< تارىخ-تەزكىرە 2 26 >

يەھۇدانىڭ بارلىق خەلقى ئۇنىڭ ئون ئالتە ياشقا كىركەن ئوغلى ئۇززىيانى تىكلەپ، ئۇنى ئاتىسى ئامازىيانىڭ ئورنىدا پادىشاھ قىلدى 1
(پادىشاھ ئاتىسى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىغاندىن كېيىن، ئېلات شەھىرىنى قايتىدىن ياساپ، يەھۇداغا يەنە تەۋە قىلغۇچى دەل ئۇززىيا ئىدى). 2
ئۇززىيا تەختكە چىققان چېغىدا ئون ئالتە ياش ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا جەمئىي ئەللىك ئىككى يىل پادىشاھلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى يەكولىيا بولۇپ، يېرۇسالېملىق ئىدى. 3
ئۇ ئاتىسى ئامازىيانىڭ بارلىق قىلغانلىرىدەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلدى. 4
خۇدا بەرگەن ئالامەت كۆرۈنۈشلەر بىلەن يورۇتۇلغان زەكەرىيا ئۇززىياغا تەلىم بەرگەچكە، ئۇ ھايات ۋاقتىدا ئۇززىيا خۇدانى ئىزدىدى؛ ۋە ئۇ پەرۋەردىگارنى ئىزدىگەن كۈنلەردە خۇدا ئۇنىڭ ئىشلىرىنى راۋان قىلدى. 5
ئۇ چىقىپ فىلىستىيلەرگە ھۇجۇم قىلدى ۋە گاتنىڭ سېپىلىنى، جابنەھنىڭ سېپىلىنى ۋە ئاشدودنىڭ سېپىلىنى چاقتۇرۇۋەتتى. يەنە ئاشدود ئەتراپىدا، شۇنداقلا فىلىستىيلەر ئارىسىدا بىرنەچچە شەھەر بەرپا قىلدى. 6
خۇدا ئۇنىڭ فىلىستىيلەر ۋە گۇر-بائالدا تۇرۇۋاتقان ئەرەبلەر بىلەن مائونلارغا قارشى ئۇرۇشىغا ياردەم بەردى. 7
ئاممونىيلار ئۇززىياغا ئولپان تۆلىدى؛ ئۇززىيا تولىمۇ قۇدرەتلىك بولۇپ، نام-شۆھرىتى تاكى مىسىرنىڭ چېگرىسىغىچە تارقالدى. 8
ئۇززىيا يېرۇسالېمدىكى «بۇرجەك دەرۋازىسى»دا، «جىلغا دەرۋازىسى»دا ۋە سېپىلنىڭ قايرىلىدىغان يېرىدە مۇنارلار سالدى ۋە ئۇلارنى ئاجايىپ مۇستەھكەم قىلدى. 9
ئۇ يەنە چۆللەردە بىرمۇنچە كۆزەت مۇنارلىرىنى سالغۇزدى ۋە كۆپ قۇدۇقلارنى كولاتتى؛ چۈنكى ئۇنىڭ شەفەلاھ تۈزلەڭلىكىدە ۋە ئېگىزلىكتە نۇرغۇن چارۋىسى بار ئىدى؛ ئۇ يەنە تېرىقچىلىققا ئامراق بولغاچقا، تاغلاردا ۋە ئېتىز-باغلاردا [نۇرغۇن] باغۋەنلەرنى ۋە ئۈزۈمچىلەرنى ياللاپ ئىشلەتتى. 10
ئۇززىيانىڭ يەنە ئۇرۇشقا ماھىر قوشۇنى بار ئىدى. قوشۇن كاتىپ جەئىيەل ۋە ئەمەلدار مائاسېياھ ئېنىقلىغان سانغا ئاساسەن قىسىم-قىسىملار بويىچە بۆلۈنۈپ، پادىشاھنىڭ سەردارلىرىدىن بىرى بولغان ھانانىيانىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا سەپ بولۇپ جەڭگە چىقاتتى. 11
بۇ باتۇر جەڭچىلەر ئىچىدىكى ھەرقايسى جەمەت باشلىرى جەمئىي ئىككى مىڭ ئالتە يۈز كىشى ئىدى. 12
ئۇلارنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدىكى قوشۇن جەمئىي ئۈچ يۈز يەتمىش يەتتە مىڭ بەش يۈز بولۇپ، ھەممىسى ئىشتا قابىل، جەڭدە ماھىر ئىدى، ئۇلار پادىشاھقا ياردەملىشىپ دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلالايتتى. 13
ئۇززىيا پۈتكۈل قوشۇنىدىكى لەشكەرلىرىنى قالقان، نەيزە، دوبۇلغا، ساۋۇت، ئوقيا ۋە سالغىلار بىلەنمۇ قوراللاندۇرغانىدى. 14
ئۇ يەنە يېرۇسالېمدا ئۇستىلار ئىجاد قىلغان ئوق بېشى ۋە يوغان تاشلارنى ئاتقۇچى ئۈسكۈنىلەرنى ياسىتىپ، ئۇلارنى سېپىل مۇنارلىرىغا ۋە بۇرجەكلىرىگە ئورۇنلاشتۇرغانىدى. ئۇنىڭ نام-شۆھرىتى يىراق-يىراقلارغا كەتكەنىدى، چۈنكى ئۇ ئالامەت ياردەملەرگە ئېرىشكەچكە، كارامەت قۇدرەت تاپقانىدى. 15
لېكىن ئۇ كۈچەيگەندىن كېيىن، مەغرۇرلىنىپ كەتتى ۋە بۇ ئىش ئۇنى ھالاكەتكە ئېلىپ باردى. ئۇ خۇداسى پەرۋەردىگارغا ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، خۇشبۇيگاھ ئۈستىدە خۇشبۇي ياقىمەن دەپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىردى. 16
كاھىن ئازارىيا بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ باشقا كاھىنلىرىدىن سەكسەن ئەزىمەت ئۇنىڭ ئارقىدىن كىردى؛ 17
ئۇلار پادىشاھ ئۇززىيانى توسۇپ: ــ ئى ئۇززىيا، پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي يېقىش ساڭا تەۋە ئىش ئەمەس، بەلكى خۇشبۇي يېقىشقا مۇقەددەس خىزمەتكە ئاتالغان كاھىنلار بولغان، ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا مەنسۇپتۇر؛ مۇقەددەسخانىدىن چىققىن، چۈنكى ئىتائەتسىزلىك قىلىپ قويدۇڭ؛ سەن خۇدا پەرۋەردىگاردىن ئىززەت تاپالمايدىغان بولۇپ قالىسەن، دېدى. 18
ئۇززىيا قاتتىق غەزەپلەندى؛ ئۇ خۇشبۇي ياققىلى تۇرغان ھالەتتە، قولىدا بىر خۇشبۇيداننى تۇتۇپ تۇراتتى؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى خۇشبۇيگاھنىڭ يېنىدا تۇرۇپ كاھىنلارغا غەزەپلىنىۋاتقان چاغدا، كاھىنلارنىڭ ئالدىدىلا ئۇنىڭ پىشانىسىغا ماخاۋ ئۆرلەپ چىقتى. 19
باش كاھىن ئازارىيا بىلەن باشقا كاھىنلار قارىسا، مانا، بىردىنلا ئۇنىڭ پىشانىسىغا ماخاۋ ئۆرلەپ چىققانىدى؛ ئۇلار دەرھال ئۇنى چىقىرىۋېتىشكە ئىتتەردى؛ ئۇ ئۆزىمۇ چىقىپ كېتىشكە ئالدىرىدى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنى ئۇرغانىدى. 20
پادىشاھ ئۇززىيانى تاكى ئۆلگۈچە ماخاۋ كېسىلى چىرمىۋالدى؛ ئۇ ماخاۋ كېسىلى بولغاچقا، ئايرىم بىر ئۆيدە تۇردى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىشتىن مەھرۇم قىلىندى. ئۇنىڭ ئوغلى يوتام ئوردىنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ، يۇرت سورىدى. 21
ئۇززىيانىڭ باشقا ئەمەللىرى بولسا باشتىن ئاخىرىغىچە ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەر تەرىپىدىن يېزىپ قالدۇرۇلغاندۇر. 22
ئۇززىيا ئۆزىنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى؛ بەزىلەر: ــ «ئۇ ماخاۋ بولغان ئادەم» دېگەچكە، ئۇ ئاتا-بوۋىلىرى قاتارىدا ياتقۇزۇلغان بولسىمۇ، پادىشاھلار قەبرىستانلىقىغا تەۋە [چەترەك] بىر يەرلىككە دەپنە قىلىندى. ئاندىن ئوغلى يوتام ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. 23

< تارىخ-تەزكىرە 2 26 >