< پادىشاھلار 2 23 >

پادىشاھ ئادەملەرنى ئەۋەتىپ، يەھۇدا بىلەن يېرۇسالېمنىڭ ھەممە ئاقساقاللىرىنى ئۆز قېشىغا چاقىرتىپ كەلدى. 1
پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە چىقتى؛ بارلىق يەھۇدادىكى ئەر كىشىلەر ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى، كاھىنلار بىلەن پەيغەمبەرلەر، يەنى بارلىق خەلق، ئەڭ كىچىكىدىن تارتىپ چوڭىغىچە ھەممىسى ئۇنىڭ بىلەن بىللە چىقتى. ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە تېپىلغان ئەھدە كىتابىنىڭ ھەممە سۆزلىرىنى ئۇلارغا ئوقۇپ بەردى. 2
پادىشاھ تۈۋرۈكنىڭ يېنىدا تۇرۇپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا: ــ پەرۋەردىگارغا ئەگىشىپ پۈتۈن قەلبىم ۋە پۈتكۈل جېنىم بىلەن ئۇنىڭ ئەمرلىرىنى، ھۆكۈم-گۇۋاھلىقلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرىنى تۇتۇپ، ئۇشبۇ كىتابتا پۈتۈلگەن ئەھدىگە ئەمەل قىلىمەن دەپ ئەھدىگە ئۆزىنى باغلىدى. شۇنىڭ بىلەن خەلقنىڭ ھەممىسىمۇ ئەھدە ئالدىدا تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئۆزىنى باغلىدى. 3
ئاندىن كېيىن پادىشاھ باش كاھىن ھىلقىيا بىلەن ئورۇن باسار كاھىنلارغا ۋە ھەم دەرۋازىۋەنلەرگە: ــ بائالغا، ئاشەراھ بۇتىغا ۋە ئاسماننىڭ بارلىق قوشۇنىغا ئاتاپ ياسالغان بارلىق ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەرنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىن چىقىرىۋېتىڭلار، دەپ ئەمر قىلدى؛ ئۇ بۇلارنى يېرۇسالېمنىڭ سىرتىدا، كىدرون ئېتىزلىقىدا كۆيدۈردى ۋە كۈللىرىنى بەيت-ئەلگە ئېلىپ باردى. 4
ئۇ يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ يەھۇدا شەھەرلىرىدىكى «يۇقىرى جايلار»دا ھەمدە يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپلىرىدىكى «يۇقىرى جايلار»دا خۇشبۇي ياندۇرۇشقا تىكلىگەن بۇت كاھىنلىرىنى، شۇنىڭدەك بائالغا، قۇياشقا، ئايغا، يۇلتۇز تۈركۈملىرىگە ھەمدە ئاسماننىڭ بارلىق قوشۇنىغا خۇشبۇي ياققۇچىلارنى ئىشتىن ھەيدىۋەتتى. 5
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىن ئاشەراھ بۇتنى ئېلىپ چىقىپ يېرۇسالېمنىڭ سىرتىغا ئېلىپ بېرىپ، كىدرون جىلغىسىغا ئاپىرىپ شۇ يەردە كۆيدۈرۈپ كۇكۇم-تالقان قىلىپ ئېزىپ، توپىسىنى ئاددىي پۇقرالارنىڭ قەبرىلىرى ئۈستىگە چېچىۋەتتى. 6
ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە جايلاشقان بەچچىۋازلارنىڭ تۇرالغۇلىرىنى چېقىپ غۇلاتتى؛ بۇ ئۆيلەردە يەنە ئاياللار ئاشەراھ بۇتقا چېدىر توقۇيتتى. 7
ئۇ يەھۇدا شەھەرلىرىدىن بارلىق كاھىنلارنى چاقىرتىپ، ئۆزىگە يىغدى. ئاندىن ئۇ گەبادىن تارتىپ بەئەر-شېباغىچە كاھىنلار خۇشبۇي ياقىدىغان «يۇقىرى جايلار»نى بۇزۇپ بۇلغىۋەتتى؛ ئۇ «دەرۋازىلاردىكى يۇقىرى جايلار»نى چېقىپ بۇزدى؛ بۇلار «شەھەر باشلىقى يەشۇئانىڭ قۇۋىقى»نىڭ يېنىدا، يەنى شەھەر قۇۋىقىغا كىرىش يولىنىڭ سول تەرىپىدە ئىدى 8
(ئەمدى «يۇقىرى جايلار»دىكى كاھىنلارنىڭ يېرۇسالېمدا پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھىغا چىقىشى چەكلەنگەنىدى؛ لېكىن ئۇلار داۋاملىق ئۆز قېرىنداشلىرى بىلەن بىرگە پىتىر نانلاردىن يېيىشىگە مۇيەسسەر ئىدى). 9
يوسىيا ھېچكىم ئۆز ئوغلى ياكى قىزىنى مولەككە ئاتاپ ئوتتىن ئۆتكۈزمىسۇن دەپ، ھىننومنىڭ ئوغلىنىڭ جىلغىسىدىكى توفەتنىمۇ بۇزۇپ بۇلغىۋەتتى. 10
پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىدىغان يولنىڭ ئېغىزىدا يەھۇدا پادىشاھلىرى قۇياشقا تەقدىم قىلىپ قويغان ئاتلارنى شۇ يەردىن يۆتكەپ، «قۇياش ھارۋىلىرى»نى ئوتتا كۆيدۈردى (ئۇلار [ئىبادەتخانىنىڭ] ھويلىلىرىغا جايلاشقان، ناتان-مەلەك دېگەن ئاغۋاتنىڭ ئۆيىنىڭ يېنىدا تۇراتتى). 11
پادىشاھ يەنە يەھۇدا پادىشاھلىرى ئاھازنىڭ بالىخانىسىنىڭ ئۆگزىسىدە سالدۇرغان قۇربانگاھلارنى ۋە ماناسسەھ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئىككى ھويلىسىغا ياساتقان قۇربانگاھلارنى چېقىپ كۇكۇم-تالقان قىلىۋەتتى؛ ئۇ ئۇلارنىڭ توپىسىنى ئۇ يەردىن ئېلىپ، كىدرون جىلغىسىغا چېچىۋەتتى. 12
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى سۇلايمان يېرۇسالېمنىڭ مەشرىق تەرىپىگە ۋە «ھالاك تېغى»نىڭ جەنۇبىغا زىدونىيلارنىڭ يىرگىنچلىك بۇتى ئاشتاروت، موئابىيلارنىڭ يىرگىنچلىك بۇتى كېموش ۋە ئاممونلارنىڭ يىرگىنچلىك بۇتى مىلكومغا ئاتاپ ياساتقان «يۇقىرى جايلار»نىمۇ پادىشاھ بۇزۇپ بۇلغىۋەتتى. 13
ئۇ بۇت تۈۋرۈكلەرنى پارچىلاپ، ئاشەراھ بۇتلىرىنى كېسىپ يىقىتىپ، ئۇلار تۇرغان يەرلەرنى ئادەم سۆڭەكلىرى بىلەن تولدۇردى. 14
ئۇ يەنە ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان، نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئام بەيت-ئەلدە سالدۇرغان قۇربانگاھ بىلەن «يۇقىرى جاي»نى، ئۇلارنى بۇزۇپ چاقتى، ئاندىن كېيىن «يۇقىرى جاي»نى كۆيدۈرۈپ كۇكۇم-تالقان قىلىۋەتتى، ئاشەراھ بۇتىنىمۇ كۆيدۈرۈۋەتتى. 15
يوسىيا بۇرۇلۇپ قاراپ، تاغدىكى قەبرىلەرنى كۆرۈپ، ئادەم ئەۋەتىپ قەبرىلەردىكى سۆڭەكلەرنى كولاپ چىقىرىپ، قۇربانگاھ ئۈستىدە كۆيدۈردى، شۇ يول بىلەن ئۇنى بۇلغىۋەتتى. بۇ ئىشلار پەرۋەردىگارنىڭ كالامىنى يەتكۈزۈپ، دەل ئۇلارنى ئالدىنئالا بېشارەت قىلىپ جاكارلىغان خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ سۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئىدى. 16
ئاندىن يوسىيا: كۆز ئالدىمدىكى بۇ قەبرە تېشى كىمنىڭ؟ ــ دەپ سورىدى. شەھەردىكىلەر ئۇنىڭغا: بۇ يەھۇدادىن كەلگەن، سىلىنىڭ بەيت-ئەلدىكى قۇربانگاھنى بۇزغان مۇشۇ ئىشلىرىنى بېشارەت قىلغان خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ قەبرىسى ئىكەن، دېدى. 17
يوسىيا: ــ ئۇنى قويۇڭلار، ھېچكىم ئۇنىڭ سۆڭەكلىرىنى مىدىرلاتمىسۇن، دەپ بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭ سۆڭەكلىرى بىلەن سامارىيەدىن كەلگەن پەيغەمبەرنىڭ سۆڭەكلىرىگە ھېچكىمنى تەگكۈزمىدى. 18
ئاندىن يوسىيا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرى پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان، سامارىيەنىڭ شەھەرلىرىدە ياساتقان «يۇقىرى جايلار»دىكى بارلىق ئۆيلەرنى چاقتى؛ ئۇ ئۇلارنى بەيت-ئەلدە قىلغاندەك قىلىپ، يوقاتتى. 19
ئۇ ئۇ يەرلەردىكى «يۇقىرى جايلار»غا خاس بولغان ھەممە كاھىنلارنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە ئۆلتۈرۈپ، قۇربانلىق قىلدى، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئادەم سۆڭەكلىرىنى كۆيدۈردى؛ ئۇ ئاخىردا يېرۇسالېمغا يېنىپ باردى. 20
پادىشاھ بارلىق خەلققە يارلىق چۈشۈرۈپ: ــ بۇ ئەھدە كىتابىدا پۈتۈلگەندەك، خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارغا «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»نى ئۆتكۈزۈڭلار، دەپ بۇيرۇدى. 21
«باتۇر ھاكىملار» ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرگەن كۈنلەردىن تارتىپ، نە ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ ۋاقىتلىرىدا نە يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ ۋاقىتلىرىدا ئۇنداق بىر «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى» ئۆتكۈزۈلۈپ باقمىغانىدى؛ 22
يوسىيا پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون سەككىزىنچى يىلىدا، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بۇ «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى» يېرۇسالېمدا ئۆتكۈزۈلدى. 23
شۇنىڭدەك يوسىيا يەھۇدا يۇرتىدا ۋە يېرۇسالېمدا پەيدا بولغان جىنكەشلەر ۋە پالچىلارنى، تەرافىم مەبۇدلىرى، ھەرقانداق بۇتلار ۋە بارلىق باشقا لەنەتلىك نەرسىلەرنى زېمىندىن يوقاتتى. ئۇنىڭ شۇنداق قىلىشىنىڭ مەقسىتى، ھىلقىيا كاھىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىن تاپقان كىتابتا خاتىرىلەنگەن تەۋراتتىكى سۆزلەرگە ئەمەل قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى. 24
ئۇنىڭدەك مۇساغا چۈشۈرۈلگەن قانۇنغا ئىنتىلىپ پۈتۈن قەلبى، پۈتۈن جېنى ۋە پۈتۈن كۈچى بىلەن پەرۋەردىگارغا قايتىپ، ئۆزىنى بېغىشلىغان بىر پادىشاھ ئۇنىڭدىن ئىلگىرى بولمىغانىدى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش بىرسى بولۇپ باقمىدى. 25
لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ ئاچچىقى ماناسسەھنىڭ ئۆزىنى رەنجىتكەن بارلىق رەزىللىكلىرى تۈپەيلىدىن يەھۇداغا تۇتاشقاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ شىددەتلىك غەزىپىدىن يانمىدى. 26
پەرۋەردىگار: ــ ئىسرائىلنى تاشلىغاندەك يەھۇدانىمۇ ئۆز كۆزۈمدىن نېرى قىلىمەن ۋە ئۆزۈم تاللىغان بۇ شەھەر يېرۇسالېمنى ۋە مەن: ــ «مېنىڭ نامىم شۇ يەردە بولىدۇ» دېگەن شۇ ئىبادەتخانىنى تەرك قىلىمەن، دېدى. 27
يوسىيانىڭ باشقا ئەمەللىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ 28
ئۇنىڭ كۈنلىرىدە مىسىرنىڭ پادىشاھى پىرەۋن-نەكو ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىغا ھۇجۇم قىلغىلى ئەفرات دەرياسىغا باردى. ئۇ چاغدا يوسىيا پادىشاھ پىرەۋن بىلەن سوقۇشۇشقا چىقتى؛ لېكىن پىرەۋن ئۇنى كۆرۈپ مەگىددودا ئۇنى ئۆلتۈردى. 29
خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ ئۆلۈكىنى جەڭ ھارۋىسىغا سېلىپ مەگىددودىن يېرۇسالېمغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنى ئۆز قەبرىسىدە دەپنە قىلدى. يۇرت خەلقى يوسىيانىڭ ئوغلى يەھوئاھازنى مەسىھ قىلىپ، ئاتىسىنىڭ ئورنىدا پادىشاھ قىلدى. 30
يەھوئاھاز پادىشاھ بولغاندا يىگىرمە ئۈچ ياشتا بولۇپ، ئۈچ ئاي يېرۇسالېمدا سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى ھامۇتال ئىدى؛ ئۇ لىبناھلىق يەرەمىيانىڭ قىزى ئىدى. 31
يەھوئاھاز بوۋىلىرى بارلىق قىلغانلىرىدەك، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى. 32
ئەمدى پىرەۋن-نەكو ئۇنىڭ يېرۇسالېمدا سەلتەنەت قىلماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنى خامات يۇرتىدىكى رىبلاھدا سولاپ قويدى ۋە [يەھۇدا] زېمىنىغا يۈز تالانت كۈمۈش بىلەن بىر تالانت ئالتۇن سېلىق چۈشۈردى. 33
ئاندىن پىرەۋن-نەكو يوسىيانىڭ ئوغلى ئېلىئاكىمنى ئاتىسىنىڭ ئورنىدا پادىشاھ قىلىپ، ئىسمىنى يەھوئاكىمغا ئۆزگەرتتى. ئۇ يەھوئاھازنى ئۆزى بىلەن مىسىرغا ئېلىپ كەتتى؛ يەھوئاھاز مىسىرغا كېلىپ شۇ يەردە ئۆلدى. 34
يەھوئاكىم كۈمۈش بىلەن ئالتۇننى پىرەۋنگە بەردى؛ لېكىن پىرەۋننىڭ شۇ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىپ پۇلنى تاپشۇرۇش ئۈچۈن يۇرتقا ھەربىر ئادەمنىڭ چامىغا قاراپ باج-ئالۋان قويغانىدى؛ ئالتۇن ۋە كۈمۈشنى ئۇ يۇرتنىڭ خەلقىدىن، ھەربىرىگە سالغان ئۆلچەم بويىچە پىرەۋن-نەكوغا بېرىشكە يىغقانىدى. 35
يەھوئاكىم پادىشاھ بولغاندا يىگىرمە بەش ياشتا بولۇپ، ئون بىر يىل يېرۇسالېمدا سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى زىبىداھ ئىدى؛ ئۇ رۇماھلىق پەدئايانىڭ قىزى ئىدى. 36
يەھوئاكىم بوۋىلىرى بارلىق قىلغانلىرىدەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلاتتى. 37

< پادىشاھلار 2 23 >