< پادىشاھلار 2 7 >

ئېلىشا: پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار! پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئەتە مۇشۇ ۋاقىتلاردا سامارىيەنىڭ دەرۋازىسىدا بىر خالتا ئاق ئۇن بىر شەكەلگە ۋە ئىككى خالتا ئارپا بىر شەكەلگە سېتىلىدۇ، ــ دېدى. 1
ئەمما پادىشاھ بېلىكىنى تۇتۇپ ماڭغان قوشۇن ئەمەلدارى بولسا، خۇدانىڭ ئادىمىگە: مانا، ھەتتا پەرۋەردىگار ئاسمانغا تۈڭلۈك ئاچسىمۇ، ئۇنداق ئىشنىڭ بولۇشى مۇمكىنمۇ؟! دېدى. ئۇ: ــ سەن ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرىسەن، لېكىن شۇنىڭدىن يېمەيسەن، دېدى. 2
ئەمدى دەرۋازىنىڭ تۈۋىدە تۆت ماخاۋ كېسىلى بار ئادەم ئولتۇراتتى. ئۇلار بىر-بىرىگە: نېمە ئۈچۈن مۇشۇ يەردە ئۆلۈمنى كۈتۈپ ئولتۇرىمىز؟ 3
شەھەرگە كىرەيلى دېسەك، شەھەردە ئاچارچىلىق بولغاچقا، ئۇ يەردە ئۆلىمىز؛ بۇ يەردە ئولتۇرساقمۇ ئۆلىمىز. قوپۇپ سۇرىيلەرنىڭ لەشكەرگاھىغا كېتەيلى. ئۇلار بىزنى ئايىسا تىرىك قالىمىز؛ بىزنى ئۆلتۈرەيلى دېسە ئۆلىمىز، خالاس، ــ دېيىشتى. 4
شۇنى دەپ ئۇلار كەچقۇرۇن سۇرىيلەرنىڭ لەشكەرگاھىغا بارغىلى قوپتى. لەشكەرگاھىنىڭ قېشىغا يېتىپ كەلگەندە، مانا ھېچ كىشى يوق ئىدى. 5
چۈنكى پەرۋەردىگار سۇرىيلەرنىڭ لەشكەرگاھىغا جەڭ ھارۋىلىرى، ئاتلار ۋە زور چوڭ قوشۇننىڭ ساداسىنى ئاڭلاتقانىدى. شۇنى ئاڭلاپ ئۇلار بىر-بىرىگە: مانا، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىشەك ھىتتىيلارنىڭ پادىشاھلىرىنى ۋە مىسىرلىقلارنىڭ پادىشاھلىرىنى ئۈستىمىزگە ھۇجۇم قىلغىلى ياللىۋاپتۇ، دېيىشتى؛ 6
كەچقۇرۇن قوزغىلىپ چېدىرلىرىنى، ئات بىلەن ئېشەكلىرىنى تاشلاپ لەشكەرگاھنى شۇ پېتى قويۇپ، ئۆز جانلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بەدەر قاچقانىدى. 7
ماخاۋ كېسىلى بار ئادەملەر لەشكەرگاھنىڭ يېنىغا كېلىپ، بىر چېدىرغا كىرىپ، يەپ-ئىچىپ ئۇنىڭدىن كۈمۈش بىلەن ئالتۇننى ۋە كىيىملەرنى ئېلىپ يوشۇرۇپ قويۇشتى. ئاندىن ئۇلار يېنىپ كېلىپ، يەنە بىر چېدىرغا كىرىپ ئۇ يەردىكى ئولجىنىمۇ ئېلىپ يوشۇرۇپ قويۇشتى. 8
ئاندىن ئۇلار بىر-بىرىگە: بىزنىڭ بۇنداق قىلغىنىمىز دۇرۇس ئەمەس. بۈگۈن قۇتلۇق خەۋەر بار كۈندۇر، لېكىن بىز تىنماي تۇرۇۋاتىمىز. سەھەرگىچە قالساق بۇ يامانلىق بېشىمىزغا چۈشىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەمدى بېرىپ پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكىلەرگە بۇ خەۋەرنى يەتكۈزەيلى، دېدى. 9
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بېرىپ شەھەرنىڭ دەرۋازىسىدىكى پاسىبانلارنى چاقىرىپ ئۇلارغا: بىز سۇرىيلەرنىڭ لەشكەرگاھىغا چىقساق، مانا ھېچكىم يوق ئىكەن، ھەتتا ئادەمنىڭ شەپەسىمۇ يوقتۇر؛ بەلكى ئاتلار باغلاقلىق، ئېشەكلەر باغلاقلىق بولۇپ، چېدىرلار ئەينى پېتى تۇرىدۇ، دېدى. 10
دەرۋازىدىكى پاسىبانلار شۇ خەۋەرنى توۋلاپ ئېلان قىلىپ، پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا خەۋەر يەتكۈزدى. 11
پادىشاھ كېچىسى قوپۇپ خىزمەتكارلىرىغا: ــ مەن سۇرىيلەرنىڭ بىزگە نېمە قىلماقچى بولغىنىنى سىلەرگە دەپ بېرەي. ئۇلار بىزنىڭ ئاچارچىلىقتا قالغىنىمىزنى بىلىپ، لەشكەرگاھدىن چىقىپ دالادا مۆكۈنۈۋېلىپ: ــ ئىسرائىللار شەھەردىن چىقسا، بىز ئۇلارنى تىرىك تۇتۇپ، ئاندىن شەھەرگە كىرەلەيمىز، دېيىشكەن گەپ، دېدى. 12
خىزمەتكارلىرىدىن بىرى جاۋاب بېرىپ: ــ بىرنەچچە كىشىنى شەھەردە قالغان ئاتلاردىن بەشنى ئېلىپ (ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى بۇ يەردە قالغان ئىسرائىلنىڭ بارلىق كىشىلىرىنىڭكىدىن، ھەتتا ھالاك بولغانلارنىڭكىدىن بەتتەر بولمايدۇ!)، ئۇلارنى كۆرۈپ كېلىشكە ئەۋەتەيلى، دېدى. 13
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككى جەڭ ھارۋىسى بىلەن ئۇلارغا قاتىدىغان ئاتلارنى تەييار قىلدى. پادىشاھ ئۇلارنى سۇرىيلەرنىڭ قوشۇنىنىڭ كەينىدىن ئەۋەتىپ: ــ بېرىپ ئەھۋالنى كۆرۈپ كېلىڭلار، دەپ بۇيرۇدى. 14
بۇلار ئۇلارنىڭ ئىزىدىن ئىئوردان دەرياسىغىچە قوغلاپ باردى؛ ۋە مانا، پۈتكۈل يول بويى سۇرىيلەر ئالدىراپ قاچقاندا تاشلىۋەتكەن كىيىم-كېچەك ۋە ھەرخىل ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەر بىلەن تولغانىدى. ئەلچىلەر يېنىپ كېلىپ پادىشاھقا شۇنى خەۋەر قىلدى. 15
ئۇ ۋاقىتتا خەلق چىقىپ سۇرىيلەرنىڭ لەشكەرگاھىدىن ئولجىلارنى تالىدى؛ شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزىدەك، بىر خالتا ئاق ئۇن بىر شەكەلگە، ئىككى خالتا ئارپا بىر شەكەلگە سېتىلدى. 16
ئەمدى پادىشاھ بىلىكىنى تۇتۇپ ماڭغان ھېلىقى ئەمەلدارنى دەرۋازىنى باشقۇرۇشقا تەيىنلەپ قويغانىدى. ئەمدى خالايىق دەرۋازىدىن [ئېتىلىپ چىققاندا] ئۇنى دەسسەپ-چەيلىۋەتتى ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆلدى. بۇ ئىش پادىشاھ خۇدانىڭ ئادىمىنى تۇتماقچى بولۇپ، ئۇنىڭ ئالدىغا بارغاندا، دەل ئېلىشا ئېيتقاندەك بولدى. 17
شۇنىڭ بىلەن خۇدانىڭ ئادىمى پادىشاھقا ئېيتقان شۇ سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى: «ئەتە مۇشۇ ۋاقىتلاردا سامارىيەنىڭ دەرۋازىسىدا ئىككى خالتا ئارپا بىر شەكەلگە ۋە بىر خالتا ئاق ئۇن بىر شەكەلگە سېتىلىدۇ». 18
ئەمما ھېلىقى ئەمەلدار خۇدانىڭ ئادىمىگە: ــ «مانا، ھەتتا پەرۋەردىگار ئاسمانغا تۈڭلۈك ئاچسىمۇ، ئۇنداق بىر ئىشنىڭ بولۇشى مۇمكىنمۇ؟!» دېگەنىدى. ئۇ: ــ «سەن ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرىسەن، لېكىن شۇنىڭدىن يېمەيسەن»، دېگەنىدى. 19
ئۇنىڭغا ھەم دەل شۇنداق بولدى؛ چۈنكى خەلق ئۇنى دەرۋازىدا دەسسەپ ئۆلتۈرگەنىدى. 20

< پادىشاھلار 2 7 >