< پادىشاھلار 2 11 >

ئەمدى ئاھازىيانىڭ ئانىسى ئاتالىيا ئوغلىنىڭ ئۆلگىنىنى كۆرگەندە، بارلىق شاھ نەسلىنى ئۆلتۈرۈشكە قوزغالدى. 1
Now when Athaliah the mother of Ahaziah saw that her son was dead, she arose and destroyed all the royal offspring.
لېكىن يورام پادىشاھنىڭ قىزى، يەنى ئاھازىيانىڭ سىڭلىسى يەھوشېبا ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغان پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئارىسىدىن ئاھازىيانىڭ ئوغلى يوئاشنى ئوغرىلىقچە ئېلىپ چىقىپ، ئۇنى ۋە ئىنىك ئانىسىنى ياستۇق-كىرلىك ئامبىرىغا يوشۇرۇپ قويدى. يوئاش شۇ يول بىلەن ئاتالىيادىن يوشۇرۇپ قېلىنىپ ئۆلتۈرۈلمىدى. 2
But Jehosheba, the daughter of King Joram, sister of Ahaziah, took Joash the son of Ahaziah, and stole him away from among the king’s sons who were slain, even him and his nurse, and put them in the bedroom; and they hid him from Athaliah, so that he was not slain.
ئاندىن كېيىن [ئىنىك ئانىسى] بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ئالتە يىلغىچە يوشۇرۇنۇپ تۇردى. شۇ ۋاقىتلاردا ئاتالىيا زېمىندا سەلتەنەت قىلدى. 3
He was with her hidden in Yahweh’s house six years while Athaliah reigned over the land.
يەتتىنچى يىلى يەھويادا ئادەم ئەۋەتىپ كارىيلار ھەم ئوردا پاسىبانلىرىنىڭ يۈزبېشىلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇلار بىلەن ئەھدە قىلىشتى. ئۇ ئۇلارغا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە قەسەم ئىچكۈزۈپ، پادىشاھنىڭ ئوغلىنى كۆرسەتتى. 4
In the seventh year Jehoiada sent and fetched the captains over hundreds of the Carites and of the guard, and brought them to him into Yahweh’s house; and he made a covenant with them, and made a covenant with them in Yahweh’s house, and showed them the king’s son.
ئاندىن ئۇلارغا بۇيرۇپ: مانا سىلەر قىلىشىڭلار كېرەك بولغان ئىش شۇكى: ــ شابات كۈنىدە پاسىبانلىق نۆۋىتى كەلگەن ئۈچتىن بىرى پادىشاھنىڭ ئوردىسىدا پاسىبانلىق كۆزىتى قىلسۇن. 5
He commanded them, saying, “This is what you must do: a third of you, who come in on the Sabbath, shall be keepers of the watch of the king’s house;
ئۈچتىن بىرى سۈر دېگەن دەرۋازىدا تۇرسۇن ۋە ئۈچتىن بىرى ئوردا پاسىبانلار ھويلىسىنىڭ كەينىدىكى دەرۋازىدا تۇرسۇن؛ شۇنداق قىلىپ سىلەر ئوردا ئۈچۈن پاسىبانلىق قىلىسىلەر. 6
a third of you shall be at the gate Sur; and a third of you at the gate behind the guard. So you shall keep the watch of the house, and be a barrier.
شابات كۈنىدە پاسىبانلىق نۆۋىتىنى قىلىپ بولغان ئۈچتىن ئىككى قىسمى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە پادىشاھنىڭ قېشىدا پاسىبانلىق قىلسۇن. 7
The two companies of you, even all who go out on the Sabbath, shall keep the watch of Yahweh’s house around the king.
سىلەر پادىشاھنىڭ ئەتراپىدا تۇرۇپ، ھەربىرىڭلار قولۇڭلارغا ئۆز قورالىڭلارنى ئېلىپ، كىمدەكىم سېپىڭلاردىن ئۆتكىلى ئۇرۇنسا ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار؛ پادىشاھ چىقىپ-كىرسە ئۇنىڭ بىلەن بىللە يۈرۈڭلار، دېدى. 8
You shall surround the king, every man with his weapons in his hand; and he who comes within the ranks, let him be slain. Be with the king when he goes out, and when he comes in.”
يۈزبېشىلار كاھىن يەھويادا بارلىق تاپىلىغانلىرىنى بەجا كەلتۈرۈشتى؛ ھەربىر يۈزبېشى ئۆز ئادەملىرىنى، ھەم شابات كۈنىدە پاسىبانلىق نۆۋىتىگە كەلگەنلەرنى ھەم پاسىبانلىق نۆۋىتىدىن يانغانلارنى قالدۇرۇپ قالدى؛ ئاندىن يەھويادا كاھىننىڭ قېشىغا كەلدى. 9
The captains over hundreds did according to all that Jehoiada the priest commanded; and they each took his men, those who were to come in on the Sabbath with those who were to go out on the Sabbath, and came to Jehoiada the priest.
كاھىن بولسا داۋۇت پادىشاھنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ساقلاقلىق نەيزە ۋە قالقانلىرىنى يۈزبېشىلارغا تارقىتىپ بەردى. 10
The priest delivered to the captains over hundreds the spears and shields that had been King David’s, which were in Yahweh’s house.
ئوردا پاسىبانلىرى تىزىلىپ، ھەربىرى ئۆز قولىدا قورالىنى تۇتۇپ، ئىبادەتخانىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن تارتىپ سول تەرىپىگىچە قۇربانگاھ بىلەن ئىبادەتخانىنى بويلاپ پادىشاھنىڭ ئەتراپىدا تۇردى. 11
The guard stood, every man with his weapons in his hand, from the right side of the house to the left side of the house, along by the altar and the house, around the king.
يەھويادا شاھزادىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ ئۇنىڭ بېشىغا تاجنى كىيگۈزۈپ، ئۇنىڭغا گۇۋاھنامىلەرنى بېرىپ، پادىشاھ بولۇشقا [خۇشبۇي ماي بىلەن] مەسىھ قىلدى. ھەممەيلەن چاۋاك چېلىپ: ــ «پادىشاھ ياشىسۇن!» دەپ توۋلاشتى. 12
Then he brought out the king’s son, and put the crown on him, and gave him the covenant; and they made him king and anointed him; and they clapped their hands, and said, “Long live the king!”
ئاتالىيا ئوردا پاسىبانلىرى بىلەن خەلقنىڭ توۋلاشلىرىنى ئاڭلىغاندا، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىغا كەلدى. 13
When Athaliah heard the noise of the guard and of the people, she came to the people into Yahweh’s house;
ئۇ قارىۋىدى، مانا پادىشاھ قائىدە-رەسىم بويىچە تۈۋرۈكنىڭ يېنىدا تۇراتتى. پادىشاھنىڭ يېنىدا ئەمەلدارلار بىلەن كانايچىلار تىزىلغانىدى؛ بارلىق يۇرت خەلقى شادلىنىپ، كاناي چېلىشاتتى. بۇنى كۆرگەن ئاتالىيا كىيىملىرىنى يىرتىپ: ــ ئاسىيلىق، ئاسىيلىق! ــ دەپ ۋارقىردى. 14
and she looked, and behold, the king stood by the pillar, as the tradition was, with the captains and the trumpets by the king; and all the people of the land rejoiced, and blew trumpets. Then Athaliah tore her clothes and cried, “Treason! Treason!”
ئەمما يەھويادا كاھىن قوشۇنغا مەسئۇل بولغان يۈزبېشىلارغا: ئۇنى سەپلىرىڭلار ئوتتۇرىسىدىن سىرتقا چىقىرىۋېتىڭلار؛ كىمدەكىم ئۇنىڭغا ئەگەشسە قىلىچلانسۇن، دەپ بۇيرۇدى. چۈنكى كاھىن: ــ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ئۆلتۈرۈلمىسۇن، دەپ ئېيتقانىدى. 15
Jehoiada the priest commanded the captains of hundreds who were set over the army, and said to them, “Bring her out between the ranks. Kill anyone who follows her with the sword.” For the priest said, “Don’t let her be slain in Yahweh’s house.”
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭغا يول بوشىتىپ بەردى؛ ۋە ئۇ پادىشاھ ئوردىسىغا كىرىدىغان ئات يولىغا يېتىپ كەلگەندە، ئۇلار ئۇ يەردە ئۇنى ئۆلتۈردى. 16
So they seized her; and she went by the way of the horses’ entry to the king’s house, and she was slain there.
يەھويادا: ــ «پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى بولايلى» دەپ پەرۋەردىگارنىڭ ۋە پادىشاھ بىلەن خەلقنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر ئەھدە توختاتتى؛ پادىشاھ بىلەن خەلقنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھەم بىر ئەھدە باغلاندى. 17
Jehoiada made a covenant between Yahweh and the king and the people, that they should be Yahweh’s people; also between the king and the people.
ئاندىن بارلىق زېمىندىكى خەلق بائالنىڭ بۇتخانىسىغا بېرىپ ئۇنى بۇزۇپ تاشلىدى؛ ئۇنىڭ قۇربانگاھلىرى بىلەن مەبۇدلىرىنى چېقىپ پارە-پارە قىلىپ، بائالنىڭ كاھىنى ماتتاننى قۇربانگاھلارنىڭ ئالدىدا ئۆلتۈردى. ئاندىن كېيىن [يەھويادا] كاھىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە پاسىبانلارنى تەيىنلىدى. 18
All the people of the land went to the house of Baal, and broke it down. They broke his altars and his images in pieces thoroughly, and killed Mattan the priest of Baal before the altars. The priest appointed officers over Yahweh’s house.
ئاندىن ئۇ يۈزبېشىلار، كارىيلار، ئوردا پاسىبانلىرى ۋە يۇرتنىڭ ھەممە خەلقىنى ئۆزى بىلەن ئېلىپ كېلىپ، پادىشاھنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىن باشلاپ چۈشۈپ، ئوردىدىكى «پاسىبانلارنىڭ دەرۋازىسى»دىن پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا كىرگۈزدى؛ يوئاش پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇردى. 19
He took the captains over hundreds, and the Carites, and the guard, and all the people of the land; and they brought down the king from Yahweh’s house, and came by the way of the gate of the guard to the king’s house. He sat on the throne of the kings.
يۇرتنىڭ بارلىق خەلقى شادلىناتتى؛ ئۇلار ئاتالىيانى پادىشاھنىڭ ئوردىسىنىڭ يېنىدا قىلىچلاپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، شەھەر تىنچ بولۇپ قالدى. 20
So all the people of the land rejoiced, and the city was quiet. They had slain Athaliah with the sword at the king’s house.
يەھوئاش يەتتە ياشقا كىرگەندە پادىشاھ بولدى. 21
Jehoash was seven years old when he began to reign.

< پادىشاھلار 2 11 >