< تارىخ-تەزكىرە 2 8 >

شۇنداق بولدىكى، يىگىرمە يىل ئۆتۈپ، سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى بىلەن پادىشاھنىڭ ئۆيىنى ياساپ بولغاندىن كېيىن، 1
ئۇ ھىرام ئۆزىگە سوۋغا قىلغان شەھەرلەرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقتى؛ ئىسرائىللار شۇ يەردە ئولتۇراقلاشتى. 2
سۇلايمان خامات-زوباھ شەھىرىگە بېرىپ ئۇنى ئىشغال قىلدى. 3
ئۇ يەنە چۆلدىكى تادمورنى ۋە ئۆزىنىڭ خاماتتا قۇرغان بارلىق خەزىنە شەھەرلىرىنى يەنە ئوڭشىتىپ قۇردى. 4
ئۇ يەنە ئۈستۈنكى بەيت-ھورون بىلەن ئاستىنقى بەيت-ھوروننى سېپىل، بالداقلىق قوۋۇقلىرى بولغان قورغانلىق شەھەرلەرگە ئايلاندۇردى؛ 5
بائالاتنى، شۇنداقلا ئۆزىگە خاس ھەممە خەزىنە شەھەرلىرىنى، «جەڭ ھارۋىسى شەھەرلىرى»نى، ئاتلىقلارنى ئورۇنلاشتۇرغان شەھەرلەرنى ۋە يېرۇسالېمدا، لىۋاندا ۋە ئۆزى سورايدىغان بارلىق زېمىندا خالىغىنىنى بىنا قىلدى. 6
ئىسرائىلدىن بولمىغان ھىتتىيلار، ئامورىيلار، پەرىززىيلەر، ھىۋىيلار ۋە يەبۇسىيلاردىن [ئىسرائىل] زېمىنىدا قېلىپ قالغانلارنىڭ ھەممىسىنى بولسا، 7
سۇلايمان بۇلارنى، يەنى ئىسرائىللار پۈتۈنلەي يوقاتمىغان ئەللەرنىڭ قالغان ئەۋلادلىرىنى قۇللۇق ھاشاغا تۇتتى. ئۇلار بۈگۈنكى كۈنگىچە شۇنداق بولۇپ كەلدى. 8
لېكىن ئىسرائىللاردىن سۇلايمان ئۆز ئىشلىرى ئۈچۈن ھېچكىمنى قۇل قىلماي، بەلكى ئۇلارنى لەشكەر، ھۆكۈمدار-ئەمەلدار، ھارۋا بىلەن ئاتلىقلارنىڭ سەردارلىرى قىلدى. 9
بۇلاردىن پادىشاھ سۇلايماننىڭ ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئۈستىگە قويغان چوڭ نازارەتچىلىرى بولۇپ، ئىككى يۈز ئەللىك ئىدى. 10
سۇلايمان پىرەۋننىڭ قىزىنى «داۋۇتنىڭ شەھىرى»دىن ئۆزى ئۇنىڭغا سالدۇرغان ئوردىغا ئەكەلتۈردى؛ چۈنكى ئۇ: «ئايالىمنىڭ ئىسرائىل پادىشاھى داۋۇتنىڭ ئوردىسىدا تۇرۇشى مۇۋاپىق ئەمەس؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى بارغانلىكى جايلارنىڭ ھەممىسى مۇقەددەستۇر»، ــ دېدى. 11
سۇلايمان بۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھىدا، يەنى [مۇقەددەس جاينىڭ] ئايۋانىنىڭ ئالدىغا سالدۇرغان قۇربانگاھتا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق تەقدىم قىلاتتى؛ 12
ــ يەنى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە، ھەر كۈنى، شابات كۈنلىرىدە، ئاينىڭ بىرىنچى كۈنلىرىدە ۋە ھەر يىلدا ئۈچ قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ئالاھىدە ھېيت كۈنلىرىدە ــ «پېتىر نان ھېيتى»، «ھەپتىلەر ھېيتى» ۋە «كەپىلەر ھېيتى»دىكى كۈنلەردە بېكىتىلگەن بۇرچلۇق قۇربانلىقلارنى قىلاتتى. 13
سۇلايمان يەنە ئاتىسى داۋۇتنىڭ بەلگىلەپ بەرگىنى بويىچە كاھىنلارنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ ۋە لاۋىيلارنىڭ بۇرچلىرىنىڭ ئادا قىلىنىشى ئۈچۈن نۆۋەت-گۇرۇپپىلارنى بېكىتتى؛ لاۋىيلارنىڭ ھەر كۈنى مەدھىيە ئوقۇش ۋە كاھىنلارنىڭ ئالدىدا خىزمەتلەرنى ئادا قىلىش بۇرچى بار ئىدى. سۇلايمان يەنە دەرۋازىۋەنلەرنى نۆۋىتى بويىچە ھەر دەرۋازىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا بېكىتتى؛ چۈنكى خۇدانىڭ ئادىمى داۋۇتنىڭ بۇيرۇقى شۇنداق ئىدى. 14
[كاھىن-لاۋىيلار] پادىشاھنىڭ كاھىنلارغا ۋە لاۋىيلارغا بۇيرۇغانلىرىدىن، مەيلى قانداق ئىش بولسۇن ياكى خەزىنىلەرگە دائىر ئىش بولسۇن ھېچ باش تارتمايتتى. 15
پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى سېلىشتا، ئۆي ئۇلى سېلىنغان كۈندىن تارتىپ پۈتكۈچە سۇلايماننىڭ بارلىق قۇرۇلۇش ئىشلىرى پۇختا تاماملاندى. شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى پۈتتى. 16
ئاندىن سۇلايمان ئېدوم زېمىنىدا [قىزىل] دېڭىز بويىدىكى ئەزىئون-گەبەرگە ۋە ئېلاتقا قاراپ ماڭدى. 17
ھۇرام [پادىشاھ] ئۆز خىزمەتكارلىرى ئارقىلىق كېمىلەر ۋە دېڭىز يوللىرىغا پىششىق ئادەملىرىنى سۇلايماننىڭ يېنىغا ئەۋەتتى. ئۇلار سۇلايماننىڭ خىزمەتكارلىرى بىلەن بىللە ئوفىرغا بېرىپ، ئۇ يەردىن تۆت يۈز ئەللىك تالانت ئالتۇن ئېلىپ، ئۇنى پادىشاھ سۇلايماننىڭ قېشىغا يەتكۈزۈپ كەلدى. 18

< تارىخ-تەزكىرە 2 8 >