< تارىخ-تەزكىرە 2 30 >

ھەزەكىيا پۈتۈن ئىسرائىلغا ۋە يەھۇداغا ئادەم ئەۋەتىپ ھەمدە ئەفرائىملار بىلەن ماناسسەھلەرگە خەت يېزىپ، ئۇلارنى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنى سېغىنىپ «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»نى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە يىغىلىشنى چاقىردى 1
(پادىشاھ، ئەمەلدارلىرى ۋە يېرۇسالېمدىكى بارلىق جامائەت بىلەن بىللە مەسلىھەتلىشىپ، ئىككىنچى ئايدا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزەيلى دەپ قارارغا كېلىشتى. 2
لېكىن پاكلانغان كاھىنلار يېتىشمىگەچكە، خەلقمۇ يېرۇسالېمغا يىغىلىپ بولمىغاچقا، ھېيتنى ۋاقتىدا ئۆتكۈزەلمىدى). 3
پادىشاھ ۋە پۈتكۈل جامائەت بۇ پىلاننى ناھايىتى ياخشى بوپتۇ، دەپ قارىدى. 4
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ بەئەر-شېبادىن دانغىچە بارلىق خەلقىنى يېرۇسالېمغا كېلىپ، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنى سېغىنىپ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىقنامە ئەۋەتەيلى، دەپ بېكىتتى؛ چۈنكى ئۇلار ھېيتنى ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بۇيان پۈتۈلگەن بەلگىلىمە بويىچە ئۆتكۈزۈلمىگەنىدى. 5
چاپارمەنلەر پادىشاھ بىلەن ئەمەلدارلارنىڭ خەتلىرىنى ئېلىپ، پۈتۈن ئىسرائىل ۋە يەھۇدا يۇرتىنى كېزىپ، پادىشاھنىڭ يارلىقى بويىچە مۇنداق خەۋەرنى جاكارلىدى: «ئى ئىسرائىللار، ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا يېنىپ كېلىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار ئۇ ئاسۇرىيە پادىشاھلىرىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلغان قالدىڭلارنىڭ يېنىغا يېنىپ كېلىدۇ. 6
ئاتا-بوۋاڭلار ۋە قېرىندىشىڭلارغا ئوخشاش بولماڭلار؛ ئۇلار ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلغاچقا، ئۇ خۇددى سىلەر كۆرگەندەك ئۇلارنى خارابىچىلىككە تاپشۇرغان. 7
ئاتا-بوۋاڭلارغا ئوخشاش بوينۇڭلارنى قاتتىق قىلماڭلار؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئوتلۇق غەزىپىنىڭ سىلەردىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى ئۈچۈن، ئەمدى سىلەر پەرۋەردىگارغا بېقىنىڭلار، ئۇ مەڭگۈگە ئۆزىگە خاس دەپ ئاتىغان مۇقەددەسخانىغا كېلىپ، خۇدايىڭلار بولغان پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولۇڭلار. 8
ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارغا قايتساڭلار، قېرىنداشلىرىڭلار ۋە بالا-چاقىلىرىڭلار ئۆزلىرىنى تۇتقۇن قىلغانلارنىڭ ئالدىدا رەھىم-ئىلتىپاتقا ئېرىشىپ، بۇ يۇرتقا قايتىپ كېلىدۇ؛ چۈنكى خۇدايىڭلار بولغان پەرۋەردىگار شاپائەتلىك ۋە رەھىملىكتۇر؛ سىلەر ئۇنىڭ تەرىپىگە ئۆتسەڭلار، ئۇ سىلەردىن يۈز ئۆرۈمەيدۇ». 9
چاپارمەنلەر شەھەرمۇ-شەھەر بېرىپ، تاكى زەبۇلۇنغىچە ئەفرائىم ۋە ماناسسەھنىڭ يۇرتلىرىنى كېزىپ چىقتى؛ لېكىن ئۇ يەردىكىلەر ئۇلارنى زاڭلىق قىلىپ مەسخىرە قىلاتتى. 10
ھالبۇكى، ئاشىر، ماناسسەھ ۋە زەبۇلۇنلاردىن بەزىلىرى ئۆزلىرىنى تۆۋەن تۇتۇپ يېرۇسالېمغا كەلدى. 11
ئۇنىڭ ئۈستىگە، خۇدانىڭ قولى يەھۇدالارنىڭ ئۈستىدە بولۇپ، ئۇلارنى بىر نىيەتتە پادىشاھنىڭ ۋە ئەمەلدارلارنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە ئاساسەن چىقارغان ئەمرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بىر جان بىر دىل قىلدى. 12
شۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى ئايدا نۇرغۇن كىشىلەر پېتىر نان ھېيتىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا يىغىلغانىدى؛ توپلانغان خەلق زور بىر تۈركۈم ئادەم ئىدى. 13
ئۇلار قوزغىلىپ يېرۇسالېم شەھىرىدىكى قۇربانگاھلارنى بۇزۇپ يوقىتىپ، ئىسرىقگاھلارنىمۇ ئېلىپ چىقىپ، كىدرون جىلغىسىغا ئاپىرىپ تاشلىدى. 14
ئۇلار ئىككىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاتالغان [قوزىلارنى] سويدى. كاھىنلار بىلەن لاۋىيلار بۇنىڭغا قاراپ خىجىل بولۇپ، ئۆزلىرىنى [خۇداغا] مۇقەددەس بولۇشقا پاكلاپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كېلىشتى. 15
ئۇلار خۇدانىڭ ئادىمى بولغان مۇساغا چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىغا ئاساسەن، بەلگىلىمە بويىچە ئۆز ئورۇنلىرىغا كېلىپ تۇرۇشتى. كاھىنلار لاۋىيلارنىڭ قولىدىن قاننى ئېلىپ [قۇربانگاھقا] سەپتى. 16
جامائەت ئىچىدە پاكلىنىپ بولمىغانلار خېلى بولغاچقا، لاۋىيلار پاكلانمىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ ئورنىدا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا بېغىشلانغان قوزىلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتاش ئۈچۈن سويۇشقا مەسئۇل ئىدى. 17
چۈنكى ئەفرائىم ۋە ماناسسەھ، ئىسساكار ۋە زەبۇلۇندىن كەلگەن كۆپىنچىسى، خېلى كۆپ بىر تۈركۈم كىشىلەر پاكلانماي تۇرۇپلا، تەۋرات بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھالدا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاتاپ سويۇلغان قوزا گۆشلىرىنى يېيىشكە كىرىشتى؛ بىراق ھەزەكىيا ئۇلار ھەققىدە دۇئا قىلىپ: ــ كىمكى ئۆز ئاتا-بوۋىسىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنى چىن كۆڭلىدىن ئىزلەش نىيىتىگە كەلگەن بولسا، گەرچە ئۇلار مۇقەددەسخانىغا ئائىت پاكلىنىش بەلگىلىمىسىگە مۇۋاپىق پاك قىلىنمىسىمۇ، مېھرىبان پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئەپۇ قىلغاي، دېدى. 18
19
پەرۋەردىگار ھەزەكىيانىڭ دۇئاسىغا قۇلاق سېلىپ خەلقنى ئەپۇ قىلدى. 20
يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقان ئىسرائىللار پېتىر نان ھېيتىنى يەتتە كۈن شۇنداق خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتكۈزدى؛ لاۋىيلار بىلەن كاھىنلار ھەر كۈنى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان مەدھىيە سازلىرى بىلەن پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇشتى. 21
ھەزەكىيا پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھىيلىرىنى چۈشەندۈرۈشكە ماھىر لاۋىيلارغا ئىلھام بېرىپ تۇردى؛ خەلق يەتتە كۈن ھېيت قۇربانلىقلىرىنى يېدى؛ ئۇلار ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇنۇپ، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلىدى. 22
بارلىق جامائەت يەنە يەتتە كۈن ھېيت ئۆتكۈزۈش توغرۇلۇق مەسلىھەتلىشىپ، يەنە خۇشال-خۇراملىققا چۆمگەن ھالدا يەتتە كۈن ھېيت ئۆتكۈزدى. 23
چۈنكى يەھۇدانىڭ پادىشاھى ھەزەكىيا جامائەتكە مىڭ بۇقا ۋە يەتتە مىڭ قوي ھەدىيە قىلدى؛ ئەمەلدارلارمۇ جامائەتكە مىڭ بۇقا، ئون مىڭ قوي ھەدىيە قىلدى. نۇرغۇن كاھىنلار ئۆزلىرىنى [خۇداغا] ئاتاپ پاكلىدى. 24
پۈتكۈل يەھۇدا جامائىتى، كاھىنلار، لاۋىيلار، ئىسرائىلدىن چىققان بارلىق جامائەت، جۈملىدىن ئىسرائىلدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلار ھەمدە يەھۇدادا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارنىڭ ھەممىسى ئالامەت خۇشال بولۇشتى. 25
يېرۇسالېمنى غايەت زور خۇشاللىق كەيپىيات قاپلىدى؛ چۈنكى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايماننىڭ زامانىدىن بۇيان، يېرۇسالېمدا مۇنداق تەنتەنە بولۇپ باقمىغانىدى. 26
ئاخىرىدا لاۋىيلاردىن بولغان كاھىنلار ئورنىدىن قوپۇپ، خەلققە بەخت-بەرىكەت تىلىدى؛ ئۇلارنىڭ ساداسى خۇداغا ئاڭلاندى، دۇئاسى ئاسمانلارغا، ئۇنىڭ مۇقەددەس تۇرالغۇسىغا يەتتى. 27

< تارىخ-تەزكىرە 2 30 >