< تارىخ-تەزكىرە 2 35 >

يوسىيا پەرۋەردىگارنى سېغىنىپ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى يېرۇسالېمدا ئۆتكۈزمەكچى بولدى؛ بىرىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى ئۇلار ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاتالغان قوزىلارنى سويدى. 1
پادىشاھ كاھىنلارنىڭ ۋەزىپىلىرىنى بەلگىلىدى، ئۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى خىزمەتنى قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى. 2
ئۇ يەنە پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقىگە ئۆزلىرىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ پاك-مۇقەددەس بولۇشقا تەلىم بەرگۈچى لاۋىيلارغا: ــ سىلەر مۇقەددەس ئەھدە ساندۇقىنى ئىسرائىل پادىشاھى داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايمان سالدۇرغان ئۆيگە ئەكىرىپ ئورۇنلاشتۇرۇڭلار؛ ئەمدى ئۇنى مۈرەڭلەردە كۆتۈرۈپ يۈرۈش ۋەزىپىسى قالمىدى. ئەمدى سىلەر خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە، شۇنداقلا ئۇنىڭ خەلقى ئىسرائىلنىڭ خىزمىتىدە بولۇڭلار. 3
شۇنىڭ ئۈچۈن جەمىتىڭلار ۋە نۆۋەت-گۇرۇپپاڭلار بويىچە، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى داۋۇتنىڭ يازغىنى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى سۇلايماننىڭ يازغىنىغا ئاساسەن، ئۆزۈڭلارنى ئوبدان تەييارلاڭلار. 4
سىلەر ئۆز ئاتا جەمەتلىرىڭلارنىڭ نۆۋەت-گۇرۇپپا تەرتىپى بويىچە قېرىنداشلىرىڭلاردىن ئىبارەت شۇ ئاددىي خەلق-پۇقرالار جەمەت-جەمەتلىرىگە ۋەكىل بولۇپ، مۇقەددەسگاھتا تۇرىسىلەر؛ ھەربىر گۇرۇپپىدا لاۋىي جەمەتىدىن بىرنەچچە ئادەم بولسۇن. 5
سىلەر ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاتالغان قوزىلارنى سويۇسىلەر، ئۆزۈڭلارنى پاكلاڭلار، [ئىسرائىلدىكى] قېرىنداشلىرىڭلار ئۈچۈن، يەنى ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن تاپىلىغان سۆز-كالامىغا بېقىنىشى ئۈچۈن، ھەممە ئىشنى تەييار قىلىڭلار، دېدى. 6
يوسىيا شۇ يەردە ھازىر بولغان بارلىق خەلق-پۇقرالارنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاتىغان قۇربانلىقى بولسۇن دەپ، جەمئىي ئوتتۇز مىڭ قوزا ۋە ئوغلاق، ۋە يەنە ئۈچ مىڭ بۇقا ھەدىيە قىلدى؛ بۇ ماللارنىڭ ھەممىسى پادىشاھنىڭ مېلىدىن چىقىرىلغانىدى. 7
ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىمۇ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن خەلققە ۋە كاھىنلار بىلەن لاۋىيلارغا قۇربانلىق مېلى «كۆتۈرمە ھەدىيە» قىلدى؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى باشقۇرغۇچىلاردىن ھىلقىيا، زەكەرىيا ۋە يەھىيەلمۇ ئىككى مىڭ ئالتە يۈز قوزا-ئۆچكە بىلەن ئۈچ يۈز بۇقىنى كاھىنلارغا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ھەدىيە قىلىپ تاپشۇردى. 8
لاۋىيلارنىڭ يولباشچىلىرى بولغان كونانىيا ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن شېمايا بىلەن نەتانەل، شۇنداقلا ھاشابىيا، جەئىيەل ۋە يوزابادمۇ بەش مىڭ قوزا بىلەن بەش يۈز بۇقىنى لاۋىيلارنىڭ ھېيتقا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىشىغا «كۆتۈرمە ھەدىيە» قىلدى. 9
شۇنداق قىلىپ، ئۆتىلىدىغان ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇنغاندىن كېيىن، پادىشاھنىڭ تاپىلىغىنى بويىچە، كاھىنلار ئۆز ئورنىدا تۇردى، لاۋىيلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەت-گۇرۇپپا تەرتىپى بويىچە تۇرۇشتى. 10
لاۋىيلار ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاتالغان قوزىلارنى بوغۇزلىدى؛ كاھىنلار ئۇلارنىڭ قولىدىن قاننى ئېلىپ قۇربانگاھقا سەپتى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا لاۋىيلار قۇربانلىق مالنىڭ تېرىسىنى سويدى. 11
كۆيدۈرمە قۇربانلىققا سۇنۇلىدىغان ماللارنى بولسا، ئۇلار خەلق-پۇقرالارغا ۋەكىل بولغان جەمەتلەر بويىچە خەلققە بۆلۈپ بېرىپ، ئۇلارنى مۇسانىڭ كىتابىدا يېزىلغىنىغا مۇۋاپىق، پەرۋەردىگارغا سۇنۇشقا تەييارلىدى. سۇنۇلىدىغان بۇقىلارنىمۇ شۇنداق قىلدى. 12
ئاندىن بەلگىلىمە بويىچە ئۇلار ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاتالغان قوزا-ئۆچكىلەرنى ئوتقا قاقلاپ كاۋاپ قىلدى؛ باشقا قۇربانلىقلاردىن قالغان، يەنى خۇداغا ئاتالغان قىسىملارنى قازاندا، داڭقاندا ياكى داستا پىشۇرۇپ تېزدىن خەلق-پۇقرالارغا ئۈلەشتۈرۈپ بەردى؛ 13
شۇنىڭدىن كېيىن ئۆزلىرىگە ۋە كاھىنلارغا قۇربانلىقلاردىن تەييارلىدى، چۈنكى كاھىنلار، يەنى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى كەچ كىرگۈچە كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىش ۋە مايلارنى كۆيدۈرۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى؛ شۇڭا لاۋىيلار ئۆزلىرىگە ۋە كاھىنلار بولغان ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغىمۇ قۇربانلىقلاردىن [گۆش] تەييارلاپ قويۇشتى. 14
ناۋا-نەغمىچىلەر، يەنى ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرى داۋۇت، ئاساف، ھېمان ۋە [داۋۇت] پادىشاھنىڭ ئالدىن كۆرگۈچىسى يەدۇتۇننىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە ئۆز ئورۇنلىرىدا تۇرۇشتى؛ دەرۋازىۋەنلەر ھەرقايسىسى ئۆز دەرۋازىسى ئالدىدا تۇردى؛ ئۇلارنىڭ ئىش ئورنىدىن ئاجرىشىنىڭ ھاجىتى بولمىدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى بولغان لاۋىيلار قۇربانلىقلاردىن تەييارلاپ قوياتتى. 15
شۇنداق قىلىپ، شۇ بىر كۈن ئىچىدە يوسىيا پادىشاھنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزۈلۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھىغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار سۇنۇلۇشى بىلەن پەرۋەردىگارغا بېغىشلاپ ئۆتكۈزۈلگەن ئىبادەت تولۇق ئورۇنلاندى. 16
شۇ چاغدا ھازىر بولغان ئىسرائىللار ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، يەتتە كۈن پېتىر نان ھېيتىنى ئۆتكۈزدى. 17
سامۇئىل پەيغەمبەرنىڭ زامانىدىن بۇيان ئىسرائىلدا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى مۇنداق ئۆتكۈزۈلۈپ باقمىغانىدى؛ ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ ھېچقايسىسىمۇ يوسىيا، كاھىنلار، لاۋىيلار ۋە شۇ يەردە ھازىر بولغان يەھۇدالار بىلەن ئىسرائىللار ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار ئۆتكۈزگەندەك مۇنداق ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزۈپ باقمىغانىدى. 18
بۇ قېتىمقى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى يوسىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون سەككىزىنچى يىلى ئۆتكۈزۈلدى. 19
يوسىيا [مۇقەددەس] ئۆينىڭ ھەممە ئىشىنى مۇشۇنداق تەرتىپكە سېلىپ بولغاندىن كېيىن، مىسىر پادىشاھى نەقو ئەفرات دەرياسىنىڭ بويىدىكى كاركېمىش شەھىرىدە ئۇرۇشقا چىقتى، يوسىيا ئۇنىڭ ئالدىنى توسقىلى چىقتى. 20
نەقو يوسىيانىڭ ئالدىغا ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ ئۇنىڭغا: «ئى يەھۇدا پادىشاھى، ئۆزلىرىنىڭ مېنىڭ بىلەن نېمە كارلىرى بار؟ بۈگۈن مەن سىلى بىلەن ئۇرۇشقىلى ئەمەس، بەلكى مېنىڭ بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان جەمەت بىلەن ئۇرۇشقىلى چىققانمەن؛ يەنە كېلىپ، خۇدا مېنى تېز ھۇجۇم قىل، دېدى؛ خۇدانىڭ سىلىنى ھالاك قىلىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئىشىغا كاشىلا قىلمىسىلا، چۈنكى ئۇ مېنىڭ بىلەن بىللىدۇر» دېدى. 21
لېكىن يوسىيا ئۇنىڭ بىلەن قارشىلىشىشتىن يانمىدى، ئەكسىچە ئۆزىنى نىقابلاپ ئۇنىڭغا جەڭ قىلغىلى چىقتى؛ ئۇ خۇدانىڭ نەقونىڭ ۋاستىسى بىلەن ئېيتقان گېپىگە قۇلاق سالماي، مەگىددو تۈزلەڭلىكىگە كېلىپ نەقو بىلەن تۇتۇشتى. 22
ئوقياچىلار يوسىيا پادىشاھقا ئوق ئېتىپ ئۇنىڭغا [تەگكۈزدى]؛ پادىشاھ خىزمەتكارلىرىغا: ــ مەن ئېغىر يارىلاندىم، مېنى ئېلىپ كېتىڭلار، دېدى. 23
ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇنى جەڭ ھارۋىسىدىن يۆلەپ چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ ئىككىنچى جەڭ ھارۋىسىغا ياتقۇزۇپ يېرۇسالېمغا ئېلىپ مېڭىۋىدى، ئۇ شۇ يەردە ئۆلدى. ئۇ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى؛ بارلىق يەھۇدا ۋە يېرۇسالېمدىكىلەر يوسىياغا تەزىيە تۇتۇشتى. 24
يەرىمىيا [پەيغەمبەر] يوسىيا ئۈچۈن مەرسىيە ئوقۇدى؛ نەغمە-ناۋاچى ئەر-ئاياللارنىڭ ھەممىسى تاكى بۈگۈنگىچە يوسىيانى تەرىپلەپ مەرسىيە ئوقۇپ كەلمەكتە؛ ئۇ ئىش ئىسرائىلدا بەلگىلىمىگە ئايلاندى. مانا بۇلار «مەرسىيەلەر» دېگەن كىتابقا پۈتۈلگەندۇر. 25
يوسىيانىڭ قالغان ئىشلىرى، ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات كىتابىدا يېزىلغانلىرىغا ئەگەشكەن ياخشى ئەمەللىرى، 26
قىلغانلىرى باشتىن-ئاخىرىغىچە ھەممىسى «يەھۇدا ۋە ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر. 27

< تارىخ-تەزكىرە 2 35 >