< سامۇئىل 2 11 >

شۇنداق بولدىكى، يېڭى يىلنىڭ بېشىدا، پادىشاھلار جەڭگە ئاتلانغان ۋاقىتتا داۋۇت يوئابنى ئادەملىرى بىلەن ھەمدە ھەممە ئىسرائىلنى جەڭگە ماڭدۇردى؛ ئۇلار ئاممونىيلارنىڭ زېمىنىنى ۋەيران قىلىپ، رابباھ شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئالدى. لېكىن داۋۇت يېرۇسالېمدا قالدى. 1
بىر كۈنى كەچتە داۋۇت كارىۋاتتىن قوپۇپ، پادىشاھ ئوردىسىنىڭ ئۆگىزىسىدە ئايلىنىپ يۈرەتتى؛ ئۆگزىدىن ئۇ مۇنچىدا يۇيۇنىۋاتقان بىر ئايالنى كۆردى. بۇ ئايال بەك چىرايلىق ئىدى. 2
داۋۇت ئادەم ئەۋەتىپ، ئايالنىڭ خەۋىرىنى سورىدى؛ بىرسى ئۇنىڭغا: ــ بۇ ئېلىئامنىڭ قىزى، ھىتتىي ئۇرىيانىڭ ئايالى بات-شېبا ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى. 3
داۋۇت كىشى ئەۋەتىپ، ئۇنى قېشىغا ئەكەلتۈردى (ئۇ ۋاقىتتا ئۇ ئادەتتىن پاكلىنىۋاتقانىدى). ئۇ ئۇنىڭ قېشىغا كەلگەندە، داۋۇت ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولدى؛ ئاندىن ئۇ ئۆز ئۆيىگە يېنىپ كەتتى. 4
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال ھامىلىدار بولدى، ھەم داۋۇتقا: مېنىڭ بويۇمدا قاپتۇ، دەپ خەۋەر ئەۋەتتى. 5
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت يوئابقا خەۋەر يەتكۈزۈپ: ھىتتىي ئۇرىيانى مېنىڭ قېشىمغا ئەۋەتىڭلار، دېدى. يوئاب ئۇرىيانى داۋۇتنىڭ قېشىغا ماڭدۇردى. 6
ئۇرىيا داۋۇتنىڭ قېشىغا كەلگەندە، ئۇ يوئابنىڭ ھالىنى، خەلقنىڭ ھالىنى ۋە جەڭ ئەھۋالىنى سورىدى. 7
ئاندىن داۋۇت ئۇرىياغا: ئۆز ئۆيۈڭگە بېرىپ پۇتلىرىڭنى يۇغىن، دېدى. ئۇرىيا پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىن چىققاندا، پادىشاھ كەينىدىن ئۇنىڭغا بىر سوۋغا ئەۋەتتى. 8
لېكىن ئۇرىيا ئۆز ئۆيىگە بارماي، پادىشاھنىڭ ئوردىسىنىڭ دەرۋازىسىدا، غوجىسىنىڭ باشقا قۇل-خىزمەتكارلىرىنىڭ ئارىسىدا ياتتى. 9
ئۇلار داۋۇتقا: ئۇرىيا ئۆز ئۆيىگە بارمىدى، دەپ خەۋەر بەردى. داۋۇت ئۇرىيادىن: سەن يىراق سەپەردىن كەلدىڭ ئەمەسمۇ؟ نېمىشقا ئۆز ئۆيۈڭگە كەتمىدىڭ؟ ــ دەپ سورىدى. 10
ئۇرىيا داۋۇتقا: مانا، ئەھدە ساندۇقى، ئىسرائىللار ۋە يەھۇدالار بولسا كەپىلەردە تۇرۇپ، غوجام يوئاب بىلەن غوجامنىڭ خىزمەتكارلىرى ئوچۇق دالادا چېدىر تىكىپ يېتىۋاتسا، مەن يەپ-ئىچىپ، ئايالىم بىلەن يېتىشقا ئۆيۈمگە بارايمۇ؟ سېنىڭ جېنىڭ بىلەن ۋە ھاياتىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن ئۇنداق ئىشنى قىلمايمەن ــ دېدى. 11
داۋۇت ئۇرىياغا: بۈگۈن بۇ يەردە قالغىن، ئەتە سېنى كەتكۈزۋېتىمەن، ــ دېدى. ئۇرىيا ئۇ كۈنى ۋە ئەتىسى يېرۇسالېمدا قالدى. 12
داۋۇت ئۇنى چاقىرىپ ھەمداستىخان قىلىپ، يەپ-ئىچكۈزۈپ مەست قىلدى. لېكىن شۇ كېچىسى ئۇرىيا ئۆز ئۆيىگە بارماي، چىقىپ غوجىسىنىڭ قۇل-خىزمەتكارلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۆز كارىۋىتىدا ئۇخلىدى. 13
ئەتىسى داۋۇت يوئابقا خەت يېزىپ، ئۇرىيانىڭ ئالغاچ كېتىشىگە بەردى. 14
خەتتە ئۇ: ئۇرىيانى سوقۇش ئەڭ كەسكىن بولىدىغان ئالدىنقى سەپتە تۇرغۇزغىن، ئاندىن ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن چېكىنىپ تۇرۇڭلار، دەپ يازغانىدى. 15
شۇنىڭ بىلەن يوئاب شەھەرنى كۆزىتىپ، ئۇرىيانى پالۋانلار [كەسكىن سوقۇشقان] يەرگە ماڭدۇردى. 16
شەھەردىكى ئادەملەر چىقىپ، يوئاب بىلەن سوقۇشقاندا خەلقتىن، يەنى داۋۇتنىڭ ئادەملىرىدىن بىرنەچچىسى يىقىلدى؛ ئۇرىيامۇ ئۆلدى. 17
يوئاب ئادەم ئەۋەتىپ جەڭنىڭ ھەممە ۋەقەلىرىدىن داۋۇتقا خەۋەر بەردى. 18
ئۇ خەۋەرچىگە مۇنداق تاپىلىدى: پادىشاھقا جەڭنىڭ ھەممە ۋەقەلىرىنى دەپ بولغىنىڭدا، 19
ئەگەر پادىشاھ غەزەپلىنىپ سېنىڭدىن: سوقۇشقاندا نېمىشقا شەھەر سېپىلىغا شۇنداق يېقىن باردىڭلار؟ ئۇلارنىڭ سېپىلىدىن يا ئاتىدىغانلىقىنى بىلمەمتىڭلار؟ 20
يەرۇببەشەتنىڭ ئوغلى ئابىمەلەكنى كىم ئۆلتۈرگىنىنى بىلمەمسەن؟ بىر خوتۇن سېپىلدىن ئۇنىڭغا بىر پارچە يارغۇنچاق تېشىنى ئېتىپ، ئۇ تەبەز شەھىرىدە ئۆلمىدىمۇ؟ نېمىشقا سېپىلغا ئۇنداق يېقىن باردىڭلار؟ ــ دېسە، سەن: سىلىنىڭ قۇللىرى ھىتتىي ئۇرىيامۇ ئۆلدى، دەپ ئېيتقىن ــ دېدى. 21
خەۋەرچى بېرىپ يوئاب ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ ئەۋەتكەن خەۋەرنىڭ ھەممىسىنى داۋۇتقا دەپ بەردى. 22
خەۋەرچى داۋۇتقا: دۈشمەنلەر بىزدىن كۈچلۈك كېلىپ، دالادا بىزگە ھۇجۇم قىلدى؛ لېكىن بىز ئۇلارغا زەربە بېرىپ چېكىندۈرۈپ، شەھەرنىڭ دەرۋازىسىغىچە قوغلىدۇق. 23
ئاندىن يا ئاتقۇچىلار سېپىلدىن قۇل-خىزمەتكارلىرىڭغا يا ئېتىپ، پادىشاھنىڭ قۇل-خىزمەتكارلىرىدىن بىرنەچچىنى ئۆلتۈردى. قۇللىرى ئۇرىيامۇ ئۆلدى ــ دېدى. 24
داۋۇت خەۋەرچىگە: يوئابقا مۇنداق دېگىن: ــ بۇ ئىش نەزىرىڭدە ئېغىر بولمىسۇن، قىلىچ يا ئۇنى يا بۇنى يەيدۇ؛ شەھەرگە بولغان ھۇجۇمىڭلارنى قاتتىق قىلىپ، ئۇنى غۇلىتىڭلار، دەپ ئېيتىپ ئۇنى جۈرئەتلەندۈرگىن ــ دېدى. 25
ئۇرىيانىڭ ئايالى ئېرى ئۇرىيانىڭ ئۆلگىنىنى ئاڭلاپ، ئېرى ئۈچۈن ماتەم تۇتتى. 26
ماتەم كۈنلىرى ئۆتكەندە داۋۇت ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنى ئوردىسىغا كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ داۋۇتنىڭ ئايالى بولۇپ، ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل تۇغدى. لېكىن داۋۇتنىڭ قىلغان ئىشى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل ئىدى. 27

< سامۇئىل 2 11 >