< پادىشاھلار 2 24 >

ئۇنىڭ كۈنلىرىدە بابىلنىڭ پادىشاھى نېبوقادنەسار [يەھۇداغا] ھۇجۇم قىلىشقا چىقتى؛ يەھوئاكىم ئۇنىڭغا ئۈچ يىلغىچە بېقىندى بولدى، ئاندىن ئۇنىڭدىن تېنىپ ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى چىقتى. 1
شۇ ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىشقا كالدىيلەر بۇلاڭچىلار شايكىسى، سۇرىيلەر بۇلاڭچىلار شايكىسى، موئابىيلار بۇلاڭچىلار شايكىسى، ۋە ئاممونىيلار بۇلاڭچىلار شايكىلىرىنى قوزغىدى؛ ئۇ ئۇلارنى يەھۇدانى ھالاك قىلىش ئۈچۈن قوزغىدى. بۇ ئىشلار پەرۋەردىگار ئۆز قۇللىرى بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئاگاھ قىلغان سۆز-كالامىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئىدى. 2
دەرۋەقە پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك، ماناسسەھنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن يەھۇدانى ئۆز كۆزلىرىدىن نېرى قىلىش ئۈچۈن، بۇ ئىشلار ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشتى. 3
چۈنكى [ماناسسەھنىڭ] ناھەق قان تۆكۈپ، يېرۇسالېمنى ناھەق قانلار بىلەن تولدۇرغىنى تۈپەيلىدىن، پەرۋەردىگار [يەھۇدالارنى] ئەپۇ قىلىشقا كۆڭلى ئۇنىمايتتى. 4
يەھوئاكىمنىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ 5
يەھوئاكىم ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخىلدى؛ ئوغلى يەھوئاكىن ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. 6
مىسىرنىڭ پادىشاھى بولسا ئۆز يۇرتىدىن ئىككىنچى چىقمىدى. چۈنكى بابىلنىڭ پادىشاھى «مىسىر ئېقىنى»دىن تارتىپ ئەفرات دەرياسىغىچە بولغان مىسىر پادىشاھىغا تەۋە زېمىننى تارتىۋالغانىدى. 7
يەھوئاكىن پادىشاھ بولغاندا ئون سەككىز ياشتا بولۇپ، ئۈچ ئاي يېرۇسالېمدا سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى نەھۇشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېملىق ئەلناتاننىڭ قىزى ئىدى. 8
يەھوئاكىن ئاتىسىنىڭ بارلىق قىلغانلىرىدەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى. 9
بابىلنىڭ پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ سەردارلىرى يېرۇسالېمغا جەڭ قىلغىلى چىقىپ، شەھەرنى قامال قىلدى. 10
ئۇنىڭ سەردارلىرى شەھەرنى قامال قىلىپ تۇرغاندا نېبوقادنەسار ئۆزىمۇ شەھەرنىڭ سىرتىغا چىقتى. 11
ئاندىن يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوئاكىن بىلەن ئانىسى، بارلىق خىزمەتكارلىرى، ئەمەلدارلىرى ۋە ئاغۋاتلىرى بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئۇنىڭغا تەن بەردى. شۇنداق قىلىپ بابىلنىڭ پادىشاھى ئۆز سەلتەنىتىنىڭ سەككىزىنچى يىلىدا ئۇنى ئەسىر قىلىپ تۇتتى. 12
نېبوقادنەسار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى بارلىق خەزىنىلەر بىلەن پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكى خەزىنىلەرنى ئېلىپ كەتتى؛ پەرۋەردىگار ئاگاھ بەرگىنىدەك، ئۇ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن ياساتقان ھەممە ئالتۇن قاچا-ئەسۋابلارنى كېسىپ سۆكتى. 13
يېرۇسالېمنىڭ بارلىق ئاھالىسىنى، جۈملىدىن ھەممە ئەمەلدارلار، ھەممە باتۇر پالۋانلار، جەمئىي بولۇپ ئون مىڭ ئەسىرنى ۋە بارلىق ھۈنەرۋەنلەر ۋە تۆمۈرچىلەرنىمۇ ئېلىپ كەتتى؛ يۇرتتىكى خەلقتىن ئەڭ نامراتلاردىن باشقا ھېچكىم قالمىدى. 14
ئۇ يەھوئاكىننى بابىلغا ئېلىپ كەتتى ۋە شۇنىڭدەك پادىشاھنىڭ ئانىسىنى، پادىشاھنىڭ ئاياللىرىنى، ئۇنىڭ ئاغۋاتلىرى ۋە يۇرتتىكى مۆتىۋەرلەرنى ئەسىر قىلىپ يېرۇسالېمدىن بابىلغا ئېلىپ باردى. 15
ئۇ باتۇر-پالۋانلارنىڭ ھەممىسىنى (يەتتە مىڭ ئىدى)، ھۈنەرۋەن ۋە تۆمۈرچىلەرنى (جەمئىي بىر مىڭ ئىدى) ــ بۇلارنىڭ ھەممىسى جەڭگىۋار ئادەملەر بولۇپ، بابىلنىڭ پادىشاھى ئۇلارنى ئەسىر قىلىپ، بابىلغا ئېلىپ كەتتى. 16
ئاندىن بابىلنىڭ پادىشاھى يەھوئاكىننىڭ تاغىسى ماتتانىيانى ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ قىلىپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى زەدەكىياغا ئۆزگەرتتى. 17
زەدەكىيا پادىشاھ بولغاندا يىگىرمە بىر ياشتا بولۇپ، ئون بىر يىل يېرۇسالېمدا سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى لىبناھلىق يەرەمىيانىڭ قىزى بولۇپ، ئىسمى ھامۇتال ئىدى. 18
زەدەكىيا يەھوئاكىمنىڭ بارلىق قىلغىنىدەك، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلاتتى. 19
پەرۋەردىگارنىڭ يېرۇسالېمغا ھەم يەھۇداغا قاراتقان غەزىپى تۈپەيلىدىن، پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۆز ھۇزۇرىدىن ھەيدىۋەتكۈچە بولغان ئارىلىقتا، تۆۋەندىكى ئىشلار يۈز بەردى: ــ ئاۋۋال، زەدەكىيا بابىل پادىشاھىغا ئىسيان كۆتۈردى. 20

< پادىشاھلار 2 24 >