< كورىنتۇسلۇقلارغا 2 2 >

لېكىن مەن ئىچىمدە، قېشىڭلارغا بارسام يەنە ئازار ئېلىپ بارمايمەن دېگەن قارارغا كەلدىم. 1
چۈنكى ئەگەر مەن سىلەرگە ئازار بەرسەم، مېنىڭ تۈپەيلىمدىن ئازار يېگەنلەردىن باشقا قايسىبىرى مېنى شادلاندۇرالىسۇن؟ 2
مەن ئەسلى مېنى شادلاندۇرۇشى تېگىشلىك بولغانلاردىن ئەكسىچە ئازار يەپ قالماي دېگەن مەقسەتتە شۇ خەتنى يازدىم؛ چۈنكى مېنىڭ شادلىقىم سىلەر ھەممىڭلارنىڭمۇ شادلىقىدۇر دەپ سىلەر ھەممىڭلارغا ئىشەنچ باغلىدىم. 3
چۈنكى ئەسلىدە ئۆزۈم ئېغىر ئازاب ئىچىدە قەلبىمدىكى دەرد-ئەلەمدىن كۆپ كۆز ياشلىرىمنى تۆككۈزۈپ تۇرۇپ سىلەرگە شۇ خەتنى يازغانىدىم؛ مەقسىتىم سىلەرگە ئازار بېرىش ئەمەس، بەلكى سىلەرگە چوڭقۇر باغلانغان، ئېشىپ تاشقان مۇھەببىتىمنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن ئىدى. 4
ئەمما بىرەرسى ئازار يەتكۈزگەن بولسا، ئۇنىڭ ئازار يەتكۈزگىنى مەن ئەمەس دەيمەن، ئۇ بەلكى مەلۇم دەرىجىدە (بۇ ئىشنى زىيادە ئېغىر قىلغۇم يوق) ھەممىڭلارغا ئازار يەتكۈزدى. 5
بۇنداق ئادەمنىڭ كۆپىنچىڭلار تەرىپىدىن تەنبىھلەنگىنى يېتەرلىكتۇر؛ 6
شۇڭا ھازىر ئەكسىچە، سىلەر ئۇنىڭغا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ رىغبەت-تەسەللى بېرىشىڭلارغا توغرا كېلىدۇ؛ بولمىسا بۇنداق بىر كىشى بەلكىم غايەت زور دەرد-ئەلەمدىن ئۆزىنى يوقىتىشىمۇ مۇمكىن. 7
شۇڭا مەن سىلەرگە ئۇنىڭغا مۇھەببىتىڭلارنى ئىسپاتلىشىڭلارنى جېكىلەيمەن. 8
شۇ خېتىمنى يەنە بىر مەقسەتتە، يەنى سىلەرنىڭ ھەممە ئىشلاردا ئىتائەتمەن ياكى ئىتائەتمەن ئەمەسلىكىڭلارنى سىناپ بىلىشىم ئۈچۈن يازدىم. 9
لېكىن سىلەر قايسىبىرىنى مەلۇم ئىش ئۈچۈن كەچۈرۈم قىلغان بولساڭلار، مەنمۇ ھەم ئۇنى شۇنداق قىلغان بولىمەن؛ مەنمۇ مەلۇم بىر ئىشنى كەچۈرۈم قىلغىنىمدا (بىرەر ئىشنى كەچۈرۈم قىلغان بولسام)، مەن سىلەرنى دەپ مەسىھنىڭ ھۇزۇرىدا شۇنداق قىلدىم. 10
شۇنىڭ بىلەن شەيتان بىزدىن ھېچ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشەلمەيدۇ؛ چۈنكى بىز ئۇنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىدىن بىخەۋەر ئەمەسمىز. 11
ئەمدى مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىنى جاكارلاشقا تروئاس شەھىرىگە كەلگىنىمدە ۋە شۇنداقلا رەب تەرىپىدىن [پۇرسەت] ئىشىكى ماڭا ئېچىلغىنى بىلەن، 12
قېرىندىشىم تىتۇسنى تاپالمىغىنىم تۈپەيلىدىن روھىم ئارام تاپمىدى؛ شۇنىڭ بىلەن مەن شۇ يەردىكىلەر بىلەن خوشلىشىپ، ماكېدونىيەگە سەپەر ئالدىم. 13
ئەمما بىزنى مەسىھدە ھەمىشە تەنتەنە بىلەن غالىبانە باشلايدىغان، بىز ئارقىلىق ھەر يەردە ئۆزىگە دوست تارتقۇچى خۇشپۇراقنى چاچقۇچى خۇداغا تەشەككۈر! 14
چۈنكى بىز خۇداغا يەتكۈزۈلىۋاتقان مەسىھنىڭ خۇشپۇرىقىدۇرمىز، ھەم قۇتقۇزۇلۇۋاتقانلار ئارىسىدا ھەم ھالاكەتكە كېتىۋاتقانلار ئارىسىدا شۇنداقمىز؛ 15
كېيىنكىلەرگە ئۆلۈمگە بولغان ئۆلۈمنىڭ پۇرىقى، ئالدىنقىلارغا ھاياتلىققا بولغان ھاياتلىقنىڭ پۇرىقىدۇرمىز؛ ئەمدى مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن كىم چىقالايدۇ؟ 16
چۈنكى بىز كۆپ كىشىلەرنىڭ قىلغىنىدەك خۇدانىڭ كالام-سۆزىنى سودا-سېتىق ئىشى قىلمايمىز؛ ئەكسىچە بىز سەمىمىيلىك بىلەن خۇدا ئالدىدا خۇدادىن [ئەۋەتىلگەنلەر] سۈپىتىدە مەسىھدە سۆزلەيمىز. 17

< كورىنتۇسلۇقلارغا 2 2 >