< تارىخ-تەزكىرە 2 4 >

ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە گەز، كەڭلىكى يىگىرمە گەز، ئېگىزلىكى ئون گەز كېلىدىغان بىر مىس قۇربانگاھ ياساتتى. 1
ئۇ مىستىن «دېڭىز» ياساتتى؛ ئۇنىڭ شەكلى دۈگىلەك بولۇپ، ئۇ گىرۋىكىدىن بۇ گىرۋىكىگىچە ئون گەز كېلەتتى؛ ئېگىزلىكى بەش گەز، ئايلانمىسى ئوتتۇز گەز ئىدى. 2
«دېڭىز»نىڭ سىرتقى ئاستا قىسمى بۇقىنىڭ شەكلى بىلەن چۆرۈلدۈرۈپ بېزەلگەن بولۇپ، بۇقىلار ھەربىر گەزگە ئوندىن، ئىككى قاتار قىلىنىپ، مىس «دېڭىز» بىلەن تەڭ قۇيۇپ چىقىلغانىدى. 3
مىس «دېڭىز»نى ئون ئىككى مىس بۇقا كۆتۈرۈپ تۇراتتى؛ ئۇنىڭ ئۈچى شىمالغا، ئۈچى غەربكە، ئۈچى جەنۇبقا، ئۈچى شەرققە قاراپ تۇراتتى. «دېڭىز» بۇقىنىڭ دۈمبىسىگە ياتقۇزۇلغان بولۇپ، بۇقىلارنىڭ قۇيرۇقى ئىچى تەرەپتە ئىدى. 4
مىس دېڭىزنىڭ قېلىنلىقى بىر ئالقان بولۇپ، چۆرىسى چىنىنىڭ گىرۋىكىدەك نىلۇپەر شەكلىدە قىلىنغان، ئۇنىڭغا ئۈچ مىڭ بات سۇ پاتاتتى. 5
ئۇ يەنە ئون «يۇيۇش دېسى» ياسىتىپ، بەشىنى مىس دېڭىزنىڭ ئوڭ تەرىپىگە، بەشىنى سول تەرىپىگە قويغۇزدى؛ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارغا ئىشلىتىدىغان بۇيۇم-ئەسۋابلىرىنىڭ ھەممىسى شۇ داسلاردا يۇيۇلاتتى؛ «دېڭىز» بولسا كاھىنلارنىڭ يۇيۇنۇشى ئۈچۈن ئىشلىتىلەتتى. 6
ئۇ يەنە بەلگىلەنگەن شەكىلدە ئون ئالتۇن چىراغدان ياسىتىپ مۇقەددەس جاينىڭ ئىچىگە ئورناتتى؛ ئۇنىڭ بەشىنى ئوڭ تەرەپكە، بەشىنى سول تەرەپكە قويدۇردى. 7
يەنە ئون شىرە ياسىتىپ مۇقەددەس جاينىڭ ئىچىگە قويغۇزدى؛ ئۇنىڭ بەشىنى ئوڭ تەرەپكە، بەشىنى سول تەرەپكە قويغۇزدى. ئۇ يەنە يۈز دانە ئالتۇن چىنە ياساتتى. 8
ئۇ يەنە «كاھىنلار ھويلىسى»، چوڭ ھويلا ۋە چوڭ ھويلىنىڭ دەرۋازىلىرىنى ياساتتى ۋە دەرۋازىلارنىڭ ھەممىسىنى مىس بىلەن قاپلاتتى. 9
ئۇ مىس «دېڭىز»نى ئىبادەتخانىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە، يەنى شەرقىي جەنۇب تەرىپىگە قويغۇزدى. 10
ھۇرام يەنە قازان، كۈرەك ۋە قاچا-قۇچىلارنى ئەتكۈزدى. ھۇرام شۇ تەرىقىدە سۇلايمان پادىشاھ ئۈچۈن خۇدانىڭ ئۆيىنىڭ بارلىق قۇرۇلۇش خىزمىتىنى پۈتتۈردى، 11
يەنى ئىككى تۈۋرۈك، ئىككى تۈۋرۈكنىڭ ئۈستىدىكى ئاپقۇرسىمان ئىككى باش ۋە بۇ ئىككى باشنى يېپىپ تۇرىدىغان ئىككى تورنى ياسىتىپ پۈتتۈردى. 12
شۇ ئىككى تور ئۈستىگە قايچىلاشتۇرۇلغان تۆت يۈز ئانارنى ياساتتى؛ بىر توردا ئىككى قاتار ئانار بولۇپ، تۈۋرۈك ئۈستىدىكى ئاپقۇرسىمان ئىككى باشنى يېپىپ تۇراتتى. 13
ئۇ ئون داس تەگلىكى ۋە داس تەگلىكىگە قويۇلىدىغان ئون «يۇيۇش دېسى»نى، 14
«مىس دېڭىز» ۋە ئۇنىڭ ئاستىدىكى ئون ئىككى مىس بۇقىنى ياساتقۇزدى. 15
قازان، كۈرەك، ۋىلكا-ئىلمەكلەر، ۋە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئەسۋابلارنى ھۇرام-ئابى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى دەپ سۇلايمان پادىشاھقا پارقىرايدىغان مىستا ياسىتىپ بەردى. 16
پادىشاھ بۇلارنى ئىئوردان تۈزلەڭلىكىدە، سۇككوت بىلەن زەرەداتاھ ئوتتۇرىسىدا، [شۇ يەردىكى] سېغىز لايدا قېلىپ ياساپ، قۇيدۇرۇپ چىقتى. 17
سۇلايمان ياساتقۇزغان بۇ ئەسۋابلارنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ ئىدى؛ كەتكەن مىسنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ بولمايتتى. 18
سۇلايمان يەنە خۇدانىڭ ئۆيى ئىچىدىكى بارلىق ئەسۋابلارنى ياساتتى ــ يەنى ئالتۇن خۇشبۇيگاھنى، «تەقدىم نان» قويۇلىدىغان شىرەلەرنى 19
ۋە ساپ ئالتۇندا قىلىنغان چىراغدانلار بىلەن چىراغلىرىنى ياساتقۇزدى؛ بۇ چىراغلار بەلگىلىمە بويىچە ئىچكى «كالامخانا» ئالدىدا ياندۇرۇش ئۈچۈن بولدى. 20
ئۇ يەنە چىراغداننىڭ گۈللىرى، چىراغ ۋە پىلىك قايچىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئالتۇندىن قىلدۇردى (ئۇلار ساپ ئالدۇندىن ئىدى). 21
ئۇ يەنە پېچاقلار، تاۋاقلار، پىيالە-قاچا ۋە كۈلدانلارنىڭ ھەممىسىنى ساپ ئالتۇندىن قىلدۇردى. ئۇ ئۆينىڭ ئىشىكلىرىنى، يەنى ئىچىدىكى ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرىدىغان ئىچكى قاتلىما ئىشىكلەر ۋە ئۆينىڭ «مۇقەددەس جاي»ىنىڭ تاشقىرىقى ئىشىكلىرىنى ئالتۇندىن قىلدۇردى. 22

< تارىخ-تەزكىرە 2 4 >