< پادىشاھلار 2 15 >

ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەروبوئامنىڭ سەلتەنىتىنىڭ يىگىرمە يەتتىنچى يىلىدا ئامازىيانىڭ ئوغلى ئازارىيا يەھۇدانىڭ پادىشاھى بولدى. 1
In the twenty-seventh year of Jeroboam king of Israel, Azariah son of Amaziah king of Judah began to reign.
ئون ئالتە ياشقا كىرگەندە پادىشاھ بولۇپ يېرۇسالېمدا ئەللىك ئىككى يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى يەكولىيا بولۇپ، ئۇ يېرۇسالېملىق ئىدى. 2
He was sixteen years old when he began to reign, and he reigned fifty-two years in Jerusalem. His mother’s name was Jecoliah of Jerusalem.
ئۇ ئاتىسى ئامازىيانىڭ بارلىق قىلغانلىرىدەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلاتتى. 3
He did that which was right in Yahweh’s eyes, according to all that his father Amaziah had done.
پەقەت «يۇقىرى جايلار»لا يوقىتىلمىدى؛ خەلق يەنىلا «يۇقىرى جايلار»غا چىقىپ قۇربانلىق قىلىپ خۇشبۇي ياقاتتى. 4
However, the high places were not taken away. The people still sacrificed and burned incense in the high places.
ئەمما پەرۋەردىگار پادىشاھنى ئۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىگىچە ئۇنى ماخاۋ كېسىلىگە مۇپتىلا قىلغاچ، ئۇ ئايرىم ئۆيدە تۇراتتى ۋە پادىشاھنىڭ ئوغلى يوتام ئوردىنى باشقۇرۇپ يۇرتنىڭ خەلقىنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرەتتى. 5
Yahweh struck the king, so that he was a leper to the day of his death, and lived in a separate house. Jotham, the king’s son, was over the household, judging the people of the land.
ئازارىيانىڭ باشقا ئەمەللىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ 6
Now the rest of the acts of Azariah, and all that he did, aren’t they written in the book of the chronicles of the kings of Judah?
ئازارىيا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى؛ كىشىلەر ئۇنى «داۋۇتنىڭ شەھىرى»دە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا دەپنە قىلدى. ئوغلى يوتام ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. 7
Azariah slept with his fathers; and they buried him with his fathers in David’s city; and Jotham his son reigned in his place.
يەھۇدا پادىشاھى ئازارىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئوتتۇز سەككىزىنچى يىلىدا، يەروبوئامنىڭ ئوغلى زەكەرىيا سامارىيەدە ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇپ، ئالتە ئاي سەلتەنەت قىلدى. 8
In the thirty-eighth year of Azariah king of Judah, Zechariah the son of Jeroboam reigned over Israel in Samaria six months.
ئۇ ئاتا-بوۋىلىرى قىلغاندەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلاتتى؛ ئۇ ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ گۇناھلىرىدىن چىقمىدى. 9
He did that which was evil in Yahweh’s sight, as his fathers had done. He didn’t depart from the sins of Jeroboam the son of Nebat, with which he made Israel to sin.
يابەشنىڭ ئوغلى شاللۇم ئۇنىڭغا قەست قىلىپ، ئۇنى خەلقنىڭ ئالدىدا ئۇرۇپ ئۆلتۈردى ۋە ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. 10
Shallum the son of Jabesh conspired against him, and struck him before the people and killed him, and reigned in his place.
زەكەرىيانىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ 11
Now the rest of the acts of Zechariah, behold, they are written in the book of the chronicles of the kings of Israel.
[ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى] پەرۋەردىگارنىڭ يەھۇغا: ــ سېنىڭ ئوغۇللىرىڭ تۆتىنچى نەسلىگىچە ئىسرائىلنىڭ تەختىدە ئولتۇرىدۇ، دېگەن سۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. دەرۋەقە شۇنداق بولدى. 12
This was Yahweh’s word which he spoke to Jehu, saying, “Your sons to the fourth generation shall sit on the throne of Israel.” So it came to pass.
يابەشنىڭ ئوغلى شاللۇم يەھۇدا پادىشاھى ئازارىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئوتتۇز توققۇزىنچى يىلىدا پادىشاھ بولۇپ، سامارىيەدە تولۇق بىر ئاي سەلتەنەت قىلدى. 13
Shallum the son of Jabesh began to reign in the thirty-ninth year of Uzziah king of Judah, and he reigned for a month in Samaria.
گادىنىڭ ئوغلى مەناھەم تىرزاھدىن چىقىپ، سامارىيەگە كېلىپ، يابەشنىڭ ئوغلى شاللۇمنى شۇ يەردە ئۇرۇپ ئۆلتۈردى ۋە ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. 14
Menahem the son of Gadi went up from Tirzah, came to Samaria, struck Shallum the son of Jabesh in Samaria, killed him, and reigned in his place.
شاللۇمنىڭ باشقا ئىشلىرى، جۈملىدىن ئۇنىڭ قەست قىلىشلىرى، مانا «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر. 15
Now the rest of the acts of Shallum, and his conspiracy which he made, behold, they are written in the book of the chronicles of the kings of Israel.
شۇ چاغدا مەناھەم تىپساھ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ يەردە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈردى؛ ئۇ يەنە تىرزاھدىن تارتىپ ئۇنىڭغا تەۋە بارلىق زېمىنلىرىنى ۋەيران قىلدى. ئۇلار تەن بېرىپ دەرۋازىنى ئاچمىغىنى ئۈچۈن شەھەرگە شۇنداق ھۇجۇم قىلدىكى، ھەتتا ئۇنىڭدىكى جىمى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قارنىنى يىرتىپ ئۆلتۈردى. 16
Then Menahem attacked Tiphsah and all who were in it and its border areas, from Tirzah. He attacked it because they didn’t open their gates to him, and he ripped up all their women who were with child.
يەھۇدا پادىشاھى ئازارىيا سەلتەنىتىنىڭ ئوتتۇز توققۇزىنچى يىلىدا، گادىنىڭ ئوغلى مەناھەم ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇپ، سامارىيەدە ئون يىل سەلتەنەت قىلدى. 17
In the thirty ninth year of Azariah king of Judah, Menahem the son of Gadi began to reign over Israel for ten years in Samaria.
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ، پۈتۈن ئۆمرىدە ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ گۇناھلىرىدىن چىقمىدى. 18
He did that which was evil in Yahweh’s sight. He didn’t depart all his days from the sins of Jeroboam the son of Nebat, with which he made Israel to sin.
ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى پۇل ئىسرائىل زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلدى؛ ئۇ ۋاقىتتا مەناھەم: «پادىشاھلىقىمنىڭ مۇستەھكەملىكى ئۈچۈن ماڭا ياردەم قىلغايلا» دەپ ئۇنىڭغا مىڭ تالانت كۈمۈش بەردى. 19
Pul the king of Assyria came against the land, and Menahem gave Pul one thousand talents of silver, that his hand might be with him to confirm the kingdom in his hand.
مەناھەم ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىغا بېرىدىغان شۇ پۇلنى ئىسرائىلنىڭ ھەممە باي ئادەملىرىگە باج سېلىش بىلەن ئالدى؛ ئۇ ھەربىرىدىن ئەللىك شەكەل كۈمۈش ئالدى. شۇنىڭ بىلەن ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى قايتىپ كەتتى ۋە بۇ زېمىندا تۇرۇپ قالمىدى. 20
Menahem exacted the money from Israel, even from all the mighty men of wealth, from each man fifty shekels of silver, to give to the king of Assyria. So the king of Assyria turned back, and didn’t stay there in the land.
مەناھەمنىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ 21
Now the rest of the acts of Menahem, and all that he did, aren’t they written in the book of the chronicles of the kings of Israel?
مەناھەم ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە ئوغلى پەكاھىيا ئورنىدا پادىشاھ بولدى. 22
Menahem slept with his fathers, and Pekahiah his son reigned in his place.
يەھۇدا پادىشاھى ئازارىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئەللىكىنچى يىلىدا، مەناھەمنىڭ ئوغلى پەكاھىيا سامارىيەدە ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇپ، ئىككى يىل سەلتەنەت قىلدى. 23
In the fiftieth year of Azariah king of Judah, Pekahiah the son of Menahem began to reign over Israel in Samaria for two years.
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ، ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ گۇناھلىرىدىن چىقمىدى. 24
He did that which was evil in Yahweh’s sight. He didn’t depart from the sins of Jeroboam the son of Nebat, with which he made Israel to sin.
ۋە ئۇنىڭ سەردارى رەمالىيانىڭ ئوغلى پىكاھ ئۇنىڭغا قەست قىلىپ ئۇنى سامارىيەدە، پادىشاھ ئوردىسىدىكى قەلئەدە ئۆلتۈردى؛ شۇ ئىشتا ئارگوب بىلەن ئارىيە ۋە ئەللىك گىلېئادلىق كىشى پىكاھ تەرەپتە تۇردى؛ ئۇ پەكاھىيانى ئۆلتۈرۈپ ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. 25
Pekah the son of Remaliah, his captain, conspired against him and attacked him in Samaria, in the fortress of the king’s house, with Argob and Arieh; and with him were fifty men of the Gileadites. He killed him, and reigned in his place.
پەكاھىيانىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى بولسا، مانا «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر. 26
Now the rest of the acts of Pekahiah, and all that he did, behold, they are written in the book of the chronicles of the kings of Israel.
يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئازارىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئەللىك ئىككىنچى يىلىدا، رەمالىيانىڭ ئوغلى پىكاھ سامارىيەدە ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇپ، يىگىرمە يىل سەلتەنەت قىلدى. 27
In the fifty-second year of Azariah king of Judah, Pekah the son of Remaliah began to reign over Israel in Samaria for twenty years.
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ گۇناھلىرىدىن چىقمىدى. 28
He did that which was evil in Yahweh’s sight. He didn’t depart from the sins of Jeroboam the son of Nebat, with which he made Israel to sin.
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى پىكاھنىڭ كۈنلىرىدە ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى تىگلات-پىلەسەر كېلىپ ئىيون، ئابەل-بەيت-مائاكاھ، يانوئاھ، كەدەش، ھازور، گىلېئاد، گالىلىيە، جۈملىدىن نافتالىنىڭ پۈتكۈل زېمىنىنى ئىشغال قىلىپ، شۇ يەردىكى خەلقنى تۇتقۇن قىلىپ، ئاسۇرىيەگە ئېلىپ باردى. 29
In the days of Pekah king of Israel, Tiglath Pileser king of Assyria came and took Ijon, Abel Beth Maacah, Janoah, Kedesh, Hazor, Gilead, and Galilee, all the land of Naphtali; and he carried them captive to Assyria.
ئەلاھنىڭ ئوغلى ھوشىيا رەمالىيانىڭ ئوغلى پىكاھغا قەست قىلىپ ئۇنى ئۆلتۈردى. ئۇززىيانىڭ ئوغلى يوتامنىڭ سەلتەنىتىنىڭ يىگىرمىنچى يىلىدا، ئۇ پىكاھنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. 30
Hoshea the son of Elah made a conspiracy against Pekah the son of Remaliah, attacked him, killed him, and reigned in his place, in the twentieth year of Jotham the son of Uzziah.
پىكاھنىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى بولسا، مانا «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر. 31
Now the rest of the acts of Pekah, and all that he did, behold, they are written in the book of the chronicles of the kings of Israel.
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى رەمالىيانىڭ ئوغلى پىكاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئىككىنچى يىلىدا، ئۇززىيانىڭ ئوغلى يوتام يەھۇداغا پادىشاھ بولدى. 32
In the second year of Pekah the son of Remaliah king of Israel, Jotham the son of Uzziah king of Judah began to reign.
ئۇ پادىشاھ بولغاندا يىگىرمە بەش ياشقا كىرگەن بولۇپ، يېرۇسالېمدا ئون ئالتە يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى يەرۇشا ئىدى؛ ئۇ زادوكنىڭ قىزى ئىدى. 33
He was twenty-five years old when he began to reign, and he reigned sixteen years in Jerusalem. His mother’s name was Jerusha the daughter of Zadok.
يوتام ئاتىسى ئۇززىيانىڭ بارلىق قىلغانلىرىدەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلاتتى. 34
He did that which was right in Yahweh’s eyes. He did according to all that his father Uzziah had done.
پەقەت «يۇقىرى جايلار»لا يوقىتىلمىدى؛ خەلق يەنىلا «يۇقىرى جايلار»غا چىقىپ قۇربانلىق قىلىپ خۇشبۇي ياقاتتى. پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ «يۇقىرىقى دەرۋازا»سىنى ياسىغۇچى شۇ ئىدى. 35
However the high places were not taken away. The people still sacrificed and burned incense in the high places. He built the upper gate of Yahweh’s house.
يوتامنىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ 36
Now the rest of the acts of Jotham, and all that he did, aren’t they written in the book of the chronicles of the kings of Judah?
شۇ چاغلاردا پەرۋەردىگار سۇرىيەنىڭ پادىشاھى رەزىن بىلەن رەمالىيانىڭ ئوغلى پىكاھنى يەھۇداغا ھۇجۇم قىلىشقا قوزغىدى. 37
In those days, Yahweh began to send Rezin the king of Syria and Pekah the son of Remaliah against Judah.
يوتام ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئاتىسى داۋۇتنىڭ شەھىرىدە دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئاھاز ئورنىدا پادىشاھ بولدى. 38
Jotham slept with his fathers, and was buried with his fathers in his father David’s city; and Ahaz his son reigned in his place.

< پادىشاھلار 2 15 >