< تارىخ-تەزكىرە 2 31 >

بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى تۈگىگەندىن كېيىن، بۇ يەردە ھازىر بولغان ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى يەھۇدانىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىگە بېرىپ، ئۇ يەرلەردىكى «بۇت تۈۋرۈك»لەرنى چېقىپ، ئاشەراھ بۇتلىرىنى كېسىپ تاشلىۋەتتى؛ يەنە يەھۇدا ۋە بىنيامىن زېمىندا، شۇنداقلا ئەفرائىم ۋە ماناسسەھ زېمىنىنىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدىكى «يۇقىرى جايلار» ۋە قۇربانگاھلارنى، ھەممىسىنى بۇزۇپ يوقاتقۇچە سۆكۈپ تاشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىل خەلقىنىڭ ھەرقايسىسى ئۆز تەۋەلىكىگە، ئۆز شەھەرلىرىگە قايتىپ كېتىشتى. 1
ھەزەكىيا كاھىنلار بىلەن لاۋىيلارنى نۆۋەت-گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ، كاھىنلار بىلەن لاۋىيلارنىڭ ھەرقايسىسىنى ئۆزىگە خاس خىزمىتىگە بېكىتىپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرى سۇنۇپ، پەرۋەردىگار ئۆيىنىڭ ھويلىلىرىدا، ئىشىك-دەرۋازىلىرى ئىچىدە ۋەزىپە ئۆتەپ، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇيدىغان قىلدى. 2
پادىشاھ يەنە ئۆز مېلىدىن بىر ئۈلۈشنى ئېلىپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ئۈچۈن ئىشلىتىشكە بۇيرۇدى؛ بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنىدا پۈتۈلگىنى بويىچە ئەتىگەنلىك ۋە كەچلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، شابات كۈنى، يېڭى ئاي ۋە ھېيت-بايرام كۈنلىرىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ئۈچۈن ئايرىلدى. 3
پادىشاھ يەنە كاھىنلار بىلەن لاۋىيلارنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنىنى چىڭ ئىجرا قىلىشى ئۈچۈن، تەقدىم قىلىشقا تېگىشلىك ئۈلۈشىنى ئۇلارغا بېرىڭلار، دەپ يېرۇسالېمدا تۇرۇشلۇق خەلققە بۇيرۇدى. 4
بۇ بۇيرۇق چىقىرىلىشى بىلەنلا، ئىسرائىللار ھوسۇل-مەھسۇلاتلىرىنىڭ دەسلەپكى ئېلىنغان قىسمى ئاشلىق، يېڭى شاراب، [زەيتۇن] مېيى ۋە ھەسەللەرنى ھەمدە ئېتىزلىقتىن چىققان ھەرخىل مەھسۇلاتلارنىڭ ھوسۇللىرىدىن ئەكىلىشتى، يەنە ھەرخىل نەرسىلىرىنىڭ ئوندىن بىرىنى ئۆشرىگە تۈركۈملەپ ئەكىلىشتى. 5
يەھۇدانىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە تۇرۇۋاتقان ئىسرائىللار بىلەن يەھۇدالارمۇ قوي-كالىلىرىنىڭ ئوندىن بىرىنى ئۆشرىگە ۋە پەرۋەردىگار خۇداسىغا ئاتالغان مۇقەددەس بۇيۇملارنىڭ ئوندىن بىرىنى ئۆشرىگە ئەكىلىپ، دۆۋە-دۆۋە دۆۋىلىۋەتتى. 6
ئۈچىنچى ئايدىن باشلاپ دۆۋىلىنىپ، يەتتىنچى ئايغا كەلگەندە توختىدى. 7
ھەزەكىيا ئەمەلدارلار بىلەن بىللە كېلىپ، دۆۋە-دۆۋە بولغان بۇ مەھسۇلاتلارنى كۆرۈپ پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇدى ۋە ئۇنىڭ خەلقى بولغان ئىسرائىللارغا بەخت-سائادەت تىلىدى. 8
ھەزەكىيا كاھىنلار بىلەن لاۋىيلاردىن بۇ دۆۋە-دۆۋە مەھسۇلاتلار توغرۇلۇق سورىۋىدى، 9
زادوك جەمەتىدىن بولغان باش كاھىن ئازارىيا ئۇنىڭغا جاۋاپ بېرىپ: ــ خەلق پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە ھەدىيە كەلتۈرگىلى باشلىغاندىن بۇيان تويغۇدەك يېدۇق، يەنە نۇرغۇن ئېشىپ قالدى. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى بەرىكەتلىگەن، شۇڭا ئېشىپ قالغىنىمۇ شۇنچە كۆپ، دېدى. 10
ھەزەكىيا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ئامبارلارنى تەييارلاشنى بۇيرۇۋىدى، ئۇلار شۇنداق قىلدى. 11
ئۇلار سەمىمىي-ساداقەتلىك بىلەن ھەدىيەلەرنى، ئوندىن بىر ئۆشرە ۋە خۇداغا ئالاھىدە ئاتالغان نەرسىلەرنى ئامبارلارغا ئەكىردى. لاۋىيلاردىن بولغان كونونىيا باش ئامبارچى، ئىنىسى شىمەي مۇئاۋىن باش ئامبارچى بولدى. 12
كونونىيا ۋە ئىنىسى شىمەينىڭ قول ئاستىدا يەھىيەل، ئازارىيا، ناخات، ئاساھەل، يەرىموت، يوزاباد، ئەلىيەل، يىسماقىيا، ماھات ۋە بىنايالار نازارەت قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھەزەكىيا پادىشاھ بىلەن خۇدانىڭ ئۆيىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئازارىيانىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن ئىشلەيتتى. 13
شەرقىي دەرۋازىنىڭ دەرۋازىۋىنى لاۋىي يىمناھنىڭ ئوغلى كورە خۇداغا خالىس قىلىنغان ھەدىيە-سوۋغاتلارغا مەسئۇل ئىدى؛ ئۇ پەرۋەردىگارغا سۇنۇلغان ۋە «ئەڭ مۇقەددەس» بولغان نەرسىلەرنى تەقسىم قىلاتتى. 14
ئېدەن، مىنيامىن، يەشۇئا، شېمايا، ئامارىيا ۋە شېكانىيالار ئۇنىڭ قول ئاستىدا بولۇپ، ئۇلار كاھىنلارنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە، چوڭ-كىچىكلىكىگە قارالماي، نۆۋەت بويىچە ئۆز قېرىنداشلىرىغا بۇلارنى ئۈلەشتۈرۈپ بېرىشكە تەيىنلەندى؛ 15
بۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار نەسەبنامىگە تىزىملانغان ئۈچ ياشتىن يۇقىرى ئەركەكلەردىن، ھەر كۈنى نۆۋىتى بويىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، يۈكلەنگەن ۋەزىپىسىنى ئورۇنلايدىغانلارنىڭ ھەممىسىگىمۇ تەقسىم قىلىپ بېرەتتى. 16
ئۇلار نەسەبى تىزىملانغان جەمەتلىرى بويىچە كاھىنلارغىمۇ ھەمدە يىگىرمە ياشتىن ئاشقان لاۋىيلارغا نۆۋىتى ۋە ۋەزىپىسىگە قاراپ تەقسىم قىلىپ بېرەتتى؛ 17
نەسەبنامىدە «[لاۋىي جامائىتى]» [دەپ]، پۈتۈلگىنىگە قاراپ بۇلارنىڭ بارلىق كىچىك بالىلىرىغا، خوتۇنلىرى ۋە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلىرىگىمۇ تەقسىم قىلىپ بېرەتتى؛ چۈنكى ئۇلار ساداقەتلىك بىلەن ئۆزلىرىنى خۇداغا ئاتاپ پاكلىنىپ، مۇقەددەس بولۇشقا بېغىشلىغانىدى. 18
ھەرقايسى شەھەرلەرنىڭ ئەتراپلىرىدا ئولتۇراقلاشقان، ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى بولغان كاھىنلارغا بولسا، ھەربىر شەھەردە مەخسۇس تىزىملانغان ئادەم قويۇلغانىدى؛ ئۇلار كاھىنلار ئىچىدىكى بارلىق ئەركەكلەرگە ۋە شۇنداقلا نەسەبنامىدە پۈتۈلگەن بارلىق لاۋىيلارغا تېگىشلىك ئۈلۈشلىرىنى بېرەتتى. 19
ھەزەكىيا پۈتۈن يەھۇدا زېمىنىدا شۇنداق قىلدى؛ ئۇ ئۆز خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار ئالدىدا ياخشى، دۇرۇس ۋە ھەق بولغاننى قىلدى. 20
مەيلى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى خىزمەتلەرگە ئائىت ئىشتا بولسۇن، مەيلى تەۋرات قانۇنىغا ھەم ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىش نىيىتىدە خۇداسىنى ئىزدەشتە بولسۇن، ئۇ پۈتۈن قەلبى بىلەن قىلدى ۋە روناق تاپتى. 21

< تارىخ-تەزكىرە 2 31 >