< تارىخ-تەزكىرە 2 3 >

سۇلايمان يېرۇسالېمدا پەرۋەردىگار ئاتىسى داۋۇتقا ئايان بولغان مورىيا تېغىدا، يەنى يەبۇسىي ئورناننىڭ خامىنىدا، داۋۇت تەييار قىلىپ قويغان يەردە، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى سېلىش ئىشىنى باشلىدى. 1
Then Solomon began to build Yahweh’s house at Jerusalem on Mount Moriah, where Yahweh appeared to David his father, which he prepared in the place that David had appointed, on the threshing floor of Ornan the Jebusite.
سۇلايماننىڭ سەلتەنىتىنىڭ تۆتىنچى يىلى، ئىككىنچى ئاينىڭ ئىككىنچى كۈنى ئۇ قۇرۇلۇشنى باشلىدى. 2
He began to build in the second day of the second month, in the fourth year of his reign.
سۇلايمان سالغان خۇدانىڭ ئۆيىنىڭ ئۇلى مۇنداق: ــ ئۇزۇنلۇقى (قەدىمكى زاماندا قوللانغان ئۆلچەم بويىچە) ئاتمىش گەز، كەڭلىكى يىگىرمە گەز ئىدى. 3
Now these are the foundations which Solomon laid for the building of God’s house: the length by cubits after the first measure was sixty cubits, and the width twenty cubits.
ئۆينىڭ ئالدىدىكى ئايۋاننىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە گەز بولۇپ، ئۆينىڭ كەڭلىكىگە توغرا كېلەتتى؛ ئېگىزلىكى يىگىرمە گەز ئىدى؛ ئۇ ئىچىنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاتتى. 4
The porch that was in front, its length, across the width of the house, was twenty cubits, and the height one hundred twenty; and he overlaid it within with pure gold.
ئۇ ئۆينىڭ چوڭ زېلىنىڭ تاملىرىنى ئارچا-قارىغاي تاختايلىرى بىلەن قاپلاتتى، ئاندىن كېيىن ساپ ئالتۇن قاپلاتتى ۋە ئۈستىگە خورما دەرىخىنىڭ شەكلى بىلەن زەنجىر نەقىشلىرىنى ئويدۇردى. 5
He made the larger room with a ceiling of cypress wood, which he overlaid with fine gold, and ornamented it with palm trees and chains.
ئۇ ئۆينى ئالامەت چىرايلىق قىلىپ تاملىرىنى يەنە ئېسىل تاش-ياقۇتلار بىلەن زىننەتلەتتى. ئۇ ئىشلەتكەن ئالتۇنلار پۈتۈنلەي پارۋايىم ئالتۇنى ئىدى. 6
He decorated the house with precious stones for beauty. The gold was gold from Parvaim.
ئۇ پۈتۈن ئۆينى، ئۆينىڭ لىملىرى، ئىشىك بوسۇغا-كېشەكلىرى، بارلىق تاملىرى ۋە ئىشىكلىرىنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى؛ ئۇ تامغا كېرۇبلارنىڭ نەقىشلىرىنى ئويدۇردى. 7
He also overlaid the house, the beams, the thresholds, its walls, and its doors with gold, and engraved cherubim on the walls.
سۇلايمان يەنە ئەڭ مۇقەددەس جاينى ياساتتى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە گەز بولۇپ (ئۆينىڭ كەڭلىكى بىلەن تەڭ ئىدى)، كەڭلىكىمۇ يىگىرمە گەز ئىدى؛ ئۇ ئۇنىڭ ئىچىنى پۈتۈنلەي ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاتتى؛ ئالتۇن جەمئىي بولۇپ ئالتە يۈز تالالنت ئىدى. 8
He made the most holy place. Its length, according to the width of the house, was twenty cubits, and its width twenty cubits; and he overlaid it with fine gold, amounting to six hundred talents.
ئالتۇن مىقنىڭ ئېغىرلىقى جەمئىي ئەللىك شەكەل بولدى. بالىخانىلىرىنىڭ ئىچىمۇ ئالتۇن بىلەن قاپلاندى. 9
The weight of the nails was fifty shekels of gold. He overlaid the upper rooms with gold.
ئەڭ مۇقەددەس جاي ئىچىدە ئۇ ئىككى كېرۇبنىڭ ھەيكىلىنى ياساپ، ئۇلارنى پۈتۈنلەي ئالتۇن بىلەن قاپلىدى. 10
In the most holy place he made two cherubim by carving, and they overlaid them with gold.
ئىككى كېرۇبنىڭ قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى جەمئىي يىگىرمە گەز ئىدى؛ بىر كېرۇبنىڭ بىر قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بەش گەز بولۇپ، ئۆينىڭ تېمىغا تېگىپ تۇراتتى؛ ئىككىنچى تەرەپتىكى قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ بەش گەز بولۇپ، ئىككىنچى بىر كېرۇبنىڭ قانىتىغا يېتەتتى. 11
The wings of the cherubim were twenty cubits long: the wing of the one was five cubits, reaching to the wall of the house; and the other wing was five cubits, reaching to the wing of the other cherub.
يەنە بىر كېرۇبنىڭ قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ بەش گەز بولۇپ، ئۇمۇ ئۆي تېمىغا تېگىپ تۇراتتى؛ ئىككىنچى بىر قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ بەش گەز بولۇپ، ئالدىنقى بىر كېرۇبنىڭ قانىتىغا يېتەتتى. 12
The wing of the other cherub was five cubits, reaching to the wall of the house; and the other wing was five cubits, joining to the wing of the other cherub.
بۇ ئىككى كېرۇبنىڭ قاناتلىرى يېيىلغان ھالدا بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى جەمئىي يىگىرمە گەز كېلەتتى؛ ئىككىلا كېرۇب ئۆرە تۇرغۇزۇلغان بولۇپ، يۈزلىرى ئۆينىڭ ئىچىگە قارايتتى. 13
The wings of these cherubim spread themselves out twenty cubits. They stood on their feet, and their faces were toward the house.
سۇلايمان يەنە كۆك رەڭلىك، سۆسۈن رەڭلىك، توق قىزىل ۋە ئاق رەڭلىك يىپ توقۇلمىلىرىدىن ۋە نەپىس كاناپتىن [ئۆينىڭ ئىچىدىكى] پەردىسىنى ياساتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېرۇبلارنى كەشتە قىلىپ توقۇتتى. 14
He made the veil of blue, purple, crimson, and fine linen, and ornamented it with cherubim.
ئۆينىڭ ئالدىغا يەنە ئېگىزلىكى ئوتتۇز بەش گەز كېلىدىغان ئىككى تۈۋرۈك ياساپ قويدۇردى؛ ھەر تۈۋرۈكنىڭ بېشىنىڭ ئېگىزلىكى بەش گەز كېلەتتى. 15
Also he made before the house two pillars thirty-five cubits high, and the capital that was on the top of each of them was five cubits.
ئۇ يەنە (ئىچكى كالامخانىدىكىدەك) مارجانسىمان زەنجىر ياسىتىپ، تۈۋرۈك باشلىرى ئۈستىگە ئورناتتى؛ ئۇ يۈز دانە ئانار ياسىتىپ ئۇلارنى زەنجىرلەرگە ئورناتتى. 16
He made chains in the inner sanctuary, and put them on the tops of the pillars; and he made one hundred pomegranates, and put them on the chains.
ئۇ بۇ ئىككى تۈۋرۈكنى ئۆينىڭ ئالدىغا، بىرسىنى ئوڭ تەرىپىدە، بىرسىنى سول تەرىپىدە تۇرغۇزدى؛ ئۇ ئوڭ تەرەپتىكىسىنى ياقىن، سول تەرەپتىكىسىنى بوئاز دەپ ئاتىدى. 17
He set up the pillars before the temple, one on the right hand and the other on the left; and called the name of that on the right hand Jachin, and the name of that on the left Boaz.

< تارىخ-تەزكىرە 2 3 >