< تارىخ-تەزكىرە 2 36 >
[يەھۇدا] زېمىنىدىكى خەلق يوسىيانىڭ ئوغلى يەھوئاھازنى تاللاپ، يېرۇسالېمدا ئاتىسىنىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. | 1 |
国の民はヨシヤの子エホアハズを立て、エルサレムでその父に代って王とならせた。
يەھوئاھاز تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە ئۈچ ياشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا ئۈچ ئاي سەلتەنەت قىلدى. | 2 |
エホアハズは王となった時二十三歳で、エルサレムで三月の間、世を治めたが、
مىسىر پادىشاھى ئۇنى يېرۇسالېمدا پادىشاھلىقتىن بىكار قىلدى ۋە يەھۇدا زېمىنىغا بىر يۈز تالانت كۈمۈش، بىر تالانت ئالتۇن جەرىمانە قويدى. | 3 |
エジプトの王はエルサレムで彼を廃し、かつ銀百タラント、金一タラントの罰金を国に課した。
ئاندىن مىسىر پادىشاھى يەھوئاھازنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ ئىنىسى ئېلىئاكىمنى يەھۇدا بىلەن يېرۇسالېم ئۈستىگە پادىشاھ قىلىپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى يەھوئاكىمغا ئۆزگەرتتى؛ ئاندىن نەقو ئىنىسى يەھوئاھازنى مىسىرغا ئېلىپ كەتتى. | 4 |
そしてエジプト王は彼の兄弟エリアキムをユダとエルサレムの王とし、その名をエホヤキムと改め、その兄弟エホアハズを捕えてエジプトへ引いて行った。
يەھوئاكىم تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە بەش ياشتا بولۇپ، ئۇ يېرۇسالېمدا ئون بىر يىل سەلتەنەت قىلدى؛ ئۇ پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى. | 5 |
エホヤキムは王となった時二十五歳で、十一年の間エルサレムで世を治めた。彼はその神、主の前に悪を行った。
بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغىلى چىقىپ، ئۇنى مىس زەنجىر بىلەن باغلاپ بابىلغا ئېلىپ كەتتى. | 6 |
時に、バビロンの王ネブカデネザルが彼の所に攻め上り、彼をバビロンに引いて行こうとして、かせにつないだ。
نېبۇقادنەسار يەنە پەرۋەردىگار ئۆيىدىكى بىر قىسىم ئەسۋاب-بۇيۇملارنى بابىلغا ئاپىرىپ، ئۆزىنىڭ بابىلدىكى بۇتخانىسىغا قويدى. | 7 |
ネブカデネザルはまた主の宮の器物をバビロンに運んで行って、バビロンにあるその宮殿にそれをおさめた。
يەھوئاكىمنىڭ قالغان ئىشلىرى، ئۇنىڭ يىرگىنچلىك ئىشلىرى، ئۇنىڭدىكى ئەيىبلەر بولسا مانا، «ئىسرائىل ۋە يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر. ئۇنىڭ ئوغلى يەھوئاكىن ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. | 8 |
エホヤキムのその他の行為、その行った憎むべき事および彼がひそかに行った事などは、イスラエルとユダの列王の書にしるされている。その子エホヤキンが彼に代って王となった。
يەھوئاكىن تەختكە چىققان چېغىدا ئون سەككىز ياشتا بولۇپ، ئۇ يېرۇسالېمدا ئۈچ ئاي ئون كۈن سەلتەنەت قىلدى؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى. | 9 |
エホヤキンは王となった時八歳で、エルサレムで三月と十日の間、世を治め、主の前に悪を行った。
يېڭى يىل ئۆتكەندە، نېبوقادنەسار ئادەم ئەۋەتىپ يەھوئاكىننى پەرۋەردىگار ئۆيىدىكى ئېسىل بۇيۇملار بىلەن بىرلىكتە بابىلغا ئەكەلدۈرۈپ، يەھوئاكىننىڭ تاغىسى زەدەكىيانى يەھۇدا ۋە يېرۇسالېم ئۈستىگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. | 10 |
年が改まり春になって、ネブカデネザル王は人をつかわして、彼を主の宮の尊い器物と共にバビロンに連れて行かせ、その兄弟ゼデキヤをユダとエルサレムの王とした。
زەدەكىيا تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە بىر ياشتا بولۇپ، يېرۇسالېمدا ئون بىر يىل سەلتەنەت قىلدى؛ | 11 |
ゼデキヤは王となった時二十一歳で、十一年の間エルサレムで世を治めた。
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى؛ يەرەمىيا پەيغەمبەر ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزگەن بولسىمۇ، ئۇ يەرەمىيانىڭ ئالدىدا ئۆزىنى تۆۋەن قىلمىدى؛ | 12 |
彼はその神、主の前に悪を行い、主の言葉を伝える預言者エレミヤの前に、身をひくくしなかった。
ئۇ ئۆزىنى خۇدانىڭ نامىدا [بېقىنىش] قەسىمىنى ئىچكۈزگەن نېبوقادنەساردىن يۈز ئۆرىدى؛ بوينىنى قاتتىق قىلىپ، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا توۋا قىلىپ يېنىشقا كۆڭلىنى جاھىل قىلدى. | 13 |
彼はまた、彼に神をさして誓わせたネブカデネザル王にもそむいた。彼は強情で、その心をかたくなにして、イスラエルの神、主に立ち返らなかった。
ئۇنىڭ ئۈستىگە، كاھىنلارنىڭ بارلىق باشلىرى بىلەن خەلقنىڭ ھەممىسى يات ئەللىكلەرنىڭ ھەممە يىرگىنچلىك ئىشلىرىنى دوراپ، ئاسىيلىقلىرىنى ئاشۇردى؛ ئۇلار پەرۋەردىگار يېرۇسالېمدا ئۆزىگە ئاتاپ مۇقەددەس قىلغان ئۆينى بۇلغىۋەتتى. | 14 |
祭司のかしらたちおよび民らもまた、すべて異邦人のもろもろの憎むべき行為にならって、はなはだしく罪を犯し、主がエルサレムに聖別しておかれた主の宮を汚した。
ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە ۋە تۇرالغۇسىغا ئىچىنى ئاغرىتقاچقا، تاڭ سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ ئەلچىلىرىنى ئەۋەتىپ ئۇلارنى ئىزچىل ئاگاھلاندۇرۇپ تۇردى. | 15 |
その先祖の神、主はその民と、すみかをあわれむがゆえに、しきりに、その使者を彼らにつかわされたが、
بىراق ئۇلار خۇدانىڭ ئەلچىلىرىنى مازاق قىلىپ، سۆز-كالاملىرىنى مەنسىتمەيتتى، پەيغەمبەرلىرىنى زاڭلىق قىلاتتى؛ ئاخىر بېرىپ پەرۋەردىگارنىڭ قەھرى ئۆرلەپ، قۇتقۇزغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە خەلقىنىڭ ئۈستىگە چۈشتى. | 16 |
彼らが神の使者たちをあざけり、その言葉を軽んじ、その預言者たちをののしったので、主の怒りがその民に向かって起り、ついに救うことができないようになった。
پەرۋەردىگار شۇنىڭ بىلەن كالدىيلەرنىڭ پادىشاھىنى ئۇلارغا ھۇجۇمغا سېلىۋىدى، پادىشاھ ئۇلارنىڭ مۇقەددەس ئۆيىدە ياشلىرىنى قىلىچلىدى؛ قىز-يىگىتلەر، قېرىلار، بېشى ئاقارغانلارغا ھېچ ئىچ ئاغرىتىپ ئولتۇرماي، ھەممىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى؛ [خۇدا] بۇلارنىڭ ھەممىسىنى [كالدىيە] پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇردى. | 17 |
そこで主はカルデヤびとの王を彼らに攻めこさせられたので、彼はその聖所の家でつるぎをもって若者たちを殺し、若者をも、処女をも、老人をも、しらがの者をもあわれまなかった。主は彼らをことごとく彼の手に渡された。
كالدىيە پادىشاھى خۇدانىڭ ئۆيىدىكى چوڭ-كىچىك دېمەي، بارلىق قاچا-بۇيۇملارنى، شۇنداقلا پەرۋەردىگار ئۆيىدىكى خەزىنىلەرنى، شۇنىڭدەك پادىشاھنىڭ ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ خەزىنىلىرىنى قويماي، بابىلغا ئېلىپ كەتتى. | 18 |
彼は神の宮のもろもろの大小の器物、主の宮の貨財、王とそのつかさたちの貨財など、すべてこれをバビロンに携えて行き、
كالدىيلەر خۇدانىڭ ئۆيىنى كۆيدۈرۈۋەتتى، يېرۇسالېمنىڭ سېپىلىنى چېقىۋەتتى، شەھەردىكى ھەممە ئوردا-قورغانلارغا ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈپ، يېرۇسالېمدىكى بارلىق قىممەتلىك قاچا-بۇيۇملارنى چېقىپ كۇكۇم-تالقان قىلدى. | 19 |
神の宮を焼き、エルサレムの城壁をくずし、そのうちの宮殿をことごとく火で焼き、そのうちの尊い器物をことごとくこわした。
قىلىچتىن ئامان قالغانلارنىڭ ھەممىسىنى [كالدىيە پادىشاھى] بابىلغا تۇتقۇن قىلىپ ئەكەتتى؛ ئۇلار تاكى پارس پادىشاھلىقىنىڭ سەلتەنىتىكىچە بابىل پادىشاھى ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ قۇللۇقىدا بولۇپ تۇردى. | 20 |
彼はまたつるぎをのがれた者どもを、バビロンに捕えて行って、彼とその子らの家来となし、ペルシャの国の興るまで、そうして置いた。
بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ يەرەمىيانىڭ ۋاستىسى بىلەن [ئالدىن] ئېيتقان [ئاگاھ] سۆزى ئىشقا ئاشۇرۇلۇش ئۈچۈن بولدى. شۇنىڭ بىلەن زېمىن ئۆزىگە تېگىشلىك شابات كۈنلىرىگە مۇيەسسەر بولدى؛ چۈنكى زېمىن يەتمىش يىل توشقۇچە خارابىلىكتە تۇرۇپ «شابات تۇتۇپ» دەم ئېلىپ راھەتلەندى. | 21 |
これはエレミヤの口によって伝えられた主の言葉の成就するためであった。こうして国はついにその安息をうけた。すなわちこれはその荒れている間、安息して、ついに七十年が満ちた。
ペルシャ王クロスの元年に当り、主はエレミヤの口によって伝えた主の言葉を成就するため、ペルシャ王クロスの霊を感動されたので、王はあまねく国中にふれ示し、またそれを書き示して言った、
「ペルシャの王クロスはこう言う、『天の神、主は地上の国々をことごとくわたしに賜わって、主の宮をユダにあるエルサレムに建てることをわたしに命じられた。あなたがたのうち、その民である者は皆、その神、主の助けを得て上って行きなさい』」。