< پادىشاھلار 2 19 >

شۇنداق بولدىكى، ھەزەكىيا بۇنى ئاڭلىغاندا، كىيىم-كېچەكلىرىنى يىرتىپ، ئۆزىنى بۆز بىلەن قاپلاپ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىردى. 1
ئۇ ھىلقىيانىڭ ئوغلى، ئوردىنى باشقۇرىدىغان ئېلىئاكىم، ئوردا دىۋانبېگى شەبنا ۋە كاھىنلارنىڭ ئاقساقاللىرىنى بۆز قاپلانغان پېتى ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەرگە ئەۋەتتى. 2
ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ ھەزەكىيا مۇنداق دەيدۇ: ــ «بالىلار تۇغۇلاي دەپ قالغاندا ئانىنىڭ تۇغقۇدەك ھالى قالمىغاندەك، مۇشۇ كۈن ئاۋارىچىلىك، رەسۋا قىلىنىدىغان، مازاق قىلىنىدىغان بىر كۈنىدۇر. 3
ئۆز خوجايىنى بولغان ئاسۇرىيە پادىشاھى تىرىك خۇدانى مازاق قىلىشقا ئەۋەتكەن راب-شاكەھنىڭ مۇشۇ بارلىق گەپلىرىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ نەزىرىگە ئېلىپ تىڭشىسا، بۇلارنى ئاڭلىغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭ شۇ گەپلەر ئۈچۈن ئۇنىڭ دەككىسىنى بېرەرمىكىن؟ شۇڭا قېلىپ قالغان قالدىسى ئۈچۈن ئاۋازىڭنى كۆتۈرۈپ، بىر دۇئايىڭنى بەرسەڭ» ــ دېدى. 4
شۇ گەپلەر بىلەن ھەزەكىيانىڭ خىزمەتكارلىرى يەشايانىڭ ئالدىغا كەلدى. 5
يەشايا ئۇلارغا: ــ «خوجايىنىڭلارغا: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: ــ «ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ چاپارمەنلىرىنىڭ سەن ئاڭلىغان ئاشۇ ماڭا كۇپۇرلۇق قىلغۇچى گەپلىرىدىن قورقما؛ 6
مانا، مەن ئۇنىڭغا بىر روھنى كىرگۈزىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر ئىغۋانى ئاڭلاپ، ئۆز يۇرتىغا قايتىدۇ. مەن ئۇنى ئۆز زېمىنىدا تۇرغۇزۇپ قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرگۈزىمەن» ــ دەڭلار» ــ دېدى. 7
راب-شاكەھ ئۆزى كەلگەن يولى بىلەن قايتىپ ماڭغاندا، ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ لاقىش شەھىرىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئاڭلاپ، لىبناھ شەھىرىگە قارشى جەڭ قىلىۋاتقان پادىشاھنىڭ يېنىغا كەلدى. 8
چۈنكى پادىشاھ: «مانا، ئېفىئوپىيە پادىشاھى تىرھاكاھ سىزگە قارشى جەڭ قىلماقچى بولۇپ يولغا چىقتى» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىغانىدى. لېكىن ئۇ يەنە ھەزەكىياغا ئەلچىلەرنى مۇنداق خەت بىلەن ئەۋەتتى: ــ 9
«سىلەر يەھۇدا پادىشاھى ھەزەكىياغا مۇنداق دەڭئارىسالدىلار: ــ «سەن تايىنىدىغان خۇدايىڭنىڭ ساڭا: «يېرۇسالېم ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلمايدۇ» دېگىنىگە ئالدانما؛ 10
مانا، سەن ئاسۇرىيە پادىشاھلىرىنىڭ ھەممە ئەل-يۇرتلارنى نېمە قىلغانلىرىنى، ئۇلارنى ئۆز ئىلاھ-بۇتلىرىغا ئاتاپ ھالاك قىلغانلىقىنى ئاڭلىغانسەن؛ ئەمدى ئۆزۈڭ قۇتقۇزۇلامسەن؟ 11
ئاتا-بوۋىلىرىم ھالاك قىلغان ئەللەرنىڭ ئۆز ئىلاھ-بۇتلىرى ئۇلارنى قۇتقۇزغانمۇ؟ گوزان، ھاران، رەزەف شەھىرىدىكىلەرنىچۇ، تېلاسساردا تۇرغان ئېدەنلەرنىچۇ؟ 12
خامات پادىشاھى، ئارپاد پادىشاھى، سەفارۋائىم، خېنا ھەم ئىۋۋاھ شەھەرلىرىنىڭ پادىشاھلىرى قېنى؟»». 13
شۇنىڭ بىلەن ھەزەكىيا خەتنى ئەكەلگۈچىلەرنىڭ قولىدىن ئېلىپ ئوقۇپ چىقتى. ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا خەتنى يېيىپ قويدى. 14
ۋە ھەزەكىيا پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ «ئى كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا تۇرغان پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى: ــ سەن ئۆزۈڭدۇرسەن، جاھاندىكى بارلىق ئەل-يۇرتلارنىڭ ئۈستىدىكى خۇدا پەقەت ئۆزۈڭدۇرسەن؛ ئاسمان-زېمىننى ياراتقۇچىسەن. 15
ئى پەرۋەردىگار، قۇلىقىڭنى تۆۋەن قىلىپ ئاڭلىغايسەن؛ كۆزۈڭنى ئاچقايسەن، ئى پەرۋەردىگار، كۆرگەيسەن؛ سەنناخېرىبنىڭ ئادەم ئەۋەتىپ مەڭگۈ ھايات خۇدانى ھاقارەتلەپ ئېيتقان گەپلىرىنى ئاڭلىغايسەن! 16
ئى پەرۋەردىگار، ئاسۇرىيە پادىشاھلىرى ھەقىقەتەن ھەممە يۇرتلارنى، شۇلارغا بېقىندى بولغان يۇرتلارنىمۇ خارابە قىلىپ، 17
ئۇلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرىنى ئوتقا تاشلىۋەتكەن؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرى ئىلاھ ئەمەس، بەلكى ئىنسان قولى بىلەن ياسالغانلىرى، ياغاچ ۋە تاش، خالاس؛ شۇڭا ئاسۇرىيلار ئۇلارنى ھالاك قىلدى. 18
ئەمدى، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، جاھاندىكى بارلىق ئەل-يۇرتلارغا سېنىڭ، پەقەت سېنىڭلا پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىڭنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بىزنى ئۇنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغايسەن!». 19
شۇنىڭ بىلەن ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا ھەزەكىياغا سۆز ئەۋەتىپ مۇنداق دېدى: ــ ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سېنىڭ ماڭا سەنناخېرىب توغرۇلۇق قىلغان دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم. 20
پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا قارىتا دېگەن سۆزى شۇدۇركى: ــ «پاك قىز، يەنى زىئوننىڭ قىزى سېنى كەمسىتىدۇ، سېنى مازاق قىلىپ كۈلىدۇ؛ يېرۇسالېمنىڭ قىزى كەينىڭگە قاراپ بېشىنى چايقايدۇ؛ 21
سەن كىمنى مازاق قىلىپ كۇپۇرلۇق قىلدىڭ؟ سەن كىمگە قارشى ئاۋازىڭنى كۆتۈرۈپ، نەزىرىڭنى ئۈستۈن قىلدىڭ؟ ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىغا قارشى! 22
ئەلچىلىرىڭ ئارقىلىق سەن رەبنى مازاق قىلىپ؛ ــ «مەن نۇرغۇنلىغان جەڭ ھارۋىلىرىم بىلەن تاغ چوققىسىغا، لىۋان تاغ باغرىلىرىغا يېتىپ كەلدىمكى، ئۇنىڭ ئېگىز كېدىر دەرەخلىرىنى، ئېسىل قارىغايلىرىنى كېسىۋېتىمەن؛ مەن ئۇنىڭ ئەڭ چەت تۇرالغۇسىغا، ئۇنىڭ ئەڭ بۈك-باراقسان ئورمانزارلىقىغا كىرىپ يېتىمەن. 23
ئۆزۈم قۇدۇق كولاپ ياقا يۇرتنىڭ سۈيىنى ئىچتىم؛ پۇتۇمنىڭ ئۇچىدىلا مەن مىسىرنىڭ بارلىق دەريا-ئۆستەڭلىرىنى قۇرۇتىۋەتتىم ــ دېدىڭ. 24
ــ سەن شۇنى ئاڭلاپ باقمىغانمىدىڭ؟ ئۇزۇندىن بۇيان مەن شۇنى بېكىتكەنمەنكى، قەدىمدىن تارتىپ شەكىللەندۈرگەنمەنكى، ھازىر ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇردۇمكى، مانا، سەن قەلئە-قورغانلىق شەھەرلەرنى خارابىلەرگە ئايلاندۇردۇڭ؛ 25
شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەردە تۇرۇۋاتقانلار كۈچسىزلىنىپ، يەرگە قارىتىپ قويۇلدى، شەرمەندە قىلىندى؛ ئۇلار ئۆسىۋاتقان ئوت-چۆپتەك، يۇمران كۆك چۆپلەردەك، ئۆگزىدىكى ئوت-چۆپلەر ئۆسمەي قۇرۇپ كەتكەندەك بولدى. 26
بىراق سېنىڭ ئولتۇرغىنىڭنى، ئورنۇڭدىن تۇرغىنىڭنى، چىقىپ-كىرگىنىڭنى ۋە ماڭا قارشى غالجىرلىشىپ كەتكىنىڭنى بىلىمەن؛ 27
سېنىڭ ماڭا قارشى غالجىرلىشىپ كەتكەنلىكىڭنىڭ، ھاكاۋۇرلىشىپ كەتكەنلىكىڭنىڭ قۇلىقىمغا يەتكەنلىكى تۈپەيلىدىن، مەن قارمىقىمنى بۇرنىڭدىن ئۆتكۈزىمەن، يۈگىنىمنى ئاغزىڭغا سالىمەن، ۋە ئۆزۈڭ كەلگەن يول بىلەن سېنى قايتۇرىمەن. 28
ئى [ھەزەكىيا]، شۇ ئىش ساڭا ئالامەت بېشارەت بولىدۇكى، مۇشۇ يىلى ئۆزلۈكىدىن ئۆسكەن، ئىككىنچى يىلى شۇلاردىن چىققانلارمۇ سىلەرنىڭ رىزقىڭلار بولىدۇ؛ ئۈچىنچى يىلى بولسا تېرىيسىلەر، ئورىسىلەر، ئۈزۈم كۆچەتلىرىنى تىكىسىلەر؛ ئۇلاردىن چىققان مېۋىلەرنى يەيسىلەر. 29
يەھۇدا جەمەتىنىڭ قېچىپ قۇتۇلغان قالدىسى بولسا يەنە تۆۋەنگە قاراپ يىلتىز تارتىدۇ، يۇقىرىغا قاراپ مېۋە بېرىدۇ؛ 30
چۈنكى يېرۇسالېمدىن بىر قالدىسى، زىئون تېغىدىن قېچىپ قۇتۇلغانلار چىقىدۇ؛ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئوتلۇق مۇھەببىتى مۇشۇنى ئادا قىلىدۇ. 31
شۇڭا، پەرۋەردىگار ئاسۇرىيە پادىشاھى توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ ۇ نە مۇشۇ شەھەرگە يېتىپ كەلمەيدۇ، نە ئۇنىڭغا بىر تال ئوقمۇ ئاتمايدۇ؛ نە قالقاننى كۆتۈرۈپ ئالدىغا كەلمەيدۇ، نە ئۇنىڭغا قارىتا قاشالارنىمۇ ياسىمايدۇ. 32
ئۇ قايسى يول بىلەن كەلگەن بولسا، ئۇ يول بىلەن قايتىدۇ ۋە مۇشۇ شەھەرگە كەلمەيدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، 33
ــ چۈنكى ئۆزۈم ئۈچۈن ۋە مېنىڭ قۇلۇم داۋۇت ئۈچۈن ئۇنى ئەتراپىدىكى سېپىلدەك قوغداپ قۇتقۇزىمەن». 34
شۇ كېچە شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى چىقىپ، ئاسۇرىيەلىكلەرنىڭ بارگاھىدا بىر يۈز سەكسەن بەش مىڭ ئەسكەرنى ئۇردى؛ مانا، كىشىلەر ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆردى! 35
شۇڭا ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىب چېكىنىپ، يولغا چىقىپ، نىنەۋە شەھىرىگە قايتىپ تۇردى. 36
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ ئۆز بۇتى نىسروقنىڭ بۇتخانىسىدا ئۇنىڭغا چوقۇنۇۋاتقاندا، ئوغۇللىرى ئادراممەلەك ھەم شارئېزەر ئۇنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈۋەتتى؛ ئاندىن ئۇلار بولسا ئارارات دېگەن يۇرتقا قېچىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئوغلى ئېسارھاددون ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. 37

< پادىشاھلار 2 19 >