< پادىشاھلار 2 13 >

ئاھازىيانىڭ ئوغلى، يەھۇدانىڭ پادىشاھى يوئاشنىڭ سەلتەنىتىنىڭ يىگىرمە ئۈچىنچى يىلى، يەھۇنىڭ ئوغلى يەھوئاھاز سامارىيەدە ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇپ، سامارىيەدە ئون يەتتە يىل سەلتەنەت قىلدى. 1
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ، ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ گۇناھلىرىغا ئەگىشىپ ماڭدى؛ ئۇ ئۇلاردىن ھېچ چىقمىدى. 2
بۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئىسرائىلغا قوزغالدى؛ ئۇ ئۇلارنى سۇرىيەنىڭ پادىشاھى ھازائەلنىڭ ۋە ھازائەلنىڭ ئوغلى بەن-ھادادنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى. 3
يەھوئاھاز پەرۋەردىگاردىن رەھىم تىلىدى؛ ۋە پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ قىسىلىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ دۇئاسىغا قۇلاق سالدى. چۈنكى سۇرىيەنىڭ پادىشاھى ئۇلارغا زۇلۇم قىلىۋاتاتتى. 4
پەرۋەردىگار ئىسرائىلغا بىر قۇتقۇزغۇچى تەيىنلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سۇرىيلەرنىڭ قولىدىن ئازاد بولۇپ قۇتۇلدى. كېيىن ئىسرائىل يەنە بۇرۇنقىدەك ئۆز ئۆي-چېدىرلىرىدە ماكانلاشتى. 5
لېكىن ئۇلار ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان يەروبوئام جەمەتىنىڭ گۇناھلىرىدىن چىقمىدى؛ ئۇلار يەنىلا شۇ يولدا ماڭاتتى. ھەتتا سامارىيەدە بىر «ئاشەراھ» بۇتمۇ قالغانىدى. 6
[سۇرىيەنىڭ پادىشاھى] يەھوئاھازغا پەقەت ئەللىك ئاتلىق لەشكەرنى، ئون جەڭ ھارۋىسى بىلەن ئون مىڭ پىيادە ئەسكىرىنىلا قالدۇرغانىدى. چۈنكى ئۇ يەھوئاھازنىڭ [قوشۇنىنى] يوقىتىپ خاماندىكى توپا-چاڭدەك قىلىۋەتكەنىدى. 7
ئەمدى يەھوئاھازنىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى، جۈملىدىن سەلتەنىتىنىڭ ھەممە قۇدرىتى «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ 8
يەھوئاھاز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە سامارىيەدە دەپنە قىلىندى. ئاندىن ئوغلى يوئاش ئورنىدا پادىشاھ بولدى. 9
يەھۇدانىڭ پادىشاھى يوئاشنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئوتتۇز يەتتىنچى يىلىدا يەھوئاھازنىڭ ئوغلى يەھوئاش سامارىيەدە ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇپ، ئون ئالتە يىل سەلتەنەت قىلدى. 10
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى؛ ئۇ ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان، نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ گۇناھلىرىنىڭ ھېچقايسىسىنى تاشلىمىدى؛ ئۇ شۇ يولدا ماڭاتتى. 11
ئەمدى يوئاشنىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى، جۈملىدىن ئۇنىڭ يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئامازىيا بىلەن جەڭ قىلىپ كۆرسەتكەن قۇدرىتى «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ 12
يوئاش ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە يەروبوئام ئۇنىڭ تەختىگە ئولتۇردى. يوئاش سامارىيەدە ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرى ئارىسىدا دەپنە قىلىندى. 13
ئېلىشا ئۆز ئەجىلىنى يەتكۈزىدىغان كېسەل بىلەن ياتتى. ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يوئاش ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭ يۈزىگە ئېڭىشىپ يىغلاپ: ئى ئاتام، ئى ئاتام، ئىسرائىلنىڭ جەڭ ھارۋىسى ھەم ئاتلىق ئەسكەرلىرى!» دەپ پەرياد كۆتۈردى. 14
ئېلىشا ئۇنىڭغا: بىر يا بىلەن يا ئوقلىرىنى كەلتۈرگىن، دېدى. ئۇ يا بىلەن يا ئوقلىرىنى كەلتۈرگەندە 15
ئېلىشا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا: قولۇڭنى ياغا سېلىپ تۇتقىن، دېدى. ئۇ قولىنى قويغاندا ئېلىشامۇ قوللىرىنى پادىشاھنىڭ قوللىرىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، ئۇنىڭغا: 16
ــ مەشرىق تەرەپتىكى دېرىزىنى ئاچقىن، دېدى. ئۇ ئۇنى ئاچقاندا ئېلىشا: ئاتقىن، دېدى. ئۇ ئېتىۋىدى، ئېلىشا ئۇنىڭغا: مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ نۇسرەت يا ئوقى، يەنى سۇرىيەنىڭ ئۈستىدىن نۇسرەت قازىنىدىغان يا ئوقىدۇر. سەن سۇرىيلەرنى يوقاتقۇچە ئافەقتە ئۇلار بىلەن جەڭ قىلىسەن، دېدى. 17
ئاندىن ئۇ: ــ يا ئوقلىرىنى قولۇڭغا ئالغىن، دېدى. ئۇلارنى ئالغاندا، ئېلىشا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا: ئۇلار بىلەن يەرگە ئۇرغىن، دېدى. ئۇ ئۈچ قېتىم ئۇرۇپ توختىدى. 18
خۇدانىڭ ئادىمى ئۇنىڭغا ئاچچىقلىنىپ: سەن بەش-ئالتە قېتىم ئۇرۇشۇڭغا توغرا كېلەتتى. شۇنداق قىلغان بولساڭ، سەن سۇرىيلەرنى ئۇرۇپ يوقىتىپ ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇپ قىلاتتىڭ؛ لېكىن ئەمدى سۇرىيلەرنى ئۇرۇپ، پەقەت ئۈچ قېتىملا مەغلۇپ قىلالايسەن، دېدى. 19
ئېلىشا ئۆلۈپ دەپنە قىلىندى. ئەمدى ھەر يىلى، يىل بېشىدا موئابلاردىن توپ-توپ بۇلاڭچىلار يۇرتقا پاراكەندىچىلىك سالاتتى. 20
بىر كۈنى شۇنداق بولدىكى، خەلق بىر ئۆلگەن ئادەمنى يەرلىكىگە قويۇۋاتقاندا، مانا، ئۇلار بىر توپ بۇلاڭچىلارنى كۆرۈپ قالدى، ئۇلار جەسەتنى ئېلىشانىڭ گۆرىگە تاشلىدى. جەسەت ئېلىشانىڭ ئۇستىخىنىغا تەگكەندە، ئۇ تىرىلىپ، قوپۇپ تىك تۇردى. 21
ئەمما سۇرىيەنىڭ پادىشاھى ھازائەل بولسا يەھوئاھازنىڭ ھەممە كۈنلىرىدە ئىسرائىلغا زالىملىق قىلاتتى. 22
لېكىن پەرۋەردىگار ئۇلارغا مېھرىبان بولۇپ ئىچ ئاغرىتاتتى؛ ئىبراھىم بىلەن ئىسھاق ۋە ياقۇپقا باغلىغان ئەھدىسى تۈپەيلىدىن ئۇ ئۇلارغا ئىلتىپات قىلىپ، ئۇلارنى بۈگۈنگە قەدەر ھالاك قىلماي، ئۆز ھۇزۇرىدىن چىقىرىۋېتىشنى خالىمىغانىدى. 23
سۇرىيەنىڭ پادىشاھى ھازائەل ئۆلدى ۋە ئوغلى بەن-ھاداد ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. 24
ئاندىن كېيىن يەھوئاھازنىڭ ئوغلى يەھوئاش ھازائەلنىڭ ئوغلى بەن-ھادادنىڭ قولىدىن ھازائەل ئۆز ئاتىسى يەھوئاھازدىن جەڭدە تارتىۋالغان شەھەرلەرنى ياندۇرۇۋالدى. يەھوئاش ئۇنى ئۇرۇپ، ئۈچ قېتىم مەغلۇپ قىلىپ، شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ شەھەرلىرىنى ياندۇرۋالدى. 25

< پادىشاھلار 2 13 >