie vor ihn. Er aber weigerte sich zu essen. Dann sprach Amnon: "Entfernt alle von hier!" Da ging alles von ihm hinaus.
ئاندىن ئامنون تامارغا: تائامنى ئىچكىرىكى ھۇجرىغا ئېلىپ كىرگىن، ئاندىن قولۇڭدىن ئېلىپ يەيمەن، ــ دېدى. تامار ئۆزى ئەتكەن قوتۇرماچنى ئىچكىرىكى ھۇجرىغا، ئاكىسى ئامنوننىڭ قېشىغا ئېلىپ كىردى. 10
Dann sprach Amnon zu Tamar: "Bring das Essen in das innere Gemach! Dann will ich von deiner Hand essen." Da nahm Tamar die Kuchen, die sie gemacht hatte, und brachte sie ihrem Bruder Amnon ins innere Gemach.
تامار ئۇلارنى ئۇنىڭغا يېگۈزۈپ قويماقچى بولۇۋىدى، ئۇ ئۇنى تۇتۇۋېلىپ: ئى سىڭلىم، كەل! مەن بىلەن ياتقىن! دېدى. 11
Sie bot ihm zu essen. Da faßte er sie und sprach zu ihr: "Komm, leg dich zu mir, meine Schwester!"
لېكىن ئۇ ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ياق، ئى ئاكا، مېنى نومۇسقا قويمىغىن! ئىسرائىلدا بۇنداق ئىش يوق! سەن بۇنداق پەسكەشلىك قىلمىغىن! 12
Da sprach sie zu ihm: "Nicht doch, mein Bruder, entehre mich nicht! Denn so etwas tut man nicht in Israel. Tu nicht solche Freveltat!
مەن بۇ شەرمەندىچىلىكنى قانداقمۇ كۆتۈرۈپ يۈرەلەيمەن؟! سەن بولساڭ ئىسرائىلنىڭ ئارىسىدىكى ئەخمەقلەردىن بولۇپ قالىسەن. ئۆتۈنۈپ قالاي، پەقەت پادىشاھقا دېسەڭلا، ئۇ مېنى ساڭا تەۋە بولۇشتىن توسىمايدۇ، ــ دېدى. 13
Wohin sollte ich meine Schande tragen? Du selbst gältest in Israel als einer der größten Missetäter. Sprich doch lieber mit dem König! Er versagt mich dir nicht."
لېكىن ئۇ ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى. ئۇ ئۇنىڭدىن كۈچلۈك كېلىپ، ئۇنى زورلاپ ئاياغ ئاستى قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن ياتتى. 14
Er aber wollte ihr kein Gehör schenken, sondern überwältigte und vergewaltigte sie. Und so wohnte er ihr bei.
ئاندىن ئامنون ئۇنىڭغا ئىنتايىن قاتتىق نەپرەتلەندى؛ ئۇنىڭ ئۇنىڭغا بولغان نەپرىتى ئۇنىڭغا بولغان ئەسلىدىكى مۇھەببىتىدىن زىيادە بولدى. ئامنون ئۇنىڭغا: قوپۇپ، يوقال! ــ دېدى. 15
Dann aber faßte Amnon eine überaus tiefe Abneigung gegen sie. Ja, die Abneigung, die er gegen sie faßte, war größer als die Liebe, die er zu ihr gehabt hatte. Und so sprach Amnon zu ihr: "Auf! Fort!"
تامار ئۇنىڭغا: ياق! مېنى ھەيدىگەن گۇناھىڭ سەن ھېلى ماڭا قىلغان شۇ ئىشتىن بەتتەردۇر، دېدى. لېكىن ئامنون ئۇنىڭغا قۇلاق سالمىدى، 16
Sie sprach zu ihm: "Nein! Dieses große Unrecht, wenn du mich fortjagtest, wäre noch größer als das andere, das du mir angetan!" Er aber wollte nicht auf sie hören.
بەلكى خىزمىتىدىكى ياش يىگىتنى چاقىرىپ: بۇ [خوتۇننى] ماڭا چاپلاشتۇرماي، سىرتقا چىقىرىۋەت، ئاندىن ئىشىكنى تاقاپ قوي، دېدى. 17
Er rief seinen Burschen und Diener und sprach: "Schaff mir die da fort auf die Straße. Verriegle die Tür hinter ihr!"
تامار تولىمۇ رەڭدار بىر كۆڭلەك كىيگەنىدى؛ چۈنكى پادىشاھنىڭ تېخى ياتلىق بولمىغان قىزلىرى شۇنداق كىيىم كىيەتتى. ئامنوننىڭ خىزمەتكارى ئۇنى قوغلاپ چىقىرىپ، ئىشىكنى تاقىۋالدى. 18
Sie aber trug einen buntgewirkten Leibrock. Denn solche Obergewänder hatten von alters her die Königstöchter, solange sie Jungfrauen waren. Sein Diener führte sie nun auf die Straße und verriegelte hinter ihr die Tür.
تامار بېشىغا كۈل چېچىپ، كىيگەن رەڭدار كۆڭلىكىنى يىرتىپ، قولىنى بېشىغا قويۇپ يىغلىغان پېتى كېتىۋاتاتتى. 19
Da streute sich Tamar Asche auf das Haupt, zerriß den buntgewirkten Leibrock, den sie trug, schlug die Hände über dem Kopf zusammen und ging unter beständigem Wehgeschrei davon.
ئاكىسى ئابشالوم ئۇنىڭغا: ئاكاڭ ئامنون سەن بىلەن ياتتىمۇ؟ ھازىرچە جىم تۇرغىن، سىڭلىم. ئۇ سېنىڭ ئاكاڭ ئەمەسمۇ؟ بۇ ئىشنى كۆڭلۈگگە ئالمىغىن، ــ دېدى. تامار ئاكىسى ئابشالومنىڭ ئۆيىدە كۆڭلى سۇنۇق ھالدا تۇرۇپ قالدى. 20
Da sprach ihr Bruder Absalom zu ihr: "War dein Bruder Amnon bei dir? Nun, meine Schwester, schweig still! Dein Bruder ist es. Nimm dir diese Sache nicht zu Herzen!" So blieb Tamar, und zwar unvermählt, im Hause ihres Bruders Absalom.
داۋۇت پادىشاھمۇ بولغان بارلىق ئىشلارنى ئاڭلاپ ئىنتايىن ئاچچىقلاندى. 21
Der König aber erfuhr den ganzen Vorgang. Da ward er sehr zornig.
ئابشالوم بولسا ئامنونغا يا ياخشى، يا يامان ھېچ گەپ قىلمىدى. چۈنكى ئابشالوم سىڭلىسى تامارنى ئامنوننىڭ خورلىغانلىقىدىن ئۇنى ئۆچ كۆرەتتى. 22
Absalom aber redete kein Wort mit Amnon, weder im Bösen noch im Guten. Aber Absalom haßte den Amnon, weil er seine Schwester Tamar entehrt hatte.
تولۇق ئىككى يىل ئۆتۈپ، ئەفرائىمغا يېقىن بائال-ھازوردا ئابشالومنىڭ قىرقىغۇچىلىرى قويلىرىنى قىرقىۋاتاتتى؛ ئۇ پادىشاھنىڭ ھەممە ئوغۇللىرىنى تەكلىپ قىلدى. 23
Nach zwei Jahren hielt Absalom Schafschur in Baal Chasor bei Ephraim. Dazu lud Absalom alle Königssöhne ein.
ئابشالوم پادىشاھنىڭ قېشىغا كېلىپ: مانا قۇللىرى قويلىرىنى قىرقىتىۋاتىدۇ، پادىشاھ ۋە خىزمەتكارلىرىنىڭ سىلىنىڭ قۇللىرى بىلەن بىللە بېرىشىنى ئۆتۈنىمەن، ــ دېدى. 24
Absalom kam nämlich zum König und sprach: "Dein Sklave hält heute Schafschur. Möchten doch der König und seine Diener mit deinem Sklaven gehen!"
پادىشاھ ئابشالومغا: ياق، ئوغلۇم، بىز ھەممىمىز بارمايلى، ساڭا ئېغىرچىلىق چۈشۈپ قالمىسۇن، ــ دېدى. ئابشالوم شۇنچە دېسىمۇ، ئۇ بارغىلى ئۇنىمىدى، بەلكى ئۇنىڭغا ئامەت تىلىدى. 25
Da sprach der König zu Absalom: "Nicht doch, mein Sohn! Wir wollen nicht alle hingehen, daß wir dir nicht beschwerlich fallen." Da drängte er ihn. Er aber wollte nicht gehen, sondern segnete ihn.
لېكىن ئابشالوم: ئەگەر بېرىشقا ئۇنىمىسىلا، ئاكام ئامنوننى بىز بىلەن بارغىلى قويسىلا، ــ دېدى. پادىشاھ ئۇنىڭدىن: نېمىشقا ئۇ سېنىڭ بىلەن بارىدۇ؟» ــ دەپ سورىدى. 26
Da sprach Absalom: "Wenn nicht, dann gehe wenigstens mein Bruder Amnon mit uns!" Da fragte ihn der König: "Wozu soll er mit dir gehen?"
ئەمما ئابشالوم ئۇنى كۆپ زورلىغىنى ئۈچۈن ئۇ ئامنوننىڭ، شۇنداقلا پادىشاھنىڭ ھەممە ئوغۇللىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بېرىشىغا قوشۇلدى. 27
Absalom aber drang in ihn. Und so sandte er Amnon und alle anderen Königssöhne mit ihm.
ئابشالوم ئۆز غۇلاملىرىغا بۇيرۇپ: سەگەك تۇرۇڭلار، ئامنون شاراب ئىچىپ خۇش كەيپ بولغاندا، مەن سىلەرگە ئامنوننى ئۇرۇڭلار دېسەم، ئۇنى دەرھال ئۆلتۈرۈڭلار. قورقماڭلار! بۇلارنى سىلەرگە بۇيرۇغۇچى مەن ئەمەسمۇ؟ جۈرئەتلىك بولۇپ باتۇرلۇق كۆرسىتىڭلار ــ دېدى. 28
Absalom aber befahl seinen Dienern: "Wenn Amnon vom Wein guter Laune sein wird, und ich spreche zu euch: 'Haut Amnon nieder!' Dann tötet ihn! Fürchtet nichts! Gebe nicht ich euch den Befehl? Seid also mutig und zeigt euch als wackere Mannen!"
شۇنىڭ بىلەن ئابشالومنىڭ غۇلاملىرى ئامنونغا ئابشالوم ئۆزى بۇيرۇغاندەك قىلدى. شۇئان پادىشاھنىڭ ھەممە ئوغۇللىرى قوپۇپ، ھەر بىرى ئۆز قېچىرىغا مىنىپ قاچتى. 29
Absaloms Diener taten an Amnon, wie Absalom geboten hatte. Da sprangen alle anderen Königssöhne auf, jeder schwang sich auf sein Maultier und floh.
شۇنداق بولدىكى، ئۇلار تېخى يولدا قېچىپ كېتىۋاتقاندا، «ئابشالوم پادىشاھنىڭ ھەممە ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈردى. ئۇلارنىڭ ھېچ بىرى قالمىدى» دېگەن خەۋەر داۋۇتقا يەتكۈزۈلدى. 30
Noch waren sie unterwegs. Da war schon das Gerücht zu David gedrungen, Absalom habe alle Königssöhne erschlagen; nicht einer von ihnen sei mehr übrig.
پادىشاھ قوپۇپ كىيىملىرىنى يىرتىپ يەردە دۈم ياتتى؛ ئۇنىڭ ھەممە قۇل-خىزمەتكارلىرى بولسا كىيىملىرى يىرتىق ھالدا يېنىدا تۇراتتى. 31
Da stand der König auf, zerriß seine Gewänder und warf sich zur Erde, und alle seine Diener standen mit zerrissenen Kleidern da.
ئەمما داۋۇتنىڭ ئاكىسى شىمېئاھنىڭ ئوغلى يوناداب ئۇنىڭغا: ــ غوجام، ئۇلار پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرى بولغان ھەممە يىگىتلەرنى ئۆلتۈردى، دەپ خىيال قىلمىسىلا. چۈنكى پەقەت ئامنون ئۆلدى؛ ئۇ ئىش ئامنوننىڭ ئابشالومنىڭ سىڭلىسى تامارنى خار قىلغان كۈندىن باشلاپ ئابشالومنىڭ ئاغزىدىن چىقارمىغان نىيىتى ئىدى. 32
Da hob Jonadab an, der Sohn des Davidsbruders Sima, und sprach: "Mein Herr sage nicht, man habe all die jungen Königssöhne umgebracht! Amnon allein ist tot. Denn so wie Absalom ist, war es geplant seit dem Tage, da jener seine Schwester Tamar entehrt hatte.
ئەمدى غوجام پادىشاھ «پادىشاھنىڭ ھەممە ئوغۇللىرى ئۆلدى» دېگەن ئويدا بولۇپ كۆڭۈللىرىنى بىئارام قىلمىسىلا. چۈنكى پەقەت ئامنونلا ئۆلدى ــ دېدى. 33
So setze sich mein Herr und König nicht den Gedanken in den Kopf, alle Königskinder seien tot! Amnon allein ist tot.
ئابشالوم بولسا قېچىپ كەتكەنىدى. [يېرۇسالېمدىكى] كۆزەتچى غۇلام قارىۋىدى، مانا، غەرب تەرىپىدىن تاغنىڭ يېنىدىكى يول بىلەن نۇرغۇن ئادەملەر كېلىۋاتاتتى. 34
Absalom aber floh." Der wachhabende Diener hielt eben Ausschau. Da sah er eine Menge Leute auf der Straße hinter ihm von der Bergseite kommen.
يوناداب پادىشاھقا: مانا، پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرى كەلدى. دەل قۇللىرى دېگەندەك بولدى ــ دېدى. 35
Da sprach Jonadab zum König: "Die Königssöhne kommen. Wie dein Sklave sagte, so war es."
سۆزىنى تۈگىتىپ تۇرىۋىدى، پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرى كېلىپ قاتتىق يىغا-زار قىلدى. پادىشاھ بىلەن خىزمەتكارلىرىمۇ قاتتىق يىغلاشتى. 36
Er hatte eben ausgeredet. Da waren die Königssöhne angekommen; sie erhoben ihre Stimme und weinten. Auch der König und all seine Diener hatten überlaut geweint.
لېكىن ئابشالوم بولسا گەشۇرنىڭ پادىشاھى، ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى تالماينىڭ قېشىغا باردى. داۋۇت ئوغلى ئۈچۈن ھەر كۈنى ھازا تۇتۇپ قايغۇردى. 37
Absalom aber war geflohen; er ging zu Talmai, dem König von Gesur und Ammichuds Sohn. Jener aber trauerte um seinen Sohn die ganze Zeit.
ئابشالوم قېچىپ، گەشۇرغا بېرىپ ئۇ يەردە ئۈچ يىل تۇردى. 38
Absalom aber war entflohen; er ging nach Gesur. Dort blieb er drei Jahre.
داۋۇت پادىشاھنىڭ قەلبى ئابشالومنىڭ يېنىغا بېرىشقا ئىنتىزار بولدى؛ چۈنكى ئۇ ئامنونغا نىسبەتەن تەسەللى تاپقانىدى، چۈنكى ئۇ ئۆلگەنىدى. 39
David aber dachte schon daran, Absalom entgegenzukommen. Denn er hatte sich darüber getröstet, daß Amnon tot war.

< سامۇئىل 2 13 >