< پادىشاھلار 2 25 >

ئاندىن شۇنداق بولدىكى، ئۇنىڭ سەلتەنىتىنىڭ توققۇزىنچى يىلى، ئونىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنىدە بابىل پادىشاھى نېبوقەدنەسار پۈتكۈل قوشۇنىغا يېتەكچىلىك قىلىپ يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىشقا كەلدى؛ ھەمدە ئۇنى قورشىۋېلىپ بارگاھ قۇرۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا قاشا-پوتەيلەرنى قۇرۇشتى. 1
شۇنىڭ بىلەن شەھەر زەدەكىيانىڭ ئون بىرىنچى يىلىغىچە مۇھاسىرىدە تۇردى. 2
شۇ يىلى تۆتىنچى ئاينىڭ توققۇزىنچى كۈنى شەھەردە ئېغىر قەھەتچىلىك ھەممىنى باسقان ۋە زېمىندىكىلەر ئۈچۈنمۇ ھېچ ئاش-ئوزۇق قالمىغانىدى. 3
شەھەر سېپىلى بۆسۈلدى؛ بارلىق جەڭگىۋار لەشكەرلەر قاچماقچى بولۇپ، تۈن كېچىدە بەدەر تىكىۋېتىشتى. ئۇلار پادىشاھنىڭ باغچىسىغا يېقىن «ئىككى سېپىل» ئارىلىقىدىكى دەرۋازىدىن كېتىشتى (كالدىيلەر بولسا شەھەرنىڭ ھەريېنىدا تۇراتتى). ئۇلار [ئىئوردان جىلغىسىدىكى] «ئاراباھ تۈزلەڭلىكى»نى بويلاپ قېچىشتى. 4
لېكىن كالدىيلەرنىڭ قوشۇنى پادىشاھنى قوغلاپ يېرىخو تۈزلەڭلىكىدە زەدەكىياغا يېتىشتى؛ ئۇنىڭ پۈتۈن قوشۇنى ئۇنىڭدىن تارقىلىپ كەتكەنىدى. 5
ۋە ئۇلار پادىشاھنى تۇتۇپ، رىبلاھ شەھىرىگە، بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىغا ئاپاردى؛ ئۇلار شۇ يەردە ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقاردى. 6
[بابىل پادىشاھى] زەدەكىيانىڭ ئوغۇللىرىنى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا قەتل قىلدى؛ ئاندىن زەدەكىيانىڭ كۆزلىرىنى ئويۇۋەتتى؛ ئۇ ئۇنى مىس كىشەنلەر بىلەن باغلاپ، بابىلغا ئېلىپ باردى. 7
ۋە بەشىنچى ئاينىڭ يەتتىنچى كۈنىدە (بۇ بابىل پادىشاھى نېبوقەدنەسارنىڭ ئون توققۇزىنچى يىلى ئىدى) بابىل پادىشاھىنىڭ خىزمەتكارى، پاسىبان بېگى نېبوزار-ئادان يېرۇسالېمغا يېتىپ كەلدى. 8
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى، پادىشاھنىڭ ئوردىسىنى ۋە شەھەردىكى بارلىق ئۆيلەرنى كۆيدۈرىۋەتتى؛ بارلىق بەھەيۋەت ئىمارەتلەرگە ئۇ ئوت قويۇپ كۆيدۈرىۋەتتى. 9
ۋە پاسىبان بېگى يېتەكچىلىكىدىكى كالدىيلەرنىڭ پۈتكۈل قوشۇنى يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدىكى پۈتكۈل سېپىلىنى ئۆرۈۋەتتى. 10
پاسىبان بېگى نېبوزار-ئادان شەھەردە قالغان باشقا كىشىلەرنى، بابىل پادىشاھى تەرەپكە قېچىپ تەسلىم بولغانلارنى ۋە قالغان ھۈنەرۋەنلەرنى ئەسىر قىلىپ ئۇلارنى ئېلىپ كەتتى. 11
لېكىن پاسىبان بېگى زېمىندىكى ئەڭ نامراتلارنىڭ بىر قىسمىنى ئۈزۈمزارلىقلارنى پەرۋىش قىلىشقا ۋە تېرىقچىلىق قىلىشقا قالدۇردى. 12
كالدىيلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى مىستىن ياسالغان ئىككى تۈۋرۈكنى، داس تەگلىكلىرىنى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى مىستىن ياسالغان «دېڭىز»نى چېقىپ، بارلىق مىسلىرىنى بابىلغا ئېلىپ كەتتى. 13
ئۇلار يەنە [ئىبادەتتە ئىشلىتىلىدىغان] ئىدىشلار، گۈرجەك-بەلگۈرجەكلەر، لاخشىگىرلار، پىيالە-تەخسىلەر ھەم مىستىن ياسالغان بارلىق ئەسۋابلارنى ئېلىپ كەتتى؛ 14
خۇشبۇيدانلار ۋە قاچىلارنى بولسا، ئالتۇندىن ياسالغان بولسىمۇ، كۈمۈشتىن ياسالغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى پاسىبان بېگى ئېلىپ كەتتى. 15
ۋە سۇلايمان [پادىشاھ] پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئۈچۈن مىستىن ياساتقان ئىككى تۈۋرۈك ۋە «دېڭىز»نى، شۇنداقلا داس تەگلىكلىرىنى ئېلىپ كەتتى؛ بۇ مىس سايمانلارنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. 16
بىرىنچى تۈۋرۈكنىڭ ئېگىزلىكى ئون سەككىز گەز، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى تاجى بولسا مىس بولۇپ، ئېگىزلىكى ئۈچ گەز ئىدى؛ ئۇنىڭ پۈتۈن ئايلانمىسى تور شەكلىدە ھەم ئانار نۇسخىسىدا بېزەلگەنىدى، ھەممىسى مىستىن ئىدى؛ ئىككىنچى تۈۋرۈكمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇمۇ ئانار نۇسخىسىدا بېزەلگەنىدى. 17
پاسىبان بېگى نېبۇزار-ئادان بولسا باش كاھىن سېرايا، ئورۇنباسار كاھىن زەفانىيا ۋە ئىبادەتخانىدىكى ئۈچ نەپەر ئىشىكباقارنىمۇ ئەسىرگە ئالدى. 18
ئۇ شەھەردىن لەشكەرلەرنى باشقۇرىدىغان بىر ئاغۋات ئەمەلدارنى، شەھەردىن تاپقان ئوردا مەسلىھەتچىلىرىدىن بەشىنى، يەرلىك خەلقنى لەشكەرلىككە تىزىملىغۇچى، يەنى قوشۇننىڭ سەردارىنىڭ كاتىپىنى ۋە شەھەردىن ئاتمىش نەپەر يەرلىك كىشىنى تۇتتى. 19
پاسىبان بېگى نېبۇزار-ئادان بۇلارنى بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىغا، رىبلاھغا ئېلىپ باردى. 20
بابىل پادىشاھى خامات زېمىنىدىكى رىبلاھدا بۇ كىشىلەرنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. شۇ يول بىلەن يەھۇدا ئۆز زېمىنىدىن سۈرگۈن قىلىندى. 21
يەھۇدا زېمىنىدا قالغان كىشىلەرنى، يەنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار قالدۇرغان كىشىلەرنى بولسا، ئۇ ئۇلارنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە شافاننىڭ نەۋرىسى، ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيانى تەيىنلىدى. 22
دالادا قالغان يەھۇدانىڭ لەشكەر باشلىقلىرى ھەم لەشكەرلىرى بابىل پادىشاھىنىڭ شافاننىڭ نەۋرىسى، ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيانى زېمىن ئۈستىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا بەلگىلىگەنلىكىنى ئاڭلاپ قالدى؛ شۇنىڭ بىلەن [بۇ لەشكەر باشلىقلىرى ئادەملىرى بىلەن] مىزپاھ شەھىرىگە، گەدالىيانىڭ يېنىغا كەلدى؛ باشلىقلار بولسا نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل، كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان، نەتوفاتلىق تانخۇمەتنىڭ ئوغلى سېرايا ۋە مائاكات جەمەتىدىن بىرسىنىڭ ئوغلى جائازانىيا ئىدى. 23
گەدالىيا ئۇلار ۋە ئادەملىرىگە: «كالدىيلەرگە بېقىنىشتىن قورقماڭلار؛ زېمىندا ئولتۇراقلىشىپ بابىل پادىشاھىغا بېقىنىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار سىلەرگە ياخشى بولىدۇ» دەپ قەسەم قىلدى. 24
ئەمدى يەتتىنچى ئايدا شۇنداق بولدىكى، شاھزادە ئەلىشامانىڭ نەۋرىسى، نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل ئون ئادەم ئېلىپ كېلىپ، گەدالىيانى ھەم مىزپاھدا ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغان يەھۇدىيلار ۋە كالدىيلەرنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى. 25
شۇنىڭ بىلەن بارلىق خەلق، كىچىك بولسۇن، چوڭ بولسۇن، ۋە لەشكەر باشلىقلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ مىسىرغا كىردى؛ چۈنكى ئۇلار كالدىيلەردىن قورقاتتى. 26
ۋە شۇنداق بولدىكى، يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىن سۈرگۈن بولغان ئوتتۇز يەتتىنچى يىلى ئون ئىككىنچى ئاينىڭ يىگىرمە يەتتىنچى كۈنى مۇنۇ ئىش يۈز بەردى؛ ئەۋىل-مېروداق بابىلغا پادىشاھ بولغان بىرىنچى يىلى، يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىننىڭ قەددىنى كۆتۈرۈپ، ئۇنى زىنداندىن چىقاردى؛ 27
ئۇ ئۇنىڭغا مۇلايىم سۆز قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ئۆزى بىلەن بىرگە بابىلدا تۇرغان باشقا پادىشاھلارنىڭ ئورنىدىن يۇقىرى قىلدى؛ 28
شۇنىڭ بىلەن يەھوئاكىن زىنداندىكى كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ، ئۆمرىنىڭ قالغان ھەربىر كۈنىدە ھەردائىم پادىشاھ بىلەن بىللە ھەمداستىخان بولۇشقا مۇيەسسەر بولدى. 29
ئۇنىڭ نېسىۋىسى بولسا، [بابىل] پادىشاھىنىڭ ئۇنىڭغا بېغىشلىغان دائىملىق ئىلتىپاتى ئىدى؛ بۇ ئىلتىپات كۈندىلىك ئىدى، يەنى ئۇنىڭغا ئۆمرىنىڭ ھەربىر كۈنى مۇيەسسەر قىلىنغان. 30

< پادىشاھلار 2 25 >