< پادىشاھلار 2 10 >

ئەمدى سامارىيەدە ئاھابنىڭ يەتمىش ئوغلى بار ئىدى. يەھۇ خەتلەرنى يېزىپ سامارىيەگە، يەنى يىزرەئەلدىكى ئەمەلدار-ئاقساقاللارغا ۋە ئاھابنىڭ جەمەتىدىكى پاسىبانلارغا ئەۋەتتى. خەتلەردە مۇنداق دېيىلدى: ــ 1
«سىلەر بىلەن بىللە غوجاڭلارنىڭ ئوغۇللىرى، جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن ئاتلار، قورغانلىق شەھەر ۋە ساۋۇت-قوراللارمۇ باردۇر؛ شۇنداق بولغاندىن كېيىن بۇ خەت سىلەرگە تەگكەندە، 2
ئۆز غوجاڭلارنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئەڭ ياخشىسىنى تاللاپ، ئۆز ئاتىسىنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇزۇپ، غوجاڭلارنىڭ جەمەتى ئۈچۈن سوقۇشقا چىقىڭلار!». 3
لېكىن ئۇلار دەككە-دۈككىگە چۈشۈپ ئىنتايىن قورقۇشۇپ: مانا ئىككى پادىشاھ ئۇنىڭ ئالدىدا پۇت تىرەپ تۇرالمىغان يەردە، بىز قانداقمۇ پۇت تىرەپ تۇرالايمىز؟ ــ دېيىشتى. 4
شۇنىڭ بىلەن ئوردا بېشى، شەھەر باشلىقى، ئاقساقاللار بىلەن پاسىبانلار يەھۇغا خەۋەر يەتكۈزۈپ: بىز سېنىڭ قۇللىرىڭمىز؛ سەن ھەرنېمە بۇيرۇساڭ شۇنى قىلىمىز؛ ھېچكىمنى پادىشاھ قىلمايمىز. ساڭا نېمە مۇۋاپىق كۆرۈنسە شۇنى قىلغىن، دەپ ئېيتتى. 5
يەھۇ ئىككىنچى خەتنى يېزىپ، خەتتە: ــ «ئەگەر مەن تەرەپتە بولۇپ، مېنىڭ سۆزلىرىمگە كىرىشكە رازى بولساڭلار ئۆز غوجاڭلارنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ باشلىرىنى ئېلىپ، ئەتە مۇشۇ ۋاقىتتا يىزرەئەلگە، مېنىڭ قېشىمغا ئۇلارنى كەلتۈرۈڭلار. ئەمدى پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرى يەتمىش كىشى بولۇپ، ئۆزلىرىنى باققان شەھەرنىڭ ئۇلۇغلىرىنىڭ قېشىدا تۇراتتى. 6
خەت ئۇلارغا تەگكەندە ئۇلار شاھزادىلەرنى، يەتمىشەيلەننىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈپ، باشلىرىنى سېۋەتلەرگە سېلىپ، يىزرەئەلگە يەھۇغا ئەۋەتتى. 7
بىر خەۋەرچى كېلىپ يەھۇغا: ئۇلار شاھزادىلەرنىڭ باشلىرىنى ئېلىپ كەلدى، دەپ خەۋەر بەرگەندە، ئۇ: ئۇلارنى ئىككى دۆۋە قىلىپ، دەرۋازىنىڭ ئالدىدا ئەتە ئەتىگەنگىچە قويۇڭلار، دېدى. 8
ئەتىگەندە ئۇ چىقىپ، ئۇ يەردە تۇرۇپ پۈتكۈل خالايىققا: سىلەر بىگۇناھسىلەر؛ مانا، مەن ئۆزۈم غوجامغا قەست قىلىپ ئۇنى ئۆلتۈردۈم؛ لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كىم چېپىپ ئۆلتۈردى؟ 9
ئەمدى شۇنى بىلىڭلاركى، پەرۋەردىگارنىڭ ھېچ سۆزى، يەنى پەرۋەردىگار ئاھابنىڭ جەمەتى توغرىسىدا ئېيتقىنىدىن ھېچبىر سۆز يەردە قالمايدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز قۇلى ئىلىياس ئارقىلىق ئېيتقىنىغا ئەمەل قىلدى، ــ دېدى. 10
ئاندىن كېيىن يەھۇ يىزرەئەلدە ئاھابنىڭ جەمەتىدىن قالغانلارنىڭ ھەممىسى، ئۇنىڭ تەرىپىدىكى بارلىق ئەربابلار، دوست-ئاغىنىلىرى ۋە كاھىنلىرىنى ھېچ كىمنى قالدۇرماي ئۆلتۈردى. 11
ئاندىن ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، سامارىيەگە باردى. يولدا كېتىۋېتىپ «پادىچىلارغا تەۋە بەيت-ئەكەد»كە يەتكەندە 12
يەھۇ يەھۇدا پادىشاھى ئاھازىيانىڭ قېرىنداشلىرى بىلەن ئۇچراشتى. ئۇ ئۇلاردىن: سىلەر كىم؟ ــ دەپ سورىدى. «ئاھازىيانىڭ قېرىنداشلىرى، پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرى ۋە خانىشنىڭ ئوغۇللىرىدىن ھال سورىغىلى بارىمىز، دېدى. 13
ئۇ: ئۇلارنى تىرىك تۇتۇڭلار! دەپ بۇيرۇدى. ئاندىن ئادەملىرى ئۇلارنى تىرىك تۇتتى، ئاندىن ھەممىسىنى بەيت-ئەكەدنىڭ قۇدۇقىنىڭ يېنىدا ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ھېچ بىرىنى قويمىدى. ئۇلار جەمئىي قىرىق ئىككى ئادەم ئىدى. 14
ئۇ ئۇ يەردىن كېتىپ بارغاندا ئۇنىڭ ئالدىغا چىققان رەكابنىڭ ئوغلى يەھونادابقا يولۇقتى. ئۇ ئۇنىڭغا سالام قىلىپ: مېنىڭ كۆڭلۈم ساڭا سادىق بولغاندەك، سېنىڭ كۆڭلۈڭمۇ ماڭا سادىقمۇ؟ ــ دېدى. سادىق، دېدى يەھوناداب. يەھۇ: ــ ئۇنداق بولسا قولۇڭنى ماڭا بەرگىن، دېدى. ئۇ قولىنى بېرىۋىدى، يەھۇ ئۇنى جەڭ ھارۋىسىغا ئېلىپ چىقىپ، ئۆز يېنىدا جاي بېرىپ 15
ئۇنىڭغا: مەن بىلەن بېرىپ، پەرۋەردىگارغا بولغان قىزغىنلىقىمنى كۆرگىن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنى جەڭ ھارۋىسىغا ئولتۇرغۇزۇپ ھەيدەپ ماڭدى. 16
ئۇ سامارىيەگە كەلگەندە ئاھابنىڭ جەمەتىدىن سامارىيەدە قالغانلارنىڭ ھەممىسىنى قىرىپ تۈگەتكۈچە ئۆلتۈردى. بۇ ئىش پەرۋەردىگارنىڭ ئىلىياسقا ئېيتقان سۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئىدى. 17
ئاندىن يەھۇ ھەممە خالايىقنى يىغدۇرۇپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ ئاھاب بائالنىڭ خىزمىتىنى ئاز قىلغان، لېكىن يەھۇ ئۇنىڭ خىزمىتىنى كۆپ قىلىدۇ. 18
بۇنىڭ ئۈچۈن بائالنىڭ بارلىق پەيغەمبەرلىرىنى، ئۇنىڭ قۇللۇقىدا بولغانلارنىڭ ھەممىسى بىلەن بارلىق كاھىنلىرىنى ماڭا چاقىرىڭلار؛ ھېچكىم قالمىسۇن، چۈنكى بائالغا چوڭ قۇربانلىق سۇنغۇم بار؛ ھەركىم ھازىر بولمىسا جېنىدىن مەھرۇم بولىدۇ، دېدى. لېكىن يەھۇ بۇ ئىشنى بائالپەرەسلەرنى يوقىتىش ئۈچۈن ھىيلىگەرلىك بىلەن قىلدى. 19
شۇنىڭ بىلەن يەھۇ: بائالغا خاس بىر ھېيت بېكىتىڭلار، دېۋىدى، ئۇلار شۇنداق ئېلان قىلدى. 20
يەھۇ پۈتكۈل ئىسرائىلغا تەكلىپ ئەۋەتكەندە، بارلىق بائالپەرەسلەر كەلدى؛ ئۇلاردىن ھېچبىرى كەم قالماي كەلدى. ئۇلار بائالنىڭ بۇتخانىسىغا كىردى؛ شۇنىڭ بىلەن بائالنىڭ بۇتخانىسى بۇ بېشىدىن يەنە بىر بېشىغىچە لىق تولدى. 21
ئۇ [مۇراسىم] كىيىمى بېگىگە: ھەممە بائالپەرەسلەرگە [ئىبادەت] كىيىملىرىنى ئەچىقىپ بەر، دېۋىدى، ئۇ كىيىملەرنى ئۇلارغا ئەچىقىپ بەردى. 22
يەھۇ بىلەن رەكابنىڭ ئوغلى يەھوناداب بائالنىڭ بۇتخانىسىغا كىرىپ بائالپەرەسلەرگە: تەكشۈرۈپ بېقىڭلار، بۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ بەندىلىرىدىن ھېچبىرى بولمىسۇن، بەلكى پەقەت بائالپەرەسلەر بولسۇن، دېدى. 23
ئۇلار تەشەككۈر قۇربانلىقلىرى بىلەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى ئۆتكۈزگىلى كىردى. يەھۇ سەكسەن ئادىمىنى تېشىدا قويۇپ ئۇلارغا: مەن سىلەرنىڭ ئىلكىڭلارغا تاپشۇرغان بۇ ئادەملەردىن بىرسى قولۇڭلاردىن قېچىپ كەتسە، جېنىنىڭ ئورنىدا جان بېرىسىلەر، دېدى. 24
ئۇلار كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى ئۆتكۈزۈپ بولۇشىغىلا، يەھۇ ئوردا پاسىبانلىرى ۋە سەردارلارغا: كىرىپ ئۇلارنى قەتل قىلىپ، ھېچكىمنى چىققىلى قويماڭلار، دەپ بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن ئوردا پاسىبانلىرى بىلەن سەردارلار ئۇلارنى قىلىچ بىسى بىلەن قەتل قىلىپ، ئۆلۈكلەرنى شۇ يەرگە تاشلىۋەتتى. ئاندىن بائالنىڭ بۇتخانىسىنىڭ ئىچكىرىگە كىرىپ 25
بۇت تۈۋرۈكلەرنى بائالنىڭ بۇتخانىسىدىن ئېلىپ چىقىپ كۆيدۈرۈۋەتتى. 26
ئۇلار يەنە بائالنىڭ تۈۋرۈك-ھەيكىلىنى چېقىپ، بائالنىڭ بۇتخانىسىنى يىقىتىپ ئۇنى بۈگۈنگە قەدەر ھاجەتخانىغا ئايلاندۇردى. 27
يەھۇ شۇ يول بىلەن بائالنى ئىسرائىل ئىچىدىن يوق قىلدى. 28
يەھۇ نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان گۇناھلىرىدىن، يەنى بەيت-ئەل بىلەن داندىكى ئالتۇن موزاي بۇتلىرىدىن ئۆزىنى يىغمىدى. 29
پەرۋەردىگار يەھۇغا: سەن ئوبدان قىلدىڭ؛ مېنىڭ نەزىرىمگە مۇۋاپىق كۆرۈنگىنىنى ئادا قىلىپ، ئاھابنىڭ جەمەتىگە كۆڭلۈمدىكى ھەممە نىيەتنى بەجا قىلىپ پۈتكۈزگىنىڭ ئۈچۈن، سېنىڭ ئوغۇللىرىڭ تۆتىنچى نەسلىگىچە ئىسرائىلنىڭ تەختىدە ئولتۇرىدۇ، دېدى. 30
لېكىن يەھۇ پۈتۈن قەلبىدىن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس قانۇنىدا مېڭىشقا كۆڭۈل بۆلمىدى؛ ئۇ ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان يەروبوئامنىڭ گۇناھلىرىدىن نېرى تۇرمىدى. 31
شۇ كۈنلەردە پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ زېمىنىنى كېسىپ-كېسىپ ئازايتىشقا باشلىدى. چۈنكى ھازائەل ئىئوردان دەرياسىنىڭ مەشرىق تەرىپىدىن باشلاپ ئىسرائىلنىڭ چېگرالىرىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلدى؛ ئۇ بارلىق گىلېئاد يۇرتىنى، ئارنون جىلغىسىنىڭ يېنىدىكى ئاروئەردىن تارتىپ گىلېئادتىن ئۆتۈپ باشانغىچە، گاد، رۇبەن ۋە ماناسسەھنىڭ بارلىق يۇرتلىرىنى ئىشغال قىلدى. 32
33
ئەمدى يەھۇنىڭ باشقا ئەمەللىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى، جۈملىدىن سەلتەنىتىنىڭ ھەممە قۇدرىتى «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ 34
يەھۇ ئۆز ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە سامارىيەدە دەپنە قىلىندى. ئاندىن ئوغلى يەھوئاھاز ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. 35
يەھۇنىڭ ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە سامارىيەدە سەلتەنەت قىلغان ۋاقتى يىگىرمە سەككىز يىل ئىدى. 36

< پادىشاھلار 2 10 >