< تارىخ-تەزكىرە 2 32 >

بۇ بارلىق ئىشلارنى ۋە ساداقەتلىك ئەمەللەرنى بېجىرگەندىن كېيىن، ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىب يەھۇداغا تاجاۋۇز قىلىپ، قورغانلىق شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ بۆسۈپ كىرىپ، ئۇلارنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى قورشىۋالدى. 1
ھەزەكىيا سەنناخېرىبنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى بىلگەندە، 2
ئەمەلدارلىرى ۋە باتۇر ئەزىمەتلىرى بىلەن شەھەر سىرتىدىكى بۇلاق-ئېرىقلارنى توسۇۋېتىش توغرۇلۇق مەسلىھەتلەشتى؛ ئۇلار ئۇنى قوللىدى. 3
شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر يىغىلىپ: «نېمە ئۈچۈن ئاسۇرىيە پادىشاھلىرىغا مول سۇ مەنبەسىنى تېپىۋېلىشىغا قالدۇرىدىكەنمىز؟» دەپ بارلىق بۇلاق كۆزلىرىنى ئېتىۋەتتى ۋە ئۇ يۇرت ئوتتۇرىسىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان ئېرىقنى توسۇۋەتتى. 4
ھەزەكىيا ئۆزىنى غەيرەتلەندۈرۈپ، بۇزۇلۇپ كەتكەن سېپىللارنى يېڭىباشتىن ئوڭلاتتى، ئۈستىگە قاراۋۇلخانىلارنى سالدۇردى، يەنە بىر تاشقى سېپىلمۇ ياساتتى ھەمدە داۋۇت شەھىرىدىكى «مىللو» قەلئەسىنى مۇستەھكەملىدى؛ ئۇ يەنە نۇرغۇن قورال-ياراغ ۋە قالقانلارنى ياساتتى. 5
ئۇ خەلقنىڭ ئۈستىگە سەردارلارنى تەيىنلىدى ئاندىن ئۇلارنى شەھەر دەرۋازىسىدىكى مەيدانغا، ئۆز ئالدىغا يىغدۇرۇپ، ئۇلارغا ئىلھام-رىغبەت بېرىپ: 6
ــ ئىرادەڭلارنى چىڭ قىلىپ باتۇر بولۇڭلار، ئاسۇرىيە پادىشاھىدىن ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن زور قوشۇندىن قورقماڭلار ياكى ئالاقزادە بولۇپ كەتمەڭلار؛ چۈنكى بىز بىلەن بىرگە بولغۇچىلار ئۇلار بىلەن بىرگە بولغۇچىلاردىن كۆپتۇر. 7
ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغىنى ناھايىتى بىر ئىنسانىي ئەتلىك بىلەك، خالاس؛ لېكىن بىز بىلەن بىللە بولغۇچى بولسا بىزگە مەدەتكار بولۇپ، بىز ئۈچۈن جەڭ قىلغۇچى خۇدايىمىز پەرۋەردىگار باردۇر! ــ دېدى. خەلق يەھۇدانىڭ پادىشاھى ھەزەكىيانىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىپ تاياندى. 8
شۇنىڭدىن كېيىن ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىب پۈتكۈل كۈچ-قوشۇنى بىلەن لاقىش شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئالدى؛ شۇ چاغدا ئۇ خىزمەتكارلىرىنى يېرۇسالېمغا، يەھۇدانىڭ پادىشاھى ھەزەكىياغا، شۇنداقلا يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقان بارلىق يەھۇدالارغا ئەۋەتىپ، ئۇلارغا مۇنداق سۆزلەرنى يەتكۈزۈپ: ــ 9
«ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىب: «يېرۇسالېم مۇھاسىرە ئىچىدە تۇرۇقلۇق، سىلەر زادى نېمىگە تايىنىپ ئۇنىڭدا تېخىچە تۇرۇۋاتىسىلەر؟ 10
ھەزەكىيا سىلەرگە: «پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزنى ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ»، دەپ ئىشەندۈرۈپ، سىلەرنى ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلۈمگە تاپشۇرماقچى بولۇۋاتمامدۇ؟ 11
شۇ ھەزەكىيا پەرۋەردىگارغا ئاتالغان «يۇقىرى جايلار»نى ھەم قۇربانگاھلارنى يوق قىلىۋەتتىغۇ؟ ئاندىن يەھۇدادىكى ۋە يېرۇسالېمدىكىلەرگە: ــ «سىلەر بىرلا قۇربانگاھ ئالدىدا سەجدە قىلىسىلەر ۋە شۇنىڭ ئۈستىگىلا خۇشبۇي ياقىسىلەر» دەپ ئەمر قىلغان ئەمەسمىدى؟ 12
مېنىڭ ۋە مېنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ بارلىق ئەل خەلقلىرىگە نېمە قىلغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ ئەل-يۇرتلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرى ئۆز زېمىنىنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزۇشقا بىرەر ئامال قىلالىغانمۇ؟ 13
مېنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىم ئۈزۈل-كېسىل يوقاتقان ئەشۇ ئەل-يۇرتلارنىڭ بۇت-ئىلاھلىرىنىڭ قايسىبىرى ئۆز خەلقىنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالىغان؟ ئۇنداقتا سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار سىلەرنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالامتى؟ 14
سىلەر ئەمدى ھەزەكىياغا ئالدانماڭلار، سىلەرنى شۇنداق قايىل قىلىشىغا يول قويماڭلار ياكى ئۇنىڭغا ئىشىنىپمۇ ئولتۇرماڭلار؛ چۈنكى مەيلى قايسى ئەلنىڭ، قايسى پادىشاھلىقنىڭ ئىلاھى بولسۇن، ھېچقايسىسى ئۆز خەلقىنى مېنىڭ قولۇمدىن ياكى مېنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ قولىدىن ھېچ قۇتقۇزۇپ چىقالمىدى؛ سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار سىلەرنى مېنىڭ چاڭگىلىمدىن تېخىمۇ قۇتۇلدۇرۇۋالالمايدۇ ئەمەسمۇ؟ ــ دەيدۇ» ــ دېدى. 15
[سەنناخېرىبنىڭ] خىزمەتكارلىرى داۋاملىق يەنە پەرۋەردىگار خۇدانى ۋە ئۇنىڭ خىزمەتكارى ھەزەكىيانى ھاقارەتلەيدىغان گەپلەرنىمۇ قىلدى. 16
ئاندىن سەنناخېرىب تېخى خەت يېزىپ، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنى ھاقارەتلەپ، زاڭلىق قىلىپ: «خۇددى ھەرقايسى ئەل-يۇرتلارنىڭ ئىلاھلىرى ئۆز خەلقىنى مېنىڭ چاڭگىلىمدىن قۇتقۇزالمىغاندەك، ھەزەكىيانىڭ خۇداسىمۇ ئۇنىڭ خەلقىنى مېنىڭ چاڭگىلىمدىن قۇتقۇزالمايدۇ» دېدى. 17
ئۇلار شەھەرنى ئېلىش غەرىزىدە يېرۇسالېم سېپىلىدە تۇرۇۋاتقان خەلقنى قورقۇتۇپ، پاتىپاراقچىلىققا چۆمدۈرۈش ئۈچۈن يەھۇدىي تىلىدا ئۈنلۈك توۋلاپ تۇردى. 18
ئۇلار يېرۇسالېمنىڭ خۇداسىنى خۇددى يەر يۈزىدىكى يات خەلقلەرنىڭ ئىنساننىڭ قولىدا ياسالغان ئىلاھلىرىغا ئوخشىتىپ سۆزلىدى. 19
شۇنىڭ تۈپەيلىدىن ھەزەكىيا پادىشاھ ۋە ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەر دۇئا قىلىپ ئاسمانغا قاراپ نىدا قىلىۋىدى، 20
پەرۋەردىگار بىر پەرىشتە ئەۋەتتى، ئۇ ئاسۇرىيە پادىشاھى قوشۇنىنىڭ لەشكەرگاھىغا كىرىپ، پۈتكۈل باتۇر جەڭچىلەرنى، ئەمەلدالار ۋە سەردارلارنى قويماي قىرىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئاسۇرىيە پادىشاھى شەرمەندە بولۇپ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەتتى. ئۆزىنىڭ بۇتخانىسىغا كىرگەن چېغىدا ئۆز پۇشتىدىن بولغان ئوغۇللىرى ئۇنى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈردى. 21
ئەنە شۇ تەرىقىدە، پەرۋەردىگار ھەزەكىيانى ۋە يېرۇسالېم ئاھالىسىنى ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىبنىڭ ۋە باشقا بارلىق دۈشمەنلەرنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇپ قالدى ۋە ئۇلارنى ھەر تەرەپتە قوغدىدى. 22
نۇرغۇن كىشىلەر ھەدىيەلەرنى پەرۋەردىگارغا ئاتاش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا ئەكەلدى، شۇنداقلا نۇرغۇن ئېسىل نەرسىلەرنى ئەكىلىپ يەھۇدا پادىشاھى ھەزەكىياغا سۇندى؛ شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن ھەزەكىيا بارلىق ئەل-يۇرتلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى. 23
شۇ كۈنلەردە ھەزەكىيا كېسەل بولۇپ ساكراتقا چۈشۈپ قالدى؛ ئۇ پەرۋەردىگارغا تىلاۋەت قىلدى ۋە پەرۋەردىگار سۆز قىلىپ، ئۇنىڭغا بىر مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرسەتتى. 24
لېكىن ھەزەكىيا ئۆزىگە كۆرسىتىلگەن ئىلتىپاتقا مۇۋاپىق تەشەككۈر ئېيتمىدى؛ ئۇ كۆڭلىدە تەكەببۇرلىشىپ كەتتى. شۇڭا خۇدانىڭ غەزىپى ئۇنىڭغا ۋە شۇنىڭدەك يەھۇدا ۋە يېرۇسالېمدىكىلەرگە قوزغالدى. 25
لېكىن ھەزەكىيا ۋە يېرۇسالېمدىكىلەر تەكەببۇرلىقىدىن يېنىپ ئۆزلىرىنى تۆۋەن تۇتۇپ يۈرگەچكە، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ھەزەكىيانىڭ كۈنلىرىدە ئۇلارغا چۈشمىدى. 26
ھەزەكىيانىڭ دۇنياسى تولىمۇ كۆپ، ئىززەت-ھۆرمىتى قەۋەتلا يۇقىرى ئىدى؛ ئۇ ئۆزىگە ئالتۇن، كۈمۈش، گۆھەر-ياقۇت، خۇشبۇي دورا-دەرمەك، قالقان ۋە ھەرخىل قىممەتلىك بۇيۇملارنى ساقلايدىغان خەزىنىلەرنى سالدۇردى؛ 27
ئۇ يەنە ئاشلىق، يېڭى شاراب ۋە زەيتۇن مېيى ساقلايدىغان ئامبارلارنى، يەنە ھەر تۈرلۈك ماللار ۋە پادىلىرى ئۈچۈن ئېغىل-قوتانلارنى سالدۇردى. 28
ئۇ ئۆزىگە شەھەرلەر بىنا قىلدۇردى ۋە نۇرغۇن قوي-كالىلارغا ئىگە بولدى، چۈنكى خۇدا ئۇنىڭغا غايەت كۆپ دەپئىنە-دۇنيا ئاتا قىلغانىدى. 29
ھەزەكىيادىن ئىبارەت بۇ كىشى گىھون ئېقىنىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى سۇنى توسۇپ، سۇنى توپتوغرا داۋۇت شەھىرىنىڭ كۈنپېتىش تەرىپىگە ئېقىپ كېلىدىغان قىلغانىدى. ھەزەكىيا بارلىق قىلغان ئەمەللىرىدە روناق تاپتى. 30
ھالبۇكى، بابىل ئەمىرلىرىنىڭ ئەلچىلىرى كېلىپ ھەزەكىيا بىلەن كۆرۈشۈپ، يەھۇدا زېمىنىدا يۈز بەرگەن بۇ مۆجىزىلىك ئالامەت توغرۇلۇق گەپ سورىغان چاغدا، ئۇنىڭ كۆڭلىدە نېمە بارلىقىنى مەلۇم قىلىشقا سىنىماقچى، خۇدا ئۇنى يالغۇز قالدۇرۇپ، ئۇنىڭدىن كەتتى. 31
ھەزەكىيانىڭ قالغان ئىشلىرى ۋە ياخشى ئەمەللىرى بولسا، مانا ئۇلار «يەھۇدا ۋە ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخنامىسى»دا، ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەرنىڭ كۆرگەن ۋەھىيلىك خاتىرىسىدە پۈتۈلگەندۇر. 32
ھەزەكىيا ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى؛ ئۇلار ئۇنى داۋۇت ئەۋلادلىرى قەبرىستانلىقى ئېگىزلىكىدە دەپنە قىلدى؛ ئۇ ئۆلگەن چاغدا بارلىق يەھۇدا خەلقى بىلەن يېرۇسالېمدىكىلەر ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئورنىغا ئوغلى ماناسسەھ پادىشاھ بولدى. 33

< تارىخ-تەزكىرە 2 32 >