< تارىخ-تەزكىرە 2 5 >

شۇنىڭ بىلەن سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئۈچۈن قىلىدىغان بارلىق قۇرۇلۇشلار تامام بولغاندا، ئۇ ئاتىسى داۋۇت [خۇداغا] ئاتاپ بېغىشلىغان نەرسىلەرنى (يەنى كۈمۈش، ئالتۇن ۋە ھەممە باشقا بۇيۇملارنى) ئېلىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ خەزىنىلىرىگە قويدۇردى. 1
شۇ چاغدا سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى «داۋۇت شەھىرى»دىن، يەنى زىئوندىن يۆتكەپ كېلىش ئۈچۈن ئىسرائىل ئاقساقاللىرىنى، قەبىلە بەگلىرىنى ۋە ئىسرائىل جەمەتلىرىنىڭ بەگلىرىنى يېرۇسالېمغا يىغىلىشقا چاقىردى. 2
بۇنىڭ ئۈچۈن ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئادەملىرى ئېتانىم ئېيىدا، يەنى يەتتىنچى ئايدا، بېكىتىلگەن ھېيتتا پادىشاھنىڭ قېشىغا يىغىلدى 3
ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئاقساقاللىرى يېتىپ كەلگەندە لاۋىيلار ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ [ماڭدى]. 4
ئۇلار ئەھدە ساندۇقىنى، جامائەت چېدىرى بىلەن ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق مۇقەددەس بۇيۇملارنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ چىقتى. كاھىنلار بولغان لاۋىيلار مۇشۇلارنى ئېلىپ چىقتى. 5
سۇلايمان پادىشاھ ۋە بارلىق ئىسرائىل جامائىتى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، كۆپلىكىدىن سانىنى ئېلىپ بولمايدىغان سان-ساناقسىز قوي بىلەن كالىنى قۇربانلىق قىلىۋاتاتتى. 6
كاھىنلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئۆز جايىغا، ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكى «كالامخانا»سىغا، يەنى ئەڭ مۇقەددەس جايغا ئېلىپ كىرىپ كېرۇبلارنىڭ قاناتلىرىنىڭ ئاستىغا قويدى. 7
كېرۇبلارنىڭ يېيىلىپ تۇرغان قانىتى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئورنى ئۈستىدە بولغاچقا، ئەھدە ساندۇقى بىلەن ئۇنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان بالداقلارنى يېپىپ تۇراتتى. 8
بۇ بالداقلار ساندۇقنىڭ تۇتقۇچلىرىدىن ناھايىتى ئۇزۇن چىقىپ تۇرغاچقا، كالامخانىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئەھدە ساندۇقىنىڭ يېنىدىكى ئىككى بالداقنىڭ ئۇچلىرىنى كۆرگىلى بولاتتى، بىراق ئۆينىڭ سىرتىدا ئۇلارنى كۆرگىلى بولمايتتى؛ بۇ بالداقلار تاكى بۈگۈنگە قەدەر شۇ يەردە تۇرماقتا. 9
ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئىچىدە مۇسا پەيغەمبەر ھورەب تېغىدا تۇرغاندا ئىچىگە سالغان ئىككى تاختايدىن باشقا ھېچنەرسە يوق ئىدى (ئىسرائىللار مىسىر زېمىنىدىن چىققاندىن كېيىن پەرۋەردىگار ئۇلار بىلەن ھورەبدە ئەھدە تۈزگەنىدى). 10
كاھىنلار مۇقەددەس جايدىن چىقىشتى (شۇ يەردە ھازىر بولغان بارلىق كاھىنلار، ئۆز نۆۋىتىگە قارىماي ئۆزلىرىنى خۇداغا ئاتاپ پاكىزلىغانىدى؛ 11
نەغمە-ناۋاچى بارلىق لاۋىيلار، جۈملىدىن ئاساف، ھېمان، يەدۇتۇن ۋە ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرى ھەم قېرىنداشلىرى چەكمەن تونلىرىنى كىيىشىپ، قۇربانگاھنىڭ شەرقىدە تۇرۇپ چاڭ، تەمبۇر ۋە چىلتارلار چېلىشىۋاتقانىدى؛ ئۇلار بىلەن بىللە كاناي چېلىۋاتقان يەنە بىر يۈز يىگىرمە كاھىن بار ئىدى) 12
ۋە شۇنداق بولدۇكى، كانايچىلار بىلەن نەغمە-ناۋاچىلار ھەممىسى بىردەك چېلىپ، بىر ئاۋاز بىلەن پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-ھەمدۇسانا ئېيتىۋاتقاندا، يەنى كانايلار، جاڭلار ۋە ھەرخىل سازلارنى چېلىپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن «پەرۋەردىگار مېھرىباندۇر، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى ئەبەدىلئەبەدگىچىدۇر» دەپ پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەۋاتقاندا ــ شۇ ھامان ئىبادەتخانا، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى بىر بۇلۇت بىلەن تولدۇرۇلدى؛ 13
كاھىنلار ئەشۇ بۇلۇت تۈپەيلىدىن ۋەزىپىلىرىنى ئۆتۈشكە تۇرالمايتتى، چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى خۇدانىڭ ئۆيىنى تولدۇرغانىدى. 14

< تارىخ-تەزكىرە 2 5 >