< كورىنتۇسلۇقلارغا 2 10 >

ئەمما ئۆزۈم، سىلەر بىلەن بىللە بولغاندا مۇئامىلىسى يۇمشاق، لېكىن سىلەردىن ئايرىلغاندا سىلەرگە قارىتا قاتتىق قوللۇق دەپ قارالغان مەنكى پاۋلۇس مەسىھنىڭ يۇۋاش-مۆمىنلىكى ۋە مۇلايىملىقى بىلەن سىلەردىن ئۆتۈنۈمەن، 1
ــ شۇنى تەلەپ قىلىمەنكى، يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، بىزنى «ئەتلەر بويىچە ماڭغانلار!» دەپ گۇمان بىلەن قارايدىغان بەزىلەرگە قارىتا ئويلىغىنىمدەك قاتتىق قوللۇق قىلىشقا مېنى مەجبۇر قىلماڭلار؛ 2
گەرچە بىز ئىنسانىي ئەتلەردە يۈرسەكمۇ، بىز ئەتلەر بويىچە جەڭ قىلمايمىز. 3
چۈنكى جەڭ قوراللىرىمىز ئەتكە تەۋە قوراللار ئەمەس، بەلكى خۇدا تەرىپىدىن قورغان-ئىستىھكاملارنى گۇمران قىلىش كۈچىگە ئىگە قىلىنغان قوراللاردۇر؛ 4
بىز ئۇلار بىلەن بەس-مۇنازىرىلەرنى ۋە خۇدانى تونۇشقا قارشىلىشىشقا تۇرغان ھەرقانداق ھاكاۋۇر توسالغۇنى گۇمران قىلىمىز، شۇنداقلا ھەربىر ئوي-خىياللارنى مەسىھكە بېقىندۇرۇپ ئىتائەت قىلىشقا كەلتۈرىمىز؛ 5
سىلەر تولۇق ئىتائەت قىلغاندىن كېيىن، [ئاراڭلاردا] قانداق ئىتائەتسىزلىك قالغان بولسا بۇلارنى جازالاشقا تەييارمىز. 6
سىلەر پەقەت كۆز ئالدىڭلاردىكى ئىشلارغىلا قارايدىكەنسىلەر. ئەگەر بىرسى ئۆزىنى مەسىھكە تەۋەمەن دەپ قارىسا، ئۇ يەنە شۇنىڭ ئۈستىگە ئويلانسۇنكى، ئۇ مەسىھكە تەۋە بولغىنىغا ئوخشاش، بىزمۇ ئۇنىڭغا تەۋەدۇرمىز. 7
چۈنكى، رەب تەرىپىدىن سىلەرنى نابۇت قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئېتىقادىڭلارنى قۇرۇش ئۈچۈن بىزگە ئامانەت قىلىنغان ھوقۇقىمىز توغرۇلۇق تېخىمۇ كۆپ زىيادىرەك ماختانساممۇ، بۇنىڭدا ھېچ يەرگە قاراپ قالمايمەن؛ 8
ئەمدى مەن پەقەت خەتلەردىلا سىلەرنى قورقاتماقچى ئەمەسمەن؛ 9
چۈنكى بەزىلەر: «ئۇنىڭ خەتلىرى دەرۋەقە ۋەزىنلىك ھەم كۈچلۈك؛ لېكىن ئۇ يېتىپ كەلگەندە سالاپەتسىز، گېپىنىڭ تۇتامى يوق بولىدۇ» دېيىشىدۇ. 10
ئەمدى بۇنداق خىيال قىلغۇچىلار شۇنى بىلىپ قويسۇنكى، بىز يىراقتا بولغىنىمىزدا خەتلەردىكى سۆزىمىز قانداق بولغان بولسا بىز يېتىپ بارغىنىمىزدا ئەمەلىيىتىمىزمۇ شۇنداق بولىدۇ. 11
چۈنكى بىز ئۆزىمىزنى ئۆزىنى قالتىس چاغلايدىغانلار بىلەن بىر قاتارغا قويۇشقا ياكى ئۇلار بىلەن سېلىشتۇرۇشقا پېتىنمايمىز؛ شۇنداق كىشىلەر ئۆزلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئۆلچىمى بىلەن ئۆلچەپ، ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى بىلەن سېلىشتۇرىدىغان بولۇپ، ھەقىقەتەن ئەقىلسىزلاردىندۇر. 12
بىز ئەمدى ئۆزىمىزگە بېكىتىلگەن ئۆلچەمدىن ھالقىپ ماختىنىپ يۈرگىنىمىز يوق. بىز بەلكى ھەممىنى ئۆلچىگۈچى خۇدا بىزگە بېكىتكەن خىزمەت دائىرىسىدىكى ئۆلچەم، يەنى سىلەرنىڭ [خىزمىتىڭلارغىمۇ] يېتىدىغان ئۆلچەم بىلەن پەخىرلىنىمىز. 13
چۈنكى ئۆلچىمى سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلارغا يەتمەيدىغان كىشىلەردەك، [خىزمىتىڭلاردا بولغىنىمىزدا] دائىرىمىزدىن ھالقىپ كەتمەيمىز، چۈنكى بىز مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈشتە [بىرىنچى بولۇپ] يېنىڭلارغىمۇ كەلدۇق. 14
بىز خىزمەت دائىرىمىزدىن ھالقىپ، باشقىلارنىڭ سىڭدۈرگەن جاپا-ئەجىرلىرى بىلەن ماختانغىنىمىز يوق؛ لېكىن بىز سىلەرنىڭ ئىمان-ئېتىقادىڭلار ئۆسكەنسېرى ئاراڭلاردىكى خىزمىتىمىز بىزگە بېكىتىلگەن دائىرىمىز ئىچىدە تېخىمۇ زىيادە كېڭەيتىلسۇن دەپ ئۈمىد قىلىمىز؛ 15
شۇنداق بولغاندا، بىز سىلەردىن تېخىمۇ يىراق يەرلەرگە خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈپ جاكارلايدىغان بولىمىز؛ تەييارغا ھەييار بولۇپ، باشقىلارنىڭ دائىرىسىدىكى خىزمەت ئەجرى بىلەن ماختىنىش بىزگە يات. 16
ئەمما «پەخىرلىنىپ ماختىغۇچى بولسا رەبدىن پەخىرلىنىپ ماختىشى كېرەك!». 17
چۈنكى ئۆزىنى تەرىپلىگۈچى ئەمەس، بەلكى رەب تەرىپلىگەن كىشى ھەقىقەتەن لاياقەتلىكتۇر. 18

< كورىنتۇسلۇقلارغا 2 10 >