< پادىشاھلار 2 5 >

سۇرىيە پادىشاھىنىڭ قوشۇن سەردارى نائامان ئۆز غوجىسىنىڭ ئالدىدا تولىمۇ قەدىرلەندى ۋە ئىززەتلەندى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ قولى ئارقىلىق سۇرىيەگە نۇسرەتلەر بەرگەنىدى. ئۇ باتۇر جەڭچى بولغىنى بىلەن، لېكىن ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانىدى. 1
ئەمدى سۇرىيلەر توپ-توپ بولۇپ، بۇلاڭچىلىققا چىقىپ ئىسرائىلدىن بىر كىچىك قىزنى تۇتۇپ كەلگەنىدى؛ بۇ قىز نائاماننىڭ ئايالىنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى. 2
ئۇ خانىمغا: كاشكى، مېنىڭ غوجام سامارىيەدىكى پەيغەمبەرنىڭ قېشىدا بولسىدى! ئۇ ئۇنى ماخاۋ كېسىلىدىن ساقايتاتتى، دېدى. 3
نائامان بېرىپ خوجىسىغا: ــ ئىسرائىلنىڭ يۇرتىدىن بولغان كىچىك قىز مۇنداق-مۇنداق ئېيتتى، دېدى. 4
سۇرىيە پادىشاھى: ياخشى! سەن بارغىن، مەن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا بىر مەكتۇپ ئەۋەتىمەن، دېدى. نائامان ئون تالانت كۈمۈش بىلەن ئالتە مىڭ شەكەل ئالتۇن ۋە ھەم ئون كىشىلىك كىيىمنى ئېلىپ ئىسرائىلغا باردى. 5
ئۇ مەكتۇپنى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا ئاپىرىپ تاپشۇرۇپ بەردى. مەكتۇپتا: ــ «بۇ مەكتۇپ ساڭا يەتكەندە بىلگەيسەنكى، مەن ئۆز خىزمەتكارىم نائاماننى سېنىڭ قېشىڭغا ماڭدۇردۇم. سەن ئۇنى ماخاۋ كېسىلىدىن ساقايتقايسەن»، دەپ پۈتۈلگەنىدى. 6
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى خەتنى ئوقۇپ بولۇپ، ئۆز كىيىملىرىنى يىرتىپ-يىرتىۋەتتى ۋە: ــ مەن خۇدامۇ؟ كىشىنى ئۆلتۈرۈپ ھەم تىرىلدۈرەلەيمەنمۇ؟ نېمىشقا ئۇ كىشى: ــ بۇ ئادەمنى ماخاۋ كېسىلىدىن ساقايتقىن، دەپ ھاۋالە قىلىدۇ؟ قېنى، ئويلىنىپ كۆرۈڭلار، ئۇ دەرۋەقە مەن بىلەن جەڭ قىلغىلى باھانە ئىزدەيدۇ، دېدى. 7
ۋە شۇنداق بولدىكى، خۇدانىڭ ئادىمى ئېلىشا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىنىڭ ئۆز كىيىملىرىنى يىرتقىنىنى ئاڭلىغاندا، پادىشاھقا ئادەم ئەۋىتىپ: نېمىشقا ئۆز كىيىملىرىڭنى يىرتتىڭ؟ ئۇ كىشى ھازىر بۇ يەرگە كەلسۇن، ئاندىن ئۇ ئىسرائىلدا بىر پەيغەمبەر بار ئىكەن دەپ بىلىدۇ، دېدى. 8
نائامان ئاتلىرى ۋە جەڭ ھارۋىسى بىلەن كېلىپ، ئېلىشانىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا توختىدى. 9
ئېلىشا بىر خەۋەرچىنى ماڭدۇرۇپ نائامانغا: ــ بېرىپ ئىئوردان دەرياسىدا يەتتە قېتىم يۇيۇنۇپ كەلگىن؛ شۇنداق قىلساڭ ئەتلىرىڭ ئەسلىگە كېلىپ پاكىز بولىسەن، دېدى. 10
لېكىن نائامان ئاچچىقلىنىپ يېنىپ كېلىپ: ــ مانا، ئۇ چوقۇم چىقىپ، مېنىڭ بىلەن كۆرىشىدۇ، ئۆرە تۇرۇپ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا نىدا قىلىپ، [يارا] جاينىڭ ئۈستىدە قولىنى سىلكىپ، ماخاۋ كېسىلىنى ساقايتىدۇ، دەپ ئويلاپ كەلگەنىدىم. 11
دەمەشقنىڭ دەريالىرى، يەنى ئابارنا بىلەن فارپار [دەرياسىنىڭ سۇلىرى] ئىسرائىلنىڭ ھەممە سۇلىرىدىن ياخشى ئەمەسمۇ؟ مەن ئۇلاردا يۇيۇنسام پاكىز بولمامدىم؟ ــ دېدى. ئۇ قاتتىق غەزەپلىنىپ بۇرۇلۇپ يولغا چىقتى. 12
لېكىن ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ: ــ ئى ئاتام، ئەگەر پەيغەمبەر سىلىگە ئېغىر بىر ئىشنى تاپىلىغان بولسا، قىلماسمىدىلا؟ ئۇنداق بولغان يەردە، ئۇ سىلىگە سۇغا چۈشۈپ يۇيۇنۇپ، پاكىز بولىسىلا، دېگەن بولسا شۇنداق قىلماملا؟ ــ دېيىشتى. 13
شۇڭا ئۇ چۈشۈپ، خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ سۆزىگە بىنائەن ئىئوردان دەرياسىدا يەتتە قېتىم چۆمۈلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئېتى پاكلىنىپ، كىچىك بالىنىڭ ئېتىدەك بولۇپ ساقايدى. 14
شۇنىڭ بىلەن ئۇ بارلىق ھەمراھلىرى بىلەن خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ قېشىغا قايتىپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ: ــ مانا ئەمدى پۈتكۈل يەر يۈزىدە ئىسرائىلدىن باشقا يەردە خۇدا يوق ئىكەن، دەپ بىلىپ يەتتىم؛ ئەمدى ھازىر، ئۆز كەمىنەڭدىن بىر سوۋغاتنى قوبۇل قىلغىن، دېدى. 15
لېكىن ئېلىشا: مەن خىزمىتىدە تۇرۇۋاتقان پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ھېچ نېمىنى قوبۇل قىلماسمەن، دېدى. [نائامان] تولا چىڭ تۇرۇۋالسىمۇ، ھېچ قوبۇل قىلمىدى. 16
ئاندىن نائامان مۇنداق دېدى: ــ ئەگەر قوبۇل قىلمىساڭ، كەمىنەڭگە توپىدىن ئىككى قېچىر يۈك بېرىلسۇن؛ چۈنكى كەمىنەڭ بۇندىن كېيىن پەرۋەردىگاردىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھلارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى ئىناقلىق قۇربانلىقىنى كەلتۈمەيدۇ. 17
لېكىن پەرۋەردىگار كەمىنەڭنىڭ شۇ بىر ئىشىنى كەچۈرۈم قىلغاي: غوجامنىڭ ئۆزى رىمموننىڭ بۇتخانىسىغا سەجدە قىلماق ئۈچۈن كىرگەندە، مېنىڭ قولۇمغا يۆلەنسە مەن رىمموننىڭ بۇتخانىسىدا تىز پۈكسەم، مۇشۇ ئامالسىز تىز پۈككىنىم ئۈچۈن پەرۋەردىگار مەن كەمىنەڭنى كەچۈرگەي، دېدى. 18
ئېلىشا ئۇنىڭغا: ــ سەن ئامان-خاتىرجەملىتكە كەتكىن، دېدى. ئۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ ئازغىنە يول ماڭدى. 19
لېكىن خۇدانىڭ ئادىمى ئېلىشانىڭ خىزمەتكارى گەھازى كۆڭلىدە: ــ مانا، ئۇ سۇرىيەلىك نائامان ئېلىپ كەلگەن نەرسىلىرىدىن غوجام ھېچنېمىنى ئالماي، ئۇنى بىكار كەتكۈزۈۋېتىپتۇ. لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن ئۇنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن ئازراق بىر نەرسە ئالاي، دەپ ئويلىدى. 20
شۇنى دەپ گەھازى نائاماننىڭ كەينىدىن باردى. نائامان بىر كىمنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، ھارۋىسىدىن چۈشۈپ ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ: ھەممە ئىش تىنچلىقمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. 21
ئۇ: ــ تىنچلىق، ــ دېدى، ــ ئەمما غوجام مېنى ماڭدۇرۇپ: مانا ئەمدى ئەفرائىم تاغلىقىدىن پەيغەمبەرلەرنىڭ شاگىرتلىرىدىن ئىككى يىگىت قېشىمغا كەلدى. بۇلارغا بىر تالانت كۈمۈش بىلەن ئىككى كىشلىك كىيىم بەرسىلە، دەپ ئېيتتى، ــ دېدى. 22
نائامان: ــ ئىككى تالانت كۈمۈشنى قوبۇل قىلغىن، دەپ ئۇنى زورلاپ ئىككى تالانت كۈمۈشنى ئىككى خالتىغا چېگىپ، ئىككى كىشىلىك كىيىمنى چىقىرىپ بەردى. بۇلارنى نائامان غۇلاملىرىدىن ئىككى يىگىتكە يۈدكۈزدى؛ ئۇلار گەھازىنىڭ ئالدىدا بۇلارنى كۆتۈرۈپ ماڭدى. 23
ئۇ تۇرغان دۆڭگە يەتكەندە بۇلارنى ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن ئېلىپ ئۆيىگە تىقىپ قويدى؛ ئاندىن بۇ ئادەملەرنى كەتكۈزۈۋەتتى. 24
ئاندىن ئۇ غوجىسىنىڭ ئالدىغا كىرىپ تۇردى. ئېلىشا ئۇنىڭدىن: ــ ئى گەھازى، نەگە بېرىپ كەلدىڭ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ: قۇلۇڭ ھېچيەرگە بارمىدى، ــ دېدى. 25
ئېلىشا ئۇنىڭغا: ــ مەلۇم بىر كىشى ھارۋىسىدىن چۈشۈپ، كەينىگە يېنىپ، سېنىڭ ئالدىڭغا كەلگەندە، مېنىڭ روھىم شۇ چاغدا سېنىڭ بىلەن بىرگە بارغان ئەمەسمۇ؟ بۇ كىشىلەر كۈمۈش بىلەن كىيىم، زەيتۇن باغلىرى بىلەن ئۈزۈمزارلار، قوي بىلەن كالا، مالايلار بىلەن كېنىزەكلەرنى قوبۇل قىلىدىغان ۋاقىتمۇ؟ 26
لېكىن ھازىر نائاماننىڭ ماخاۋ كېسىلى ساڭا ھەم نەسلىڭگە مەڭگۈگە چاپلىشىدۇ، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئېلىشانىڭ قېشىدىن چىققاندا قاردەك ئاق بولۇپ قالدى. 27

< پادىشاھلار 2 5 >