< كورىنتۇسلۇقلارغا 2 5 >

چۈنكى بۇ زېمىنغا تەۋە ئۆيىمىز، يەنى بۇ چېدىرىمىز يوقىتىلسىمۇ، خۇدا تەرىپىدىن بولغان، ئىنسان قولى بىلەن ياسالمىغان بىر ئۆي، يەنى ئاسمانلاردا ئەبەدىي بىر ماكانىمىز باردۇر دەپ بىلىمىز. (aiōnios g166) 1
ئەمدى بۇ [كونا ئۆيىمىزدە] تۇرغىنىمىزدا ئاسماندىكى ئۆيىمىزنى كىيىۋېلىشقا زور ئىنتىزار بىلەن ئاھ ئۇرماقتىمىز 2
(بەرھەق، [ئاسماندىكى ئۆيىمىزنى] كىيىۋالساق يالىڭاچ قالمايمىز). 3
چۈنكى مۇشۇ چېدىردا تۇرغىنىمىزدا، ئېغىرچىلىقتا ئاھ ئۇرماقتىمىز؛ بۇ بىزنىڭ يالىڭاچلىنىشنى خالىغىنىمىز ئەمەس، بەلكى كىيىندۈرۈلۈشنى، يەنى بىزدە ئۆلىدىغان نېمە بولسا، ئۇنىڭ ھايات تەرىپىدىن يۇتۇلۇشىنى خالايمىز. 4
ئەمدى بىزنى دەل مۇشۇ ئىشقا تەييارلىغۇچى بولسا خۇدادۇر؛ ئۇ بىزگە «كاپالەت» بولغان ئۆز روھىنىمۇ ئاتا قىلدى. 5
شۇنىڭ بىلەن بىز ھەمىشە يۇرەكلىك بولىمىز؛ ھەمدە تېنىمىزدە ماكان تۇتقىنىمىزدا رەبدىن نېرى بولغان مۇساپىر بولىمىز دەپ بىلىمىز 6
(چۈنكى بىز كۆرۈش سېزىمى بىلەن ئەمەس، ئېتىقاد بىلەن ماڭىمىز)؛ 7
بىز يۇرەكلىك بولۇپ، شۇنىڭدەك تەندىن نېرى بولۇپ رەب بىلەن بىللە بىر ماكاندا بولۇشقا تېخىمۇ خۇرسەنمىز. 8
شۇنىڭ بىلەن، مەيلى تەندە بولايلى، مەيلى تەندىن نېرى بولايلى، ئۇنى خۇرسەن قىلىشنى ئىستەك-نىشان قىلىپ ئىنتىلىمىز. 9
چۈنكى تەندە قىلغان ئەمەللىرىمىزنى، ياخشىلىق بولسۇن، يامانلىق بولسۇن، ھەربىرىمىزگە قايتۇرۇلۇشى ئۈچۈن مەسىھنىڭ سوراق تەختى ئالدىدا ھازىر بولۇشىمىز لازىم بولىدۇ. 10
شۇنىڭ بىلەن رەبنىڭ دەھشىتىنى بىلگەنلىكىمىز ئۈچۈن، ئىنسانلارنى ئىشەندۈرۈشكە تىرىشىمىز؛ لېكىن بىز خۇداغا ئوچۇق-ئاشكارىمىز، شۇنىڭدەك سىلەرنىڭ ۋىجدانىڭلاردىمۇ ئاشكارە تونۇلساق دەپ ئۈمىد قىلىمەن. 11
بىز ھازىر ئۆزىمىزنى قايتىدىن سىلەرگە تەۋسىيە قىلغىنىمىز يوق، بەلكى پەقەت سىلەردە قەلبدىكى ئىشلاردىن ئەمەس، تاشقى قىياپەتتىن پەخىرلىنىدىغانلارغا بەرگۈدەك جاۋاب بولسۇن دەپ، سىلەرگە بىزلەردىن پەخىرلىنىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بېرىۋاتىمىز. 12
چۈنكى ئىچ-ئىچىمىزگە سىغماي قالغان بولساقمۇ خۇدا ئالدىدا شۇنداق بولدۇق، سالماق بولساقمۇ سىلەر ئۈچۈن شۇنداق بولىمىز. 13
چۈنكى مەسىھنىڭ مۇھەببىتى بىزنى [شۇنداق قىلىشقا] ئۈندەيدۇ؛ چۈنكى بىز بىرسى ھەممەيلەن ئۈچۈن ئۆلدى، شۇڭا ھەممەيلەننىمۇ ئۆلدى، دەپ ھېسابلايمىز. 14
ۋە ئۇ ھەممەيلەننى دەپ ئۆلدى، بۇنىڭدىن مەقسەت، ھايات بولغانلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى دەپ ئۆلۈپ تىرىلگۈچى ئۈچۈن ياشىشى ئۈچۈندۇر. 15
شۇنىڭ بىلەن بىز بۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىمنى ئىنسانلارچە تونۇمايمىز؛ ھەتتا بىز مەسىھنى ئىنسانلارچە تونۇغان بولساق، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنى يەنە شۇنداق تونۇمايمىز. 16
شۇڭا ئەمدى بىرسى مەسىھدە بولسا، ئۇ يېڭى بىر يارىتىلغۇچىدۇر! كونا ئىشلار ئۆتۈپ، مانا، ھەممە ئىش يېڭى بولدى! 17
ۋە بارلىق ئىشلار خۇدادىندۇر؛ ئۇ بىزنى مەسىھ ئارقىلىق ئۆزىگە ئىناقلاشتۇردى، شۇنداقلا بىزگە ئىناقلاشتۇرۇش خىزمىتىنى تاپشۇردى: ــ 18
دېمەك، خۇدا مەسىھدە ئادەملەرنىڭ ئىتائەتسىزلىكلىرىنى ئۇلارنىڭ ئەيىبى بىلەن ھېسابلاشماي، ئالەمنى ئۆزىگە ئىناقلاشتۇردى؛ شۇنىڭدەك بىزگە ئىناقلاشتۇرۇش خەۋىرىنى ئامانەت قىلىپ تاپشۇردى. 19
شۇڭا خۇددى خۇدا بىز ئارقىلىق [ئادەملەردىن ئىناقلىققا كېلىشنى] ئۆتۈنگىنىدەك، بىز مەسىھكە ۋاكالىتەن ئەلچىلەردۇرمىز؛ مەسىھنىڭ ئورنىدا «خۇداغا ئىناقلاشتۇرۇلغايسىلەر!» دەپ ئۆتۈنىمىز. 20
گۇناھقا ھېچ تونۇش بولمىغان كىشىنى خۇدا بىزنى دەپ گۇناھنىڭ ئۆزى قىلدى؛ مەقسىتى شۇكى، بىزنىڭ ئۇنىڭدا خۇدانىڭ ھەققانىيلىقى بولۇشىمىز ئۈچۈندۇر. 21

< كورىنتۇسلۇقلارغا 2 5 >