< پادىشاھلار 2 14 >

ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوئاھازنىڭ ئوغلى يوئاشنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئىككىنچى يىلىدا [يەھۇدادىكى] يوئاشنىڭ ئوغلى ئامازىيا يەھۇداغا پادىشاھ بولدى. 1
پادىشاھ بولغاندا ئۇ يىگىرمە بەش ياشقا كىرگەنىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا يىگىرمە توققۇز يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى يېرۇسالېملىق يەھوئاددان ئىدى. 2
ئامازىيا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلاتتى، لېكىن ئەجدادى داۋۇت قىلغاندەك ئەمەس، بەلكى ئاتىسى يوئاشنىڭ بارلىق قىلغانلىرى بويىچە ئىش كۆرەتتى. 3
پەقەت «يۇقىرى جايلار»لا يوقىتىلمىدى؛ خەلق يەنىلا «يۇقىرى جايلار»غا چىقىپ قۇربانلىق قىلىپ خۇشبۇي ياقاتتى. 4
ۋە شۇنداق بولدىكى، سەلتەنىتى ئۇنىڭ قولىدا مۇقىم بولغاندا، ئۇ پادىشاھ ئاتىسىنى ئۆلتۈرگەن خىزمەتكارلىرىنى تۇتۇپ ئۆلتۈردى. 5
لېكىن مۇساغا چۈشۈرۈلگەن قانۇن كىتابىدا پەرۋەردىگارنىڭ: «ئاتىلارنى ئوغۇللىرى ئۈچۈن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىشقا بولمايدۇ يا ئوغۇللىرىنى ئاتىلىرى ئۈچۈن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىشقا بولمايدۇ، بەلكى ھەربىرى ئۆز گۇناھى ئۈچۈن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن» دەپ پۈتۈلگەن ئەمرى بويىچە، ئۇ ئۆلتۈرگۈچىلەرنىڭ بالىلىرىنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلمىدى. 6
ئۇ «شور ۋادىسى»دا ئېدومىيلاردىن ئون مىڭ ئەسكەرنى ئۆلتۈردى ۋە جەڭ قىلىپ سېلانى ئىشغال قىلىپ ئۇنى يوقتەئەل دەپ ئاتىدى؛ بۈگۈنگىچە ئۇ شۇنداق ئاتىلىپ كەلمەكتە. 7
ئاندىن كېيىن ئامازىيا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھۇنىڭ نەۋرىسى، يەھوئاھازنىڭ ئوغلى يەھوئاشنىڭ ئالدىغا ئەلچىلەرنى ماڭدۇرۇپ: «قېنى، [جەڭ مەيدانىدا] يۈز تۇرانە كۆرۈشەيلى» دېدى. 8
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوئاش يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئامازىياغا ئەلچى ئەۋەتىپ مۇنداق سۆزلەرنى يەتكۈزدى: ــ «لىۋاندىكى تىكەن لىۋاندىكى كېدىر دەرىخىگە سۆز ئەۋەتىپ: ئۆز قىزىڭنى ئوغلۇمغا خوتۇنلۇققا بەرگىن، دېدى. لېكىن لىۋاندىكى بىر ياۋايى ھايۋان ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، تىكەننى دەسسىۋەتتى. 9
سەن دەرۋەقە ئېدومنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىڭ؛ كۆڭلۈڭدە ئۆز-ئۆزۈڭدىن مەغرۇرلىنىپ كەتتىڭ. ئەمدى يايراپ پەخىرلەن، بىراق ئۆيدە قالغىن؛ نېمىشقا بېشىڭغا كۈلپەت كەلتۈرۈپ، ئۆزۈڭنى ۋە ئۆزۈڭ بىلەن يەھۇدانى بالاغا يىقىتىسەن؟». 10
ئەمما ئامازىيا قۇلاق سالمىدى. ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوئاش جەڭگە چىقتى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئامازىيا بىلەن يەھۇدادىكى بەيت-شەمەشتە ئۇچرىشىپ سوقۇشتى. 11
يەھۇدانىڭ ئادەملىرى ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن تىرىپىرەن قىلىنىپ، ھەربىرى ئۆز ئۆيىگە قېچىپ كەتتى. 12
ۋە ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوئاش بەيت-شەمەشتە ئاھازىيانىڭ نەۋرىسى، يەھوئاشنىڭ ئوغلى، يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئامازىيانى ئەسىر قىلىپ، يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى؛ ئۇ يېرۇسالېمنىڭ سېپىلىنىڭ ئەفرائىم دەرۋازىسىدىن تارتىپ بۇرجەك دەرۋازىسىغىچە بولغان تۆت يۈز گەزلىك بىر بۆلىكىنى ئۆرۈۋەتتى. 13
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىن ھەمدە پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكى خەزىنىدىن تېپىلغان بارلىق ئالتۇن-كۈمۈش، ھەممە قاچا-قۇچىلارنى بۇلىۋالدى ۋە كېپىللىك سۈپىتىدە بىرنەچچە تۇتقۇننى ئېلىپ سامارىيەگە يېنىپ كەتتى. 14
ئەمما يەھوئاشنىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى، جۈملىدىن ئۇنىڭ يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئامازىيا بىلەن جەڭ قىلىپ كۆرسەتكەن قۇدرىتى «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ 15
يەھوئاش ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە سامارىيەدە ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ ئارىسىدا دەپنە قىلىندى. ئوغلى يەروبوئام ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. 16
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوئاھازنىڭ ئوغلى يەھوئاش ئۆلگەندىن كېيىن، يەھوئاشنىڭ ئوغلى، يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئامازىيا ئون بەش يىل ئۆمۈر كۆردى. 17
ئەمدى ئامازىيانىڭ باشقا ئەمەللىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ 18
ئۇ يېرۇسالېمدا بەزىلەر ئۇنى قەستلەشكە كىرىشكەنىدى، لاقىش شەھىرىگە قېچىپ كەتتى؛ لېكىن قەستلىگۈچىلەر كەينىدىن لاقىشقا ئادەم ئەۋەتىپ ئۇ يەردە ئۇنى ئۆلتۈردى. 19
ئاندىن ئۇلار ئۇنى ئاتلارغا ئارتىپ يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى. ئۇ يېرۇسالېمدا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا «داۋۇتنىڭ شەھىرى»دە دەپنە قىلىندى. 20
يەھۇدانىڭ بارلىق خەلقى ئۇنىڭ ئون ئالتە ياشقا كىرگەن ئوغلى ئازارىيانى تىكلەپ، ئۇنى ئاتىسى ئامازىيانىڭ ئورنىدا پادىشاھ قىلدى 21
(پادىشاھ ئاتىسى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىغاندىن كېيىن، ئېلات شەھىرىنى قايتىدىن ياساپ، يەھۇداغا يەنە تەۋە قىلغۇچى دەل ئازارىيا ئىدى). 22
يەھۇدانىڭ پادىشاھى يوئاشنىڭ ئوغلى ئامازىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون بەشىنچى يىلىدا، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوئاشنىڭ ئوغلى يەروبوئام ھۆكۈم سۈرۈشكە باشلاپ، سامارىيەدە قىرىق بىر يىل سەلتەنەت قىلدى. 23
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى؛ ئۇ ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ گۇناھلىرىنىڭ ھېچبىرىنى تاشلىمىدى. 24
ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز قۇلى گات-ھەفەرلىك ئامىتتاينىڭ ئوغلى يۇنۇس [پەيغەمبەر] ئارقىلىق ئېيتقان سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، ئۇ [شىمالدا] خامات رايونىغا كىرىش ئېغىزىدىن تارتىپ [جەنۇبتا] «ئاراباھ دېڭىزى»غىچە ئىسرائىلنىڭ چېگرالىرىنى كېڭەيتىپ ئەسلىگە كەلتۈردى. 25
چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ تارتقان ئازابلىرىنىڭ ئىنتايىن قاتتىق ئىكەنلىكىنى كۆردى؛ ئاجىزلار ھەم مېيىپلاردىن باشقا ھېچكىم قالمىدى، ئىسرائىلغا مەدەتكار يوق ئىدى. 26
پەرۋەردىگار: «ئىسرائىلنىڭ نامىنى ئاسماننىڭ ئاستىدىن يوقىتىمەن» دېگەن ئەمەس ئىدى؛ شۇڭا ئۇ يەھوئاشنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ قولى بىلەن ئۇلارنى قۇتقۇزدى. 27
ئەمدى يەروبوئامنىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى، جۈملىدىن ئۇنىڭ سەلتەنىتىنىڭ قۇدرىتى ۋە قانداق جەڭ قىلىپ، ئەسلى يەھۇداغا تەۋە بولغان دەمەشق بىلەن خاماتنى ياندۇرۇۋالغانلىقى «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ 28
يەروبوئام ئاتا-بوۋىلىرى، يەنى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە ئوغلى زەكەرىيا ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. 29

< پادىشاھلار 2 14 >