< تارىخ-تەزكىرە 2 7 >

سۇلايمان دۇئاسىنى تۈگىتىشىگىلا، ئاسماندىن ئوت چۈشۈپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق ھەمدە باشقا قۇربانلىقلارنى قويماي كۆيدۈرۈۋەتتى؛ پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى ئۆينى تولدۇردى. 1
Da Salomo havde endt sin Bøn, for Ild ned fra Himmelen og fortærede Brændofferet og Slagtofrene, og HERRENS Herlighed fyldte Templet,
پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى ئۆينى تولدۇرۇۋەتكەچكە، كاھىنلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرەلمىدى. 2
og Præsterne kunde ikke gaa ind i HERRENS Hus, fordi HERRENS Herlighed fyldte det.
ئوت چۈشكەنلىكىنى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى ئۆينىڭ ئۈستىدە توختىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى تاش ياتقۇزۇلغان مەيداندا يۈكۈنۈپ باش ئۇرۇپ: «پەرۋەردىگار مېھرىباندۇر، ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى مەڭگۈگىچە تۇرىدۇ!» دەپ پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىپ تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇشتى. 3
Og da alle Israeliterne saa Ilden og HERRENS Herlighed fare ned over Templet, kastede de sig paa Knæ paa Stenbroen med Ansigtet mod Jorden og tilbad og lovede HERREN med Ordene »thi han er god, og hans Miskundhed varer evindelig!«
پادىشاھ ۋە پۈتكۈل خەلق پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قۇربانلىقلىرىنى سۇندى. 4
Kongen ofrede nu sammen med alt Folket Slagtofre for HERRENS Aasyn.
سۇلايمان پادىشاھ يىگىرمە ئىككى مىڭ كالا، بىر يۈز يىگىرمە مىڭ قوينى قۇربانلىق قىلىپ سۇندى. شۇنداق قىلىپ پادىشاھ ۋە پۈتكۈل خەلق خۇدانىڭ ئۆيىنى [خۇداغا] بېغىشلىدى. 5
Til Slagtofferet tog Kong Salomo 22 000 Stykker Hornkvæg og 120 000 Stykker Smaakvæg. Saaledes indviede Kongen og alt Folket Guds Hus.
كاھىنلار ۋە شۇنداقلا پەرۋەردىگارغا ئاتىغان سازلارنى تۇتقان لاۋىيلار ئۆز ئورۇنلىرىدا تۇراتتى (پادىشاھ داۋۇت بۇ سازلارنى پەرۋەردىگارنىڭ مەدھىيىسىدە ئىشلەتكىلى ياسىغانىدى، [ئۇ پەرۋەردىگارغا]: «ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى ئەبەدگىچىدۇر» دەپ مەدھىيە ئوقۇغىنىدا ئۇلارنى ئىشلىتەتتى)؛ كاھىنلار لاۋىيلارنىڭ ئۇدۇلىدا تۇرۇپ كاناي چېلىشاتتى؛ ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى شۇ يەردە ئۆرە تۇرۇشقانىدى. 6
Og Præsterne stod paa deres Pladser, og Leviterne stød med HERRENS Musikinstrumenter, som Kong David havde ladet lave, for at love HERREN med Davids Lovsangs Ord »thi hans Miskundhed varer evindelig!« og Præsterne stod lige over for dem og blæste i Trompeter, og hele Israel stod op:
سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى ھويلىسىنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئايرىپ مۇقەددەس قىلىپ، ئۇ يەردە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقىلىرىنىڭ ياغلىرىنى سۇندى؛ چۈنكى سۇلايمان ياساتقان مىس قۇربانگاھ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، ئاش ھەدىيىلىرى ۋە قۇربانلىقلارنىڭ ياغلىرىنى قوبۇل قىلىشقا كىچىك كەلدى. 7
Og Salomo helligede den mellemste Del af Forgaarden foran HERRENS Hus, thi der maatte han ofre Brændofrene og Fedtstykkerne af Takofrene, da Kobberalteret, som Salomo havde ladet lave, ikke kunde rumme Brændofferet, Afgrødeofferet og Fedtstykkerne.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ۋاقىتتا سۇلايمان ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان پۈتۈن ئىسرائىل، يەنى خامات رايونىغا كىرىش ئېغىزىدىن تارتىپ مىسىر ئېقىنىغىچە ھەممە يەرلەردىن كەلگەن زور بىر جامائەت ھېيت ئۆتكۈزدى. 8
Samtidig fejrede Salomo i syv Dage Højtiden sammen med hele Israel, en vældig Forsamling lige fra Egnen ved Hamat og til Ægyptens Bæk.
سەككىزىنچى كۈنى ئۇلار تەنتەنىلىك بىر ئىبادەت يىغىلىشى ئۆتكۈزدى؛ ئۇلار يەتتە كۈن قۇربانگاھنى خۇداغا ئاتاپ بېغىشلىغانىدى ئاندىن ئۇلار يەنە يەتتە كۈن ھېيت ئۆتكۈزدى. 9
Ottendedagen holdt man festlig Samling, thi de fejrede Alterets Indvielse i syv Dage og Højtiden i syv.
يەتتىنچى ئاينىڭ يىگىرمە ئۈچىنچى كۈنى پادىشاھ خەلقنى ئۆز ئۆي-چېدىرلىرىگە قايتۇردى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇتقا، سۇلايمانغا ۋە ئۆز خەلقى ئىسرائىلغا قىلغان ياخشىلىقلىرى ئۈچۈن قەلبىدە شاد-خۇرام بولۇپ قايتىپ كەتتى. 10
Og paa den tre og tyvende Dag i den syvende Maaned lod han Folket gaa hver til sit, glade og vel til Mode over den Godhed, HERREN havde vist sin Tjener David og Salomo og sit Folk Israel.
شۇنداق قىلىپ سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ۋە پادىشاھنىڭ ئوردىسىنى ياساپ پۈتتۈردى. سۇلايماننىڭ كۆڭلىگە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ۋە ئۆزىنىڭ ئوردىسىدا نېمە قىلىش كەلگەن بولسا، شۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئوڭۇشلۇق پۈتتى. 11
Salomo var nu færdig med at opføre HERRENS Hus og Kongens Palads; og alt, hvad Salomo havde sat sig for at udføre ved HERRENS Hus og sit Palads, havde han lykkeligt ført igennem.
ئاندىن پەرۋەردىگار كېچىدە سۇلايمانغا ئايان بولۇپ ئۇنىڭغا: «مەن سېنىڭ دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم ۋە ئۆزۈمگىمۇ بۇ جاينى «قۇربانلىق ئۆيى» بولۇشقا تاللىدىم. 12
Da lod HERREN sig til Syne for Salomo om Natten og sagde til ham: »Jeg har hørt din Bøn og udvalgt mig dette Sted til Offersted.
ئەگەر مەن ئاسماننى يامغۇر ياغمايدىغان قىلىپ ئېتىۋەتسەم ياكى چېكەتكىلەرگە زېمىندىكى مەھسۇلاتلارنى يەپ تاشلاشنى بۇيرۇسام ۋە ياكى خەلقىم ئارىسىغا ۋابا تارقىتىۋەتسەم، 13
Dersom jeg tillukker Himmelen, saa Regnen udebliver, eller jeg opbyder Græshopperne til at æde Landet op, eller jeg sender Pest i mit Folk,
[شۇ چاغدا] نامىم بىلەن ئاتالغان بۇ خەلقىم ئۆزىنى كەمتەر تۇتۇپ، دۇئا قىلىپ يۈزۈمنى ئىزلەپ، رەزىل يوللىرىدىن يانسا، مەن ئاسماندا تۇرۇپ ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرىمەن ۋە زېمىنىنى ساقايتىمەن. 14
og mit Folk, som mit Navn nævnes over, da ydmyger sig, beder og søger mit Aasyn og vender om fra deres onde Veje, saa vil jeg høre det i Himmelen og tilgive deres Synd og læge deres Land,
ئەمدى بۇ يەردە قىلىنغان دۇئالارغا مېنىڭ كۆزلىرىم ئوچۇق ۋە قۇلاقلىرىم دىڭ بولىدۇ. 15
Nu skal mine Øjne være aabne og mine Ører lytte til Bønnen, der bedes paa dette Sted.
مەن ئەمدى نامىم مەڭگۈ بۇ يەردە ئايان قىلىنسۇن دەپ بۇ ئۆينى تاللاپ، ئۇنى ئۆزۈمگە مۇقەددەس قىلدىم؛ كۆزۈممۇ، قەلبىممۇ ھەمىشە شۇ يەردە بولىدۇ. 16
Og nu har jeg udvalgt og billiget dette Hus, for at mit Navn kan bo der til evig Tid, og mine Øjne og mit Hjerte skal være der alle Dage.
سەن بولساڭ، ئاتاڭ داۋۇتنىڭ ئالدىمدا ماڭغىنىدەك سەنمۇ ساڭا بۇيرۇغىنىمنىڭ ھەممىسىگە مۇۋاپىق ئەمەل قىلىش ئۈچۈن بەلگىلىمىلىرىم ۋە ھۆكۈملىرىمنى تۇتۇپ ئالدىمدا ماڭساڭ، 17
Hvis du nu vandrer for mit Aasyn som din Fader David, saa du gør alt, hvad jeg har paalagt dig, og holder mine Anordninger og Lovbud,
مەن ئەمدى ئاتاڭ داۋۇتقا: «ئىسرائىلنىڭ تەختىدە ساڭا ئەۋلادىڭدىن ئولتۇرۇشقا بىر زات كەم بولمايدۇ» دەپ ئەھدە قىلغىنىمدەك، مەن سېنىڭ پادىشاھلىق تەختىڭنى ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە مەھكەم قىلىمەن. 18
saa vil jeg opretholde din Kongetrone, som jeg tilsagde din Fader David, da jeg sagde: En Efterfølger skal aldrig fattes dig til at herske over Israel.
بىراق ئەگەر سىلەر مېنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، مەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا جاكارلىغان بەلگىلىمىلىرىم ۋە ئەمرلىرىمنى تاشلاپ، باشقا ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرىپ چوقۇنساڭلار، 19
Men hvis I vender eder bort og forlader mine Anordninger og Bud, som jeg har forelagt eder, og gaar hen og dyrker fremmede Guder og tilbeder dem,
شۇ چاغدا مەن ئىسرائىلنى ئۇلارغا تەقدىم قىلغان زېمىنىدىن يۇلۇپ تاشلايمەن؛ ۋە ئۆز نامىمنى كۆرسىتىشكە ئۆزۈمگە مۇقەددەس قىلغان بۇ ئۆينى نەزىرىمدىن تاشلايمەن ۋە ئىسرائىلنى ھەممە خەلقلەر ئارىسىدا سۆز-چۆچەك ۋە تاپا-تەنىنىڭ ئوبيېكتى قىلىمەن؛ 20
saa vil jeg rykke eder op fra mit Land, som jeg gav eder; og dette Hus, som jeg har helliget for mit Navn, vil jeg forkaste fra mit Aasyn og gøre det til Spot og Spe blandt alle Folk,
بۇ ئۆي گەرچە ھازىر ئۇلۇغ بولسىمۇ، شۇ زاماندا ئۇنىڭدىن ئۆتكەنلەرنىڭ ھەممىسى قاتتىق ھەيران قىلىشىپ: «پەرۋەردىگار بۇ زېمىنغا ۋە بۇ ئۆيگە نېمىشقا شۇنداق قىلغاندۇ؟» دەپ سورايدۇ. 21
og dette Hus, som var saa ophøjet, over det skal enhver, som kommer der forbi, blive slaaet af Rædsel. Og naar man siger: Hvorfor har HERREN handlet saaledes mod dette Land og dette Hus?
كىشىلەر: ــ چۈنكى [زېمىندىكى خەلقلەر] ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى، يەنى ئۇلارنى مىسىر زېمىنىدىن چىقارغان پەرۋەردىگارنى تاشلاپ، ئۆزلىرىنى باشقا ئىلارھلارغا باغلاپ، ئۇلارغا سەجدە قىلىپ قۇللۇقىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ بۇ پۈتكۈل كۈلپەتنى ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشۈرۈپتۇ، دەپ جاۋاب بېرىدۇ. 22
skal der svares: Fordi de forlod HERREN, deres Fædres Gud, som førte dem ud af Ægypten, og holdt sig til andre Guder, tilbad og dyrkede dem; derfor har HERREN bragt al denne Elendighed over dem!«

< تارىخ-تەزكىرە 2 7 >