< پادىشاھلار 2 22 >

يوسىيا پادىشاھ بولغاندا سەككىز ياشتا بولۇپ، يېرۇسالېمدا ئوتتۇز بىر يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى يەدىداھ ئىدى؛ ئۇ بوزكاتلىق ئادايانىڭ قىزى ئىدى. 1
يوسىيا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلىپ، ھەر ئىشتا ئاتىسى داۋۇتنىڭ بارلىق يولىدا يۈرۈپ، نە ئوڭغا نە سولغا چەتنەپ كەتمىدى. 2
پادىشاھ يوسىيا سەلتەنىتىنىڭ ئون سەككىزىنچى يىلىدا، پادىشاھ مەشۇللامنىڭ نەۋرىسى، ئازالىيانىڭ ئوغلى كاتىپ شافاننى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە ئەۋەتىپ: 3
«باش كاھىن ھىلقىيانىڭ قېشىغا چىقىپ شۇنى بۇيرۇغىنكى، ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كېلىنگەن، دەرۋازىۋەنلەر خەلقتىن يىغقان پۇلنى سانىسۇن. 4
ئاندىن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ئوڭشايدىغان ئىشلارنى نازارەت قىلغۇچى ئىشچىلارغا تاپشۇرۇپ بەرسۇن. بۇلار ھەم پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى بۇزۇلغان يەرلەرنى ئوڭشاشقا ئۆيدە ئىشلىگۈچىلەرگە، يەنى ياغاچچىلار، تامچىلار ۋە تاشتىراشلارغا بەرسۇن. ئۇلار مۇشۇ پۇل بىلەن ئۆينى ئوڭشاشقا لازىم بولغان ياغاچ بىلەن ئويۇلغان تاشلارنى سېتىۋالسۇن، دېگىن» ــ دېدى. 5
6
لېكىن ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلغان پۇلنىڭ ھېسابى قىلىنمىدى. چۈنكى ئۇلار ئىنساپ بىلەن ئىش قىلاتتى. 7
باش كاھىن ھىلقىيا كاتىپ شافانغا: ــ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە بىر تەۋرات كىتابىنى تاپتىم، دېدى. شۇنى ئېيتىپ ھىلقىيا كىتابنى شافانغا بەردى. ئۇ ئۇنى ئوقۇدى. 8
ئاندىن كېيىن كاتىپ شافان پادىشاھنىڭ قېشىغا بېرىپ پادىشاھقا خەۋەر بېرىپ: ــ خىزمەتكارلىرى ئىبادەتخانىدىكى پۇلنى يىغىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ئوڭشايدىغان ئىش بېشىلىرىنىڭ قوللىرىغا تاپشۇرۇپ بەردى، دېدى. 9
ئاندىن كاتىپ شافان پادىشاھقا: ھىلقىيا ماڭا بىر كىتابنى بەردى، دېدى. ئاندىن شافان پادىشاھقا ئۇنى ئوقۇپ بەردى. 10
ۋە شۇنداق بولدىكى، پادىشاھ تەۋرات كىتابىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندا، ئۆز كىيىملىرىنى يىرتتى. 11
پادىشاھ ھىلقىيا كاھىن بىلەن شافاننىڭ ئوغلى ئاھىكامغا، مىكايانىڭ ئوغلى ئاكبور بىلەن شافان كاتىپقا ۋە پادىشاھنىڭ خىزمەتكارى ئاساياغا بۇيرۇپ: ــ 12
بېرىپ مەن ئۈچۈن ۋە خەلق ئۈچۈن، يەنى پۈتكۈل يەھۇدادىكىلەر ئۈچۈن بۇ تېپىلغان كىتابنىڭ سۆزلىرى توغرىسىدا پەرۋەردىگاردىن يول سوراڭلار. چۈنكى ئاتا-بوۋىلىرىمىز بۇ كىتابنىڭ سۆزلىرىگە، ئۇنىڭدىكى بىزلەرگە پۈتۈلگەنلىرىگە ئەمەل قىلىشقا قۇلاق سالمىغانلىقى تۈپەيلىدىن پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە قوزغالغان غەزىپى ئىنتايىن دەھشەتلىك، دېدى. 13
شۇنىڭ بىلەن ھىلقىيا كاھىن، ئاھىكام، ئاكبور، شافان ۋە ئاسايالار خارخاسنىڭ نەۋرىسى، تىكۋاھنىڭ ئوغلى كىيىم-كېچەك بېگى شاللۇمنىڭ ئايالى ئايال پەيغەمبەر ھۇلداھنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشتى. ئۇ يېرۇسالېم شەھىرىنىڭ ئىككىنچى مەھەللىسىدە ئولتۇراتتى. 14
ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سىلەرنى ئەۋەتكەن كىشىگە مۇنداق دەڭلار: ــ 15
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا مەن يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئوقۇغان كىتابنىڭ ھەممە سۆزلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، بۇ جايغا ۋە بۇ يەردە تۇرغۇچىلارغا بالايىئاپەت چۈشۈرىمەن. 16
چۈنكى ئۇلار مېنى تاشلاپ، باشقا ئىلاھلارغا خۇشبۇي يېقىپ، قوللىرىنىڭ ھەممە ئىشلىرى بىلەن مېنىڭ ئاچچىقىمنى كەلتۈردى. ئۇنىڭ ئۈچۈن مېنىڭ قەھرىم بۇ يەرگە قاراپ ياندى ھەم ئۆچۈرۈلمەيدۇ. 17
لېكىن سىلەرنى پەرۋەردىگاردىن يول سورىغىلى ئەۋەتكەن يەھۇدانىڭ پادىشاھىغا بولسا شۇنداق دەڭلار: سەن ئاڭلىغان سۆزلەر توغرىسىدا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: ــ 18
چۈنكى كۆڭلۈڭ يۇمشاق بولۇپ، مۇشۇ جاي ۋە ئۇنىڭدا تۇرغۇچىلارنىڭ ۋەيرانە ۋە لەنەتكە ئايلاندۇرۇلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇلارنى ئەيىبلەپ ئېيتقان سۆزلىرىمنى ئاڭلىغىنىڭدا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭنى تۆۋەن قىلىپ، كىيىملىرىڭنى يىرتىپ، مېنىڭ ئالدىمدا يىغلىغىنىڭ ئۈچۈن، مەنمۇ دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم، دەيدۇ پەرۋەردىگار. 19
بۇنىڭ ئۈچۈن سېنى ئاتا-بوۋىلىرىڭ بىلەن يىغىلىشقا، ئۆز قەبرەڭگە ئامان-خاتىرجەملىك ئىچىدە بېرىشقا نېسىپ قىلىمەن؛ سېنىڭ كۆزلىرىڭ مەن بۇ جاي ئۈستىگە چۈشۈرىدىغان بارلىق كۈلپەتلەرنى كۆرمەيدۇ». ئۇلار يېنىپ بېرىپ، بۇ خەۋەرنى پادىشاھقا يەتكۈزدى. 20

< پادىشاھلار 2 22 >