< كورىنتۇسلۇقلارغا 2 11 >

[ماختانغان] بۇ ئازغىنە ئەخمەقلىكىمغا سەۋرچان بولغايسىلەر! ئەمدى سىلەر ماڭا سەۋرىچانلىق قىلىپ كېلىۋاتىسىلەر. 1
چۈنكى مەن خۇدادىن كەلگەن ئوتلۇق مۇھەببەت بىلەن سىلەرنى [ئازدۇرۇشلاردىن] ھەسەت قىلىمەن؛ چۈنكى قىزنى بىر ئەرگىلا ياتلىق قىلغاندەك، مەن سىلەرنى مەسىھكىلا پاك قىز سۈپىتىدە ھازىر بولۇشقا ۋەدىلەشتۈرگەنمەن. 2
ئەمما يىلان ھاۋائانىمىزنى ھىيلىگەرلىكى بىلەن ئازدۇرغاندەك، ئوي-كۆڭلۈڭلار مەسىھكە باغلانغان سەمىمىي، ساپ ۋاپالىقتىن ئېزىپ بۇلغىنىشى مۇمكىن دەپ ئەنسىرەيمەن. 3
چۈنكى بىرسى كېلىپ بىز سىلەرگە ھېچ جاكارلاپ باقمىغان باشقا بىر ئەيسانى جاكارلىسا، ياكى قەلبىڭلاردىن ئورۇن بەرگەن روھنىڭ ئورنىغا باشقا بىر روھقا ئورۇن بەرسەڭلار ۋە سىلەر قوبۇل قىلغان خۇش خەۋەردىن باشقا بىر «خۇش خەۋەر»نى قوبۇل قىلساڭلار، سىلەر بۇ ئىشلارغا ئاجايىب سەۋر-تاقەت بىلەن ئۆتۈۋېرىشىڭلار مۇمكىن! 4
ھالبۇكى، مەن ئۆزۈمنى ھەرقانداق ئىشتا ئاشۇ «قالتىس ئۇلۇغ روسۇللار»دىن كەم سانىمايمەن! 5
گەرچە مېنىڭ گەپ-سۆزلىرىم ئاددىي بولسىمۇ، بىلىم جەھەتتە مەن ئۇنداق ئەمەس؛ بىز قىلىۋاتقان ھەربىر ئەمەللىرىمىزدە بۇنى سىلەرگە ھەر جەھەتتىن ئىسپاتلاپ روشەن قىلدۇق. 6
ئەمدى مەن سىلەرنى كۆتۈرۈلسۇن دەپ ئۆزۈمنى تۆۋەن تۇتۇپ، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى ھەق تەلەپ قىلماي جاكارلاپ گۇناھ قىلدىممۇ؟ 7
مەن سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلاردا بولۇشقا باشقا جامائەتلەردىن بۇلاپ-تالاپ، ئۇلارنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلدىم. 8
سىلەر بىلەن بىللە بولغان ۋاقىتلىرىمدا، ھاجەتمەن بولغان بولساممۇ، مەن ھېچكىمگە ئېغىرىمنى سالغان ئەمەس (چۈنكى ماكېدونىيەدىن كەلگەن قېرىنداشلار مېنىڭ كەم-كۈتەمنى تولۇقلاپ بەردى)؛ ھەرقانداق ئىشتا ئۆزۈمنى سىلەرگە يۈك بولۇپ قېلىشتىن ساقلاپ كەلدىم ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىمەن. 9
مەسىھنىڭ ھەقىقىتى مەندە راست بولغاندەك، ئاقايا يۇرتلىرىدا ھېچكىممۇ مېنى مۇشۇ ماختىنىشتىن توسۇمايدۇ! 10
نېمە ئۈچۈن؟ سىلەرنى ياخشى كۆرمىگەنلىكىم ئۈچۈنمۇ؟! خۇدا بىلىدۇ! 11
لېكىن [بىزگە ئوخشاش ھېسابلىنىش] پۇرسىتىنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ پۇرسىتىنى مەھرۇم قىلىش ئۈچۈن، شۇنىڭدەك ئۇلار ماختىنىدىغان ئىشلاردا ھەقىقەتەن بىزگە ئوخشاش بولسۇن دەپ، مەن نېمە قىلىۋاتقان بولسام شۇنى قىلىۋېرىمەن. 12
چۈنكى بۇنداق كىشىلەر ساختا روسۇللار، ئالدامچى خىزمەتكارلار، مەسىھنىڭ روسۇللىرىنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋالغانلاردۇر. 13
بۇ ئىش ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس، چۈنكى شەيتان ئۆزىمۇ نۇرلۇق بىر پەرىشتىنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋالىدۇ. 14
شۇڭا ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭمۇ ئۆزلىرىنى ھەققانىيلىقنىڭ خىزمەتچىلىرى قىياپىتىگە كىرگۈزىۋېلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس؛ لېكىن ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىگەنلىرىگە لايىق بولىدۇ. 15
يەنە شۇنى ئېيتىمەنكى، ھېچكىم مېنى ئەخمەق دەپ ھېسابلىمىسۇن؛ ھەتتا ئەگەر مېنى شۇنداق دەپ قارىساڭلارمۇ، ئەمدى مەندەك ئەخمەقنى سەۋر قىلىپ قوبۇل قىلغايسىلەر، شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈممۇ ئازغىنە ماختىنىۋالاي. 16
مېنىڭ ھازىر بۇلارنى سۆزلىشىم رەب تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى ئۆزۈمنىڭ ئەخمەقلەرچە يۈرەكلىك پو ئېتىپ ماختىنىشىم، خالاس. 17
نۇرغۇن ئادەملەر ئىنسانلارچە پو ئېتىپ ماختانغاندىكىن، مەنمۇ ماختىنىپ باقاي. 18
چۈنكى ئۆزۈڭلار شۇنچە دانا بولغاندىن كېيىن، سىلەر ئەخمەقلەرگە سەۋر-تاقەت قىلىشقا رازى بولىسىلەر! 19
مەسىلەن بىرسى سىلەرنى قۇل قىلىۋالسا، بىرسى سىلەرنى يۇتۇۋالسا، بىرسى سىلەردىن نەپ ئالسا، بىرسى ئالدىڭلاردا چوڭچىلىق قىلسا ياكى يۈزۈڭلارغا كاچات سالسا، سىلەر ئۇنىڭغا يول قويىسىلەر. 20
ئەپسۇس، نومۇس قىلىپ ئېيتىمەنكى، بىز ئۇنداق ئىشلارغا ئاجىزلىق قىلدۇق! ئەمما ئۇلار بىرەر ئىشتا ماختىنىشقا پېتىنغان يەردە (ئەخمەقلەرچە سۆزلەۋاتىمەن!) مەنمۇ شۇ ئىشتا [ماختىنىشقا] پېتىنىمەن. 21
ئۇلار ئىبرانىيلارمۇ؟ مەنمۇ شۇنداق. ئۇلار ئىسرائىللارمۇ؟ مەنمۇ شۇنداق. ئۇلار ئىبراھىمنىڭ نەسلىمۇ؟ مەنمۇ شۇنداق. 22
ئۇلار مەسىھنىڭ خىزمەتكارلىرىمۇ؟ (مەن ئەقىلدىن ئازغانلاردەك سۆزلەۋاتىمەن!)؛ مەن تېخىمۇ شۇنداق؛ زىيادە كۆپ زورۇقۇپ ئىشلىدىم، ئىنتايىن كۆپ دەررىلەندىم، ئىنتايىن كۆپ قېتىم قامالدىم، كۆپ قېتىم ئۆلۈم خەۋپلىرىگە دۇچ كەلدىم؛ 23
يەھۇدىيلارنىڭ «بىر كەم قىرىق قامچا» جازاسىغا بەش قېتىم تارتىلدىم، 24
ئۈچ قېتىم تىكەنلىك قامچا جازاسىنى يېدىم، بىر قېتىم چالما-كېسەك قىلىندىم، ئۈچ قېتىم كېمە ھادىسىسىگە ئۇچرىدىم، بىر كېچە-كۈندۈزنى دېڭىزدا ئۆتكۈزدۈم. 25
دائىم سەپەرلەردە بولىمەن؛ دەريالارنىڭ خەۋپلىرىنى، قاراقچىلارنىڭ خەۋپلىرىنى، يۇرتداشلىرىمنىڭ خەۋپلىرىنى، يات ئەللىكلەرنىڭ خەۋپلىرىنى، شەھەرنىڭ خەۋپىنى، باياۋاننىڭ خەۋپلىرىنى، دېڭىزنىڭ خەۋپلىرىنى، ساختا قېرىنداشلار ئارىسىدىكى خەۋپلىرىنى باشتىن كەچۈردۈم؛ 26
ئەمگەكلەر ۋە جاپا ئىشلاردا زورۇقۇپ، پات-پات تۈنەكلەردە، ئاچلىقتا ۋە ئۇسسۇزلۇقتا، دائىم روزا تۇتۇشلاردا، سوغۇقلاردا ۋە يېلىڭ-يالىڭاچلىقتا يۈرۈپ كەلدىم. 27
بۇ سىرتتىكى ئىشلاردىن باشقا، ئىچ-باغرىمدا بارلىق جامائەتلەر ئۈچۈن ھەر كۈنى ئۈستۈمنى بېسىپ كېلىۋاتقان غەملەرنى يەۋاتىمەن. 28
ھەركىم ئاجىزلىسا، مەن ئاجىزلىمىدىممۇ؟ ھەركىم ئېزىپ پۇتلاشقان بولسا، مەن ئۆرتەنمىدىممۇ؟! 29
ئەمدى ئەگەر ماختىنىشىم زۆرۈر بولسا، ئۆز ئاجىزلىقىمنى كۆرسىتىدىغان ئىشلار بىلەن ماختىنىمەن. 30
رەب ئەيسانىڭ خۇدا-ئاتىسى، مەڭگۈ تەشەككۈر-مەدھىيىلەرگە لايىق بولغۇچىغا ئايانكى، مەن يالغان ئېيتمىدىم. (aiōn g165) 31
دەمەشق شەھىرىدە پادىشاھ ئارېتاسنىڭ قول ئاستىدىكى ۋالىي مېنى تۇتۇش ئۈچۈن، پۈتۈن دەمەشق شەھىرىنى قاتتىق تەقىب ئاستىغا ئالغانىدى. 32
لېكىن مەن سېپىلدىكى بىر كاماردىن سېۋەت بىلەن پەسكە چۈشۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ قاچتىم. 33

< كورىنتۇسلۇقلارغا 2 11 >