< پادىشاھلار 2 18 >

ئېلاھنىڭ ئوغلى، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ھوشىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئۈچىنچى يىلىدا، يەھۇدانىڭ [سابىق] پادىشاھى ئاھازنىڭ ئوغلى ھەزەكىيا يەھۇداغا پادىشاھ بولدى. 1
ئۇ پادىشاھ بولغاندا يىگىرمە بەش ياشتا بولۇپ، يېرۇسالېمدا يىگىرمە توققۇز يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى ئابى ئىدى؛ ئۇ زەكەرىيانىڭ قىزى ئىدى. 2
ھەزەكىيا بولسا ئاتىسى داۋۇتنىڭ بارلىق قىلغىنىدەك، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلاتتى. 3
ئۇ «يۇقىرى جايلار»نى يوقىتىپ، «بۇت تۈۋرۈكلەر»نى چېقىپ «ئاشەراھ»لارنى كېسىپ تاشلاپ، مۇسا ياساتقان مىس يىلاننى چېقىپ پارە-پارە قىلىپ (چۈنكى ئۇ چاغقىچە ئىسرائىللار ئۇنىڭغا خۇشبۇي ياقاتتى)، ئۇنىڭغا «نەھۇشتان!» دەپ ئىسىم قويدى. 4
ھەزەكىيا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا تاياندى. بۇ جەھەتتە نە ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن نە ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكەن يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ ئارىسىدىكى ھېچبىرى ئۇنىڭغا يەتمەيتتى. 5
ئۇ پەرۋەردىگارغا چىڭ باغلىنىپ ئۇنىڭغا ئەگىشىشتىن چىقماي، بەلكى پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغان ئەمرلەرنى تۇتاتتى. 6
پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى؛ ئۇ قايسىلا ئىشقا چىقسا شۇنىڭدا راۋاجلىق بولاتتى. ئۇ ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ ھاكىمىيىتىگە قارشى چىقىپ ئۇنىڭغا بېقىندى بولۇشتىن ياندى. 7
ئۇ فىلىستىيلەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى گازا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى زېمىنلىرىغىچە، كۆزەت مۇنارىدىن مۇستەھكەم قورغانغىچە بېسىپ مەغلۇپ قىلدى. 8
ۋە شۇنداق بولدىكى، ھەزەكىيا پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ تۆتىنچى يىلىدا، يەنى ئىسرائىلنىڭ [سابىق] پادىشاھى ئېلاھنىڭ ئوغلى ھوشىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ يەتتىنچى يىلىدا، ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى شالمانئەزەر سامارىيەگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى قامال قىلدى. 9
ئۈچ يىلدىن كېيىن ئۇلار شەھەرنى ئالدى؛ ھەزەكىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ توققۇزىنچى يىلى، يەنى ئىسرائىل پادىشاھى ھوشىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ توققۇزىنچى يىلىدا، سامارىيە ئىشغال قىلىندى. 10
ئاندىن ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى ئىسرائىللارنى ئاسۇرىيەگە ئېلىپ كېتىپ، ئۇلارنى خالاھدا، گوزاندىكى خابور دەرياسىنىڭ بويلىرىدا ۋە مېدىئالارنىڭ شەھەرلىرىدە ماكانلاشتۇردى. 11
چۈنكى ئۇلار ئۆز خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىغا ئىتائەت قىلمىدى، بەلكى ئۇنىڭ ئەھدىسىگە، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى مۇسا بۇيرۇغاننىڭ ھەممىسىگە خىلاپلىق قىلدى؛ ئۇلار ياكى قۇلاق سالمىدى، ياكى ئەمەل قىلمىدى. 12
ھەزەكىيا پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون تۆتىنچى يىلى، ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى سەنناخېرىب يەھۇدانىڭ بارلىق قورغانلىق شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ چىقىپ، ئۇلارنى ئىشغال قىلدى. 13
ئۇ ۋاقىتتا يەھۇدانىڭ پادىشاھى ھەزەكىيا لاقىشقا ئادەم ئەۋەتىپ، ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىغا: مەن گۇناھكار! مەندىن چېكىنگەيلا، ئۈستۈمگە ھەرنېمە چۈشۈرسىلە شۇنى [تۆلەيمەن]، ــ دېدى. ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى ھەزەكىياغا ئۈچ يۈز تالانت كۈمۈش بىلەن ئوتتۇز تالانت ئالتۇن توختىتىپ قويدى. 14
ھەزەكىيا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى ۋە پادىشاھنىڭ ئوردىسىنىڭ خەزىنىسىدىكى بارلىق كۈمۈشنى ئېلىپ بەردى. 15
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەھۇدانىڭ پادىشاھى ھەزەكىيا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكلىرىدىن ۋە ئۆزى ئەسلىدە قاپلاتقان ئىشىك كېشەكلىرىدىن ئالتۇننى ئاجرىتىپ ئېلىپ، ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىغا بەردى. 16
شۇ چاغدا ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىب تارتان، راب-سارىس ۋە راب-شاكەھلىرىنى چوڭ قوشۇن بىلەن لاقىش شەھىرىدىن يېرۇسالېمغا، ھەزەكىيانىڭ يېنىغا ئەۋەتتى. ئۇلار يېرۇسالېمغا چىقىپ كەلدى. چىققاندا، ئۇلار كىر يۇغۇچىلارنىڭ ئېتىزىنىڭ بويىدىكى يولدا، يۇقىرى كۆلچەكنىڭ نورىنىڭ بېشىغا كېلىپ تۇردى. 17
ئۇلار پادىشاھنى چاقىرغاندا، ھىلقىيانىڭ ئوغلى، ئوردىنى باشقۇرىدىغان ئېلىئاكىم، ئوردىنىڭ دىۋانبېگى شەبنا ۋە ئاسافنىڭ ئوغلى، ئوردا مىرزىبېگى يوئاھلار ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلدى. 18
ۋە راب-شاكەھ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ «سىلەر ھەزەكىياغا: ــ «ئۇلۇغ پادىشاھ، يەنى ئاسۇرىيە پادىشاھى ساڭا مۇنداق دېدى، دەڭلار: ــ سېنىڭ مۇشۇ ئىشەنگەن تايانچىڭ زادى نېمىدى؟ 19
سەن: «ئۇرۇش قىلىشقا تەدبىر-مەسلىھەتىمىز ھەم كۈچىمىز بار، دەيسەن ــ بۇ پەقەت بىر قۇرۇق گەپ، خالاس! ــ سەن زادى كىمگە تايىنىپ ماڭا قارشى ئۆكتە قوپىسەن؟ 20
مانا ئەمدى سەن يېرىقى بار ئاشۇ قومۇش ھاسا، يەنى مىسىرغا تايىنىسەن. بىرسى ئۇنىڭغا يۆلەنسە، ئۇنىڭ قولىغا سانجىپ كىرىدۇ؛ مىسىر پادىشاھى پىرەۋنگە تايانغانلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق بولىدۇ! 21
ئەگەر سىلەر ماڭا: «بىز خۇدايىمىز بولغان پەرۋەردىگارغا تايىنىمىز» ــ دېسەڭلار، ھەزەكىيا ئۆزى يەھۇدادىكىلەرگە ۋە يېرۇسالېمدىكىلەرگە: «سىلەر پەقەت يېرۇسالېمدىكى مۇشۇ ئىبادەتگاھ ئالدىدىلا ئىبادەت قىلىشىڭلار كېرەك» دەپ، ئۇنىڭغا ئاتالغان «يۇقىرى جايلار»نى ھەم قۇربانگاھلارنى يوق قىلىۋەتتىغۇ؟ ئۇلار ئاشۇ پەرۋەردىگارنىڭ يۇقىرى جايلىرى ئەمەسمىدى؟ 22
ئەمدى ھازىر خوجايىنىم ئاسۇرىيە پادىشاھى بىلەن بىر توختامغا كېلىڭلار: ــ «ئەگەر سىلەردە ئۇلارغا مىنەلىگۈدەك ئەسكەرلىرىڭلار بولسا، مەن سىلەرگە ئىككى مىڭ ئاتنى بىكارغا بېرەي!» 23
سىلەردە ئۇنداقلار بولمىسا، خوجايىنىمنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەڭ كىچىكى بولغان بىر لەشكەر بېشىنى قانداقمۇ چېكىندۈرەلەيسىلەر؟! گەرچە سىلەر جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلارنى ئېلىش ئۈچۈن مىسىرغا تايىنىسىلەر! 24
مەن مۇشۇ يەرنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن پەرۋەردىگارسىز كەلدىممۇ؟ چۈنكى پەرۋەردىگار ماڭا: «مۇشۇ زېمىننى ھالاك قىلىشقا چىققىن» ــ دېدى!». 25
ئېلىئاكىم، شەبنا ۋە يوئاھ راب-شاكەھگە: ــ پېقىرلىرىغا ئارامىي تىلىدا سۆزلىسىلە؛ بىز بۇنى چۈشىنىمىز. بىزگە ئىبرانىي تىلىدا سۆزلىمىسىلە، گەپلىرى سېپىلدا تۇرغانلارنىڭ قۇلىقىغا كىرمىسۇن! ــ دېدى. 26
بىراق راب-شاكەھ: ــ خوجايىنىم مېنى مۇشۇ گەپنى خوجايىنىڭلارغا ۋە سىلەرگىلا ئېيتىشقا ئەۋەتكەنمۇ؟ مۇشۇ گەپنى سىلەر بىلەن بىرلىكتە سېپىلدا ئولتۇرغانلارغا دېيىشكە ئەۋەتكەن ئەمەسمۇ؟ چۈنكى ئۇلار ئۆز پوقىنى يېگۈچى ھەم ئۆز سۈيدۈكىنى ئىچكۈچى بولىدۇ!» ــ دېدى. 27
ئاندىن راب-شاكەھ ئىبرانىي تىلىدا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «ئۇلۇغ پادىشاھ، يەنى ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قويۇڭلار!» ــ دەپ ۋارقىرىدى. 28
ــ «پادىشاھ مۇنداق دەيدۇ: ــ ھەزەكىيا سىلەرنى ئالداپ قويمىسۇن! چۈنكى ئۇ سىلەرنى [پادىشاھنىڭ] قولىدىن قۇتقۇزالمايدۇ. 29
ئۇنىڭ سىلەرنى: ــ «پەرۋەردىگار بىزنى جەزمەن قۇتقۇزىدۇ؛ مۇشۇ شەھەر ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتمەيدۇ» دەپ پەرۋەردىگارغا تاياندۇرۇشىغا يول قويماڭلار! 30
ھەزەكىياغا قۇلاق سالماڭلار؛ چۈنكى ئاسۇرىيە پادىشاھى مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن بىلەن سۈلھىلىشىپ، مەن تەرەپكە ئۆتۈڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار ھەربىرىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ ئۈزۈم بارىڭىدىن ھەم ئۆزۈڭلارنىڭ ئەنجۈر دەرىخىدىن مېۋە يەيسىلەر، ھەربىرىڭلار ئۆز سۇ كۆلچىكىڭلاردىن سۇ ئىچىسىلەر؛ 31
تا مەن كېلىپ سىلەرنى بۇغدايلىق ھەم شارابلىق بىر زېمىنغا، نېنى، ئۈزۈمزارلىرى ۋە زەيتۇن دەرەخلىرى بار، ھەسەل چىقىرىدىغان بىر زېمىنغا، يەنى زېمىنىڭلارغا ئوخشاش بىر زېمىنغا ئاپىرىپ قويغۇچە يەپ-ئىچىۋېرىڭلار! شۇنىڭ بىلەن سىلەر تىرىك قېلىپ، ئۆلمەيسىلەر! ھەزەكىيا سىلەرگە: ــ «پەرۋەردىگار بىزنى قۇتقۇزىدۇ» دېسە ئۇنىڭغا قۇلاق سالماڭلار! 32
ئەل-يۇرتلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرىنىڭ بىرى ئۆز زېمىنىنى ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغانمۇ؟ 33
خامات ۋە ئارپاد دېگەن يۇرتلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرى قېنى؟ سەفارۋائىم، خېنا ۋە ئىۋۋاھ شەھەرلىرىنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرى قېنى؟ ئۇلار سامارىيەنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزغانمۇ؟! 34
مۇشۇ ئەل-يۇرتلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرىدىن ئۆز زېمىنىنى قۇتقۇزغان زادى كىم بار؟ شۇنداق ئىكەن، پەرۋەردىگار يېرۇسالېمنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالامدۇ؟» ــ دېدى. 35
ئەمما خەلق سۈكۈت قىلىپ ئۇنىڭغا جاۋابەن ھېچقانداق بىر سۆز قىلمىدى؛ چۈنكى پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى شۇكى: ــ «ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمەڭلار». 36
ئاندىن ھىلقىيانىڭ ئوغلى، ئوردىنى باشقۇرىدىغان ئېلىئاكىم، ئوردا دىۋانبېگى شەبنا ۋە ئاسافنىڭ ئوغلى، ئوردا مىرزىبېگى يوئاھلار كىيىم-كېچەكلىرىنى يىرتىشىپ، ھەزەكىيانىڭ يېنىغا كېلىپ، راب-شاكەھنىڭ گەپلىرىنى ئۇنىڭغا ئۇقتۇردى. 37

< پادىشاھلار 2 18 >