< سامۇئىل 2 10 >

كېيىن شۇنداق ئىش بولدىكى، ئاممونىيلارنىڭ پادىشاھى ئۆلدى ۋە ئۇنىڭ ھانۇن دېگەن ئوغلى ئورنىدا پادىشاھ بولدى. 1
그 후에 암몬 자손의 왕이 죽고 그 아들 하눈이 대신하여 왕이 되니
داۋۇت بولسا: ئۇنىڭ ئاتىسى ماڭا ئىلتىپات كۆرسەتكەندەك مەن ناھاشنىڭ ئوغلى ھانۇنغا ئىلتىپات كۆرسىتەي، ــ دېدى. ئاندىن داۋۇت ئاتىسىنىڭ پەتىسىگە [ھانۇننىڭ] كۆڭلىنى سوراشقا ئۆز خىزمەتكارلىرىدىن بىرنەچچىنى ماڭدۇردى. داۋۇتنىڭ خىزمەتكارلىرى ئاممونىيلارنىڭ زېمىنىغا كەلگەندە، 2
다윗이 가로되 내가 나하스의 아들 하눈에게 은총을 베풀되 그 아비가 내게 은총을 베푼 것 같이 하리라 하고 그 신복들을 명하여 그 아비 죽은 것을 조상하라 하니라 다윗의 신복들이 암몬 자손의 땅에 이르매
ئاممونىيلارنىڭ ئەمەلدارلىرى غوجىسى ھانۇنغا: سىلى داۋۇتنى راستلا ئاتىلىرىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن قاشلىرىغا كۆڭۈل سوراپ ئادەم ئەۋەتىپتۇ، دەپ قاراملا؟ داۋۇتنىڭ خىزمەتكارلىرىنى قاشلىرىغا ئەۋەتكىنى شەھەرنى پايلاپ ئۇنىڭدىن مەلۇمات ئېلىش، ئاندىن بۇ شەھەرنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى. 3
암몬 자손의 방백들이 그 주 하눈에게 고하되 왕은 다윗이 조객을 보낸 것이 왕의 부친을 공경함인 줄로 여기시나이까 다윗이 그 신복을 보내어 이 성을 엿보고 탐지하여 함락시키고자 함이 아니니이까
شۇنىڭ بىلەن ھانۇن داۋۇتنىڭ خىزمەتكارلىرىنى تۇتۇپ، ساقاللىرىنىڭ يېرىمىنى چۈشۈرۈپ، كىيىملىرىنىڭ بەلدىن تۆۋىنىنى كەستۈرۈپ، كۆتىنى ئېچىپ كەتكۈزۈۋەتتى. 4
이에 하눈이 다윗의 신복들을 잡아 그 수염 절반을 깎고 그 의복의 중동볼기까지 자르고 돌려보내매
بۇ خەۋەر داۋۇتقا يەتكۈزۈلدى؛ ئۇ ئۇلارنى كۈتۈۋېلىشقا ئالدىغا ئادەم ماڭدۇردى؛ چۈنكى ئۇلار ئىنتايىن نومۇس ھېس قىلغانىدى. پادىشاھ ئۇلارغا: ساقال-بۇرۇتۇڭلار ئۆسكىچىلىك يېرىخو شەھىرىدە تۇرۇپ، ئاندىن يېنىپ كېلىڭلار، ــ دېدى. 5
혹이 이 일을 다윗에게 고하니라 그 사람들이 크게 부끄러워하므로 왕이 저희를 맞으러 보내어 이르기를 너희는 수염이 자라기까지 여리고에서 머물다가 돌아오라 하니라
ئاممونىيلار ئۆزلىرىنىڭ داۋۇتنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلىپ، ئادەم ئەۋەتىپ بەيت-رەھوبدىكى سۇرىيلەر بىلەن زوباھدىكى سۇرىيلەردىن يىگىرمە مىڭ پىيادە ئەسكەر، مائاكاھنىڭ پادىشاھىدىن بىر مىڭ ئادەم ۋە توبدىكى ئادەملەردىن ئون ئىككى مىڭ ئادەمنى ياللاپ كەلدى. 6
암몬 자손이 자기가 다윗에게 미움이 된줄 알고 사람을 보내어 벧르홉 아람 사람과 소바 아람 사람의 보병 이만과 마아가 왕과 그 사람 일천과 돕 사람 일만 이천을 고용한지라
داۋۇت بۇنى ئاڭلاپ، يوئابنىڭ پۈتكۈل جەڭگىۋار قوشۇنىنى [ئۇلارنىڭ ئالدىغا] ماڭدۇردى. 7
다윗이 듣고 요압과 용사의 온 무리를 보내매
ئاممونىيلار چىقىپ شەھەرنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا سەپ تۈزىدى؛ زوباھ بىلەن رەھوبدىكى سۇرىيلەر ۋە توب بىلەن مائاكاھنىڭ ئادەملىرى دالادا سەپ تۈزىدى؛ 8
암몬 자손은 나와서 성문 어귀에 진을 쳤고 소바와 르홉 아람 사람과 돕과 마아가 사람들은 따로 들에 있더라
يوئاب جەڭنىڭ ئالدى ھەم كەينىدىن بولىدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، ئىسرائىلدىن بىر قىسىم سەرخىل ئادەملەرنى ئىلغاپ، سۇرىيەلەرگە قارشى سەپ تۈزىدى؛ 9
요압이 앞뒤에 친 적진을 보고 이스라엘의 뺀 자 중에서 또 빼서 아람 사람을 대하여 진치고
قالغانلارنى ئاممونىيلارغا قارشى سەپ تىزغىن دەپ ئىنىسى ئابىشاينىڭ قولىغا تاپشۇرپ، ئۇنىڭغا: 10
그 남은 무리는 그 아우 아비새의 수하에 붙여 암몬 자손을 대하여 진치게 하고
ــ ئەگەر سۇرىيلەر ماڭا كۈچلۈك كەلسە، سەن ماڭا ياردەم بەرگەيسەن؛ ئەمما ئاممونىيلار ساڭا كۈچلۈك كەلسە، مەن بېرىپ ساڭا ياردەم بېرەي. 11
가로되 만일 아람 사람이 나보다 강하면 네가 나를 돕고 만일 암몬 자손이 너보다 강하면 내가 가서 너를 도우리라
جۈرئەتلىك بولغىن! ئۆز خەلقىمىز ئۈچۈن ۋە خۇدايىمىزنىڭ شەھەرلىرى ئۈچۈن باتۇرلۇق قىلايلى. پەرۋەردىگار ئۆزىگە لايىق كۆرۈنگىنىنى قىلغاي! ــ دېدى. 12
너는 담대하라 우리가 우리 백성과 우리 하나님의 성읍들을 위하여 담대히 하자 여호와께서 선히 여기시는 대로 행하시기를 원하노라 하고
ئەمدى يوئاب ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئادەملەر سۇرىيلەرگە ھۇجۇم قىلغىلى چىقتى؛ سۇرىيلەر ئۇنىڭ ئالدىدا قاچتى. 13
요압과 그 종자가 아람 사람을 향하여 싸우려고 나아가니 저희가 그 앞에서 도망하고
ئاممونىيلار سۇرىيلەرنىڭ قاچقىنىنى كۆرگەندە، ئۇلارمۇ ئابىشايدىن قېچىپ، شەھەرگە كىرىۋالدى. يوئاب بولسا ئاممونىيلار بىلەن جەڭ قىلىشتىن چېكىنىپ، يېرۇسالېمغا يېنىپ كەلدى. 14
암몬 자손은 아람 사람의 도망함을 보고 저희도 아비새 앞에서 도망하여 성으로 들어간지라 요압이 암몬 자손을 떠나 예루살렘으로 돌아오니라
سۇرىيلەر بولسا ئۆزلىرىنىڭ ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا مەغلۇپ بولغىنىنى كۆرگەندە، يەنە جەم بولۇشتى. 15
아람 사람이 자기가 이스라엘 앞에서 패하였음을 보고 다 모이매
ھادادئېزەر ئادەملەرنى ئەۋەتىپ، [ئەفرات] دەرياسىنىڭ نېرى تەرىپىدىكى سۇرىيلەرنى [ياردەمگە] چاقىرىپ، ئۇلارنى يۆتكەپ كەلدى؛ ئۇلار خېلام شەھىرىگە كەلگەندە، ھادادئېزەرنىڭ قوشۇنىنىڭ سەردارى شوباك ئۇلارغا باشچىلىق قىلدى. 16
하닷에셀이 사람을 보내어 강 건너편에 있는 아람 사람을 불러 내매 저희가 헬람에 이르니 하닷에셀의 군대 장관 소박이 저희를 거느린지라
بۇ خەۋەر داۋۇتقا يەتكەندە، ئۇ پۈتكۈل ئىسرائىلنى يىغدۇرۇپ، ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، خېلام شەھىرىگە باردى. سۇرىيلەر داۋۇتقا قارشى سەپ تىزىپ، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلدى. 17
혹이 다윗에게 고하매 저가 온 이스라엘을 모으고 요단을 건너 헬람에 이르매 아람 사람들이 다윗을 향하여 진을 치고 더불어 싸우더니
سۇرىيلەر يەنە ئىسرائىلدىن قاچتى. داۋۇت بولسا يەتتە يۈز جەڭ ھارۋىلىقنى، قىرىق مىڭ ئاتلىق ئەسكەرنى قىردى ھەم قوشۇنىنىڭ سەردارى شوباكنى ئۇ يەردە ئۆلتۈردى. 18
아람 사람이 이스라엘 앞에서 도망한지라 다윗이 아람 병거 칠백 승의 사람과 마병 사만을 죽이고 또 그 군대 장관 소박을 치매 거기서 죽으니라
ھادادئېزەرگە بېقىنغان ھەممە پادىشاھلار ئۆزلىرىنىڭ ئىسرائىل ئالدىدا يېڭىلگىنىنى كۆرگەندە، ئىسرائىل بىلەن سۈلھ قىلىشىپ ئۇلارغا بېقىندى. شۇنىڭدىن كېيىن سۇرىيلەر ئاممونىيلارغا يەنە ياردەم بىرىشكە جۈرئەت قىلالمىدى. 19
하닷에셀에게 속한 왕들이 자기가 이스라엘 앞에서 패함을 보고 이스라엘과 화친하고 섬기니 이러므로 아람 사람들이 두려워하여 다시는 암몬 자손을 돕지 아니하니라

< سامۇئىل 2 10 >