< پادىشاھلار 2 20 >

شۇ كۈنلەردە ھەزەكىيا ئەجەل كەلتۈرگۈچى بىر كېسەلگە مۇپتىلا بولدى. ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەر ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: ــ «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ــ ئۆيۈڭ توغرۇلۇق ۋەسىيەت قىلغىن؛ چۈنكى ئەجەل كەلدى، ياشىمايسەن» ــ دېدى. 1
[ھەزەكىيا] بولسا يۈزىنى تام تەرەپكە قىلىپ پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ: ــ 2
ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ ئالدىڭدا مېنىڭ ھەقىقەت ۋە پاك دىل بىلەن مېڭىپ يۈرگەنلىكىمنى، نەزىرىڭ ئالدىڭدا دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلغانلىقىمنى ئەسلەپ قويغايسەن، ــ دېدى. ۋە ھەزەكىيا يىغلاپ ئېقىپ كەتتى. 3
يەشايا چىقىپ ئوردىدىكى ئوتتۇرا ھويلىغا يەتمەستە، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇنىڭغا يېتىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 4
يېنىپ بېرىپ خەلقىمنىڭ باشلامچىسى ھەزەكىياغا مۇنداق دېگىن: ــ «پەرۋەردىگار، ئاتاڭ داۋۇتنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ «دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم، كۆز ياشلىرىڭنى كۆردۈم؛ مانا، مەن سېنى ساقايتىمەن. ئۈچىنچى كۈنىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە چىقىسەن. 5
كۈنلىرىڭگە مەن يەنە ئون بەش يىل قوشىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن مەن سېنى ۋە بۇ شەھەرنى ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىمەن؛ ئۆزۈم ئۈچۈن ۋە قۇلۇم داۋۇت ئۈچۈن مەن بۇ شەھەرنى ئەتراپىدىكى سېپىلدەك قوغدايمەن. 6
(يەشايا بولسا: ــ «ئەنجۈر پوشكىلى تەييارلاڭلار، دېدى. ئۇلار ئۇنى ئېلىپ كېلىپ، يارىسىغا چاپلىۋىدى، ئۇ ساقايدى. 7
ھەزەكىيا يەشايادىن: پەرۋەردىگار مېنى ساقايتىپ، ئۈچىنچى كۈنى ئۇنىڭ ئۆيىگە چىقىدىغانلىقىمنى ئىسپاتلايدىغانغا قانداق بېشارەتلىك ئالامەت بولىدۇ؟ ــ دەپ سورىغانىدى. 8
يەشايا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزى ئېيتقان ئىشىنى جەزمەن قىلىدىغانلىقىنى ساڭا ئىسپاتلاش ئۈچۈن پەرۋەردىگاردىن شۇنداق بېشارەتلىك ئالامەت بولىدۇكى، سەن قۇياشنىڭ پەلەمپەي ئۈستىگە چۈشكەن سايىسىنىڭ ئون باسقۇچ ئالدىغا مېڭىشى ياكى ئون باسقۇچ كەينىگە يېنىشىنى خالامسەن؟ ــ دېدى. 9
ھەزەكىيا: قۇياش سايىسىنىڭ ئون باسقۇچ ئالدىغا مېڭىشى ئاسان؛ سايە ئون باشقۇچ كەينىگە يانسۇن، دېگەنىدى. 10
شۇنىڭ بىلەن يەشايا پەيغەمبەر پەرۋەردىگارغا نىدا قىلدى ۋە ئۇ قۇياشنىڭ ئاھاز پادىشاھ قۇرغان پەلەمپەي باسقۇچىلىرى ئۈستىگە چۈشكەن سايىسىنى ياندۇرۇپ، ئون باسقۇچ كەينىگە ماڭدۇردى). 11
شۇ پەيتتە بالاداننىڭ ئوغلى بابىل پادىشاھى مېروداق-بالادان، ھەزەكىيانى كېسەل بولۇپ يېتىپ قاپتۇ، دەپ ئاڭلاپ، خەتلەر ھەدىيە بىلەن ئەۋەتتى. 12
ھەزەكىيا بولسا ئەلچىلەرنىڭ گېپىنى تىڭشاپ، ئۇلارغا بارلىق خەزىنە-ئامبارلىرىنى، كۈمۈشنى، ئالتۇننى، دورا-دەرمانلارنى، سەرخىل مايلارنى، ساۋۇت-قوراللار ئامبىرىدىكى ھەممىنى ۋە بايلىقلىرىنىڭ بارلىقىنى كۆرسەتتى؛ ئوردىسى ۋە پۈتكۈل پادىشاھلىقى ئىچىدىكى نەرسىلەردىن ھەزەكىيا ئۇلارغا كۆرسەتمىگەن بىرىمۇ قالمىدى. 13
ئاندىن يەشايا پەيغەمبەر ھەزەكىيانىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭدىن: ــ «مۇشۇ كىشىلەر نېمە دېدى؟ ئۇلار سېنى يوقلاشقا نەدىن كەلگەن؟» ــ دەپ سورىدى. ھەزەكىيا: ــ «ئۇلار يىراق بىر يۇرتتىن، يەنى بابىلدىن كەلگەن» دېدى. 14
يەشايا يەنە: ــ «ئۇلار ئورداڭدا نېمىنى كۆردى؟» دەپ سورىدى. ھەزەكىيا: ــ «ئوردامدا بار نەرسىلەرنى ئۇلار كۆردى؛ بايلىقلىرىمنىڭ ئارىسىدىن مەن ئۇلارغا كۆرسەتمىگەن بىرىمۇ قالمىدى» ــ دېدى. 15
يەشايا ھەزەكىياغا: پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قويغىن: ــ 16
ــ مانا شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، ئورداڭدا بار نەرسىلەر ۋە بۈگۈنگە قەدەر ئاتا-بوۋىلىرىڭ توپلاپ، ساقلاپ قويغان ھەممە بابىلغا ئېلىپ كېتىلىدۇ؛ ھېچنەرسە قالمايدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 17
ــ ھەمدە بابىللىقلار ئوغۇللىرىڭنى، يەنى ئۆزۈڭدىن بولغان ئەۋلادلىرىڭنى ئېلىپ كېتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بابىل پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدا ئاغۋات بولىدۇ. 18
ھەزەكىيا ئەمدى ئۆز-ئۆزىگە «ئۆز كۈنلىرىمدە بولسا ئامان-تىنچلىق، خۇدانىڭ ھەقىقەت-ۋاپالىقى بولمامدۇ؟»، دەپ يەشاياغا: ــ «سىز ئېيتقان پەرۋەردىگارنىڭ مۇشۇ سۆزى ياخشى ئىكەن» ــ دېدى. 19
ھەزەكىيانىڭ باشقا ئەمەللىرى، جۈملىدىن ئۇنىڭ سەلتەنىتىنىڭ قۇدرىتى، ئۇنىڭ قانداق قىلىپ شەھەرگە سۇ تەمىنلەش ئۈچۈن كۆل، شۇنداقلا سۇ ئاپىرىدىغان نور ياسىغانلىقى «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ 20
ھەزەكىيا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى؛ ئوغلى ماناسسەھ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. 21

< پادىشاھلار 2 20 >