< پادىشاھلار 2 12 >

يەھۇنىڭ سەلتەنىتىنىڭ يەتتىنچى يىلىدا يەھوئاش پادىشاھ بولدى؛ ئۇ قىرىق يىل يېرۇسالېمدا سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى بەئەر-شېبالىق زىبىياھ ئىدى. 1
يەھوئاش يەھويادا كاھىن ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ تۇرغان بارلىق كۈنلەردە، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلدى. 2
پەقەت «يۇقىرى جايلار»لا يوقىتىلمىدى؛ خەلق يەنىلا «يۇقىرى جايلار»غا چىقىپ قۇربانلىق قىلىپ خۇشبۇي ياقاتتى. 3
يەھوئاش كاھىنلارغا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە خۇداغا ئاتالغان ھەممە پۇل، جۈملىدىن رويخەتتىن ئۆتكۈزۈلگەن ھەر كىشىنىڭ باج پۇلى، قەسەم ئىچكەنلەرنىڭ پۇلى ۋە ھەركىم ئىختىيارى بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە بېغىشلاپ ئەكەلگەن ھەممە پۇلنى 4
كاھىنلار خەزىنىچىلەردىن تاپشۇرۇۋېلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ قايسى يېرى بۇزۇلغان بولسا، شۇ پۇلنى ئىشلىتىپ شۇلارنى ئوڭشىسۇن، دېدى. 5
لېكىن يەھوئاش پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ يىگىرمە ئۈچىنچى يىلىغىچە، كاھىنلار ئىبادەتخانىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى تېخىچە ئوڭلىمىغانىدى. 6
ئاندىن يەھوئاش پادىشاھ يەھويادا كاھىن ۋە باشقا كاھىنلارنى چاقىرىپ ئۇلارغا: ــ نېمىشقا ئىبادەتخانىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭشىمىدىڭلار؟ مۇندىن كېيىن خەزىنىچىلەردىن پۇل ئالماڭلار ۋە ئۆزۈڭلار ئىبادەتخانىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭلاتماڭلار، دېدى. 7
شۇنىڭ بىلەن كاھىنلار ماقۇل بولۇشۇپ: بىز بۇنىڭدىن كېيىن خەلقتىن پۇل ئالمايمىز ھەم ئۆزىمىز ئىبادەتخانىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنىمۇ ئوڭشىمايمىز، دېدى. 8
ئەمدى يەھويادا كاھىن بىر ساندۇقنى ئېلىپ چىقىپ، ياپقۇچىدىن بىر تۆشۈك تېشىپ ئۇنى قۇربانگاھنىڭ يېنىغا قويدى؛ كىشىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، ئۇ ئوڭ تەرەپتە تۇراتتى. دەرۋازىغا قارايدىغان كاھىنلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كەلتۈرۈلگەن بارلىق پۇلنى ئۇنىڭغا سالاتتى. 9
ۋە شۇنداق بولاتتىكى، ئۇلار ساندۇقتا كۆپ پۇل چۈشكەنلىكىنى كۆرسە، پادىشاھنىڭ كاتىپى بىلەن باش كاھىن ئىبادەتخانىغا چىقىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى پۇلنى خالتىغا چىگىپ، ساناپ قوياتتى. 10
ئاندىن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ئوڭشايدىغان ئىش باشلىرىغا ئۆلچەپ-ھېسابلاپ بېرەتتى. ئۇلار بولسا ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ئوڭشايدىغان ياغاچچى بىلەن تامچىلار، 11
تاشچىلار بىلەن تاشتىراشلارغا بېرەتتى. ئۇلار مۇشۇ پۇلنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭشاشقا لازىم بولغان ياغاچ بىلەن ئويۇلغان تاشلارنى سېتىۋېلىشقا، شۇنىڭدەك ئىبادەتخانىنى ئوڭشاشقا ۋە ھەممە باشقا چىقىمغا ئىشلىتەتتى. 12
لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كەلتۈرۈلگەن پۇل ئىبادەتخانىغا ئاتىلىدىغان كۈمۈش قاچا-قۇچىلار، پىچاقلار، پىيالىلەر، كانايلار، يا ئالتۇندىن ياكى كۈمۈشتىن ياسالغان باشقا ھەرقانداق نەرسىلەرنى ياسىتىشقا ئىشلىتىلمەيتتى. 13
ئۇلار بەلكى شۇ پۇلنى ئىش بېشىلىرىغا بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ئوڭشىتاتتى. 14
ئۇلار پۇلنى ئىش بېجىرگۈچىلەرنىڭ ئىشلەمچىلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىشى ئۈچۈن تاپشۇراتتى؛ لېكىن ئۇنىڭ ھېساۋاتىنى قىلمايتتى؛ چۈنكى بۇلار ئىنساپ بىلەن ئىش قىلاتتى. 15
لېكىن ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى پۇلى بىلەن گۇناھ قۇربانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك پۇللار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كېلىنمەيتتى؛ ئۇ كاھىنلارغا تەۋە ئىدى. 16
ئۇ ۋاقىتتا سۇرىيە پادىشاھى ھازائەل گات شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى ئىشغال قىلدى. ئاندىن ھازائەل يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىشقا يۈزلەندى. 17
شۇنىڭ بىلەن يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوئاش ئۆز ئاتا-بوۋىلىرى بولغان يەھۇدا پادىشاھلىرى يەھوشافات، يورام ۋە ئاھازىيا پەرۋەردىگارغا تەقدىم قىلغان ھەممە مۇقەددەس بۇيۇملارنى، ۋە ئۆزى تەقدىم قىلغانلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ھەم پادىشاھنىڭ ئوردىسىنىڭ خەزىنىلىرىدىن ئىزدەپ تاپقان بارلىق ئالتۇنغا قوشۇپ، ھەممىسىنى سۇرىيەنىڭ پادىشاھى ھازائەلگە ئەۋەتتى؛ ئاندىن ھازائەل يېرۇسالېمدىن چېكىندى. 18
يوئاشنىڭ باشقا ئەمەللىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ 19
ئەمدى [يەھوئاشنىڭ] خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭغا قەست قىلىپ سىللا داۋىنى تەرىپىدىكى مىللو قەلئەسىدە ئۇنى ئۆلتۈردى. 20
ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرىدىن شىمېئاتنىڭ ئوغلى يوزاقار ۋە شومەرنىڭ ئوغلى يەھوزاباد ئۇنى زەخىملەندۈردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆلدى. ئۇ ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا «داۋۇتنىڭ شەھىرى»دە دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئامازىيا ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. 21

< پادىشاھلار 2 12 >