< پادىشاھلار 2 16 >

رەمالىيانىڭ ئوغلى پىكاھنىڭ ئون يەتتىنچى يىلىدا، يوتامنىڭ ئوغلى ئاھاز يەھۇداغا پادىشاھ بولدى. 1
ئاھاز پادىشاھ بولغاندا يىگىرمە ياشقا كىرگەن بولۇپ، يېرۇسالېمدا ئون ئالتە يىل سەلتەنەت قىلغانىدى. ئۇ ئاتىسى داۋۇت قىلغاندەك ئەمەس، ئەكسىچە پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلمىدى. 2
ئۇ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ يولىدا ماڭاتتى، ھەتتا پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ ئالدىدىن ھەيدەپ چىقارغان ئەللەرنىڭ يىرگىنچلىك گۇناھلىرىغا ئەگىشىپ، ئۆز ئوغلىنى ئوتتىن ئۆتكۈزۈپ كۆيدۈردى. 3
ئۇ «يۇقىرى جايلار»دا، دۆڭلەردە ۋە ھەربىر كۆك دەرەخلەرنىڭ ئاستىدا قۇربانلىق قىلىپ، كۈجە كۆيدۈرەتتى. 4
شۇ ۋاقىتتا سۇرىيەنىڭ پادىشاھى رەزىن بىلەن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى، رەمالىيانىڭ ئوغلى پىكاھ يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ، [پادىشاھ] ئاھازنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ قورشىۋالغىنى بىلەن، لېكىن ئۇنى مەغلۇپ قىلالمىدى. 5
ئاشۇ ۋاقىتتا سۇرىيەنىڭ پادىشاھى رەزىن ئېلات شەھىرىنى سۇرىيەگە قايتۇرۇۋالدى ۋە شۇ يەردە تۇرۇۋاتقان يەھۇدالارنى ھەيدىۋەتتى. ئاندىن سۇرىيلەر كېلىپ ئۇ يەردە ئولتۇراقلاشتى؛ ئۇلار بۈگۈنگىچە شۇ يەردە تۇرماقتا. 6
ئاھاز ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى تىگلات-پىلەسەرگە ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ: مەن سىلىنىڭ قۇللىرى، سىلىنىڭ ئوغۇللىرى بولىمەن؛ ماڭا ھۇجۇم قىلىۋاتقان سۇرىيەنىڭ پادىشاھىنىڭ قولىدىن ۋە ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇشقا چىققايلا، دېدى. 7
شۇنى ئېيتىپ ئاھاز پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ۋە پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكى خەزىنىلەردىكى كۈمۈش بىلەن ئالتۇننى سوۋغا قىلىپ، ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىغا ئەۋەتتى. 8
ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى دەمەشققە ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئىشغال قىلدى؛ ئۇنىڭدىكى ئاھالىنى تۇتقۇن قىلىپ كىر شەھىرىگە ئېلىپ باردى ۋە رەزىننى ئۆلتۈردى. 9
ئاھاز پادىشاھ ئەمدى ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى تىگلات-پىلەسەر بىلەن كۆرۈشكىلى دەمەشققە باردى ۋە شۇنداقلا دەمەشقتىكى قۇربانگاھنى كۆردى. ئاندىن ئاھاز پادىشاھ شۇ قۇربانگاھنىڭ رەسىمىنى، ئۇنىڭ بارلىق ياسىلىش تەپسىلاتلىرىنىڭ لايىھىسىنى سىزىپ، ئۇنى ئۇرىيا كاھىنغا يەتكۈزدى. 10
شۇنىڭ بىلەن ئۇرىيا كاھىن ئاھاز پادىشاھ دەمەشقتىن ئەۋەتكەن بارلىق تەپسىلاتلار بويىچە بىر قۇربانگاھ ياسىدى. ئاھاز پادىشاھ دەمەشقتىن يېنىپ كەلمەستە، ئۇرىيا كاھىن ئۇنى شۇنداق تەييار قىلغانىدى. 11
پادىشاھ دەمەشقتىن يېنىپ كېلىپ، قۇربانگاھنى كۆرۈپ، قۇربانگاھقا بېرىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇربانلىق سۇندى؛ 12
ئۇ قۇربانگاھنىڭ ئۈستىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئاشلىق ھەدىيەسىنى كۆيدۈرۈپ، «شاراب ھەدىيە»سىنى تۆكۈپ، «ئىناقلىق قۇربانلىقى»نىڭ قېنىنى چاچتى. 13
شۇنداق قىلىپ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىنىڭ ئالدىدىكى مىس قۇربانگاھنى ئېلىپ ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى بىلەن ئۆزىنىڭ قۇربانگاھىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۆز قۇربانگاھىنىڭ شىمال تەرىپىگە قويدۇردى. 14
ئاھاز پادىشاھ ئۇرىيا كاھىنغا بۇيرۇق قىلىپ: مۇشۇ چوڭ قۇربانگاھ ئۈستىگە ئەتىگەنلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن كەچلىك ئاشلىق ھەدىيەسىنى، پادىشاھنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقى بىلەن ئاشلىق ھەدىيەسىنى، ھەممە يۇرتنىڭ پۈتۈن خەلقىنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقى، ئاشلىق ھەدىيە ۋە شاراب ھەدىيەلىرىنى كۆيدۈرۈپ سۇنىسەن. كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنىڭ بارلىق قانلىرى ۋە باشقا قۇربانلىقلارنىڭ بارلىق قانلىرىنى ئۇشبۇ قۇربانلىقنىڭ ئۈستىگە تۆكىسەن. مىس قۇربانگاھ بولسا مېنىڭ يول سورىشىم ئۈچۈن بولسۇن، دېدى. 15
شۇنىڭ بىلەن ئۇرىيا كاھىن ئاھاز پادىشاھ بۇيرۇغاننىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلدى. 16
ئاھاز پادىشاھ داس تەگلىكلىرىگە بېكىتىلگەن تاختايلارنى كېسىپ ئاجرىتىپ، داسلارنى تەگلىكلىرىدىن ئېلىۋەتتى؛ ئۇ مىس «دېڭىز»نى تېگىدىكى مىس ئۇيلارنىڭ ئۈستىدىن كۆتۈرۈپ ئېلىپ، ئۇنى تاش تاختايلىق بىر مەيدانغا قويدۇردى. 17
ئۇ ئاسۇرىيە پادىشاھىنى رازى قىلىش ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە تۇتىشىدىغان «شابات كۈنىدىكى ئايۋانلىق يول» بىلەن پادىشاھ تاشقىرىدىن كىرىدىغان يولنى ئېتىۋەتتى. 18
ئاھازنىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ 19
ئاھاز ئۆز ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى؛ ئۇ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا «داۋۇتنىڭ شەھىرى»دە دەپنە قىلىندى؛ ئوغلى ھەزەكىيا ئورنىدا پادىشاھ بولدى. 20

< پادىشاھلار 2 16 >