< تارىخ-تەزكىرە 2 33 >

ماناسسەھ پادىشاھ بولغاندا ئون ئىككى ياشتا بولۇپ، يېرۇسالېمدا ئەللىك بەش يىل سەلتەنەت قىلدى. 1
ئۇ پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتكەن يات ئەللىكلەرنىڭ يىرگىنچلىك ئادەتلىرىگە ئوخشاش ئىشلار بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى. 2
ئۇ ئاتىسى ھەزەكىيا چېقىپ تاشلىغان «يۇقىرى جايلار»نى قايتىدىن ياساتتى؛ ئۇ بائاللارغا ئاتاپ قۇربانگاھلارنى سالدۇرۇپ، ئاشەراھ مەبۇدلارنى ياسىدى؛ ئۇ ئاسماندىكى نۇرغۇنلىغان ئاي-يۇلتۇزلارغا باش ئۇردى ۋە ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىردى. 3
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىمۇ قۇربانگاھلارنى ياساتتى. شۇ ئىبادەتخانا توغرۇلۇق پەرۋەردىگار: «يېرۇسالېمدا مېنىڭ نامىم مەڭگۈ قالىدۇ» دېگەنىدى. 4
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئىككى ھويلىسىدا «ئاسماننىڭ قوشۇنى»غا قۇربانگاھلارنى ئاتاپ ياساتتى. 5
ئۇ بەن-ھىننومنىڭ جىلغىسىدا ئۆز بالىلىرىنى ئوتتىن ئۆتكۈزدى؛ جادۇگەرچىلىك، پالچىلىق ۋە دەمىدىچىلىك ئىشلەتتى، ئۆزىگە جىنكەشلەر بىلەن ئەپسۇنچىلارنى بېكىتتى؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە سان-ساناقسىز رەزىللىكنى قىلىپ ئۇنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. 6
ئۇ ياساتقان ئويما مەبۇدنى خۇدانىڭ ئۆيىگە تىكلىدى. شۇ ئۆي توغرۇلۇق پەرۋەردىگار داۋۇتقا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى سۇلايمانغا: ــ «بۇ ئۆيدە، شۇنداقلا ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىنىڭ زېمىنلىرى ئارىسىدىن مەن تاللىغان يېرۇسالېمدا ئۆز نامىمنى ئەبەدگىچە قالدۇرىمەن؛ 7
ئەگەر ئىسرائىل پەقەت مەن مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئۇلارغا تاپىلىغان بارلىق ئەمرلەرگە، يەنى بارلىق قانۇن، بەلگىلىمىلەر ۋە ھۆكۈملەرگە مۇۋاپىق ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل قويسىلا، مەن ئۇلارنىڭ پۇتلىرىنى ئاتا-بوۋىلىرىغا بېكىتكەن بۇ زېمىندىن قايتىدىن نېرى قىلمايمەن» ــ دېگەنىدى. 8
لېكىن ماناسسەھ يەھۇدالارنى ۋە يېرۇسالېمدىكىلەرنى شۇنداق ئازدۇردىكى، ئۇلار پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن ھالاك قىلغان يات ئەللىكلەرنىڭ قىلغىنىدىنمۇ ئاشۇرۇپ رەزىللىك قىلاتتى. 9
پەرۋەردىگار ماناسسەھ ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئاگاھلاندۇرۇپ سۆزلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار قۇلاق سالمىدى. 10
شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگار ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ قوشۇنىدىكى سەردارلارنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ھۇجۇمغا سالدۇردى. ئۇلار ماناسسەھنى ئىلمەك بىلەن ئېلىپ، مىس زەنجىر بىلەن باغلاپ بابىلغا ئەكەلدى. 11
ماناسسەھ مۇشۇنداق ئازابقا چۈشكەندە خۇداسى پەرۋەردىگارغا يالۋۇرۇپ، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى ئالدىدا ئۆزىنى بەك تۆۋەن تۇتتى. 12
ئۇ دۇئا قىلىۋىدى، [پەرۋەردىگار] ئۇنىڭ دۇئاسىغا قۇلاق سېلىپ، تىلىكىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنى يېرۇسالېمغا قايتۇرۇپ، پادىشاھلىقىغا قايتىدىن ئىگە قىلدى. ماناسسەھ شۇ چاغدىلا پەرۋەردىگارنىڭلا خۇدا ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى. 13
بۇ ئىشلاردىن كېيىن ماناسسەھ «داۋۇت شەھىرى»نىڭ سىرتىغا، جىلغا ئوتتۇرىسىدىكى گىھوننىڭ كۈنپېتىش تەرىپىدىن تاكى بېلىق دەرۋازىسى ئاغزىغىچە، ئوفەلنى چۆرىدەپ سېپىل ياساتتى ۋە ئۇنى ناھايىتى ئېگىز قىلدى؛ يەھۇدانىڭ ھەرقايسى قورغانلىق شەھەرلىرىدە قوشۇن سەردارلىرىنى تەيىنلىدى. 14
ئۇ يەنە پەرۋەردىگار ئۆيىدىن يات ئەللىكلەرنىڭ مەبۇدلىرى بىلەن [ئۆزى قويغان] بۇتنى، ئۆزى پەرۋەردىگار ئۆيىنىڭ تېغى بىلەن يېرۇسالېمدا ياساتقۇزغان بارلىق قۇربانگاھلارنى ئېلىۋېتىپ، شەھەر سىرتىغا تاشلاتقۇزىۋەتتى. 15
[ماناسسەھ] پەرۋەردىگار قۇربانگاھىنى يېڭىباشتىن تىكلىتىپ، قۇربانگاھقا ئىناقلىق قۇربانلىقى بىلەن تەشەككۈر قۇربانلىقلىرىنى سۇندى ۋە يەھۇدالارغا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە كىرىشنى بۇيرۇدى. 16
شۇنداقتىمۇ، خەلق قۇربانلىقنى يەنىلا «يۇقىرى جايلار»دا ئۆتكۈزەتتى؛ لېكىن ئۇلارنىڭ قۇربانلىقلىرى ئۆزلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغىلا سۇنۇلاتتى. 17
ماناسسەھنىڭ قالغان ئىشلىرى، جۈملىدىن ئۇنىڭ خۇداسىغا قىلغان دۇئاسى ۋە ئالدىن كۆرگۈچىلەرنىڭ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا ئۇنىڭغا ئېيتقان گەپلىرى بولسا، مانا ئۇلار «ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ خاتىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر. 18
ئۇنىڭ دۇئاسى، خۇدانىڭ ئۇنىڭ تىلەكلىرىنى قانداق ئىجابەت قىلغانلىقى، ئۇنىڭ ئۆزىنى تۆۋەن قىلىشىدىن ئىلگىرى قىلغان بارلىق گۇناھى ۋە ۋاپاسىزلىقى، شۇنداقلا ئۇنىڭ قەيەردە «يۇقىرى جايلار» سالدۇرغانلىقى، ئاشەراھ مەبۇدلىرى ھەم ئويما مەبۇدلارنى تىكلىگەنلىكى بولسا، مانا ھەممىسى «ئالدىن كۆرگۈچىلەرنىڭ خاتىرىلىرىدە» پۈتۈلگەندۇر. 19
ماناسسەھ ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى؛ كىشىلەر ئۇنى ئۆز ئوردىسىغا دەپنە قىلدى؛ ئوغلى ئامون ئورنىغا پادىشاھ بولدى. 20
ئامون تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە ئىككى ياشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا ئىككى يىل سەلتەنەت قىلدى. 21
ئۇ ئاتىسى ماناسسەھ قىلغىنىدەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى. ئۇ ئاتىسى ماناسسەھ ياساتقان بارلىق ئويما مەبۇدلارغا قۇربانلىق سۇندى ۋە ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىردى. 22
ئۇ ئۆزىنى پەرۋەردىگار ئالدىدا ئاتىسى ماناسسەھ ئۆزىنى تۆۋەن تۇتقاندەك تۆۋەن تۇتمىدى؛ بۇ ئاموننىڭ بولسا گۇناھ-قەبىھلىكلىرى بارغانسېرى ئېشىپ باردى. 23
كېيىن ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇنى قەستلەپ ئۆز ئوردىسىدا ئۆلتۈرۈۋەتتى. 24
لېكىن يەھۇدا زېمىنىدىكىلەر ئامون پادىشاھنى قەستلىگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈردى؛ ئاندىن يۇرت خەلقى ئۇنىڭ ئورنىدا ئوغلى يوسىيانى پادىشاھ قىلدى. 25

< تارىخ-تەزكىرە 2 33 >