< تارىخ-تەزكىرە 2 28 >

ئاھاز تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە ياشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا ئون ئالتە يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇ ئاتىسى داۋۇتقا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلماي، 1
بەلكى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ يولىغا كىرىپ ماڭدى؛ ئۇ ھەتتا بائاللارغا ئاتاپ مەبۇدلارنى قۇيدۇردى؛ 2
پەرۋەردىگار ئىسرائىللار زېمىنىدىن ھەيدەپ چىقارغان ئەللەرنىڭ يىرگىنچلىك گۇناھلىرىنى دوراپ، ھىننوم جىلغىسىدا كۈجە كۆيدۈردى، ئۆزىنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئوتتىن ئۆتكۈزۈپ كۆيدۈردى؛ 3
يەنە «يۇقىرى جايلار»دا، دۆڭلەردە ۋە ھەرقايسى كۆكەرگەن دەرەخ ئاستىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى ۋە كۈجە كۆيدۈردى. 4
شۇڭا، ئۇنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئۇنى سۇرىيە پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇردى؛ سۇرىيلەر ئۇنى تارمار كەلتۈرۈپ، يەھۇدادىن نۇرغۇن خەلقنى تۇتقۇن قىلىپ دەمەشققە ئېلىپ كەتتى. خۇدا يەنە ئۇنى ئىسرائىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇردى، ئىسرائىل پادىشاھى [يەھۇدادا] چوڭ قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردى. 5
رەمالىيانىڭ ئوغلى پىكاھ يەھۇدادا بىر كۈن ئىچىدە بىر يۈز يىگىرمە مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەزىمەتلەر ئىدى؛ بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگاردىن ۋاز كەچكەنىدى. 6
زىكرى ئىسىملىك بىر ئەفرائىمىي ئەزىمەت بار ئىدى؛ ئۇ پادىشاھنىڭ ئوغلى مائاسىياھانى، ئوردىنىڭ باش غوجىدارى ئازرىكام ۋە پادىشاھنىڭ باش ۋەزىرى ئەلكاناھنى قەتل قىلدى. 7
ئىسرائىللار ئۆز قېرىنداشلىرىدىن ئىككى يۈز مىڭ ئايال، ئوغۇل-قىز بالىلارنى تۇتقۇن قىلىپ ئېلىپ كەتتى؛ ئۇلار يەنە يەھۇدادىن نۇرغۇن ئۇرۇش غەنىيمەتلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ سامارىيەگە ئەكەتتى. 8
لېكىن ئۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ ئودەد ئىسىملىك بىر پەيغەمبىرى بار ئىدى؛ ئۇ سامارىيەگە قايتىپ كەلگەن قوشۇننىڭ ئالدىغا چىقىپ ئۇلارغا: ــ قاراڭلار، ئاتا-بوۋاڭلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار يەھۇدالارنى ئاچچىقىدا سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا تاپشۇردى ۋە سىلەر پەلەككە يەتكەن قەھرى-غەزەپ بىلەن ئۇلارنى ئۆلتۈردۈڭلار. 9
ئەمدى سىلەر يەنە يەھۇدالار بىلەن يېرۇسالېملىقلارنى مەجبۇرىي ئۆزۈڭلارغا قۇل-دىدەك قىلماقچى بولۇۋاتىسىلەر. لېكىن سىلەر ئۆزۈڭلارمۇ خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھ-ئىتائەتسىزلىكلەر ئۆتكۈزدۇڭلارغۇ؟ 10
ئەمدى گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار! قېرىنداشلىرىڭلاردىن تۇتقۇن قىلىپ كەلگەنلەرنى قايتۇرۇۋېتىڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپى بېشىڭلارغا چۈشەي دەپ قالدى، دېدى. 11
شۇنىڭ بىلەن ئەفرائىملارنىڭ بىرقانچە يولباشچىلىرى، يەنى يوھاناننىڭ ئوغلى ئازارىيا، مەشىللىموتنىڭ ئوغلى بەرەكىيا، شاللۇمنىڭ ئوغلى ھەزەكىيا ۋە ھادلاينىڭ ئوغلى ئاماسا قوزغىلىپ چىقىپ جەڭدىن قايتىپ كەلگەن قوشۇننى توسۇۋېلىپ 12
ئۇلارغا: ــ بۇ تۇتقۇنلارنى بۇ يەرگە ئېلىپ كىرسەڭلار بولمايدۇ؛ بىزنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھىمىز تۇرۇپ، يەنە تېخىمۇ كۆپ گۇناھلار ۋە ئىتائەتسىزلىكلەرنى ئاينىتماقچىمۇسىلەر؟ چۈنكى بىزنىڭ ئىتائەتسىزلىكىمىز ھېلىمۇ ئىنتايىن ئېغىردۇر، ئىسرائىلنىڭ بېشىغا ئوتلۇق قەھر-غەزەپ چۈشەي دەپ قالدى، دېدى. 13
شۇنىڭ بىلەن لەشكەرلەر تۇتقۇنلار بىلەن ئۇرۇش غەنىيمەتلىرىنى يولباشچىلار ۋە پۈتكۈل جامائەت ئالدىدا قالدۇرۇپ قويدى. 14
يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان كىشىلەر قوزغىلىپ، تۇتقۇنلارنى باشلاپ چىقتى، ئۇرۇش غەنىيمەتلىرى ئىچىدىن كىيىم-كېچەك ۋە ئاياغلارنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بارلىق يالىڭاچ، يالاڭ ئاياغ تۇرغانلارغا كىيگۈزۈپ، ھەممىسىنى يېمەك-ئىچمەك بىلەن غىزالاندۇردى، ئۈستىباشلىرىنى مايلىدى، بارلىق ئاجىزلارنى ئېشەكلەرگە مىندۈرۈپ، ھەممىسىنى «خورما دەرەخلىرى شەھىرى» دەپ ئاتىلىدىغان يېرىخوغا، ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ قېشىغا ئاپىرىپ قويدى، ئاندىن سامارىيەگە قايتتى. 15
بۇ چاغدا ئاھاز پادىشاھ ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھلىرىغا ياردەم تىلەپ ئادەم ئەۋەتتى، 16
چۈنكى ئېدومىيلار يەنە يەھۇداغا ھۇجۇم قىلىپ نۇرغۇن ئادەمنى تۇتقۇن قىلىپ كەتكەنىدى. 17
فىلىستىيلەرمۇ شەفەلاھ تۈزلەڭلىكىدىكى ۋە يەھۇدانىڭ جەنۇبىدىكى شەھەرلەرگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، بەيت-شەمەش، ئايجالون، گەدەروت، سوكوھ ۋە سوكوھقا تەۋە يېزا-قىشلاقلارنى، تىمناھ ۋە تىمناھقا تەۋە يېزا-قىشلاقلارنى، گىمزو ۋە گىمزوغا تەۋە يېزا-قىشلاقلارنى ئىشغال قىلىپ، شۇ يەرلەرگە جايلاشقانىدى. 18
پەرۋەردىگار يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاھاز تۈپەيلىدىن يەھۇدانى خورلۇققا قالدۇردى؛ چۈنكى ئاھاز يەھۇدانى ئىتائەتسىلىككە ئېزىقتۇردى ۋە ئۆزى پەرۋەردىگارغا ئېغىر ئاسىيلىق قىلدى. 19
ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى تىگلات-پىلنەسەر دەرۋەقە ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى، لېكىن ياردەم بېرىشنىڭ ئورنىغا، ئۇنىڭغا كۆپ ئاۋارىچىلىكلەرنى كەلتۈردى. 20
چۈنكى ئاھاز پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىن، پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىن، شۇنداقلا ئەمەلدارلارنىڭ ئۆيلىرىدىن كۆپ مال-دۇنيانى چىقىرىپ، ئاسۇرىيە پادىشاھىغا بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا ھېچ پايدىسى بولمىدى. 21
مۇشۇنداق ئىنتايىن مۈشكۈل پەيتتە بۇ پادىشاھ ئاھاز پەرۋەردىگار ئالدىدا تېخىمۇ ئېغىر قەبىھلىككە چۆكۈپ كەتتى. 22
ئۇ ئۆزىنى مەغلۇپ قىلغان دەمەشقنىڭ ئىلاھلىرىغا قۇربانلىق سۇندى، چۈنكى ئۇ: «سۇرىيەنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ ئىلاھلىرى ئۇلارغا ياردەم قىلدى، شۇڭا مەنمۇ ئۇلارغا قۇربانلىق سۇنۇپ، ئۇلارنى ماڭىمۇ ياردەم بېرىدىغان قىلىمەن» دېدى. لېكىن ئەكسىچە بۇ بۇتلار ئۇنىڭ ئۆزىنى، شۇنداقلا بارلىق ئىسرائىللارنى ھالاكەتكە ئېلىپ باردى. 23
ئاھاز پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى ئەسۋاب-بۇيۇملارنى يىغىپ ئېلىپ چىقىپ، ئۇلارنى كېسىپ-ئېزىپ پارە-پارە قىلىۋەتتى؛ ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ دەرۋازىلىرىنى پېچەتلىۋەتتى. ھەم ئۆزى ئۈچۈن يېرۇسالېمنىڭ ھەربىر دوقمۇشىدا قۇربانگاھلارنى سالغۇزدى. 24
ئۇ يەنە يەھۇدانىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە باشقا ئىلاھلارغا خۇشبۇي يېقىش ئۈچۈن «يۇقىرى جايلار»نى سالغۇزدى، شۇنداق قىلىپ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى قوزغالدى. 25
مانا، ئۇنىڭ قالغان ئىشلىرى، جۈملىدىن بارلىق تۇتقان يوللىرى باشتىن-ئاخىرىغىچە «يەھۇدا ۋە ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخنامىسى»دا پۈتۈلگەندۇر. 26
ئاھاز ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى؛ كىشىلەر ئۇنى يېرۇسالېم شەھىرىگە دەپنە قىلدى، لېكىن ئۇنى ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلمىدى. ئوغلى ھەزەكىيا ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. 27

< تارىخ-تەزكىرە 2 28 >