< پادىشاھلار 2 6 >

پەيغەمبەرلەرنىڭ شاگىرتلىرى ئېلىشاغا: ــ مانا بىزگە سېنىڭ ئالدىڭدا تۇرۇۋاتقان يېرىمىز تار كەلدى. 1
ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىغا بېرىپ، ھەربىرىمىز بىردىن ياغاچ ئېلىپ، شۇ يەردە تۇرىدىغانغا بىر تۇرالغۇ ئۆي ياسايلى، ــ دېدى. ــ بېرىڭلار، دەپ جاۋاب بەردى ئۇ. 2
ئۇلارنىڭ بىرى يەنە: ــ ئىلتىپات قىلىپ قەمىنىلىرىڭ بىلەن بىرگە بارغىن، دېدى. ئۇ: ــ بىللە باراي، دېدى. 3
ئۇ ئۇلار بىلەن ماڭدى. ئۇلار ئىئوردان دەرياسىغا بېرىپ، دەرەخ كېسىشكە باشلىدى. 4
لېكىن ئۇلارنىڭ بىرى دەرەخ كېسىۋاتقاندا پالتىنىڭ بېشى سۇغا چۈشۈپ كەتتى. ئۇ ۋارقىراپ: ــ ۋاي غوجام، بۇ ئۆتنە ئالغان پالتا ئىدى، دېدى. 5
خۇدانىڭ ئادىمى: نەگە چۈشتى، دەپ سورىدى. ئۇ چۈشكەن يەرنى كۆرسىتىپ بەردى. ئۇ بىر شاخنى كېسىپ، ئۇنى سۇغا تاشلىۋىدى، پالتىنىڭ بېشى لەيلەپ چىقتى. 6
ئۇ: ئۇنى قولۇڭغا ئالغىن، دېۋىدى، ئۇ كىشى قولىنى ئۇزۇتۇپ ئۇنى تۇتۇۋالدى. 7
سۇرىيەنىڭ پادىشاھى ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلىۋاتاتتى. ئۇ ئۆز خىزمەتكارلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، پالانچى-پوكۇنچى يەردە بارگاھ تىكىمەن، دەپ بېكىتەتتى. 8
خۇدانىڭ ئادىمى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا خەۋەر ئەۋىتىپ: ــ سەن پالانچى-پوكۇنچى يەرگە بېرىشتىن ئېھتىيات قىلغىن، چۈنكى سۇرىيلەر ئۇ يەرگە چۈشمەكچى، دېدى. 9
ئۇ ۋاقىتلاردا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى خۇدانىڭ ئادىمى ئۆزىگە كۆرسەتكەن جايغا ئادەم ئەۋەتىپ ئۇ يەردىكى ئادەملىرىگە ئېھتىيات قىلىشنى ئاگاھلاندۇردى. بۇنداق ئىش بىرقانچە قېتىم بولدى. 10
بۇنىڭ سەۋەبىدىن سۇرىيەنىڭ پادىشاھى كۆڭلىدە قاتتىق ئاچچىقلىنىپ، ئۆز خىزمەتكارلىرىنى چاقىرىپ ئۇلاردىن: ــ ئارىمىزدىن كىمنىڭ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى تەرىپىدە تۇرىدىغانلىقىنى ماڭا كۆرسىتىپ بەرمەمسىلەر؟! ــ دەپ سورىدى. 11
لېكىن خىزمەتكارلىرىنىڭ بىرى: ــ ئى غوجام پادىشاھ ئۇنداق ئەمەس؛ بەلكى ئىسرائىلدا تۇرىدىغان ئېلىشا دېگەن پەيغەمبەر سەن ياتقان ھۇجراڭدا قىلغان سۆزلىرىڭنى ئىسرائىل پادىشاھىغا ئېيتىپ بېرىدۇ، ــ دېدى. 12
ئۇ: بېرىپ ئۇنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى پايلاپ كېلىڭلار، مەن ئادەم ماڭدۇرۇپ ئۇنى تۇتۇپ كېلەي، دېدى. ئۇلار: ــ ئۇ دوتان شەھىرىدە ئىكەن، دەپ خەۋەر قىلدى. 13
شۇنىڭ بىلەن ئۇ شۇ يەرگە ئاتلىقلار، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە زور بىر قوشۇننى ماڭدۇردى. ئۇلار كېچىسى يېتىپ كېلىپ شەھەرنى قورشىۋالدى. 14
خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ مالىيى سەھەردە تۇرۇپ چىقسا، مانا، بىر ئاتلىقلار ۋە جەڭ ھارۋىلىرى قوشۇنى شەھەرنى قورشىۋالغانىدى. مالاي ئۇنىڭغا: ئاپلا، ئى غوجام، قانداق قىلارمىز؟ ــ دېدى. 15
لېكىن ئۇ: قورقمىغىن؛ مانا بىز بىلەن بىرگە بولغانلار ئۇلار بىلەن بىرگە بولغانلاردىن كۆپتۇر، دېدى. 16
ئەمدى ئېلىشا دۇئا قىلىپ: ئى پەرۋەردىگار، مالايىمنىڭ كۆزلىرىنى كۆرەلەيدىغان قىلىپ ئاچقايسەن، دېدى. ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار يىگىتنىڭ كۆزلىرىنى ئاچتى ۋە ئۇ ئەينى ئەھۋالنى كۆردى؛ مانا، پۈتكۈل تاغ ئېلىشانى چۆرىدەپ تۇرغان يالقۇنلۇق ئات ۋە جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن تولغانىدى. 17
سۇرىيلەر چۈشۈپ ئۇ تەرەپكە كەلگەندە، ئېلىشا پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ: بۇ خەلقنى كورلۇق بىلەن ئۇرغىن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئېلىشانىڭ تىلىكى بويىچە ئۇلارنى كورلۇق بىلەن ئۇردى. 18
ئېلىشا ئۇلارغا: بۇ [سىلەر ئىزدىگەن] يول ئەمەس ۋە [سىلەر ئىزدىگەن] شەھەر ئەمەس؛ مېنىڭ كەينىمدىن ئەگىشىڭلار، سىلەرنى سىلەر ئىزدىگەن ئادەمنىڭ قېشىغا باشلاپ باراي، دەپ ئۇلارنى سامارىيەگە باشلاپ باردى. 19
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار سامارىيەگە كىرگەندە ئېلىشا: ئى پەرۋەردىگار، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى كۆرەلەيدىغان قىلىپ ئاچقايسەن، دېدى. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى ئاچتى؛ ۋە مانا، ئۇلار سامارىيەنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇراتتى. 20
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئۇلارنى كۆرگەندە ئېلىشادىن: ئى ئاتام، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋېتەيمۇ؟ ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋېتەيمۇ؟ دەپ سورىدى. 21
ئۇ: ــ سەن ئۇلارنى ئۆلتۈرمە؛ ھەتتا ئۆزۈڭ قىلىچ ۋە ئوقيايىڭ بىلەن ئەسىر قىلغانلىرىڭنى ئۆلتۈرمەيدىغان يەردە، بۇلارنى ئۆلتۈرۈشكە بولامتى؟ ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ ئالدىغا نان، سۇ قويغىن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەپ-ئىچىپ ئۆز غوجىسىغا يېنىپ كەتسۇن، دېدى. 22
شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئۇلارغا چوڭ زىياپەت بەردى؛ ئۇلار يەپ-ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۇلارنى يولغا سالدى. ئۇلار غوجىسىنىڭ يېنىغا قايتتى. شۇنىڭدىن كېيىن سۇرىيەدىن بۇلاڭچىلار شايكىلىرى ئىسرائىلنىڭ زېمىنىغا قايتا بېسىپ كىرمىدى. 23
كېيىن شۇنداق بولدىكى، سۇرىيەنىڭ پادىشاھى بەن-ھاداد پۈتكۈل قوشۇنىنى يىغىپ سامارىيەنى مۇھاسىرىگە ئالدى. 24
شۇنىڭ بىلەن سامارىيەدە زور ئاچارچىلىق بولدى. ئۇلار ئۇنى شۇنچە ئۇزۇن قامال قىلدىكى، بىر ئېشەك بېشى سەكسەن شەكەل كۈمۈشكە، ۋە كەپتەر مايىقىنىڭ بىر چىنىسىنىڭ تۆتتىن بىرى بەش شەكەل كۈمۈشكە يارايتتى. 25
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى سېپىلنىڭ ئۈستىدىن ئۆتكەندە، بىر ئايال ئۇنىڭغا: ئى غوجام پادىشاھ، ياردەم بەرگىنە! دەپ پەرياد كۆتۈردى. 26
ئۇ: ئەگەر پەرۋەردىگار ساڭا ياردەم بەرمىسە، مەن ساڭا قانداق ياردەم قىلاي؟ يا خاماندىن يا ئۈزۈم كۆلچىكىدىن ياردەم تېپىلامدۇ؟، ــ دېدى. 27
پادىشاھ ئەمدى ئۇنىڭدىن يەنە: نېمە دەردىڭ بار؟ دەپ سورىدى. ئۇ: مانا بۇ خوتۇن ماڭا: ئوغلۇڭنى بەرگىن، بىز ئۇنى بۈگۈن يەيلى. ئەتە بولسا مېنىڭ ئوغلۇمنى يەيمىز، دېدى. 28
ئۇ ۋاقىتتا بىز مېنىڭ ئوغلۇمنى قاينىتىپ پىشۇرۇپ يېدۇق. ئەتىسى مەن ئۇنىڭغا: ئەمدى سەن ئوغلۇڭنى بەرگىن، ئۇنى يەيلى دېسەم، ئۇ ئۆز ئوغلىنى يوشۇرۇپ قويدى، ــ دېدى. 29
پادىشاھ ئايالنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ كىيىملىرىنى يىرتىپ-يىرتىۋەتتى. ئۇ سېپىلدا كېتىۋاتقاندا، خەلق ئۇنىڭ كىيىمىنىڭ ئىچىگە، يەنى ئېتىگە بۆز كىيگەنلىكىنى كۆرۈپ قالدى. 30
[پادىشاھ]: ــ ئەگەر شافاتنىڭ ئوغلى ئېلىشانىڭ بېشى بۈگۈن تېنىدە قالسا، خۇدا مېنىڭ بېشىمنى ئالسۇن ۋە ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق جازالىسۇن! ــ دېدى. 31
ئەمما ئېلىشا ئۆز ئۆيىدە ئولتۇراتتى؛ ئاقساقاللارمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئولتۇرغانىدى. پادىشاھ ئۇنىڭ ئالدىغا بىر ئادەمنى ماڭدۇرغانىدى. لېكىن ئۇ خەۋەرچى ئۇ يەرگە يېتىپ بارمايلا، ئېلىشا ئاقساقاللارغا: ــ مانا بۇ جاللاتنىڭ بالىسىنىڭ بېشىمنى ئالغىلى ئادەم ماڭدۇرغانلىقىنى كۆردۈڭلارمۇ؟ ئەمدى خەۋەرچى كەلگەندە ئىشىكنى چىڭ تاقاپ ئىچىدىن تىرىۋېلىڭلار. مانا ئۇنىڭ كەينىدىن كەلگەن غوجىسىنىڭ قەدىمىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتمامدۇ؟ ــ دېدى. 32
ئۇ ئۇلار بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندا، مانا خەۋەرچى ئۇنىڭ قېشىغا چۈشۈپ كېلىپ: «پادىشاھ: «مانا بۇ بالايىئاپەتنىڭ ئۆزى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن كەلدى؛ مەن زادى نېمە دەپ پەرۋەردىگارغا يەنە ئۈمىد باغلىيالارمەن؟» دەيدۇ، دېدى. 33

< پادىشاھلار 2 6 >